يېقىندا دوستلارغا رامىزانلىق سوۋغا تەييارلاش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ باشقا تەرجىمىلەرنى پۈتتۈرۈشكە تۈزۈك ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالماي قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالدىراشلىقى بىلەن تەرجىمىسى پۈتۈپ قالغان بىر قىسىم فىلىملەرنىڭمۇ رەتلەش، تەھرىرلەش ئىشلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قالدى، ئەمما تورداشلارنىڭ ئەمگىكى ئەلۋەتتە بىكار كەتمەيدۇ، پات ئارىدا ئالدىراش ۋاقىت بىر مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭى كارتون ۋە يېڭى فىلىملەر داۋاملىق تورداشلارنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ، بۈگۈنچە يېقىندا توردىن تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالغان بۇ روسچە مۇڭلۇق ناخشىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئاجرىتىپ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۈمىد ئارزۇ بىلەن ياشىغاندىلا تۇرمۇشقا ئىشەنچ بىلەن باققاندىلا ئاندىن ئىستىقبال تاپالايدۇ، پەقەت ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغاندىلا ئاندىن قۇدرەت تاپالايدۇ، ئىشەنچ كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدۇ، ئۆز-ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز قانچىكى كۈچەيسە ئىقتىدارىمىزمۇ شۇنچە ئاشىدۇ، قېنى ئۇنداقتا ھەممىمىز تۆۋەندىكى كىشىنى ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە چاقىرغان ئەرەب ناخشىچى HAMZA NAMIRA نىڭ ئارزۇلار ھەمراھدۇر ماڭا ناملىق ناخشىسىفا جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : KARDU
Native Deen بولسا ئىسلامىي تىمىدىكى رەپ ناخشىلارنى ئېيتىدىغان بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئۆزلۈكسىز يېڭى ئىجادىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا، «يالغۇزلۇقتىن قورقمايمەن ئەسلا» بولسا ئۇلارنىڭ ۋەكىل خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغاندىمۇ، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، يەنى ھەققانىيەت ئالدىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلماسلىقتەك جاسارىتىنى مەدھىيلىگەن. مەزكۈر ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى توردا ئەسلى نۇسخىسىنى تاپالمىغانلىق تۈپەيلى كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ئارقىلىق جەمشىتنىڭ ياردىمىدە بىۋاستە ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى : جەمشىت
ئالدىنقى قېتىم چابچاب ناملىق كارتون فىلىم ئارقىلىق ھەممىنى قورقۇتالىغان بۇ غەلىتە نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئوتكەنىدۇق، ئەلۋەتتە بۇ ئۇماق چابچابلار بىلەن ھېچكىمنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن پالاكەت مىپېرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئوخشايدۇ، ئۇنداقتا ھەممەيلەن بۇ ئۇماق كىچىك جانىۋارلارنىڭ يەنە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرەيلى، ئاندىن گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ۋەدە بېرەيلى، بالىلىرىمىز ئۈچۈن، بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزمۇ بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ ئۇلار ئۈچۈن بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەنسۇن، ئاندىن ئۇلارمۇ بۇ خىل روھنى داۋام ئېتىدۇ «مايكېل جېكسوننىڭ قۇتقۇزايلى دۇنيانى ناملىق ناخشىسىدىن»، تۆۋەندە مايكېلنىڭ دەل مۇشۇ ناخشىسى ھەممىڭلارنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
ئامېرىكىلىق ياش ناخشىچى ھەم كىنو ئارتىسى سېلىنا گومېز 1992-يىلى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى Grand Prairie كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەت ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، يەتتە يېشىدىن باشلاپلا ئامېرىكا داڭلىق بالىلار پروگراممىسى Barney and Friends تا ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان، 2008-يىلىدىن باشلاپ دىسنىي ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئاساسلىق رول ئېلىپ بارا-بارا تۇنۇلۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ناخشا ساھەسىدىمۇ ئۆزىگە خاس ناخشىلار بىلەن كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى، تۆۋەندە ھەممىمىز بىرلىكتە تەدبىركار ۋە تورخۇمار كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى تەدبىركارنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنغان سېلىنا گومېز ئىجراسىدىكى «كىم دەيدۇ» ناملىق ناخشىدىن بەھىرلەنگەچ بۇ ئارتىس بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : تەدبىركار www.turhumar.com
كىچىكىمدىن تارتىپلا تاكى ھازىرغىچە چەتنىڭ، بولۇپمۇ دىسنىي، پىكسېر دېگەندەك داڭلىق كارتون شىركەتلىرىنىڭ ئشلىگەن كارتون فىلىملىرىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچە كارتونلىرىدا جۇڭگونىڭكىدەك كىچىك بالىنى ئالدايدىغانلا مەزمۇن بولماستىن بەلكى ئىچىگە بىزگە كېرەك بولغان، دەرسخانىلىرىمىزدا سۆزلىنىۋاتقان ھەرخىل بىلىملەرنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن كىرگۈزۈپ قوياتتى، بۇنداق كارتونلارنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى پەقەت ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي بەلكى بىلىپ بىلمەي بەزى بىلىملەرنى ئىگەللىيەلەيتتى، بالىلارنى تەربىيەلەشكىمۇ پايدىسى بولاتتى، تۆۋەندىكى قىسقا كارتون فىلىممۇ گەرچە چوڭ تىپتىكى كارتونلاردەك نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدا يەنىلا بالىلىرىمىزغا تەربىيە قىلىشتا كېرەك بولىدىغان ئادىدىغىنە بىر مەزمۇن بار، قېنى، ئۇنداقتا بۇ كارتوندا زادى نېمە دېيىلمەكچى، ھەممىمىز تەپەككۈر قىلىپ باقايلى…
مەزكۈر ھېكايە ھەقىقى ۋەقەنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكىلىق تاققا يامىشىش ھەۋەسكارى Aron Ralston نىڭ 2003-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا يۇتا شىتاتىدىكى بىر جىلغىدا قاپسىلىپ قېلىپ ئوڭ قولىنى بىر قۇرام تاش قىسىۋالغانلىق سەۋەبىدىن بەش كېچە كۈندۈز تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ھايات قىلىش ئۈچۈن ئۆز قولىنى ئۆزى ئامالسىزلىقتىن كېسىپ تاشلاپ ھايات قالغانلىقتەك ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
كائىناتتىكى نامەلۇم بىر پلانېنتتا بىر توپ تاشقى پلانېنت ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ كائىنات مەيخانىسىدا بەھۇزۇر ھايات پەيزىنى سۈرمەكتە، گەرچە ئۇلار ھەممىنى قورقۇتالىغان بىلەنمۇ ئەمما ئۇلارنىڭمۇ قورقىدىغان نەرسىسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ چابچاب، ئۇنداقتا بۇ بىر توپ تاشقى پلانېنت ئادەملىرىنى قورقۇتالىغان بۇ چابچاب زادى قانداق نەرسە؟ ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق چابچابنى بىر كۆرۈپ باقمامدۇق
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
دۇنيادا ئانا ھەققىدە ئېيتىلغان كۈيلەر ناھايىتىمۇ جىق، چۈنكى بالا بولمىش بىزلەر ئانىنى ھەر قانچە كۈيلىسەكمۇ ھەر قانچە قوشاقلارغا قاتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ، كونىلاردا ئاناڭنىڭ ساڭا بەرگەن بىر تېمىم سۈتى بەدىلىگە يەتتە قېتىم مەككىگە يۈدۈپ ئېلىپ كەلسەڭمۇ ئازلىق قىلىدۇ دېگەن گەپ بار، شۇڭلاشقا ئانا كۈيلەنگەن ناخشىلار ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ، خوش، ئۆتكەندە بىز بلوگىمىزدا خەلقئارالىق داڭلىق ناخشىچى ۋىتاسنىڭ ئانا ھەققىدە ئېيتىلغان ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئۆتكەنىدۇق، بۇ قېتىم بۇ ئوكرائىنلىق كىچىك قىزچاقنىڭ ئانا كۈيلەنگەن ناخشىسىغا بىرلىكتە جۆر بولايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان خەلقئارالىق ناخشا چولپىنى ۋىتاسنى بۇ يەردە قايتا تۇنۇشتۇرمىساممۇ ھەممىمىز بىلىمىزغۇ دەيمەن، ئۆتكەندە ۋىتاسنىڭ ناخشىلىرىنى بىر قانچىنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان دوستلار بۇ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشا چولپىنىنىڭ باشقا نادىر ناخشىلىرى بولسىمۇ داۋاملىق يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىشقانىدى، تۆۋەندە ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئوپىرا 2 ناملىق ناخشىنىڭ بېشى بولغان ئوپىرا 1 ناملىق ناخشىسى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ناملىق ئىككى ناخشىسىنىڭ تەرجىمىسىنى كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرۇغا سۇندۇق، ئۇنداقتا ھەممەيلەن بۇ خەلقئارالىق ناخشا چولپىنىنىڭ ناخشىلىرىغا بىرلىكتە جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كورىيە دەۋر قىزلىرى گۇرۇپپىسى يېقىنقى يىللاردا كورىيەدىكى سەنئەت ساھەسىدە تېزلكتە داڭق چىقارغان گۇرۇپپىلاردىن بولۇپ، SM ENTERTAINMENT شىركىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ۋە تەربىيەلەش نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان كورىيەدىكى قىزلار گۇرۇپپىلىرى ئىچىدىكى ھەر تەرەپلىمە يېتىشكەن ھەم ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنىدۇر، گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ھەممىسى كورىيەدىن ھالقىپ شەرقى ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە شۇنداقلا چوڭ قۇرۇقلۇقتىمۇ نۇرغۇن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ تۆۋەندىكى شاكىلات سۆيگۈ ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ باقايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
نۇرغۇنلىرىمىز توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى ناملىق ھېكايىنى ئوقۇغان، ھەتتا ئۇنىڭدىكى تاشپاقىنىڭ پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدىكى جاسارىتىگە قايىل بولساق، توشقاننىڭ ھەددىدىن زىيادە مەغرۇرلىقى، كۆرەڭلىكى، ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىش بەدىلىگە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە تاشپاقىنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكەنىدۇق، كىشىلىك تۇرمۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باسۇرسا، تەكەببۇرلۇق كىشىنى ئارقىغا چېكىندۈرىدۇ، ئۇنداقتا باشقا گەپنى قويۇپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىم ئارقىلىق بۇرۇن ئاڭلىغان شۇ ھېكايىنى قايتا ئەسكە ئېلىپ قويايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
مەزكۈر فىلىم تۈركىيەلىك تالانتلىق ناخشىچى، كومپوزىتور، ئاكتيور، فىلىم ئىشلىگۈچى مەخسۇن قىرمىزگۈل (Mahsun Kırmızıgül) نىڭ يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىمۇ مەخسۇس فىلىمدە رول ئېلىپ چىققان (فىلىمدىكى فەراتنىڭ رولىدا)، فىلىم ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مېنىڭ ئىسمىم خان» دىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىسلام مىللەتلىرى بىلەن غەرپ دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ناھايىتى روشەن ئېچىپ بېرىپ، جاھان ئەھلىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغان ئاساستا، ئىسلام دىنىنىڭمۇ ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى تەسىرلىك ۋەقەلەر ھەم پاساھەتلىك سۆز ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن نادىر فىلىم ھېسابلىنىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : مىرئەخمەت، ش.ئە.ئۇيغۇرى
بەلكىم شەھەر بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياپونىيە كۆپ قىسىملىق كارتۇن فىلىمى ناروتونى كۆرمىگەنلەر ئاز بولسا كېرەك، ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ دەسلەپتە بۇ كارتون فىلىمگە قىززىقىپ قالغان بولساممۇ ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇلۇق كۆرۈپ بولالمىغانىدىم، تەرجىمە گۇرۇپپىسىنى قۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا گەرچە بۇ كارتوننى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ئەمما تاكى ھازىرغىچە تەرجىمانلار سانى ئاز سەۋەبى بىلەن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشماي قالدى، تۆۋەندە بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن دېگەندەك گەرچە كارتوننى تەرجىمە قىلالمىغان بولساقمۇ ئەمما بۇ كارتون فىلىمنى كۆرگەنلەرگە تۇنۇش بولغان تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنىڭ ئاساسى ناخشىسىنى تەرجىمە قىلىپ سۇندۇق، كارتوننى كۆرگەنلەر يەنە بىر قېتىم ئاڭلىۋەتكەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : شەمسى