ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىد سىستېمىلىق يانفوندا Root ھوقۇقىغا ئېرىشىش
2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنى ئاندرويىد 4دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 2,024+

بىر قانچە كۈن قاتتىق سىناش ئارقىلىق يانفونۇمغا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال تونۇتتۇم (گەرچە بىر قانچە ھەرىپ نورمال باغلاشمىغان بولسىمۇ)، شۇ ئۇسۇللارنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تېما يازاي دەپ قارىسام ئارلىقتا يانفون سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر يەر باركەن شۇڭا ئۇ تېمىنى كېيىن يوللاپ(يەنە سىستېما قاچىلاش تېمىسىمۇ بار ئىدى، ئۇمۇ كېيىنگە قالدى) ئاۋۋال ماۋۇنى بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۇسۇلىنى يوللاشنى لايىق تاپتىم. قېنى ئەمسە تەپسىلاتىنى باشلاي:
Root باشقۇرغۇچى دېگىنىمىز يانفوندىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇققا ئىگە ھەمە ئىشلارنى قىلالايدىغان جايدۇر، يەنى كومپيۇتېردىكى Administrator غا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە دېگەنلىك. دېمەك سىز بۇ ئەڭ چوڭ ھوقۇققا ئېرىشمەي تۇرۇپ يانفونىڭىزغا بىر قىسىم دېتاللارنى قاچىلىغىلى يەنى يانفون سىستېمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال بۇ ھوقۇققا ئېرىشىپ باشقا مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكى دېتالنى ئىشلىتىمىز.
UniversalAndroot دېتالى Root ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرىدىغان دېتالدۇر. بۇنى يانفونىمىزغا قاچىلايمىز.بۇ دېتالنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
چۈشۈرۈپ يانفونغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن دېتالنى قوزغىتىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

1

2

ئاندىن دېتالدىن يانفونغا قاچىلىغان سىستېمىڭىزنىڭ نەشىرىنى تاللايسىز. تاللاپ بولغاندىن كېيىن Root:-) نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇىمىز:

3

چىققان ئۇچۇردىن Rootme please نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

5

4

سەل ساقلىساق تاماملانغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېتالدىن چېكىنىپ Root باشقۇرغۇچى دېتالىنى قوزغىتىمىز

6

قوزغاتساق قوشۇلۇش كېلىشىمى چىقىدۇ قوشۇلغاندىن كېيىن سەل ساقلساق تۆۋەنىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ:

7

دېمەك سىز ھازىر يانفونىڭىزدىكى خالىغان ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىپ چىقالايسىز.

كېيىنكى قېتىملىق تېمىمىزدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قانداق قاچىلاش ھەققىدە توختىلىمىز.

Android سىستېمىلىق يانفونلار ھەققىدىكى بىلىملەر لازىم بولسا دىققىتىڭىز داۋاملىق قۇتيار مۇنبىرىدە ۋە قۇتبىلىك بلوگىدا بولسۇن، پېقىر كۈلكە داۋاملىق مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بىلگەنلىرىمى يوللاپ كېيىنكلەر ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 4 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە

  1. adiljan : 2011-يىلى03-ئاينىڭ30-كۈنى08:49:33  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ياخشىمۇسىز ،ئالدى بىلەن بۇ دىتالنى قاچىلاشنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكىنىڭىزگە تەشۈككۈر،لىكىن مەن ھەرقانچە قاچىلاپمۇ ئاۋۇ root管理 دىگەن يەرنى چىقىرالمىدىم … بولسا UniversalAndroot ماۋۇ دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز …

  2. sardar : 2011-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنى01:56:56  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئاۋۇ UniversalAndroot نى كۆرسىتىلگەندەك قاچىلىدىم، ئەمما root管理 نى تىلفۇندىكى تىزىملىكتىن تاپالمىدىم، ئۇنى قانداق تاپىمىز، ئۇنىمۇ ئايرىم قاچىلامدۇق؟

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟