ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >پروگرامما> مەزمۇنى
[تەسىرات] بىر قول HTML5 ئوينايلى!
2012-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى پروگرامما 1دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 912+

تورداشلارغا مەلۇم، يېقىندىن بېرى توردا HTML5 نىڭ پارىڭى ئاۋۇپ قالدى، نۇرقۇت ئەپەندىمۇ ئانچە-مۇنچە HTML5 ھەققىدىكى تېمىلارنى يوللاپ HTML5 قىزىقىشىنى قوزغاۋاتىدۇ، بۈگۈن ئازراق پاراڭ سوقاپ باقايلى بولامدۇ؟
«ۋوي گوگېلجان HTML5 دىگەن زادى نىمە؟» دەپ سورىسام گوگېلدىن مۇنداق جاۋاپ چىقتى:
-«يەرلىكتىكى پروگرامما»نىڭ «تور نۇسخىسى» ياسىغىنى بولدىغانCSS3/Javascript لار بىلەن بىرلىكتە ھەركەت قىلدىغان HTML نىڭ «ئىزباسارى» .
-«سەھنە ئاتلىيالايدىغان» پروگروگرامما تۈزگىنى بولىدۇ، بىرنى ياساپ كۆپكە (سەھنىدە ئىشلىتىمىز) تاۋاپ قىلىمىز.
-تور كۆرگۈچ بولىسا بولىدۇ.
-ياسىغان پروگراممىنى يۇمشاق دىتال دىمەي «ئەپ» دەيمىز. ئەپ بار يەرنى «بازار» دەيمىز.
يەنىچۇ دىدىم مەن.
-«كونا تېخنىكا»، «يېڭى ئۆلچەم»
-«كونا قىزىقىش»، «يېڭى دولقۇن»
قارىسام خېلى جېنى بار پاراڭلار تۇرىدۇ، شۇڭا بىردىن بىردىن يىشىپ باقتىم. توغرا خاتاسىنى ئۆزەڭلار ئايرىۋېلىڭلار .
يەرلىكتىكى پروگرامما- ئەگەر يەرلىك دىگىنى بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزنى كۆرسەتسە پروگرامما دىگىنى بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلانغان پروگراممىلارنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن يەرلىكتىكى پروگرامما دىگىنىمىز تار دائىرىدە ئېيتقاندا كىڭەيتىلمە نامى EXE بولغان دىتاللارنى كۆرسىتىدۇ(ۋىندوۋس سىستېمىللىرى كۆزدە تۇتىلدى، باشقا سىستېمىلارغا تەتبىقلىۋالسىڭىز بولىدۇ) مۇنداق دىتاللارنى مەلۇم بىر پروگرامما تىلىدا يازىدۇ، مەسىلەن: VB ۋە #C دىگەندەك. يەرلىكتىكى پروگرامما دىگىنى شۇنداق بولغاندا مۇشۇنداق پروگرامما تىللىرىدا يېزىلدىغان پەقەت كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدە ئىجرا بولدىغان پروگراممىلارنى كۆرسىتىدىكەن، خوپ ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇايلى.
تور نۇسخىسى- توراداشلار بەلكىم چ چ نىڭ تور نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باققان بولىشى مومكىن، يەنە Photoshop نىڭ تور نۇسخىسىمۇ بار، ئۇنداق بولسا تور نۇسخا دىگەن گەپ بىز ئىشلىتىۋاتقان يەرلىكتىكى دىتاللارنىڭ توردا(تور كۆرگۈدە) ئىجرا بولىدىغان نۇسخىسى ئوخشىمامدۇ؟ يەرلىكتىكى نۇسخىسىنىغۇ #C ۋە VB دىگەندەك دىتللاردا تۈزۈپ ئۇنى EXE ھالەتتە چىقىرىپ ئىشلىتىدىكەنمىز، ئۇنداقتا تور نۇسخىسىنى قانداق پروگرامما تىللىرىدا يېزىپ نىمە ھالەتتە چىقىرىپ ئىجرا قىلىمىز؟ PHP دەپ ئاڭلىغان مۇشۇنىڭدا يېزىپ PHP ھالەتتە چىقىرىپ مۇلازىمىتىداردا ئىجرا قىلساق بولامدۇيا؟ مۇلازىمىتىردا ئىجرا بولغاننىڭ نىمە پايدىسى، ئۇنى بىزگە كۆرسىتىشى كىرەك ئىدىغۇ؟ ئۇيغۇرچە كىرگۈزچنىڭ تور نۇسخىسىنىڭ يادروسى ھېلقى JS  شۇمۇ؟ يەنە قانداق ئۇيغۇرچە دىتاللارنىڭ تور نۇسخىسى بار؟ لۇغەتتىن باشقا؟
ئىزباسارى-ئاڭلىسام HTML دىگەن ئاداش يېڭىلانمىغىنى ئۇزۇن بوپ كەتكەن بىر نىمە ئىكەن، دەۋىرگە ماسلىشالماپتۇمىش،

شۇڭا ھازىر ئۇنى يېڭىلاپ HTML5  دەپ ئىسىم قويۇپ HTML نىڭ ئىزباسارى قىپتۇ توغرىدۇ؟
سەھنە ئاتلىيالايدىغان-ماۋۇ بىر خىيال، بۇنى مەنمۇ قىلىپ باققان، قايسى چاغدا دەمسىز؟ بەلكىم يادىڭىزدا بولىشى مومكىن بىر چاغلاردا ئاندرويىد دىگەن تېلېفونلارغا پروگرامما يېزىپ يۈردۈم ئەمەسمۇ، بىر كىچە تۇيۇقسىز كاللامغا «مەن نىمە ئىش قىلىۋاتىمەن، نىمىشقا جاۋا ئۈگىنىمەن، جاۋا ئۈگەنسەم يا ئالما تېلېفونلىرىغا پروگرامما يازغىنى بولمىسا بۇ قانداق بولغىنى، ھەي Objective-C نى ئۈگەنسەم بولاتتى، لىكىن Objective-C دا ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزگىنى بولمىسا بۇ نىمە ئىش بوپ كەتتى، تېخى ۋىنفون چەتتە قاراپ تۇرىدۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن نىمە ئۈگىنەرمەن» دىگەن خىيالار تولۇپ كەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر دىتالدا پروگرامما تۈزگىنى بولماسمۇ؟ دىگەن خىيال مىڭەمنى قوچىۋەتتى، كىيىن ئۇقسام بۇنى مەندىن بۇرۇن خېلى كۆپ كىشىلەر ئويلىشىپتىكەن، ئېنگىلىزلار Write Once、Run Anywhere دىيىشىپ كەتسە، خەنزۇلار 一次编译,到处运行 دىيىشىپ خېلى بىر ئىشلارنى قىلىپ بېقىپتىكەن (ساقلاپ تۇرسا مەن قىللاتىم ھەي  ...)، ھەم بۇ خيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاۋا دىگەن بىر نەرسىنى پەيدا قىپتۇ، ئالىي مەكتەپتە جاۋانىڭ نىمە ئالاھىدىكى بار دىسەم بىرىنجى بولۇپ بىردىغان جاۋاپ «سەھنە ئاتلىيالايدىغانلقى» دەيتۇق، قارىغاندا بۇ نەرسىمۇ جاۋا ئوخشىشىپ كەتسە كىرەك دەپ ئويلىدىم، لىكىن جاۋا سەھنە ئاتلاش ئۈچۈن «جاۋا مەۋھۇملاشتۇرغۇچى»سىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ HTML5 نىمە ئىشلىتىدىغاندۇ؟ بولدى ئېلىشماڭ، ئۇنىڭغا پەقەت ئۇنى قوللايدىغان تور كۆرگۈ بولسىلا بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى مودا كۆرگۈلەرنىڭ ھەممىسنى ئۇنى قوللايدىغان قىلىپ تەڭشىلىۋاتىدۇ.

ئەپ- ماۋۇ نەرسە كومپيۇتېرىمىزدىكى دىتالغا ئوخشاشلا نەرسە، يەنى كىيىنكى قەدەم، كىيىنكى قەدەم، تامام دەپ قاچىلىغىنى بولدىغان (مۇشۇ مۇنبەردىكى چارۋىچىنىڭ يازمىسىدا مۇشۇنداقراق دەپتىكەن) بولاقلانغان خالتا بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە رەسىم، ئاۋاز، ئىجرا بولىدىغان دىتال دىگەندەك نەرسىلەر بار، بىر ئىشقا كۈلگىم كىلىدۇ، بىز «يۇمشاق دىتال دەمدۇق يۇمتالمۇ» دىگەننى تالىشىپ ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغۇچە خەقلەر ئەپ دەپ بىر يېڭى ئۇقۇم پەيدە قىلىپ قويدى، ئەپ دىگىنى يۇمشاق دىتال دىگەن گەپنىڭ يېڭى نۇسخىسى، يەنى ۋارىيانتى، لىكىن كومپيۇتېر ئەپلىرى دىسەك بولمايدۇ، ئۇيغۇرتىلىدا ئوخشاش مەنە بىردىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئىشلىتىلگىنىگە ئوخشاش يۇمشاق دىتال دىگەن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان پروگراممىلارنى كۆرسەتسە، ئەپ كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى مەسغۇلات سىستېمىللىرى ۋە يېڭى چىققان HTML5 تېخنىكىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن پروگراممىلارنى كۆرسىتىدىغان بولدى. ئەمىليەتتە ھەممىسى مەلۇم بىر ئىقتىدرغا ئىگە پروگرامما. مۇنداقچە ئېيتسام دىتاللارنىڭ تور نۇسخىسى بىلەن كۆچمە ئۈسكىنە دىتاللىرى ئەپ دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئادەتتىكى چ چ نى كومپيۇتېر يۇمشاق دىتالى دەيمىز، تور نۇسخىسىنى ئەپ دەيمىز، يەنە ئاندرويىد نۇسخىسى ئايفون،ئايپەد نۇسخىللىرنىمۇ ئەپ دەيمىز دىگەندەك.


بازار- قىياس تور بىكىتىنى بىلەمسىز؟ ھە ئاشۇنداق دىتاللارنىڭ ئادرىسلىرىنى يىغىپ يېڭىچە ئۇسۇلدا ئۇلانما قىلىپ قويغان ئۇلىنىش قانىلى، مۇنداق پەرەز قىلايلى، قىياس تورى بىر دىتال ياساپ چىقتى، ئۇنى كومپيۇتېرغا قاچىلۋالساق ئەڭ يېڭى چىققان دىتاللارنى قىياس تورىغا بارماي تۇرۇپلا چۈشۈرەلەيمىز، ھە مۇشۇ دىتال شۇ بارزار، بۇنداق بارزارلار ھازىر كۆپ بولۇپ ئالما شىركىتىنىڭ AppStore گوگېل شىركىتىنىڭ ئاندرويىد Market ى، يەنە ئۇبۇنتۇ ئۈستىدىكى دىتال مەركىزى، 360 نىڭ يۇمشاق دىتال بازىرى قاتارلىقلار. بۇلار ئەمىليەتتە بىر يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈش بىكىتى بولۇپ، مۇشۇ بىكەتنى بىرەر قوللىنىلىشچان دىتال قىلىپ قولىڭىزدىكى ئۈسكىندە يەرلىك دىتال ھالىتىدە پەيدا قىلسا ئۇ بازار بوپ قالىدۇ(بۇرۇن C/S نىڭ ئورنىنى B/S ئالىدۇ دەيتى، ئەسكىچە يۇمشاق دىتال بىكەتلىرى «بازار»غا ئايلىنىپ كىتىۋاتىدۇ). ھازىر بازار چىقارمىغان قىياس تورىلا قالدى.
كونا تېخنىكا-راستقۇ؟ HTML  ئەمىليەتتە كونىراپ كەتكەن بىر نىمە ئىدى، بىر قاتار ئىقتىدارلارنى قېتىپ ئىسمىنى HTML5  قىلىپلا قويدى شۇ، قانداقلا ئىقتىدار قاتمىسۇن ئەسلى ئەجدادى ئاساسىدا بولىدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا، كونا نەرسىنىڭ يېڭى ئىزباسار دەپ قويدۇققۇ.
يېڭى ئۆلچەم- ئىشقىلىپ HTML5 بىر قاتار يېڭى ئۆلچەملەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، خۇددى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىملىي جەمئىيتى يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىپ ئۆلچەملىك(يۇنىكودلۇق) يېزىقلارنى قوللىنىشىمىزنى تەلەپ قىلغاندەك HTML5 مۇ مەلۇم ئورگانلارنىڭ بىرلىككە كەلتۈرىشى ئاستىدا ئۆزىنىڭ «ئۆلچەملىك» ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۇمۇملىشىپ بولغاندىكىن كىيىن تەرەققىياتى كارامەت تىز بولىدۇ، خۇددى يۇنىكود ئۇمۇملاشقاندىكىن كىيىن ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋاششىدە تەرەققى قىلغاندەك.
كونا قىزىقىش- راستىنى دىسەم ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا بىزگە HTML تىلى دەپ بىر نەرسىلەرنى ئۆتكەن، خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ ئىككى قۇر كود يېزىپ قويۇپ خەتنى ئوڭدىن سولغا ماڭدۇرۇپ بەرسە «يوۋ پانا ھەجەپ كارامەت تىل ئىكەن بۇ» دەپ قالغان ھەم ئۈگىنەي دەپ جىق كىتاپلارنى كۆرگەن ئىدىم، كىيىن قارىسام كونا نەرسە كۆرۈندى(گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا راست كونا بىلىندى)، بولدىلا HTML5  چىققاندا ئۈگنەرمەن دەپ تاشلاپ قويغان ئىدىم  ، شۇڭا كونا قىزىقىش دەپ قويدۇمغۇ ؟
يېڭى دولقۇن- سۇسلاپ قالغان HTML ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى مانا ئەمدى HTML5 پەيدا بولغاندا تىرىڭڭىدە ئۆرلەپ كەتتى، نەگە قارىسام شۇ HTML5 نىڭ پارىڭى، ھەتتە نۇرقۇت، تورخۇماردا پات-پات كۆرنۈپ قالىدىغان ئېلانلاردىمۇ شۇ HTML5 نىڭ قانداقتۇر بىر رامكىللىرىنىڭ ئېلانلىرى، .net ئۈگنەي دەپ يېڭى تېمىلارنى كۆرسەم يەنە شۇ .net بىلەن چىقىشىغان HTML5 رامكىللىرى دىگەندەك،  ئاندرويىدقا يۇمشاق دىتال تۈزەي دىسەممۇ HTML5 رامكىسىنىڭ پارىڭى، خۇددى جىن چاپلاشقاندەكلا بولدى، شۇڭا يېڭى بىر دولقۇن كۆتۈرۈلگەن چېغى دىدىم.
ئەمدى ئەسلى پاراڭغا كەلسەك، مىنىڭ كاللامدا دىتال ئىككى خىل ئىدى، بىرسى كومپيۇتېردا ئىجرا بولىدۇ، شەكلىنى C/S دەيمىز، كومپيۇتېرغا بىۋاستە مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى، قاتتىق دىتاللارنىڭ قوللىشىمۇ ياخشى، قاتتىق دىتاللاردىن پايدىلىنىشىمۇ ياخشى، يەنە بىرسى مۇلازىمىتىدا ئىجرا بولىدۇ، شەكلىنى B/S دەيمىز،مۇلازىمىتىرغا مەشغۇلات ئىقتىدارى ياخشى، مۇلازىمىتىرنىڭ قاتتىق دىتالىدىن ياخشى پايدىلىنالايدۇ، لىكىن يەرلىكتىكى كومپيۇتېرنىڭ قاتتى دىتاللىرنى ياخشى ئىشلىتەلمەيدۇ، مانا بۈگۈن يېڭىچە پاراڭ HTML5 پەيدا بوپ قالدى، نىمىشقا بۇ ئارلىققا زورلاپ ئەكىرۋالسىز دەمسىز؟ داۋامىنى كۆرۈڭ.
بايا سۆزلەپ ئۆتتۇق، HTML5 نى سەھنە ئاتلايدۇ دەپ، ئۇنداق بولدى دىگەن گەپ مىنىڭ خيالىم ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ، يەنى مەن بىر پروگرامما تۈزسەم ئۇ ئاندرويىدتىمۇ ئىشلەيدۇ، ئايفوندىمۇ، ئايپەدىتىمۇ، ۋىفوندىمۇ ئىشلەيدۇ،

ھەتتا كومپيۇتېردىمۇ ئىشلەيدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن كارى بولمايدۇ دىگەن گەپ بولىدۇ، ۋاخ نىمىدىگەن بەلەن گەپ ھە، ئەگەر راستىنلا ئاشۇنداق بوپ كەتسە نىمە ئىش يۈز بىرىدۇ؟
چ چ نى دەيلى، ئۇنىڭ HTML5 نۇسخىسى ياسالدى، بىز ئادرىس ئىستونىغا ئۇنىڭ ئادرىسىنى يېزىپ قويساقلا چ چ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ، لىكىن بۇ يەردە بىر مەسىلە بار، بايا مەن B/S نىڭ كەمچىلىكىنى ئازراق دەپ قويدۇم، يەرلىكتىكى قاتتىق دىتاللارنى ياخشى ئىشلىتەلمەيدۇ دەپ، HTML5  نىڭ ئۆزى B/S گە تەۋە ئۇنداقتا HTML5 تە ياسالغان چ چ قانداق قىلىپ كومپيۇتېرىمىزنىڭ مىكروفىنىنى ئاچالايدۇ، قانداق قىلىپ تېلكامىرانىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۇتالايدۇ؟ يەنە تېخى تېلېفونلاردىكى GPS ئۆزىكى، ئېغىرلىقنى سەزگۈچى ئۈزەك، تېلكامىرا، مىكروفىن دىگەندەك قاتتىق ئۈسكىنىلەرنىمۇ ئوقۇپ ئېلىش مەسلىسىمۇ بار، ئەگەر ھەممىسى ئوخشاش بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولسا ئىدى ئورتاق API تەمىنلىسە ئاشۇنى API ئارقىلىق قاتتىق دىتاللارنى ئۇلاپ ئىشلىتەلىسە، لىكىن يەرلىكتە ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىللىرى ئازمۇ؟ ھەممىسىگە ماڭا API ئېچىپ بەر دىگىنى بولامدۇ؟ لىنۇكىس،win7,Xp, ئاندرويىد،ISO، ۋىنفون،WebOs سىستېمىسى (HP شىركىتى ئېچىۋاتقان كۆچمە ئۈسكىنە سىستېمىسى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە مەن دىگەن HTML5، ماڭا مەن قاتتىق دىتاللىرىڭنى ئوقۇپ ئېلىشىم ئۈچۈن API ئېچىپ بەر دىگىنى بولامدۇ؟ ياكى بولمىسا Javascript رولى شۇنچىلىك چوڭمۇ؟
ئەگەر ئېچىپ بەر دىگىنى بولسا ھەم ئاشۇ شىركەتلەر ئاشۇنداق قىلىپ بەرسە HTML5 بىر پەشۋا بىلەن ھەممىنى ياتقۇزىۋىتىدىغان  一次编译,到处运行 ، قىلىۋىتىدىغان خاسىيەتلىك تېخنىكا بوپ قالمامدۇ؟
ئۇنداق دىگىنى بولمىسا HTML5 نىڭ ھاجىتى چۈشىدىغان مەلۇم بىر ئارلىق مەھسۇلاتقا ھاجىتى چۈشەمدۇ قانداق؟ سىزچە بۇ قايسى ئارلىق مەھسۇلات قايسى دىتال بۇلالايدۇ؟
مانداقلا بىر قارىساق HTML5 تېخنىكىسىدا ياسالغان پروگراممىلار گەرچە مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن كارى بولمىسىمۇ لىكىن تور كۆرگۈ بىلەن چوقۇم كارى بولىدۇ، تور كۆرگۈنىڭ قانداق بولىشى HTML5 نىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنداقتا HTML5 نى قوللىغان تور كۆرگۈلەر HTML5 نىڭ قاتتىق دىتاللىرىمىزنىڭ ئوقۇپ ئېلىشىغا ياردىمى تىگەرمۇ؟ HTML5 نى قوللىسۇن دىگەن گەپ ئاشۇ كۆرگۈ ئاشۇ مەشغۇلات سىستېمىسدا قاتتىق دىتاللارنى ئوقۇپ HTML5 گە يوللاپ بىردىغان تېخنىكىنى ھازىرلىسۇن دىگەن گەپمۇ؟
ھەممە HTML5 گە يۈزلىنەمدۇ؟ HTML5 شۇنچىلىك يامانمۇ؟ يەرلىكتىكى دىتاللارنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتىمۇ؟ HTML5 دەۋرى ئۆتكۈنچە زامانمۇ؟ Javascript قانچىلىك دەرىجىدە يەرلىكتىن پايدىلىنالايدۇ؟
قانداق ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ نەگىلا قارىسام HTML5 ياخشى دەيدۇ، HTML5 نى ئوينىسۇن دەيدۇ، HTML5 توغرىسىدا ھەر دادۈي، ھەر دوقمۇشتا پاراڭ كۆپ، كورت ئويناپ ئولتۇرغان بىكار تەلەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ ھوشكىيىنى ئوينىماي HTML5 ئويناپ يۈرۈپتۇ، (شۇنىڭ ئورنىغا ئۆگزىسىدىكى قارنى تازلىسا بولمامدۇ دەيمەن؟  ) يولدىن ئۆتكەچ «HTML5» كە بامۇ دەپ چۇقىراشقىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم  ، نوچىسى شۇ ئوخشايدۇ دىدىم ئىچىمدە، بىزمۇ ماۋۇ بىكارچىلاردىن قېلىشمىغاندىكىن بىرەر قول HTML5  ئويناپ باقمامدۇق؟
(كەچۈرسىلەر خېلى قاملاشقان ئىلھاملار كەلگەن ئىدى، مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دىققىتىم چېچلىپ كەتتى، قالغىنىنى سىلەر بىلەن كورت ئۈستىدە دىيىشەرمىز، توغرىسىدىن خاتاسى جىقتۇر بەلكىم، كۆڭۈل ئاچقاننىڭ ئورنىدا بىرەر قول «HTML5 » غا كەلمەمدۇق؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

【 ئالدىنقى يازما 】
【 كېيىنكى يازما 】

نۆۋەتتە 1 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 0 دانە

  1. دوستەك : 2012-يىلى07-ئاينىڭ02-كۈنى13:58:47  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ئىلھامىڭىزغا ئاپىرىن.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟