ئەسىر ئاندرويىد يانفونىنى ئىشلىتىشتىن تەسىرات
ئىككى كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىگە كەلدىم، كىلىپلا قۇتيار تورىدا بىر تېمىنىڭ قىززىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، مەن قىزىقىدىغان تېمىلار ئىچىدە ئاندرويىد ھەققىدىكى تېمىلار ئالدىقى قاتاردا تۇرغاچقىمىكى بۇ تېما مىنى جوڭسەنگە بىر بېرىشقا مەجبۇر قىلدى.
ئەسىر شىركىتىگە باردىم ۋە تېلېفوننى كۆرۈپ بېقىشنى ئېيتتىم، ئۇلار ماڭا ئەسىر ماركىلىق ئۇيغۇرچە ئاندرويىد تېلېفونىدىن بىرنى بەردى، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ كومپيۇتېرىغا چىتىپ بىرقانچە دىتاللارنى قاچىلىدىم ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تۇتۇپ ساقلىۋالدىم. ئاۋال رەسىملەرنى كۆرەيلى، ئاندىن تەسىراتىمنى سۆزلەي.
تەسىرات شۇكى خېلى يامان ئەمەس تېلېفون ئىكەن، ئاندرويىد تېلېفونلار كومپيۇتېرغا ئوخشاش تەرەققىي قىلدى دەپ قارايمەن، يەنى سىستېما كۆپ مۇھىم قالماي، ئۇنىڭ قاتتىق دىتال سەپلىمىسى مۇھىم بوپ قالدى، بۇرۇن تېلېفون ئالسا قانداق ئىقتىدارى بار ئىكەن دەپ ئالاتتى، ھازىر سەپلىمىسى قانداق ئىكەن دەپ ئالدىغان بولدى، ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمىزدا كومپيۇتېر ئېلىش مودا بولغان، كومپيۇتېردا چ چ نى ئاران ئاچىدىغان، كەسپىي كومپيۇتېر بولمىغان، كومپيۇتېرغا يۇقىرى بېسىم چۈشرىدىغان دىتاللارنى ئىشلىتىش ئىھتىماللىق نۆلگە چەكسىز يېقىنلاشقان دوست بۇرادەرلىرىمىز مىنى كومپيۇتېر ئېلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلاتتى، ئۇلارغا نىمە ئۈچۈن ئىشلىتىسەن دىسەم شۇ، تورغا چىقىمەن، ناخشا ئاڭلايمەن، چ چ پاراڭلىشىپ كىنو كۆرىمەن، تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيمەن دەيتى، ئۇلارغا بۇنداق بولسا سەپلىمىسى تۈۋەنراق بولغان كومپيۇتېر ئالىلى دىسەم ئۇنىمىغان، ئاۋۇ بىر كىمنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسى قانداق؟ مىنىڭ تۈۋەن بوپ قالمىسۇن دەيتى...دىمەكچى، گەپكە كەلسەك قارىغۇلارچە يۇقىرى سەپلىمىنى كۆزلەيدىغان بىكاردىن بىكار پۇل خەجلەيدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلاتتى، ئەمدى سەپلىمىنى يۇقىرى قىلىش تېلېفونغا كەلدىمۇ بىلمىدىم، ھازىرقى بالىلار يۇقىرى سەپلىمىلىك تېلېفون ئويناشقا ئامراق ئىكەن، مەن ئەينى چاغدا تۆت يادىرولۇق، تۆت گىگالىق ئىچكى ساقلىغۇچ، بىر گىگالىق كۆرسىتىش سىغىمى، بىر تىگا سىغىملىق كومپيۇتېرغا ئىگە بولغان ئاشۇ ساۋاقداشلىرىم ئۈچۈن ئېچىنىمەن، نىمىشقا دىسىڭىز ئۇلارنىڭ ئاشۇنچىلىك كۆپ بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق، خەقنىڭ ئالدىدا كۆرەڭلىك، دامخولۇق قىلىپ كومپيۇتېرنى ئالدى لىكىن ئاشۇ كومپيۇتېرغا ئىرىشكەندىن كىيىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ پايدىلانمىدى، پۇل ئىسراپ بولدى، بايلىق ئىسراپ بولدى، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق دىگەن راست گەپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار، ھەۋەسكارلار كوومپيۇتېر ئۆگۈنۈشكە قىزقىدۇ، لىكىن پۇلى يوق كومپيۇتېر ئالالمايدۇ، يەنى بەزىللىرى تېلېفونغا پروگرامما تۈزۈشكە قىزقىدۇ، لىكىن كومپيۇتېرنى ئاران ئالغان، نەچچە مىڭ سومغا كومپيۇتېر ئېلىپ يەنە نەچچە مىڭ سومغا تېلېفون ئېلىپ بولالمايدۇ، مانا بۇ دۇنيانىڭ تەڭسىزلىكى بولسا كىرەك...
ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەم ماۋۇ تېلېفوننىڭ داۋرىڭىنى قۇتياردا كۆرگەندىن تارتىپ بىر ئىشلىتىپ بېقىش ئويۇم بار ئىدى، ئىشلىتىپ رازى بوپ قالدىم، قۇتياردىكى بىر تورداش ناھايىتى توغرا گەپ قىپتۇ، ئايروپىلانى بارلار ئۇچىدۇ، ماشىنىسى بارلار يەردە يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭىدۇ، موتوسى بار موتو ھەيدەپ ۋېلسىپىتى بارلار ۋېلسىپىت ھەيدەپ ماڭىدۇ، بەش قول تەڭ ئەمەس، شۇڭا ھەم ئىھتىياجمۇ ئوخشىمايدۇ، مۇشۇ نوقتىدىن مەن ئەسىر شىركىتىنىڭ بۇ تېلېفوننىڭ سەپلىمىسىنى بەك يۇقىرى قىلۋەتمەي، نورمال تېلېفون سەۋىيەسىدە قىلىپ باھانى ئوتتۇرا قاتلامدىكى كىشىللىرىمىز قۇبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە قىلغانلىقىغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن، چۈنكى ئىقتىدارىنىڭ تايىىنى يوق، ياغ تۇرا تېلېفنلىرىنىمۇ تۆت بەش يۈز سومغا سېتىۋالىمىز، شۇ پۇلغا بىر ئىككى يۈزنى قېتىپ مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون سېتۋالساق سىلەرچە ئەرزىمەمدۇ؟
يۇقارقى رەسىمدىن سەپلىمىسىنى كۆردۈڭلار شۇنداقتىمۇ مەن ئازراق دەپ بىرەي.
ئانچە مۇنچە ئويۇن ئوينايتىم دىسەڭلەر، قۇشقاچ ئويۇنى، تاۋۇز قوغۇن چاناش ئويۇنى دىگەندەك ئويۇنلار چاتاق يوق راۋىرۇس ماڭىدىكەن.
چ چ، ،微信، YY دىگەندەك قۇراللارنى ئىشلىتىشتە ھاجەتتىن چاتاق يوق چىقىدىكەن، قىسقا ئۇچۇرنى ئۇيغۇرچە يازساقمۇ شۇنچىلىك راھەت!
تورغا چىقىش سۈرئىتىنى سەل ئاستا ھىس قىلدىم، لىكىن WIFI دا ئومدانلار تىز.
ئىكران كۆپ بارماقنى بىراقلا سىزدىكەن، شۇڭا تاۋۇز چاناش ئويۇنىدا ئەس قاتتى.
ئىكراننىڭ سىزىمچانلىقى بوپ قويىدۇ، قاشاڭلىشىپ ئىشلىمەيدىغان ياكى خاتا كىتىدىغان يەرلىرىنى ھىس قىلمىدىم، قول تىگىپ بولغىچە يەڭگىل ئىشلەيدىكەن.
ئاۋاز سۈزۈك ھەم يۇقىرى ئىكەن، لاباغا ئىشلەپ قويغان ئوخشايدۇ.
تورغا بېقىنمايدىغان رادىئو ئىقتىدارىمۇ بار ئىكەن(بەزى يۇقىرى باھالىق يانفونلاردا بۇنى كۆرمىگەن ئىدىم).
ئايفوندەك قۇلاققا يېقىن ئەكەلسە ئىكران ئاپتوماتىك ئۆچىدۇ، قۇلاقتىن ئايرىسا ئاپتوماتىك يانىدۇ. بۇ يىرىمۇ بەلەن ئىكەن.
ئىچكى ساقلىغۇچىسى ئانچىمۇ بەك چوڭ ئەمەس، لىكىن دىتاللارنى ساقلىغۇچ كارتىغا قاچىلاپ ئىشلەتسەك بولىۋىردىكەن(4 گىگابايىتىلىق كارتا قېتىپ بىرلىدىكەن).
ئىكرانى بەك چوڭ كىلەڭسىز ئەمەس ئىكەن، ئايفونچىلىك يەنى 3.5 سۇڭلۇق ئىكەن، مىنىڭچە مۇشۇ مۇۋاپىق، بولمىسا يازنىڭ كۈنى ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا پاتماي قولدا كۆتۈرۈپ يۈردىغان ئىش چىقىدىكەن.
ئالدى كەينىدە كامىرا بار ئىكەن، ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىنى بولدىكەن. چ چ دا سىنلىق پاراڭلاشقىلى بولىكەن.
گۈدۈك، نۇر تورلىرىنىڭ ئەپلىرى، زامانىم ئەپ بازىرى دىگەندەك بىرقىسىم ئۇيغۇرچە ئەپلەر تەييار قاچىلاپ قويۇلغان ئىكەن، يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن يېڭىلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارايمەن.
يەنە بىر ئىش قوش كارتا قوللايىكەن، لىكىن تېلېگىرافنىڭكىنى قوللىمايدىكەن.
گوگېل ئاكونتىنى تىزىملىتىپ كىردىغان يەر تەرجىمە بولماي قاپتۇ، بۇنى ئىنكاس قىلسام كىلەركى نەشىرىدە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يەنە بەزى تەرجىمىلەردە سىزىقچە كەم قالغان، تەڭشەش ئورنىدىكى ئېنگىلىزچە ئىسىملار بىلەن ئۇيغۇرچە ئىسىملار بىر يەردە كەلگەندە بىر يانغا قېچىپ كەتكەن ئەھۋاللار ساقلىنىپتۇ، لىكىن ئىقتىدارغا تەسىر يەتمەيدىكەن.
ئاندىن بەزى ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنغاندا تازا ئورنىغا چۈشمىگەندەك ھىس قىلدىم، لىكىن كۆپ ئەمەس بارماق بىلەن سانىغۇدەك، قالغانلىرىنى سېتۋالغان دوستلىرىمىز بايقاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
يەنە بىر ئىش راست، مەن بۇ قېتىم كىلىپ ئالىي مەكتەپتە بىزگە پروگرامما دەرسى بەرگەن ھەم ئىككى يىل سىنىپ مەسئۇلى بولغان مۇئەللىمنى مىھمان قىلۋالدىم، بۇنىڭدىن بەك خوش بولدۇم، پاراڭ جەريانىدا مۇئەللىم ماڭا مۇشۇنداق تېلېفونلارنىڭ ئەل ئىچىگە كۆپ تارقالسا ئاندىن ئۆزى تۈزگەن ئاندرويىد دىتاللرىنىڭ قىممىتى بولدىغانلىقىنى، بەك يۇقىرى سەپلىمىلىك تېلېفونلارنىڭ بىزدە تېخى بەك ئۇمۇملىشىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مىنىڭ كۆز قاراشلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قىسمەن جەزىملەشتۈردى، مۇئەللىم بىلەن ئوخشاش ئويدا بولالىغانلىقىمدىن خوش بولدۇم. مىنىڭچە نۇرغۇنلىغان پروگرامما تۈزگۈچى كشىلەر ئاندرويىد تېلېفوننىڭ ئەل ئىچىدە كۆپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لىكىن بۇ تېلېفونلارنىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك بولىشى مۇھىم مەسىلە بولماسلىقى مومكىن، مەنمۇ مۇشۇنداق باھاسىغا مۇۋاپىق قاتتىق دىتال سەپلەنگەن، بىزلەر دەماللىققا قۇبۇل قىلالايدىغان ئەسىر يانفونلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىققەت: مەزكۇر تېلېفونى يۇقىرى سەپلىمە قوغلىشىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئالماڭلار، باھاسى ۋە سەپلىمىسى مۇۋاپىق بولغان ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنى نورمال كۆرۈش ئىستىكى بار، ئۇيغۇرچە يانفونغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدىغانلار ئالساڭلار بولىدۇ.