ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇيغۇرچە ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىد تېلېفون ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر
2011-يىلى08-ئاينىڭ22-كۈنى ئۇيغۇرچە ئاندرويىد 21دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 7,900+

بىلوگىمىزدا ئىلگىرى بىرىلگەن   ئاندرويىد تېلېفۇنلار ئۈچۈن قۇتبىلىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ  ناملىق يازمىدا ئاندرويىد تېلېفونلاردا ئىشلىتىلدىغان مەن ئۆزۈم يەرلىكلەشتۈرۈپ چىققان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم، مانا بىر يىل بولار بولماي بىزنىڭ ئاندرويىد ئىشلىرىمىز خېلى يۈكسىلىپ قالدى، ئۇيغۇردەۋنىڭ ئۇيغۇرچە بولغان ئاندرويىد تېلېفونلارنى بازارغا سېلىشى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قېتىلغان رومنى ھەقسىز تەمىنلىشى نەتىجىسىدە ئاندرويىد قىزغىنلىقى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ۋە بۇ تېلېفوننى يېڭىدىن ئالغانلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈز ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ مەزمۇر تېمىنى بىرىش قارارىغا كەلدىم. قېنى خوش ئۇنداقتا بىز ئىشلەتسەك بولىدىغان قانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزچلەر بار؟

1- ئۇيغۇرچە ئاندرويىد تېلېفوندا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ

بۇ كىرگۈزگۈچ ئۇيغۇردەۋ تارقاتقان ئۇيغۇرچە تېلېفونلارنىڭ كۆڭۈلدىكى كىرگۈزگۈچى ھالىتىدە قاچىلىنىدىغان بولۇپ ئاندرويىدنىڭ تىل تاللاش رامكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر سىستېمىنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلمىسە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىنى بولمايدۇ.

2-MultiLing keyboard ناملىق كىرگۈزگۈچ

بۇ كىرگۈزگۈچنى بىر چەتئەلىك ئاغىنىمىز ياسىغان بولۇپ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىرگۈزگۈچلەر بار، ئېنگىلىزچىدىن تارتىپ خەنزۇچە، ياپونچە، ئەرەپچە، پارىسچە ھەتتا ئۇيغۇرچە كىرگۈزش ئۇسۇلىرىمۇ قېتىۋىتىلگەن. بىر كەمچىلىكى بۇ ئاغىنىمىز بىزنىڭ گ ھەرىپىزنى ە نىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ، ئالدىنقى قېتىم ھەمزەنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن، بىرقاتار پىكىرلەرنى بەرسەك خېلى ئوبدانلا ياخشىلاپتۇ، قارىغاندا يەنە بىر پىكىر قىلساق ئوڭشىۋىتىدىغاندەك تۇرىدۇ(سىناپ باقماقچى بولسىڭىز تېلېفوندىكى گوگېل ئەپ دۇككىنىدىن MultiLing دىگەن ئاچقۇچلۇق سۆز .ئارقىلىق ئىزدەڭ).

 


 

 

 

 

 

3- نامى مەخپى بولغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ

بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ باشقا كىرگۈزگۈچلەرگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى كىرگۈزۈشكە تىگىشلىك 32 ھەرىپنىڭ ھەممىنى بىرلا كونۇپكا يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلكى بار ئىكەن، ئىشلەتكەندە سەل دىقماقتەك بىلىنسىمۇ شىفىت كونۇپكىسىنى بېسىشنىڭ ئورنى يوق ئىكەن.

 

 

بۇ ئۈچ خىل كىرگۈزگۈچتىن باشقا يەنە ھەرقايسى شىركەت ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىۋاتقان كىرگۈزگۈچلەر بار بولۇپ ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ باشقا كىرگۈزگۈچلەردىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكۈسى.

يۇقارقى ئۈچ خىل كىرگۈزگۈچتە بايقالغان كەمچىلىك ۋە خاتالىقلار بولسا ۋە ياكى  ئۇيغۇرچە كىرگۈچلەر توغرىسىدا يېڭىچە ئىدىيە ۋە تەكلىپ پىكىلەر بولسا بەرسەڭلار بىز قولىىزدىن كەلگۈچە پروگرامما ئاچقۇچىلارغا يەتكۈزىمىز ھەم ئارزۇيىڭىزدىكىدەك كىرگۈزگۈچنىڭ بارلىققا كىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىمىز.

بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ئۇزاققا بارماي بىزنىڭ ئاندرويىد تېلېفونلىرىمىزدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، قولدا ئۇيغۇرچە يېزىپ كىرگۈزىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچلەر پەيدا بولىدۇ، بىز ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرى بۇ كۈننىڭ تىزراق يىتىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم ئۇيغۇرچە ئانرويىد ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەربىر پروگراممىرغا ئالى ئىھتىرام بىلدۈرىمىز.

 

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 21 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 14 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 7 دانە

  1. torbajin : 2011-يىلى08-ئاينىڭ25-كۈنى16:11:57  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    نىمە دىگەن پەيزى. مەن بەك خۇش بولدۇم.

  2. مۇرشىدى : 2011-يىلى08-ئاينىڭ31-كۈنى06:50:20  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەنمۇ ئۆزەمگە لايىقلاشتۇرۇپ بىرنى ياسىۋالغان، 32 ھەرپنى بىر ئېكراندىلا كىرگۈزگىلى بولىدۇ، لېكىن كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈستىدىكىگە ئوخشىمايدۇ.

  3. بەگتاش : 2011-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنى09:01:47  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى قوشولغان Goكىرگۈزگۈچىسىنى سىناپ باقتىم، نورمال قاچىلاندى، بىراق كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرسىلا ئىشلىمەيدىكەن.
    مۇرشىدى ئەپەندىم ئۆزىڭىز ياسىۋالغان كىرگۈزگۈچنى تەمىنلىمەمسىز؟ كۆرۈپ باقايلى.

  4. torbajin : 2011-يىلى09-ئاينىڭ05-كۈنى10:16:23  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    لاتىنچە ئا ھەرىپىدە ئۇيغۇرچە ئا چىقسا بولمامدۇ؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى09-ئاينىڭ09-كۈنى06:23:43 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختا لايىھەسى ئاللىبۇرۇن بىرلىككە كىلىپ بولغان، شۇڭا كىرگۈزگۈچلەر ئاشۇ بىرلىك ئاساسىدا ياسىلىدۇ. باشقىچە قىلىش ياخشى ئىش بولمىسا كىرەك!

      • مۇرشىدى : 2011-يىلى09-ئاينىڭ23-كۈنى15:49:07 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        شۇنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزۈم ياسىغان كىرگۈزگۈچنى تارقاتماسلىق خىيالىدا، ئۆزۈملا ئىشلىتىۋاتىمەن.

  5. بىلىملەر تورى : 2011-يىلى09-ئاينىڭ07-كۈنى22:00:19  -45 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    Android 2.3 گە ماس كىلەمدىغاندۇ ؟

  6. 3000towa : 2011-يىلى09-ئاينىڭ09-كۈنى06:45:10  -44 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    siz ishletken Uyghurche Rommu nime ?
    minigkide uyghurchee i herpi bilen e’ herpi ulanmidi

    Tihnik epandi digendek rom ni tehirlisem
    Tihnik ependi digen dll/xxxxx.so da xataliq dep mangmay turwaldi

    qandaq qilishim kirek yardem qilsaglar ?

    Mulliting Kirguzguch te G herpi yoq iken

    u adashqa xet yizip qoysaq bolghudek

  7. ئۆزخان ئېتوتلار قامۇسى : 2011-يىلى09-ئاينىڭ12-كۈنى14:34:27  -43 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    چۈشۈرۈش ئاددىرىسى يوقمۇ ؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنى02:42:18 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئاندرويىد تېلېفوندىكى ئەپ ماگزىنىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزسىڭىز چۈشۈرەلەيسىز.

  8. ئوچقۇن : 2011-يىلى09-ئاينىڭ16-كۈنى14:00:01  -42 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مۇرشىدى : 2011-يىل 31-ئاۋغۇست06:50 جاۋاب
    مەنمۇ ئۆزەمگە لايىقلاشتۇرۇپ بىرنى ياسىۋالغان، 32 ھەرپنى بىر ئېكراندىلا كىرگۈزگىلى بولىدۇ، لېكىن كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈستىدىكىگە ئوخشىمايدۇ.

    ياخسىمۇسز ئەپەندىم بۇلسا مىنى قېتىۋالغان بۇلسىڭىز چ چ:408556536

  9. سادا : 2011-يىلى10-ئاينىڭ06-كۈنى07:34:32  -41 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
    مەنمۇ بۇنى سىناپ باقتىم. ئەمما مەن ئىشلىتىۋاتقان تېلىفوندا لاتىنچە ئاندرويد سىستېمىسىدا بار بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى كۆرمەيۋاتىدۇ.

  10. ئابدۇسەمەت : 2012-يىلى03-ئاينىڭ28-كۈنى13:12:37  -40 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    راست قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق سىز ھەممە دېتاللارنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە ئۆزگەرتىۋالدىڭىز؟ مېنىڭمۇ شۇنداق ئۇيغۇرچە قىلۋالغۇم بار بولسا ئۇچۇر يازغاندا ئېلخەتكە بىر ئۇختۇرۋەتسىڭىز رەھمەت.؟

  11. ھەزتئلى : 2012-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى11:20:27  -39 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مھن ئاندرويىد تېلىفۇنلارنىڭ كوپرەك بۇلىشنى ۇمڭد قىلىمەن

  12. ئارمانىم : 2012-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنى15:04:57  -38 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئاندىرويىد تىلىاونىدا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ توغرا ئۇلانماسلىقىنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ مەن كىرگۈزگۈچنى قاچىلىدىم، فونىتنىمۇ قاچىلىدىم، بىراق يەنىلا توغرا ئۇلانمايۋاتىدۇ.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟