بلوگىمىزدا ئۆتكەندە ماھىر زەيىننىڭ بىر قانچە ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان تورداشلار ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى تۇنجى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئەمما قەۋەتلا ياخشى كۆرگەنلىكىنى، شۇنداقلا باشقا ناخشىلىرى بولسا بىرگە تەرجىمە قىلىپ قويۇشىمىزنى ئېيتقانىدى، يېقىندا ئۇنىڭ پەلەستىننى كۈيلەپ ئېيتقان بۇ ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ ئىشلەنگەن MV نى كۆرۈپ بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھر ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : KARDU
بەلكىم بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان مايكېل جېكسوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۈججەتلىك فىلىمى THIS IS IT نى كۆرگەن دوستلار ئۇنىڭ فىلىم ئاخىرىدا ئېيتقان يەرشارى ناخشىسى ناملىق بىر ناخشىنى ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن، مايكېل ئۆزىنىڭمۇ بۇ فىلىمدە مۇنداق بىر سۆزى بار، « بىزنىڭ يەرشارى ئاغىرىپ قالدى، خۇددى بىز قىززىپ قالغاندەك، شۇڭلاشقا بىز دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارمىساق ئۈلگۈرەلمەيمىز، بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمىز» شۇنداق، يەرشارى راستتىنلا ئاغىرىپ قالدى، ئىنسانلارنىڭ توختىماستىن بىلىپ بىلمەي ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھېلىمۇ يەرشارىنى ئېغىر ھالسىرىتىپ قويدى، يېقىندىن بېرى توختىماستىن يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل تەبىئەت ئاپەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر، چوڭ يەردىن سۆزلىمىسەكمۇ ئەتراپىمىزغا نەزەر تاشلىساق ئۈرۈمچى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆرگەن كۆپكۈك ئاسمانلارنى ھازىر كۆرگىلى بولمايدۇ، يىراقتىن ئۈرۈمچىگە نەزەر سالساق كۆرىدىغىنىمىز يوغان قاپقارا ئىس خۇددى ئۈرۈمچىنى ئوراپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنىدۇ، قىسقىلا قىلىپ ئېيتسام قىسقىغىنە نەچچە يىلدا ئۈرۈمچى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم، لېكىن بۇ يەرشارى بىزگىلا ئەمەس كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ كېرەك ئىدى….
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
ئۆزىنىڭ كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك ئاۋازى ھەم مۇڭلۇق ناخشىلىرى ئارقىلىق ھەممىگە تۇنۇلغان Sarah Connor (سارا كوننور) گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، سەنئەت ھاياتىدا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ خەلقئارالىق سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات Echo مۇزىكا مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال روك ناخشا چولپىنى ۋە Goldene Europe مۇزىكىچىلار مۇكاپاتى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئايال ناخشىچى قاتارلىق داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا پۈتۈن گېرمانىيىنى زىل – زىلگە سېلىپ گېرمانىيە ناخشا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان، بۇ قېتىم كەڭ دوستلارغا Sarah Connor ۋە ئۇنىڭ يولدىشى Marc Terenzi بىلەن بىرلىكتە ئېيتىپ چىققان Just One Last Dance ناملىق ناخشىسىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم تورداشلار ماھىر زايىننىڭ ناخشىلىرىنى يەنە سېغىنىپ قالغان بولسا كېرەك، ئۆزۈممۇ بۇنىڭ ئېيتقان ھەر قانداق ناخشىلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، بولۇپمۇ گۇرۇپپىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەرجىمانى ئەركان خوتەنى ئەپەندىمنىڭ قەيەرلەردىندۇر ئىزدەپ تېپىپ بەرگەن ماھىر زايىننىڭ يېڭى ناخشىلىرى تاپشۇرۇپ ئالساملا خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەكلا خۇشال بولۇپ كېتەتتىم، بۇ قېتىم ئەركان خوتەنى تەمىنلىگەن ھەم تەرجىمە قىلىپ سۇنغان ماھىر زايىن ئىجراسىدىكى تۆۋەندىكى ئەركىنلىك ناملىق ناخشىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئالدىنقى قېتىم ئەنگىلىيە كارتون شىركىتى Aardman نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى ۋاللاس ۋە گرومىتنىڭ «بولكىخانىدىكى ھايات-ماماتلىق جەڭ» ناملىق قىسمىنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم دوستلار بۇنىڭ باشقا قىسىملىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىشىمىزنى ئېيتقانىدى، تۆۋەندە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاي شارىدىكى ساياھەت خاتىرىسىنى تەرجىمە قىلىپ سۇندۇق، كەڭ كارتون فىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، قالدى قىسىملىرىمۇ كېيىنچە يەنە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
ManGa گۇرۇپپىسى 2001-يىلى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىپ كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ناخشىلىرىنىڭ ئارىسىدىن Bir kadın çizeceksin ناملىق ناخشىسى 2006FIFA نىڭ ناخشىسى بولۇپ تاللانغان، بۇ قېتىم كەڭ تورداشلارغا سۇنىدىغىنىمىز 2010-يىللىق ياۋروپا MTV مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان تۈركىيە ManGa گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە قاتناشتۇرغان ئەسىرى We Could Be the same(بىز ئوخشىشىپ قالىمىز ھامان)
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
چايان مۇزىكا ئەترىتى ئىجراسىدىكى Holiday (دەم ئېلىش كۈنى) ناملىق ناخشىنى بەلكىم ئاڭلىمىغان دوستلار ئاز بولسا كېرەك، گەرچە بۇ ئىجاد قىلغىلى خېلى بولۇپ قالغان ناخشا بولسىمۇ ئەمما روك ناخشا ساھەسىدە ھازىرغىچە ئوخشىمىغان ئۇسلۇب ۋە ئوخشىمىغان تىللاردا داۋاملىق ئېيتىلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تاكى ھازىرغىچە روك ناخشا ساھەسىدىكى كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشا ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئېسىمنى بىلىشىچە دىيارىمىزدىكى قىسمەن ئۇيغۇر ناخشىچىلارمۇ بۇ ناخشىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقاندەك قىلغان، ئۇنداقتا تۈمەنى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن بۇ ناخشىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئۆز تىلىدا بىرگە ئاڭلاپ باقمامدۇق…
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى تەرجىمە گۇرۇپپىسى
بۇ بىر ئىنتايىن گۈزەل ھېكايە، بۇ بىر ئىنسانلارنى ئاقكۆڭۈللۈككە، مېھرىبانلىققا يېتەكلەيدىغان ھېكايە، بۇ بىر ئىنسانلارغا قانداق ياشاشنى، ھاياتلىقتا نېمىگە ئىشىنىش، نېمىگە تايىنىشنى، ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشنى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىدىغان ھېكايە، بۇ ھەم شۇنداقلا بىزنىڭ دىلىمىزنى يورۇتىدىغان ھېكايە، بۇرۇندىن تارتىپلا بىز مۇشۇ ھېكايىلەرنى ئۆزىمىزگە قانداق ياشاش توغۇرلۇق ئۈلگە قىلىپ كەلدۇق، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ھېكايە؟ دېمىسەممۇ بۇ يازمىنىڭ تېمىسى ئارقىلىق سىز بەلكىم بۇ ھېكايىنى بىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا تۆۋەندە چەتئەلدە ئىشلەنگەن مەخسۇس ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تۇنۇشتۇرغان تۆۋەندىكى كارتون فىلىم ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، نۇرئەخمەت
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېغىشلانغان مەدھىيە سادالىرى تورداشلارغا ناتونۇش ئەمەس، سەمى يۈسۈپ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىسلامى ناخشىلىرى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىدىن بۇنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىسلام كۈيلىرىنى ئورۇنلىغۇچى سەمى يۈسۈپ ۋە ماھىر زەيىندىن باشقا، ئەرەپ ناخشىچىسى ھامادا ھىلالنىڭمۇ بۇ توغرىىسىدا كۈيلەنگەن كۈيى بار بولۇپ گۇرۇپپىمىز ئۇنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۈيلەپ ئوقۇغان مەدھىيە ناخشىچىسنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق، قېنى تورداشلار ئورتاق ھاماداننىڭ ساداسىغا جۆر بولايلى!
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ ساھەدە ئازدۇر كۆپتۇر تۆھپە قوشىۋاتقان كىشىلەرمۇ بارغانسىرى كۆپەيدى، نۇرغۇنلىغان بېكەت باشلىقلىرىمۇ ئارام تېپىپ قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئىككى ناخشىنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشتى، تۆۋەندە ئىزچىل ئۇيغۇر بلوگچىلىق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ئاز تولا خەتلىك ناخشا تەرجىمە قىلىپ بۇ ساھەنى بېيىتىۋاتقان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ بېكەت باشلىقى ئۇيغۇربەگنىڭ تەرجىمە قىلغان «ياۋرۇپا ئاسمىنى» ناملىق ناخشىنى مەخسۇس بېكەت ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، لىرىك مۇزىكىغا بىرلىكتە جۆر بولغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
ئېلان دېسە كىشىلەرگە كۆپىنچە تېلېۋىزۇرلاردا بېرىۋاتقان ھەر خىل ماركىلارنىڭ ئۆز ماركىسىدا بارلىققا كەلگەن مەھسۇلاتلىرىنى قۇرۇق سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىغا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە ئېلانلارنىڭمۇ ھەرخىلى بار، ئۇنداقتا تۆۋەندە تەرجىمە قىلغان قىسقا كارتون فىلىم «ماركا دۇنياسى» ئەشۇ ئېلانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ فىلىم سىزنى ئاددى كارتون دۇنياسىغا باشلاپلا قالماستىن بەلكىم يەنە سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا دائىم ئۇچرىتىپ تورىۋاتقان نەچچە مىڭ خل ماركىلارنى تۈرلۈك شەكىلدە نامايان قىلىدۇ، ئەمىسە ھەممىمىز بۇ ماركىلار دۇنياسىغا نەزەر تاشلاپ باقايلى، سىز بىلىدىغان ماركىلاردىن قانچىسى چىقىدىكىن؟
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئانا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، باغرى ئىنتايىن كەڭ ئىنسان، ئەمما ئانا ھايات ۋاقتىدا سىز ئۇنى ھېس قىلىپ بولالمايسىز، پەقەت سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرغاندا ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئانىلىق قەلبى ۋە ئانىلىق باغرىنى ھېس قىلىسىز. ئانا مۇھەببىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتتۇر! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم ئانىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ سانسىزلىغان ئەجرى ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ تىگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، چۈنكى دۇنيا بىزگە باقىي ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۈنى خۇشاللىق ۋە تىنىچ-ئامانلىق ئىچىدە ئۆتكەي، تۆۋەندە كەڭ تورداشلارغا داڭلىق ناخشىچى ۋىتاسنىڭ ئورۇنلىشىدا «ئانا» دېگەن ناخشىنى سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كانادا CBC قانىلى يېڭىدىن ئىشلىگەن كومىدىيىلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يايلاقتىكى كىچىك مەسچىت» يۇمۇرىستىك مەزمۇنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسلى تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن فىلىم بولۇپ، فىلىمدە شىمالى ئامېرىكىدىكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە كۆز قارىشىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇمۇرىستىك قىلىپ ئېچىپ بەرگەن، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، قالغىنىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىز…
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى
تورداشلارغا بولۇپمۇ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇم بولغىنىدەك ھەر قېتىملىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ياكى قىتئەلەردە ئۆتكۈزىۋاتقان پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە شۇ يىلدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسى بولىدۇ، بەلكىم نەچچە ئاي ئىلگىرى ئاخىرلاشقان ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە تورداشلار بۇ قېتىملىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسىغا ئانچە بەك دىققەت قىلمىسا كېرەك، بۇ ناخشىنىمۇ مەن ئەركانىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بەلكىم بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ دىققەت قىلمىغاندىمەن، ناخشىنىڭ ئىسمى «غەيرەت قىل ئاسىيا» بولۇپ، ناخشىدا پۈتكۈل ئاسىيا خەلقىنى ئۈمىدكە، ئىشەنچكە چاقىرىشتەك مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، قېنى بۇرۇن ماڭا ئوخشاش بۇ ناخشىغا دىققەت قىلمىغان بولساق ئەمدى تەرجىمىسىنى بىر كۆرۈپ چىقمامدۇق…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ۋاقىت خاتىرلىگۈچى : ھورۇن يىگىت
مەخسۇس فىلىم ياپونىيەدىكى شۇ ناملىق تېز سىزما رەسىملىك ھېكايىلەر توپلىمى ئاساسىدا ئىشلەنگەن، فىلىمدە سۇزاران مەخسۇس جەمئىيەتتىكى نامى چىققان لۈكچەك ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان بولۇپ سىرازىۋا بۇ مەكتەپتىكى نامى چىققان ئاتامان ئىدى، كېيىن يېڭى مەكتەپ يۆتكىلىپ كەلگەن گەنجى ئۆزىگە بۇ مەكتەپتە ئورۇن تىكلەش ئۈچۈن سىرازىۋاغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ جېڭى زادى قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟ قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز بۇ فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق