ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
Android سىستېمىلىق يانفونلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ باشقۇرۇش (1)
2011-يىلى03-ئاينىڭ07-كۈنى ئاندرويىد 9دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,635+

Android سىستېمىلىق يانفونلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ باشقۇرۇش
مەنمۇ ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتشكە بەك قىزىقاتتىم مەنلا ئەمەس ھەر قانداق ئادەم قىزىقشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ توردىن ئىزدەش، باشقىلاردىن سوراش ئارقىلىق ئۆزۈمگە مۇۋاپىق بولغان موتورولا MB200 ماركىلىق Android سىستېمىلىق يانفوندىن بىرنى سېتىۋالدىم. يانفوننى قولۇمغا ئېلىپلا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم كىيۇ كىيۇدىكى بىر قانچە تونىش دوستلىرىم ۋە تورداشلىرىمغا يانفوننىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىنى بېرىش بولدى. چۈنكى ئۇلارمۇ مېنىڭ يانفومنىڭ تېزراق كېلىشىنى ۋە قانداقراق چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ خەۋەر بېرىۋەتكەندىن كېيىن قۇتبىلىك ئەپەندىمگە ئۇچۇر قىلىپ قانداق دېتال قاچىلاش ۋە تېلېفون كەلگەندە چىقىدىغان مۇزىكىنى قەيەردىن توغرىلاش قاتارلىق ئىشلارنى سوراشقا باشلىدىم. (ئەلۋەتتە دەسلەپتە قولۇمغا ئېلىپلار ھېچقانداق ئىقتدارىنى ئىشلىتەلمىدىم، يەنى تاپالماي ئۇ يە بۇ يەرنى بېسىپ باقتىم شۇ. ) شۇنىڭ بىلەن قۇتبىلىك ئەپەندىم 91手机助手 for Android دېگەن دېتالنى توردىن چۈشۈرۈپ شۇ ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشمىنى ئېيتتى. مەن دەرھال توردىن بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ يانفونىمغا ھەر خىل ئويۇنلارنى، دېتاللارنى قاچىلاشقا باشلىدىم ۋە بىر قانچە كۈن ھەپىلىشىپ بۇ سىستېما ۋە بۇ دېتال بىلەن ئاز تولا تونىشىپ چىقتىم. تېخى بىر قانچە كۈن بۇرۇن ھەپىلىشىپ بۇزۇپمۇ قويۇپ يەنە ئەسلىگە ئەكېلۋالدىم ھەم يەنە 刷机 قىلىپمۇ باقتىم. ھەر ھالدا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى.
شۇڭا مەن بۇ تېمىنى ماڭا ئوخشاش يېڭى ئۆگەنگۈچلەر ئۈچۈن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار بويىچە يېزىۋاتىمەن.
خوش ئۇنداق بولسا ئاۋۋل سىز يانفونىڭىزنى كومپيۇتېرغا چېتىشتىن بۇرۇن 91手机助手 دېتالىنىڭ Android نۇسخىسىنى چۈشۈرىسىز.
دېتالنى چۈشۈرۈش : http://soft.sj.91.com/android/
دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلايسىز، (قاچىلاش باسقۇچلىرى باشقا دېتاللارنى قاچىلاشقا ئوخشايدۇ شۇڭا بۇ ھەقتە توختالمىساممۇ بولا)
ئۈستەل يۈزىگە قارىسىڭىز

91手机助手 for Android دېگەن سىنبەلگىنى كۆرىسز. ئەمدى سىز بۇ دېتالنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
كۆرۈنمە يۈزى :

ئەمدى سىز يانفونىڭىزنى كومپيۇتېرغا ئۇلاڭ. ھەمدە دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە دىققە قىلىڭ ۋە يانفونىڭىزدىن چىققان ئاۋازغا دىققەت قىلىڭ. بىر قانچە سېكۇنت ساقلىسىڭىز يانفونىڭىز كومپيۇتېرغا ئۇلىنىدۇ.
يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

دېمەك سىز ئەمدى كومپيۇتېردا تۇرۇپ يەنى 91手机助手 for Android دېتالى ئارقىلىق يانفونىڭىزنى باشقۇرۇپ ھەممە ئىشلارنى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق كومپيۇتېردا باشقۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.
ئەمدى بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقاي:
دېتال قوزغالغاندىكى ھالىتىدە قارايدىغان بولساق سول تەرەپ تىك قۇردا بىر قانچە چوڭ تۈرلەر بار، بۇ تۈرلەر يانفوننىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
文件管理 (ھۆججەت باشقۇرۇش)

بۇ تۈر دەل يانفونىڭىزنىڭ سىستېما ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەيدىغان ۋە كۆرىدىغان قىسىمىدۇر. خۇددىي كومپيۇتېرىڭىزنىڭ C دىسكىسىنى كۆرگەنگە ئوخشاتساق خاتالاشمايمىز.

程序管理 ( پروگرامما باشقۇرۇش)

بۇمۇ ئىسىمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى يانفونىڭىزغا قاچىلانغان دېتال، ئويۇنلارنى قاچىلاش ھەمدە ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىدىغان تۈردۇر.

电子书 (ئېلكىتاب) بۇنى دەپ يۈرمىسەممۇ ھەممە تورداشلار چۈشىنىدۇ. ئېلېكترونلۇق كىتابلارنى ئەكىرىش ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى قىلىدىغان تۈردۇر. بۇ تۈرنى كومپيۇتېردا تۇرۇپ ئىشلىتەلمەيسىز. پەقەت يانفوندىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
图片管理 (رەسىم باشقۇرۇش)

بۇ تۈر ئارقىلىق يانفونىڭىزدىكى رەسىملەرنى كۆرەلەيسىز ۋە كومپيۇتېردىن يانفونىڭىزغا رەسىم ئەكىرەلەيسىز.

短信聊天 (قىسقا ئۇچۇر)

بۇ تۈرمۇ بۇ دېتالدا ئەڭ مۇھىم تۈرنىڭ بىر قىسىمى، بۇ تۈر ئارقىلىق سىز يانفونىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا كومپيۇتېردا تۇرۇپ قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايسىز. بەك قولايلىق.

我的文档 (ئارخىپىم)

بۇ جاي سىز سىغىم كارتىڭىزغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن ھۆججەتلەر ساقلىنىدىغان ئورۇن.
خوش بۈگۈنچە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن كېيىنكى قېتىملىق تېمىمىزدا ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى چوڭ تۈرلەر بويىچە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى چۈشەندۈرۈپ چىقىمىز.
مەن بېشىدا دەپ ئۆتكەندەك مەن ئەمدى يېڭى ئۆگىنىۋاتقان ئادەم شۇڭا بۇنىمۇ شۇ بويىچە ئېلىپ ماڭدىم. بىلگەنلەر مازاق قىلماي بىلمىگەنلەر مۇشۇ يوسۇندا ئىشلىتىپ ماڭساڭلار بولىدۇ. ئۇنداق بولسا كېيىنكى قېتىملىق تېمىمىزدا كۆرۈشەيلى!

بۇ تېما قۇت بلوگى ۋە قۇتيار تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى. باشقا يەردە ئېلان قىلىنسا مەنبە ئەسكەرتىلگەي.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 9 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 9 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 0 دانە

  1. ۋارىس : 2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى02:10:48  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن روت ھۇقۇقىغا ئېرشكەن سىز ئەۋەتىپ بەرگەن فونتنى قاچىلاي دىسەم 上传失败دەپ چىقۋالدى.بىلەلمەي قالدىم.

    • كۈلكە : 2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى05:47:43 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      كومپيۇتېردا تۇرۇپ قىلسىڭىز بولمايدۇ چوقۇم يانفونىڭىزنىڭ root باشقۇرغۇچىسغا كىرى sdcard دېگەن يەرگە كومپيۇتېردا تۇرۇپ كۆچۈرۋېلىپ ئاندىن كېيىن root دا ئۇنى كۆچۈرۈپ يانفوندىكى يەنى system نىڭ ئىچىدىكى fonts دېگەن يەرگە ئەكەپ چاپلايسىز. ئاندىن بولىدۇ.

  2. ۋارىس : 2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى11:42:36  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    :sad: مەن ئۇنى مۇۋەپپىقيەتلىك قاچلدىم دىگەندەك ئىش يۈز بەردى باشتا نورمال چىققان خەتلەر شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم يېرىم سائەتتىن كېيىن قارىسام ئىنگلىزچىدىن باشقا يېزىقلارنىڭ ھەممىسى كاتەكچە چىقۋالدى ئۇيغۇرچىدىن تارتىپ…ئاندىن مەن تىلىنى ئىنگلىزچە تاللىۋىتىپ فونت قاچلغان يەرگە كىرىپ شۇ فونتنىڭ ئۆزىنى چىقرۋەتسەم شۇ پېتى تۇرىدۇ………

    • كۈلكە : 2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى15:50:00 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      چىقىرۋەتسىڭىزمۇ يەنە كاتەك تۇرامدە؟

      • ۋارىس : 2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى16:15:27 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        شۇنداق تۇرىدۇ قىلمىغان ئامالىم قىلمدى..ئەتە ئوڭشىتىپ باقاي ئاپرىپ ئەمدى~~

        • كۈلكە : 2011-يىلى03-ئاينىڭ09-كۈنى07:33:18 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

          مەنمۇ تېخى تۈنۈگۈن قاچىلىغان سىستېمامغا يەنە ئاۋۇ ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلىغان ئىدىم يەنە بۇرۇنقىدەك كاتەك تۇرىدۇ قايتىدىن يەنە سىستېما قاچىلايدىغان بولدۇم ئەمدى..

          • ۋارىس : 2011-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنى10:29:50

            كۈلكە ئەپەندى سىز بىلكتىكى كۈلكە شۇغۇ ھە؟ مەن ئۇ تېمىڭزغا دىققەت قىلۋاتقان ئىدىم.قارىسام ھەل قىلىپسىز؟ قانداق ھەل قىلغانلقىڭز توغرىسىدا ئۇچۇر بىرەلەرسىزمۇ؟ ئىككى كۈن بولدى شۇ پېتى تۇرۋالدى.ئەسلىگە قايتۇراي دىسەم ئىچىدە قاچىلۋەتكەن دىتاللىرىم بەك جىق ئىدى~~قۇتبلوگ ئەپەندىگە گىمەيلدىن فونتلارنى ئەۋەتىپ بەرسەم جىمجىت.بەلكىم ئوقۇش خىزمەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشتۇ~~بولسا قانداق قىلغانلقىڭزنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ قويسىز بوپتىكەن رەھمەت ~

  3. كۈلكە : 2011-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنى14:13:40  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ھەئە مەن شۇ، ئەتە مەن بىر تېما يوللايمەن، بىلىك، قۇتيار ۋە قۇت بلوگىدا ئېلان قىلىمەن بىر ئاخشام چىداپ تۇرۇڭ ئەتە ئېلان قىلىمەن.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟