بىر مەزگىل تورسودىسى سىنىپىمىزدا ئەۋىج ئېلىپ كەتتى، پېقىر قۇتبىلىك خاتادىن قالساممۇ قاتادىن قالماي دەپ مىڭ سوم(قەرىز ئېلىپ) مەبلەغ سېلىپ ئۇستازلارنىڭ ئۆگۈتىشى بىلەن تاۋباۋدا ئىسىم ئېلتىماس قىلىپ مال ئالىدىغان ۋە ساتىدىغان ھۈنەرنى ئۈگەندىم، ئۇستاز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىنچىكە ئۆگۈتىشى ۋە مىنىڭ ئوتتەك قىزقىشىم ئاستىدا ماۋۇ تاۋباۋنى ئۇزاققا بارماي ژىتىۋەتتىم، ھەمدە ئۇستامدىن ئىش ئايرىپ ئايرىم دۇككان ئېچىۋالدىم، سودىگەرنىڭ يولى بىر رىسقى باشقا دىگەن گەپ راست ئىكەن، دۇككانى نىمە سېتىش توغرىسدا ئويلاندىم، قاراپ باقسام مىللىيچە چالغۇ بويۇملارنىڭ بازىرى باردەك، شۇنىڭ دەرھال ئىككىلەنمەي ئاپراتنى (كۈنلىكى ئىجارىسى 15 سوم) ئېلىپ چوڭ بازاردىكى كۆزۈم كۆرگەن ماللارنىڭ ھەممىنى رەسىمگە تارتىپ كەلدىم، لوبەن سىياقىغا كىرۋېلىپ دۇككاندارلارنى گەپكە سېلىپ ماللىرىنىڭ باھاسىنى يېزىپ كەلدىم، ئاندىن مەندىن بۇرۇن دۇككان قۇرغان خەقلەرنى دوراپ ئوخشىتىپ دەيمالارنى ئىزدەپ ياساپ يۈرۈپ دۇككانى خېلى ئوبدان بىزىۋالدىم، ماللارنى چىقىرىپ بولۇپ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن بىرى داپ ئالاتتىم دەيدۇ، كىم سەن دىسەم سىچۇئەندىن مەن دەيدۇ، داپنى نىمە قىلىسەن دىسەم مەن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىللىرىمغا دەرىس ئۆتكەندە ئىشلىتىمەن دەيدۇ، مانا، مانا سودا باشلاندى، بۇ ئاداشقا ياخشى داپتىن بىرنى ساتسام ئوقۇغۇچىللىرىغا بىردىن زاكاس قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ، بۇيرۇتقان داپنىڭ ياخشىسىدىن بىرنى 80 سومغا ئېلىپ كەلدىم، بۇ ئاداشقا ئەلۋەتتە 80 سومغا ساتمايمىز، ئاڭلىساق كۇلىدا خەقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بەك يۇقىرىمىش بىرەر 100 سوم سوم ھىچنىمە ئەمەس ئىكەن، شۇڭا 300 سوم قىلاي دەپ ئويلىدىم، بۇ ئويۇمنى بالىلارغا ماسلىھەت سالسام 280 سوم دىگىن دەيدۇ، نىمىشقا دىسەم خەنزۇلار 8 دىگەن سانغا ئامراق، خەنزۇلارنىڭ دۇككىنىغا قاراپ باقساڭمۇ مۇشۇنداق باھالارنى ئۇچرىتىسەن، 280 قىلساق ياق دىمەن ئالىدۇ دەيدۇ، بولىدىغان گەپ دەپ مەنمۇ 280 سوم دىدىم، راست دىگەندەك ماۋۇ باھا خېرىدارغا يېقىپ قالدى، شۇنداق قىلىپ 280 سومغا داپتىن بىرنى سېتىپ نەق 200 سوم پايدا ئاپتىمەن، ئۇستازىم تور دۇككىنى ئېچىپ بىر ئايدا چ چ لارنى VIP قىلىپ يۈرۈپمۇ 200 سوم تاپالماي يۈرگەن، ئاۋال چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپتۇ دەپ، مانا مەن ئېشىپ كەتتىم، ئاتۇشلۇق دىگەن يەنىللا ئاتۇشلۇقتە، بەزىدە ئاتۇشلۇقنىڭ قېنىدا راستىنلا سودىغا ئىشلەيدىغان بىرخىل ماددا ئارتۇقمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى). (ماۋۇ يۇتۋازىلىققا كىرمەيدۇ جۇمۇ ھە)
ئۆزۈمنىڭ بۇنچە ئاسان پۇل تاپىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ۋاي گەپنىڭ داۋامىنى قىلاي ھە …
ماۋۇ سىچۇئەنلىك ئاغىنىمىز مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەك خوش بوپ كىتىپتۇ، مەن يەنە بىرنى ئالىمەن دەيدۇ، چاتاق يوق مال دىگەن شىنجاڭدا توشاق دىدىم. شۇنداق قىلىپ سودىلاشتۇق، بۇ قېتىم يىلان تىرىشىدە ئىشلىگەن دىئامىتىرى 35 سانتىمىتىر كىلدىغان داپتىن بىرنى بۇيرۇتتى، دەرھال چوڭ بازارغا ئاتلاندىم، بازا چۆرگىلەپ مالنىڭ ئەھۋالىنى ئوقۇشتۇم، بىر يەردە مىڭنىڭ گىپىنى قىلدى، يەنە بىر يەردە 900 نىڭ گىپىنى قىلدى، مەن توپ ئېلىپ ئىچكىرگە يولغا سالىمەن، ھازىر بىرنى ئېىلىپ ئەۋرىشكىگە ئەۋەتىمەن شۇڭا ئەرزان ھەم ياخشىسى لازىم دەپ سودىلاشتىم، ۋاي ئاللا 700 گە چۈشتى، بولىدۇ مەن ھېلى كىلەي دەپ كەتتىم، ئايلىنىپ چوڭ بازاردىكى ئاغىنەمنىڭ ئاكىسى (بۇ ئاكاش ئاتۇشلۇق [قونجۇڭدىن تۆكۈلسە قوينۇڭغا])بار دۇككانغا كىردىم دە ئەھۋالنى دىدىم، بولىدۇ مەن تاپاي دىدى، پۇلىنى نەچچە دەيمەن دىسەم 1200 لەر دىگەن دىدى، سەن قانچە پۇلغا ئالىسەم دەپمۇ يۈرمىدىم مالچۇ دىسەم ھازىر بۇنداق ماللار بازاردا كەم، سېتىلىشى بەك ئاز، ئېلىپ قويساق پۇلنى بېسىپ ياتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلان تىرىسىدە قىلغان داپ تۇرۇپ قالسا ئاسان يېرىلىپ كىتىدۇ دەيدۇ، ئەمسە قانداق قىلىمەن دىسەم، ھەپتە ساقلاپ تۇرسۇن قەشقەرگە بۇيرىتىمىز ھەپتىگە قالماي چىقىدۇ دەيدۇ، بۇلىدۇ دەپ سىچۈئەنلىك ھېلقى ئاداشقا ئەھۋالنى دىدىم، دىسەم ماقۇل بولدى، شۇنداق قىلىپ ھەپتىدىن كىيىن تېخى قاتىمغان داپتىن بىرنى ئەكەلدۈرۈپ ئۈرۈمچىدە ئاپتاپقا بىرەركۈن قاقلاپ سىچۈئەنگە يولغا سېۋەتتىم، سىز ھەقىچان قۇتبىلىك ئاۋۇ 1200-700=500 سومنى ئاكىسى بىلەن قانداق ئايرىيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىز، بۇ پۇلنى تېپىشتىن بۇرۇن كاللمغا بۇنداق بىر خىيال كەچتى، ماۋۇ ئاكام 700 سوملۇق داپقا 500 سونى قورقماي قاتتى، مەنمۇ قورقماي 500 نى قاتاي دەپ 1700 قىلدىم، قاراپ باقسام ماۋۇ سىچۈئەنلىك بۇ باھانى ياخشى كۆرمەيدىغان چىراي، شۇنىڭ يەنە 100 نى قېتىپ 1800 قىلدىم، ئاندىن سودىلىشىپ ئېۋەتىپ بەردىم.
قانداق دەھشەت يامانمىكەنمەن، ماۋۇ سىچۈئەنلىك ئاداشنىڭمۇ پۇلى خېلى بار ئوخشايدۇ، ئېغىزىمدىن چىققىنىنى بەردى. شۇنداق قىلىپ 1200 سوم پۇلنى ئېلىپ ئاۋۇ ئاكامنىڭ قېشىغا باردىم، گەپ قىلماي پۇلنى بەرسەم چىرايىمغا قارىۋىتىپ «ئۇكام سەن ماۋۇ 300 نە خەجلە يەنە مال لازىم بولسا كەلگىن، دۇككاندىكى باشقا ماللارنىمۇ چىقىرايلى » دەيدۇ، ۋاي بولىدۇ، مەن باشقا كۈنى ئاپرات ئېلىپ كىلەي دەپ ياندىم، ھا ھا ماۋۇ ئاكامنى ئۆزىگە 300 نى ساناپ ماڭا 200 نى بىرەمدىكىن دىسەم 300 نى ساناۋاتىدۇ، قارىغاندا داپنى 500 لەرگە ئەكەلدۈرگەن ئوخشايدۇ، ياكى بولمىسا مىنىڭ بۇندىن كىيىن يەنە كىلىشىم ئۈچۈن چىقراق جىقراق چىقراي دەپ قالدىمۇ يا بىلمىدىم… نەق پايدىنى ھىسابلايلى ھە …
ئاكام بەردى 300 سوم، مەن قاتتىم 600 سوم، داپ سېتىلدى 1800 سوم، مەن ئالغان نەق پايدا 900 سوم، ئاكام ئالغان پايدا 400 سوم بولسا بۇنى ئەكەلدۈرگەنلەر 100 سوم پايدا ئالسا كۆرەڭ ماۋۇ كارامەتنى، ھەي باللا مۇشۇنداق پايدا كىلىدىغان دوسىنى قىلماي نىمە قىلىمىز؟ ژۈرەككە ئوت كەتتى، ماۋۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن دەپ چوڭ بازارنى سۈرەتكە ئالغىنى يەنە باردىم، بۇ قېتىم ئاساسەن ھەممە نەرسىنىڭ رەسىمىنى تارتىپ كەلدىم، قاراقاشنىڭ، يېڭىسارنىڭ يوغان،يوغان پىچاقلىرىدىن توپ-توپ قىلىپ يوللاپتىمەن، ئەتىسى قارىسام توردۇككان ئېچىلمايدۇ، نىمە بولدىكىن دىسەم تاۋباۋدىن خەت كەپتۇ، سىز دۇككاندا چەكلەنگەن مال سېتىپسىز سىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلدى ۋە دۇككان ئون كۈن تاقالدى دەپ، ۋاي ماۋۇ كىلىشمەسلىكنى، ھەي سودا تازا قىززىۋاتقان چاغدا ماۋۇ ئىشنىڭ چىققىنىنى قارىمامدىغان ھەي…
ئون كۈن ئۆتتى، چەكلەنگەن ماللارنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۋېتىلدى، دۇككان نورمال ئېچىلدى. خۇداغا شۈكرى ئاچ كۆزلۈك قىلىپ تاس قالدىم دۇككان ئېچىش سالاھىتىمدىن ئايرىلىپ قالغىنى، بۇلدىلا كۆپ ئىش قىلماي مېڭىشىغا قويۇپ بىرەي دەپ دىققەتنى يىغىپ باشقا ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگەندىم، شۇ ئارىدا تور سودىسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ بىرى ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ دەرىجە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەندىم، باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ، ئىزدەپ يۈرۈپ ماۋۇ ئاداشلانىڭ كۆپىنچىسىنىڭ توردا تېلېفون، چ چ ۋە تورئويۇنلىرىغا پۇل قاچىلاش ئارقىلىق ئاشۇردىغانلىقىنى بىلدىم، مەنمۇ قورقماي ۋە ئىككىلەنمەي، 300 سومغا بۇ دىتالنى سېتىۋالدىم، ئىشخانىدا كومپيۇتېر 24 سائەت ئۇچۇق بولغاچقا شارائىتمۇ تەييار ئىدى، دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، دەرىسلىكىنى ئۆگۈنۈپ دىگەندەك بىر دەمدە ئۆگۈنۈپ بولدۇم. ئانچە مۇنچە سودا بوپ تۇردى دەرىجىمۇ ئېشىشقا باشلىدى، لىكىن بەك قىززىپ كەتمىدىم، چۈنكى پۇلدىن مۇھىم يەنە بىر نەرسە بار، مەن ئالىي مەكتەپتە، پۇل دىگەننى كىيىنچە تېپىۋالىمەن، شۇڭا بەك قىززىپ كەتسەم بولمايدۇ دەپ ئەرزان ماللارنى چۈشۈرۋېتىپ خەقلەر ئالمايدىغان قىممەت ماللارنى ئېسىپ قويۇپ دۇككانى تاشلاپ قويدۇم.
مانا ئالىي مەكتەپ پۈتۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆگەنگەن نەرسىللىرىمنى رەتلەش جەرىيانىدا مۇشۇنداق بىر دۇككىنىمنىڭ بارلىقى ئىسىمگە كىلىپ قاراپ باقتىم، غېرىپ سېنىپ تۇرۇپتۇ، مەيلىغۇ دۇككان غېرىپسىنىپ قالسا، كۆڭلۈم غېرىپسىنمىسىلا مەن خوش، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
دىتالنى چۈشۈرۈپ قارىسام يېڭى نەشىرى چىقىپتۇ، بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىپ كىتىپتۇ، يېڭى نەشىرى كونا نۇمۇرلارنى قوللىمايدىكەن، بىر قاتار مەشغۇلاتلاردىن كىيىن قوللايدىغان بولدى، بۈگۈن مانا ۋاقتىم چىقىپ قوزغىتىپ قويدۇم، قارىسام بلوگىمغا ماقالە يوللىمىغىنى ئۇزۇن بوپتىكەن، ئىلھام كەلگەندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ماۋۇلارنى ئەسلىمە سۈپىتىدە يېزىپ قويدۇم.
ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاچچىغى تۇتۇپ كەتمىسۇن، ماۋۇ قۇتبىلىك قارى ئاندرويىدىنى ئوينىماي نىمە ئىش قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ دەپ، شۇم خەۋەر تېلېفونۇپ سىستېما قاچىلاش جەريانىدا كىسەككە ئايلىنىپ كەتتى، خوش خەۋەر قۇتبىلىك مەيۈسلەنمەستىن پەرۋايىغا ئېلىپ قويماي داۋاملىق ئاندرويىد ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. تورداشلارغا ماۋۇ دىتالنىڭ قىسمەن رەسملىرىنى قالدۇرۇپ قوياي، مەندەك دۇككان ئېچىپ بېقىش خىيالى بارلارغا يول كۆرسىتىشكە بېسىپ ئۆتكەن تەجىربەم يىتەرلىك بار دەپ ئويلايمەن. راست يەنە بىر ئىش ماۋۇ دىتالنى ئالماقچى بولساڭلار مەندىن ئېلىڭلار، ماڭا پايدىسى قالىدۇ، ئوخشاش باھا، قونجۇڭدىن تۆكۈلسە قوينۇڭغا دەپتىمەن، بۇ دىتالنى مەن ساتسام ماڭا ئازراق پايدىسى قالىدۇ، سىز يەنە بىرسىگە ساتسىڭىز سىزگە كۆپرەك ماڭا ئازراق قالىدۇ، سىز كۆرگەن ئاڭلىغان شاخلىتىپ سېتىشقا ئوخشاپراق قالدىغان ئىشكەن بۇ، تولا سۆزلىمەي، دىتالنىڭ بەزى رەسىملىرىنى كۆرسىتەي ھە!
يەنە دىتال سىزگە ئاپتوماتىك چىقىرىپ بىردىغان ئورگان تەرەپنىڭ ھوقۇق بەرگە كىنىشكىسىمۇ بار، نمىدىگەن ھەيۋەت ھە !
سىناپ باققۇسى بارلار بىر ئايلىقىنى ئېلىپ كۆرۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ، قىممەت ئەمەسقۇ دەيمەن، باھاسىنىڭ نەچچە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. لىكىن بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قوياي ۋاي بۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن دەپ ھاياجانلىنىپ باشچىلاپ كىرىپ كىتىپ ئوقۇش ۋە ئۆگۈنۈشلەر تاشلىنىپ قالمىسۇن، پۇلدىن مۇھىم بىر نەرسنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇ خىل سودىنى قىلىشقا ماس كىلدىغانلار دۇككىنىدا كومپيۇتېرى بار، ئۇششاق سودىگەرلەر ياكى ئىش تاپالماي ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىۋتقان ئىشسىز قالغان، كومپيۇتېردىن بەلگىلىك بىلىمى بار كىشىلەردۇر، شۇڭا ئۆز ئەھۋالىڭىزغا ۋە شارائىتىڭزغا قاراپ ئىش تۇتۇڭ، لىكىن بۇمۇ بىر بىلىم ئۆگەنمەيمۇ قويماڭ!
دۇككان ئادىرىسىنى ئاۋۇ رەسىمدىن كۆردۈڭلار ھەقىچان، شۇنداقتىمۇ ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كىرىش ئىشكىنى قالدۇراي ماۋۇ يەرنى بېسڭ. رەتسىز قالايمىقاندەك تۇرامدۇ؟ مەيلى ھازىرچە ھىچ ۋەقەسى يوق، ئاكام بىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنى ئېچىپتۇ، ئاكامغا ئۆگۈتۈپ قويايمىكىن دەۋاتىمەن، رەتلەپ ئاكامغا تاپشۇرسام خېرىدارنىڭ بەش موچەن پۇلىنى بولسىمۇ تاپقاچ تۇرسۇن ھە …
قىززىقدە-سىز
مەن بىر ئوقۇتقۇچى،كومپىيۇتېر بىلىمىمۇ تايىنلىق،شۇنىڭغا قارىغاندا ماڭا تازا ماس كەلمەمدۇ نىمە؟
قىززىقكەنسىز، شۇنچە پايدىنى ئالغاندىكىن تاشلاپ قويماي ئېچىڭ، ئاچقاچ دەرىسلىكلەرنىمۇ يوللاپ تۇرۇڭ، پەقەتلا يوقاپ كەتسىڭىز تازا قاملاشمايدىكەن، خەنزۇچىنى بىلمەسلىكىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا ماڭا تازا ماس كىلىدىكەن، ئەمما ئۇ يەر توغرىسىدا بىلىدىغىنىم تايىنلىق، شۇڭا ئاز تولا سۆزلىۋەتسىڭىز بىزمۇ ئا تولا پىتلىنىۋالاتتۇقتە…
ئىھتىياج بولمىسا بازار بولمايدۇ دەپ ئولتۇرۇپ قالدىم، ئەگەر ئۆگۈنۈشنى خالايدىغانلار بولسا ئەلۋەتتە تەييارلايمەن.
ھا..ھا.. مەن ئالامەت قىزىقىمەن. نەچچە كىلو ياڭاقنى ئىچكىرىگە يولغا سېلىۋەتتىم، ھازىرچە لاغمەن يېگۈدەك پۇل تاپتىم ھا..ھا..
ھەمىمىز ئوقۇغۇچى ئەمەسمۇ ئالدىرىماي قىلىۋالىمىز. مەنمۇ بۇ قېتىم سىفىرلىق فوتو ئاپىراتتىن بىرنى سېتىۋالدالاىم، تور دۇكىنىغا دۇكان ئىجارىسى، باج تۆلىمىگەندىكىن ئېچىپ قوياي.
ۋايۋۇي، مەنمۇ بىرنى ئېچىپ قويسام بولامدۇ نىمە؟
يەنە بىر ئىش ماۋۇ خەت رامكىسىنىڭ خەت چوڭلىقىنى تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدىكەن. خەت بەك كىچىڭ ۋە سەت چىقىۋالدى.
مۇشۇ CSS دىگەن نەرسىنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىپ بولالمايۋاتىدۇ. قېنى ئالدىراشلىقتىن بىر قۇتىلىۋىتەي، ئاندىن بىرباشتىن تۈزىتەي.
style.css ئىچىدىكى font-size:12px; تىكى 12 نىڭ ھەممىسىنى 13 كە ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.
تەتىلدە ئوبدان ھەپىلەشمىسەم خەپ بۇ تور دۇكىنى بىلەن….
دۇكان نۇرمال ئەمەسقۇ ، سودا قىلىپ قوياي دېسەم !
تۇرمۇش ھەلەكچىلكىدە دۇككانغا قاراپ بولالمىدىم، كىيىنچە مەل مەنبەسىگە ئىگە بوپ قالسام يانا ئاچىمەن.