ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇنىۋېرسال> مەزمۇنى
نۇرقۇتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا
2011-يىلى01-ئاينىڭ25-كۈنى ئۇنىۋېرسال دىۋان بىكار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,002+


قايسى كۈنى يوللانغان نۇرقۇتنىڭ كەلگۈسى دىگەن تېمىغا بىر نىمىلەرنى يېزىۋاتسام ياتاقدېشىم «ھەقىچان نۇرقۇتنىڭ ئۆمرىمۇ بىلىكتى قايسى بىر تېمىدا دىيىلگەندەك نۇرقۇتنى قۇرغان ئادەمگە باغلىق بولىدۇ» دەيدۇ، دىمىسىمۇ بىلىكتىكى بىر تېمىدا «ئىخلاسنىڭ ئۆمىرى روزى ئاتۇش قاتارلىق ئىخلاسنى بەرپا قىلغۇچىلار ۋە شۇلارنىڭ بىر تۇققانلىرى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئۇيغۇر سوفىتمۇئالىم ئەخەتتىن ئايرىلسا ئۆمرى ئاخىرلىشىدۇ» دىگەندەك پاراڭ بولغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن نۇرقۇتنىڭ ئۆمرى ھەققىدە ئويلىشىپ قالدىم، بىلىكتىكى دىيىلگەن ئاۋۇ گەپلەر بويىچە ئېيتقاندا نۇرقۇتنى قۇرغان «نۇرقۇت ئەپەندى» ئەگەر بۇ ساھەدىن چىكىنسە، بۇ بىكەتكە باش بولۇپ بىرەلمىسە نۇرقۇتنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟
چەتئەلدىكى شىركەتلەر نەچچە ئەۋلاد تەرەققىي قىلالايدىكەن بۇنىڭ سىرى نەدە؟ ئالما شىركىتىنىڭ دىرىكتورى جوبىس ئەپەندىمۇ ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن بىر ئايرىلىپ قېلىپ يەنە قايتىپ كىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپتىكەن. بەلكىم ئالما شىركىتىن ئايرىلسا ئالما شىركىتى يەنىللا شۇنداق ئىزچىل تەرەققى قىلىۋىرىشى مومكىن.
لىكىن ماۋۇ نۇرقۇتقا كەلسەك ئەگەر نۇرقۇت «نۇرقۇت ئەپەندى» دىن ئايرىلسا مۇستەقىل ئىزچىل تەرەققى قىلالامدۇ ياكى بېشى يوق يىلان بوپ قالامدۇ ؟
بۇ بىكەتنى ھەممىدىن بەك سۆيىدىغان كىشى بىكەت قۇرغۇچىسىدۇر، بۇ بىكەتنى شۇ قۇرغۇچىسى سۆيگەندەك سۆيىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەرەققى قىلدۇردىغان «نۇرقۇت ئەپەندى» دەك كىشىلەرنىڭ ئاز كۆپ بولىشى بىكەت ھەيئەت قۇرۇلمىسىنىڭ سىجىل تەرەققىيات پىلاننىنىڭ بار يوق بولىشى نۇرقۇتنىڭ كەلگۈسىدە مەۋجۇت بوپ تۇرىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەن تۈۋەندە نۇرقۇتنى كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى بايان ئەيلەپ باقاي، ئېشىپ كەتكەن يەرلىرى بولسا قىرقىپ، كەم قالسا تۇلۇقلاپ قويساڭلار.
1- نۇرقۇت ھەيئەت بۆلىمىنى قۇرۇش
1.باشقۇرۇش بۆلىمى
تۈۋەندىكى بەش بۆلۈمگە قۇماندانلىق قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرىدۇ، بىكەتتىكى تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ماكرولۇق تەڭشەيدۇ.
2.ئېچىش بۆلىمى
يىللىق پىلان تۈزۈپ باشقۇرۇش بۆلىمىگە يوللايدۇ، ئاساسلىق خىزمىتى مەزكۇر توربەتكە نىسبىتەن ئېچىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.
مەسىلەن:دائىملىق ۋەزىپىلەردىن توربىكەتلەرنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش، ئىككنجى قەدەمدە بىرتۇققان مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش دىگەندەك...
يىللىق ۋەزىپىلەردىن مىسالى ھە
بىرىنجى يىللىق پىلان:网易,人人,sina, Google ,YaHoo قاتارلىق توربەتلەرنىڭ ئەزالار مەركىزىنى مەزكۇر بىكەتتە ئىشلىتىش.(ئاساسلىق تېخنىكىلار PHP بىكەتلەرنىڭ API سىنى ئېچىش تېخنىكىسى)
ئىككىنجى يىللىق پىلان: توربەت ئىچى پاراڭلىشىش دىتالى ئېچىش (ئاۋام تورىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ، بەت ئەزالىرى بىلەن ھەرچاغ پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، ئىشلىتىلگىنى Ajax تېخنىكىسىXMPPكىلىشىمى ۋە API ئېچىش تېخنىكىسى)
ئۈچۈنچى يىللىق پىلان:پاراڭلىشىش دىتالىنىڭ ئۈستەل يۈزى پىروگرامىسىنى يېزىپ چىقىش (XMPPكىلىشىمى ۋە API ئېچىش تېخنىكىسى، ۋە يۇمشاق دىتال ئېچىش قۇرالى[ #Java, C] )
دىگەندەك غايىۋى پىلانلار، ئەگەر تېخنىكا يىتىشمىسە ماۋۇ خەنلەرگە پۇل بىرىپ تېخنىكا ئىگەللەشمۇ ياخشى ئۇسۇل.
3.تەرەققىيات بۆلىمى
ئاساسلىقى توربىكەت ئىچىدىكى ھازىر بار بولمىغان، لىكىن بىز بىلسەك ئارتۇق كەتمەيدىغان، AT ساھەسىدىكى باشقا سەھىپىلەرنى قۇرىدۇ ۋە تەتقىق قىلىپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ.
مەسىلەن:
ئوچۇق كودلۇق دىتاللار سەھىپىسى
تورباشقۇرۇش تېخنىكىسى(توربەت ئەمەس)
مەشغۇلات سىستېمىللىرى
تېلېفۇن مەشغۇلات سىستېمىللىرى
بۇلۇت ، Web Os
-----------------------------
ئېچىش بۆلىمى بىلەن تەرەققىيات بۆلىمى بىكەتنىڭ كەسپىي بۆلىمى بولۇپ تېخنىكىلىق جەھەتلەردە بىر-بىرىنى قوللايدۇ، توربەتنىڭ يادىروسى ۋە جېنى، تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. بۇ رايوندا ئىجدىمائىي ۋە ئىقتىسادى مەسىللەر ئەمەس بەلكى ساپ ھالدىكى تېخنىكىلار تەتتقىق قىلىنىدۇ.
----------------------------
4.مۇلازىمەت بۆلىمى
ھەرقايسى توربەت قۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخىسلەرگە كەسپىي بىكەت ۋە بىلوگ قۇرۇپ بىرىش، بوشلۇق ئېلىپ بىرىش، تورنام ئېلىپ بىرىش، ئاسراش خىزمەتلىرىنى قىلىش دىگەندەك مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ.
5.بازار ئېچىش بۆلىمى
توربەتنىڭ ئىقتسادى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، مۇلازىمەت زاكاس قىلغانلار ۋە ئېلان زاكاس قىلغانلارنى باشقۇرىدۇ، تور ئېلان كىرىمىنى باشقۇرىدۇ ۋە ۋاقىت بەلگىلەپ باشقۇرۇش بۆلىمىگە يوللايدۇ. بازار ئېچىش ئۈچۈن ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىشپىلانى تۈزۈپ ئىجرا قىلىدۇ.
----------------------------
مۇلازىمەت بۆلىمى بىلەن بازار ئېچىش بۆلىمى توربەتنىڭ ئىجدىمائىي-ئىقتىادى بۆلىمى بولۇپ توربەتتنىڭ ماددى چىقىم كىرىمىنى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى قولاش، دوستلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. توربەتنىڭ كەلگۈسىدى ئىقتىسادى ئاساسىنى يارتىدۇ.
----------------------------
2- ھوقۇققنى بۆلۈش
بارلىق پايدا زىيان بىكەت قۇرغۇچىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قۇيۇلماسلىقى لازىم، بىكەت باشلىقىنى 50 پىرسەنىت پاي بىلەن پىنسىيەگە چىقىرىۋىتىش كىرەك، ئەگەربىكەت قۇرغۇچىنىڭ ۋاقتى ، زىھنى يار بەرسە ھەرۋاقىت Welcome to Nurqut، توربەتتىكى مەلۇم بۆلۈمگە كىرىپ ئىشلەپ بىكەتكە بولغان «مۇھەببەت خۇمارى» نى باسسا بولىدۇ، ئىشلىگىنىگە قارىتا مائاش بىرىلىدۇ. لىكىن بىكەتنىڭ بارلىق قانۇنى ئىگىسى يەنىللا بىكەت قۇرغۇچىسى بولىدۇ. قالغان 50 پىرسەنىت پاي يۇقىرىدىكى بەش بۆلۈمگە 10 پىرسەنىتتىن بۆلۈنۈپ بىرىلىدۇ.
3-تەشكىنلەپ باشقۇرۇش
ھەرقايسى بۆلۈملەرگە بىردىن تەشكىللىگۈچى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ئۆز گۇرپىسىغا بىكەتتىكى تالانتلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ بىرلىكتە ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرقۇتنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى دەپ بىلىدىغان ئوت يۈرەكلەرگە ئىھتىياجلىق بولىمىز.
مىنىڭچە مۇشۇنداق بولغاندا بىكەت مەيلى تېخنىكىلىق جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى يىتەكلەش، باشقۇرۇش جەھەتتە بولسۇن مۇقۇم بىر يۆنىلىشتە ، ئېنىق مەقسەتتە تەرەققىي قىلالايدۇ.
قالغان پىكىرلەرنى تورداشلاردىن ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

【 ئالدىنقى يازما 】
【 كېيىنكى يازما 】

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟