ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇيغۇرچە ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىدنىڭ كارامەتلىرى ۋە بىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى
2011-يىلى08-ئاينىڭ14-كۈنى ئۇيغۇرچە ئاندرويىد 10دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 3,876+

ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت گۇرپىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاندرويىد ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، ئۇلار ئىزچىل تىرىشىۋاتىدۇ، يېقىندا ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق ئاندرويىد تېلېفونلارنى بازارغا سالدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئىككى كۈن بۇرۇن نېكسۇس ۋان تېلېفوننىڭ رومىنى تارقاتتى، بۇ ئاندرويىد ئىشلەتكۈچىلىرىگە نىسپەتەن ئالاھىدە خوش خەۋەر بولۇپلا قالماي يۇمشاق دىتال ئاچقۇچىلارغىمۇ چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلغان خەۋەر بولۇپ قالدى.
شۇنداق بىز ئاندرويىدنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق، ئۇ بىزگە ئاناتىلنىڭ ھوزۇرىنى ھازىرقى زامان ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەردە سۈرۈش ھوزۇرىنى ئاتا قىلىپلا قالماي يەنە يۇقىرى پەن تېخنىكىنىڭ كۈچىنى ھىس قىلدۇردى.

مەن بۈگۈن دوستلارغا ئاندرويىدنىڭ باشقىچە ئالاھىدە ئىشلىتىشلىرىنى بىرقانچە سىن ئارقىلىق كۆرسۈتۈپ ئۆتمەكچى، ئاۋال دىققىتىڭىز تۈۋەندىكى سىنلاردا بولسۇن.

ئاندرويىد تېلېفوندا كىچىك ئويۇنچۇق ماشىنىنى كونترول قىلىش

تور بەت ئارقىلىق ئاندرويىدلىق تېلېفون ئىشلىتىلگەن كىچىك تانكىنى كونترول قىلىش

ئاندرويىد تېلېفون ئارقىلىق مىخانىك ماشىنىنى كونترول قىلىش

 

ئاندرويىد تېلېفئوندا ئاندرويىد كىچىك ماشىنا ئادىمىنى كونترول قىلىش

ئاندرويىد تېلېفوندا ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلىش

ئاندرويىدتا ئايپەندنى كونترول قىلىش

ئاندرويىد (ئاندرويىدتىكى كۆك چىش ئىقتىدارى )ئارقىلىق كىچىك ماشىنىنى باشقۇرۇش

ئاندرويىد ئارقىلىق چارلىغۇچى كىچىك ماشىنىنى كونترول قىلىش

سىرىتقى كونتروللىغۇچ ئارقىلىق ئاندرويىتتىكى ئويۇننى ئويناش

ئاندرويىد تېلېفئون ئارقىلىق ماشىنىنى كونترول قىلىش

ماۋۇ كۆرۈنۈش ئالامەت سۆيۈملۈك جۇمۇ، ھەي!

ئاستىدىكى بولسا ئادەمنى ئەڭ ھاياجانغا سالدىغىنى، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغىنى...

قانداق كۆرۈپ تۈگەتتىڭىزمۇ؟

ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟

پىروگراممىر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز؟

بىر ئۈگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز؟

شۇنداق بىز ھەممىمىز ھاياجانلاندۇق، ئاندرويىد يىراق ئەمەس، ئۇ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ھەم بىزگە چەكسىز تەسەۋۋۇرىمىز ئارقىلىق خىياللىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇرش پۇرسىتى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ، سىز نىمىشقا قاراپ تۇرىسىز، بەش مىنۇتتىن كىيىن ھىسياتىڭىزنى يېزىپ قالدۇرۇڭ، ئون مىنۇتتىن كىيىن جاۋا ئۆگۈنۈشنى باشلاڭ! قالغان گەپنى ئاستا-ئاستا دىيىشىۋالىمىز!

ئەگەر جاۋا ئۆگنۈشنى خالىمىسىڭىز ماۋۇ يەرگە كىرىپ ئۇيغۇرچە ئاندرويىد ئىشلىرىمىز ئۈچۈن بەس سوم ئىئانە قىلىڭ، ئەگەر بۇنىمۇ خالىمىسىڭىز ؟؟؟ يەنىللا كۆڭلىڭىزدىكىنى قالدۇرۇپ قويغىنىڭىز ياخشىدەك قىلىدۇ!

(مىنىڭ يازمىللىرىمنى ئەلۋەتتە باشقا يەردە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ)

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 10 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 9 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە

  1. روھچىن : 2011-يىلى08-ئاينىڭ15-كۈنى04:06:46  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    يانفۇنۇم ئاندرويد سىستىمىلىق ئىدى. پەقەت ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغىلى بولمىدى.
    فونت قاچىلاشتىن ئىلگىرى root ھۇقۇقىغا ئېرىشىش كىرەك ئىكەن. بلوگىڭىزداتۇنۇشتۇغان كۈلكىنىڭ يازمىسى بويچە مەشغۇلات قىلسام بۇ قوزغاتقۇچىنى يەشكىلى بولمىدى دەپلا ئۇچۇر چىقىدۇ.
    يانفۇن mezu m9 سىستىمى android 2.2 ئىدى.

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى08-ئاينىڭ15-كۈنى06:00:18 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      چىققان خاتالىقنىڭ رەسىمىنى قالدۇرغان بولسىڭىز…

      • بۆرەيار : 2011-يىلى10-ئاينىڭ11-كۈنى14:53:31 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        بەلكىم تېلىفونىڭىز ئۇ ھۆنەرنى قوللىمىغاندۇ، مەن ئالدىنقى كۈنى بىر 华为c8650ئاغان، قاملاشتۇرامماي خەنچە مۇنبەرلەرنى يېرىم كۈن چۆرگىلەپ ئاخىرى تەستە قاملاشتۇرىۋالدىم، بەزى يانفونلارنىڭ روم دېگەن نەرسىسى سەل مازراق كېلىدىغان ئوخشايدۇ، ئىزدىنىپ بېقىڭ. :mrgreen:

  2. zamanhul105 : 2011-يىلى08-ئاينىڭ17-كۈنى14:17:00  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئىئانە قىلغانتىم !

  3. كۆرلە : 2011-يىلى08-ئاينىڭ18-كۈنى06:40:49  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەنمۇ مۇشۇنداق بىر تېما يوللاي دەپ يۈرگەن،مىنىڭ ئويلىغىنىم ھازىرچە ئەڭ ياخشى بولغان يېرى بىزنى پەقەت كوپىيوتىرنىڭ ئالدىدىلا ئولتۇرۇپ توربەت زىيارەت قىلىپ بىلوگ،مىكرو بىلوگ ئۇچۇرلىرىنى كۆرىشتىن نەدە بولساق تېلفۇنىمىزنڭ ئېلىپلا ………. :grin:
    ھازىرچە بۇنىڭدىن ياخشى ئىش بولماس.

  4. torbajin : 2011-يىلى09-ئاينىڭ10-كۈنى12:41:08  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    نىمە دىگەن پەيزى.مىنىڭ كۆزۈمنىڭ يېغىنى يىدىغۇ!

  5. ﺏۆﺭەﻳﺎﺭ : 2011-يىلى10-ئاينىڭ11-كۈنى14:44:52  -45 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    يېڭى تېلفوندا بىر سىناق

  6. بۆرەيار : 2011-يىلى10-ئاينىڭ11-كۈنى15:02:38  -44 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بايا يېڭى يانفۇنىم بىلەن ھەپىلىشىپ باقتىم . ھېلىقى ئۇلانمىغان ئە ئى نى ئوڭلاش ئۈچۈن جاۋا ئۆگىنىمىزما؟ نۆلدىن باشلاپ قانچىگىچە ئۆگەنسەك شۇنى قاملاشتۇغىدەك بولىمىز؟ بەش؟ ئون ؟ يىگىرمە ؟ يۈز پرسەنت؟ :shock: :mad: مەندەك ھەممە نەرسىنى ئۆزى ھەپىلىشىپ ساراڭدەك ماتىلىمىسا بىلمەيدىغان ئۇستازسىزلاغا چۇڭقۇر ئۆگەن دېسىڭىز سەل خوشياقمايدىكەن. ئەگەر بەك چۇڭقۇر قېزىمىسىمۇ قاملاشتۇردىغان ئىش بولسا شۇ ئى ئەنى تۈزلەشكە ئالاقىدارلا بەتلەرنى قالدۇرسىڭىز ھەپىلىشىپ باقسام. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا مەنمۇ بەش كويچەن سەپ قوياي. نەتىجەڭلارنى كۈتىمىز.

  7. handani : 2011-يىلى10-ئاينىڭ29-كۈنى15:53:22  -43 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    يانفۇن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بىلەن يانفۇن ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۈچ بىر گەپمۇ؟

  8. مۇراد : 2011-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنى03:39:42  -42 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تىخمۇ يۇقىرى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرىشڭلارغا تىلەكداشمەن….

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟