بۈگۈن بلوگىمنىڭ يان ئىستونىدىكى ۋاقىت تىزىملىكىگە قاراپ باقسام سەككىز ئاينىڭ نامى تۇرىدۇ، ئويلاپ باقسام ئارىدىكى تۆت ئايدا ھىچقانداق يازما يوللىماپتىمەن، بلوگىمنىڭ زىيارەت مىقدارىنى كۆرۈپ باقتىم، ئاساسەن مۇقۇم بوپتۇ، تۆت ئاي يېڭى يازما يوللىمىساممۇ تور بىتىمگە كىرىپ تۇرغانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ خېلى خۇشال بوپ قالدىم، قارىغاندا بلوگىمنىڭ سېغىنىدىغان بىر يەرلىرى بار ئوخشايدۇ.
خوش گەپكە كەلسەك بۇ تۆت ئاي مەن نەگە كەتتىم؟ تۆت ئاي ئىلگىرى يېزىلغان ئاخىرقى تېمامنىڭ ئاندرويىد ھەققىدىكى تېما ئىكەنلىكى يادىمدا، ئاشۇ چاغلاردا ئاندرويىد ئۈچۈن ھەقىقىي قىززىپ كەتكەن چاغلىرىم ئىدى، كىيىن ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە قالىمەن دەپ پىلانلارنى تۈزۈپ ئىشقا كىرىشكەن چاغلىرىمدا ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھانىدىن ئۆتكەنلىك خەۋرى كەلدى، شۇنداق مەن بىرىنجى بولۇپ ئۆتكەن ئىدىم.
بۇ خوش خەۋەر ئۆيگە بېرىشى بىلەن ھەممە بەڭ خوش بوپ كەتتى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانام بىلەن لايىقىم.
ئاتا-ئانام ئامال بار مىنىڭ ئۈرۈمچىدە قېلىپ چوڭ ئىشلارنى قىلشىمنى ئۈمىد قىلاتتى، لىكىن ھۆكىمەتنىڭ دەپتىرىگە ئىلىشىدىغان بۇنداق ياخشى پۇرسەت ئالدىدا ئۇلار مىنىڭ ئۈرۈمچىدىن يېنىپ كىلىشىمنى ئۈمىد قىلدى، لايىقىم ھەم شۇنداق بىر ئارزۇدا ئىدى، مەن بولسام ئاقسالىق قىلىپ بارمايدىغاننىڭ قازىنىنى ئاسماقچى بولدۇم، لىكىن ئاتا-ئانام، لايىقىم ۋە كەچمىشلىرىنىڭ تەسىرىدە يۇرتقا قايتىپ يۈز تۇرانە ئىنتاھانغا قاتنىشىپ باقماقچى بولدۇم. ئۈرۈمچىدىكى ئىجارە ئالغان ئۆينى ئاغىنەمگە تاشلاپ قويۇپ يۇرتقا يېنىپ كەلدىم، تىزىملىتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يۈز تۇرانە ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلدىم، لايىقىمنىڭ ياردىمىدە(ئۇمۇ ئوقۇتقۇچى) قانداق ئۆتسەم نۇمۇرنى كۆپ ئالالايدىغانلىقىمنى تەتقىق قىلدىم، مەندىن ئىلگىرى ئورۇنلاشقان (ئوقۇتقۇچى)ساۋاقداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلاردىن كۆپ تەلىم ئالدىم، كەچلەردە تامغا قاراپ تەكرار-تەكرار دەرس ئۆتۈپ باقتىم، خەنزۇچە سۆزلىشىم خېلى يامان ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئانچە بەك قىينىلىپ كەتمىدىم.
يۈز تۇرانە ئىنتاھاننىڭ دەرس ئۆتۈش قىسمىدا بەش ئالتە نۇمۇر پەرىق بىلەن ئالدىدا تۇردىم، مەشغۇلات ئىنتاھانىدا 40 نۇمۇردىن 39 ئالدىم، رىقابەتچىم ھەم 39 ئالدى، لىكىن باشقا جەھەتلەردىكى نۇمۇر پەرقى تۈپەيلى مەن ئۇمۇمىي نەتىجىدە بىرىنجى بولۇپ ئۆتتۈم. ساغلاملىق تەكشۈرتۈش ئاخىرلىشىپ بىز ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدۇق، بىر ھەپتە تەربىيلىنىشتە بولدۇق، تەربىيلىنىشتىن يېنىپ مەن ئاسىيا-ياۋرۇپا يەرمەنكىسىنى كۆرۈپ كەلدىم، كاللام خېلى ئېچىلىپ قالدى، ئاندىن يۇرتقا قايتماقچى بولدۇم، لازىملىق كىتاپ-ماتىرىياللارنى تىز يەتكۈزۈشتىن ئۆيگە يوللىۋىتىپ كورلىغا چۈشۈپ كەتتىم، كورلىدا بىرقانچە كۈن ئويناپ كۇچاغا، ئاندىن ئاقسۇغا باردىم، كۆردىغاننى كۆرۈپ يۇرتقا قاراپ يولغا چىقتىم، ئەسلىدە ئالتە شەھەرنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ كەلگۈم بار ئىدى، لىكىن مائارىپ ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇپ خىزمەتكە چىقىدىغان ۋاقىت توشۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز باشقا يۇرۇتقا بارمايلا يېنىپ كىلىپ مائارىپ ئىدارىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم.
ئىشقا چۈشكەن ئورنۇم مەن ئوقۇغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ماڭا ئانچە بەك يات تۇيۇلمىدى، بىرەر ئايغىچە مەكتەپنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، ئىنتىزام دىگەندەكلەر بىلەن تونۇشتۇم، ماڭا ھەپتىسىگە 15 سائەت كومپيۇتېر دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، يەنە كىلىپ 15 سىنىپقا، ھەر سىنىپقا ھەپتىدە پەقەت بىر سائەت، جەمئىي 50*15 بولۇپ تەخمىنەن 700 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا دەرس بىردىغان بولدۇم. ئالدىنقى ئىككى ھەپتىسى بالىلارغا تورنى ئېچىپ بىرىپ ئۆزۈڭلار نىمە قىلىشنى بىلسەڭلەر شۇنى قىلىڭلار دەپ ئۇلارنى كۈزەتتىم، ئۈچۈنچى ھەپتىسى ئۇلارغا دەرس ئۆتمەي ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى ئىشلەشنى لايىق تاپتىم. بۇ يەرگە كىلىپ شۇنى ھىس قىلغان ئىدىمكى ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا گۈلدۈرتاراق كىرىپ گۈلدۈر تاراق قىلىپ چىقىپ كىتەتتى، بۇ ئىش مىنى بەك بىئارام قىلغان بولغاچقا مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە سۆزلىدىم.
مېنىڭ مۇمام ئىلگىرى (كىچىك ۋاقتىمدا ) تاماق يىگەندە بىسمىللاھىي رەھمانىرەھىم دەپ باشلايمىز دەپ ئۈگەتكەن، سىلەرگىمۇ ئاتا-ئاناڭلار ۋە ياكى بوۋا-موماڭلار شۇنداق ئۆگەتكەنمۇ؟
-شۇنداق!
تاماقنى يەپ بولۇپ ئىلايا ئامىن ... دەپ ياراتقان ئىگىسىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشنى، تاماقنى ئەتكەن كىشىگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۈگەتكەنمۇ؟
- شۇنداق.
ناھايىتى ياخشى، مەن سىلەرنىڭ تاماق يىيىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا بەك ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلدىغانلىقڭلارنى ھىس قىلدىم، لىكىن بىر مەسلىنى چۈشەنمىدىم، سىلەر تاماق يىيىشكە شۇنچە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىغان تۇرۇقلۇق نىمە ئۈچۈن دەرسخانىغا كىرگەندە ۋە چىققاندا بۇ ئەدەپنى ئۇنتۇپ قالىسىلەر؟ ئەجىبا تاماق يىيىش بىلەن دەرس ئۆگۈنۈش ئوخشاش بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ تاماق تىنىڭلارغا كۈچ ئاتا قىلسا مەن ئۈگەتكەن بىلىملەر روھىڭلارغا كۈچ ئاتا قىلاتتىغۇ؟ تېخى كىيىنكىسىنىڭ مەنىسى ۋە رولى ئالدىنقىسىدىن چوڭقۇر ۋە مۇھىم ئىدىغۇ؟
ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا قارايدىغان بولساق بىزنىڭ جامائەتلىشىپ ياشايدىغانلىقىمىزنى بايقايسىلەر، ئۇيغۇرلاردا توي بىر، ئۆلۈم بىر دىگەن گەپ بار، بۇ نىمە گەپ دىگەندە توي قىلساڭ ئۆزۈڭ يالغۇز قىلالمايسەن، قوشنا-خۇلۇم، جامائەتلەرنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ياردەملىرى ئاستىدا قىلىسەن، ئۆلۈم بولسا ھەم جامائەت بىلەن بىرگە بولىدۇ، دىگەن گەپ.
بىر سۇئال سۇراپ باقاي كىم بىلىدۇ، جىنازىنىڭ قانچە تۇتقىسى بار؟ يەنى بىر جىنازىنى ئەڭ ئاز بولغاندا قانچە ئادەم كۆتۈرىدۇ؟
-تۆت.
شۇنداق ساۋاقداشلار جىنازىنىڭ تۆت تۇتقىسى بار، شۇڭا بىر ئادەم ھەرگىز بىرلا ۋاقىتتا تۆت تۇتقىسىنى تۇتۇپ ماڭالمايدۇ، يەنە شۇ جامائەت ئەسقاتىدۇ... دىمەكچى بىز ئۇزۇن-ئۇزۇن يىللاردىن تارتىپلا جامائەتلىشىپ ياشىغان، شۇڭا بىزدە سالام سائەتنى چوڭ بىلدىغان ھەم چوڭ قىلدىغان بىر ئىسىل خىسلەت بار، مەن سىلەرنىڭ بۇندىن كىيىن مىنىڭ سىنىپمغا كىرگەندە (بولسا ھەرقانداق ئورۇنغا كىرگەندە) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، قانداق تۇرىدىڭىز دەپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، سىنىپتىن ئايرىلغاندا ماقۇ ئەمسە مۇئەللىم خوش دەپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر بۇ دىگەنلىرىمنى مۇۋاپىق كۆرمىسەڭلار ئاتا-ئاناڭلارغا مۇئەللىم بىزگە مۇشۇنداق دەيدۇ قانداق قىلىمەن دەپ سوراپ بېقىڭلار، قالغىنىنى شۇلار ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويسۇن ماقۇلمۇ؟
-ماقــــــــــــــــــــــــۇل...
تاماققا شۇنچە ئەدەپ بىلەن كىرگەنگە ئوخشاش، سىنىپقىمۇ ئەدەپ بىلەن كىرىڭلار، تاماقتىن قوپقاندا ئاشۇ تاماقنى سىلەرگە ئاتا قىلغان، ئەكەلگەن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتقانغا ئوخشاش، ماڭىمۇ رەھمەت دەپ قويۇڭلار، ھىچ بولمىسا ماقۇ ئەمسە مۇئەللىم، ئامان بولۇڭ دەپ قويۇڭلار بۇلامدۇ؟
-بولىـــــــــــــــــدۇ.
-قىلالامسىلەر؟
-قىلالايمىز!
ماقۇل ئەمسە ۋاقىت توشتى دەرستىن چۈشۈڭلار
مۇئــــــــــەللىم جاپـــــــــا چەكــــــــتىڭىز! ماقۇ ئەمسە مۇئەللىم، خوش مۇئەللىم، خۇداغا ئامانەت مۇئەللىم، ئامان بولۇڭ مۇئەللىم!!!»
مانا مۇشۇنداق قىلىپ مەن 700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىمغا كومپيۇتېر دىگەن نىمە دىگەننى ئەمەس، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگەن نىمە دىگەننى ئۈگەتتىم، شۇندىن ئىبارەت مەن بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى ئاتىغان مىھرىبان ئوقۇتقۇچى بوپ كەتتىم.
كىيىنكى بىر ھەپتىسى ئوقۇغۇچىللىرىمغا كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۈگەتتىم، دەرس ۋاقتىدا مەن بەزىلەرنىڭ ئويۇن ئويناپ ئولتۇرغانلىقىنى، قالايمىقان تورغا چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ھەپتىسى كومپيۇتېر دۇنياسى، تور دۇنياسى، شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى، تور مەدەنىيىتى، تور ئەخلاقى، تور قانۇنى قاتارلىق مەزمۇنلاردا جانلىق مىساللارنى كەلتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەن ئۈگەتكەن نەرسىلەرنى ياخشى ئۈگىنىشىنى، باشقا نەرسىلەرنى ئۈگەنگۈسى بار بولسا ئالدىراپ كەتمەسلىكىنى، ئەگەر مەن ئۈگەتكەن نەرسىلەرنى ئۆگۈنۈپ بولغان بولسا ياندا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىغا ئۆگۈتۈپ قويىشىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم، ھەم مىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشىتىپ قالماسلىقىنى، تومۇر تۇتۇپ ئاۋارە بولماسلىقىنى ئېيتتىم، مەن:«ئاڭلىسام سىلەر بىز دىگەن توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپتا ئوقۇۋاتىمىز، شۇڭا بىزنىڭ دىگىنىمىز راست دەپ ئويلايدىكەنسىلەر، ئاڭلىسام ھازىر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بەك نوچى ئىكەن، سىلەرنى چىكىپ بولغۇچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ چىقىپ بولدىكەنسىلەر، دەپ قوياي مىنىڭ سىنىپىمدا ئۆزۈمنىڭ دىگىنىنى راست قىلىمەن دەپ خام خيال ئەيلىمە، ماۋۇ كومپيۇتېر سىنىپىدا مىنىڭ دىگىنىم دىگەن، مەن دىگەن نىزام، مەن دىگەن قائىدە، مانا مەن بۇيەردە قانۇن، ئەگەر سەن مەن دىگەن ئىشنى قىلماي ۋە ياكى ياخشى ئۈگەنمەي گەدەنكەشلىك قىلساڭ كونۇپكا تاختىسىغا ئۈستۈرۈپ ئېغىز بۇرنىڭنى قان قىلىپ يولغا سېلىپ قويىمەن، تايىللىق ئاتا-ئاناڭنى باشلاپ كىلەرسەن، مەيلى باشلاپ كەل، سەندەك بىر گەپ ئاڭلىماي سىنىپتىكى باشقا 49 بالىنى بۇزدىغان بىرەرسىڭ بىلەن تەڭ قوغلىنىپ كەتسەم مەن رازى، 49 ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىر ئەسكى ئوقۇغۇچىنى قوغلىۋەتكەن ياخشىمۇ ياكى سىنىڭ راست دەپ قالغان 49 ئوقۇغۇچىغا زىيانكەشلىك قىلغان ياخشىمۇ؟
-بىرسىنى قوغلىۋەتكەن ياخشى.
-خوپ، ئوبدان جاۋاب، ئەمسە ئاشۇ بىرى ھەرگىز سىز بوپ قالماڭ ماقۇلما؟
-مـــاقۇل!»
مانا مەن شۇندىن ئىتىبارەن قاتتىق قول ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندىم، ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى ياكېشىمۇ سېز مۇئەللىم دەپ يازغان بىرىنىڭ تەستىكىنى چىمداپ تۇرۇپ توغرا يازغىچە قويۇپ بەرمىدىم، ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۆزۈڭنىڭ ئانا يېزىقىنى يازالمىساڭ، خەنزۇچىنى قانداق يازىسەن؟ ئېىنگىلىزچىنى قانداق ئۆگىنىسەن؟ قانداق قىلىپ ئاتا-ئاناڭنىڭ باققىنىغا، ئوقۇتقىنىغا جاۋاب قىلسەن؟ ئۆيۈڭدە كومپيۇتېر بارمۇ؟ يوق شۇنداقمۇ؟ ھۆكىمەتنىڭ مۇشۇنچىلىك شارائىتنى ھازىرلاپ بەرمىكى ئاسانمۇ؟ نى نامرات مەكتەپلەر بار، ئولتۇراي دىسە سىنىپى يوق، ئوقۇغۇچىلار خەت يازاي دىسە دەپتەر-قەلىمى يوق، ھەي ساڭا مۇشۇنچىلىك شارائىتنى ھازىرلاپ بىرىش ئاسان گەپمۇ؟ شۈكرى دەپ ماقۇلما، قەدىرلە بولامدۇ؟ تەستىكىڭ ئاغرىدىمۇ؟ ئاغرىدى شۇنداقمۇ؟ مۇشۇنداق ئاغرىغاندىلا مەن دىگەن گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالمايسەن، مەن دىگەن گەپلەرنى قۇلاقتا چىڭ تۇتتىڭمۇ؟ تەستىكىڭنى چىمدىگىنىمگە پىكىرىڭ بار بولسا ئاتا-ئاناڭنى باشلاپ كەل، ئۆزۈم كۆرىشىمەن، ماقۇلمۇ؟ ماقۇل.
ئارلىقا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت باسقاندا بىر قولىدا ئىڭىكىنى يۆلىۋېلىپ خەت بېسىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارغا ئىككى قولنىڭ كونۇپكا تاختىسىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ قويدۇم ۋە خەتنى ئىككى قولدا بېسىش لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم، لىكىن بەزىلەر يەنىللا كۈنەلمەيۋاتاتتى، ئاخىرى ئۇلارغا سەل قاتتى تەگدىم «ماۋۇ قولىڭىزنى نىمە قىلىسىز؟ خۇدايىم بەرگەن قولنى ئىڭەككە يۆلەپ قويغىچە خەت باسسىڭىز بولمامدۇ؟» مۇشۇ گەپنى دەۋەتقاچ بىر خىيال كاللامدىن چاس قىلىپلا ئۆتۈپ كەتتى.
يەنە بىر كۈنلەردە بەزى ئوقۇغۇچىللىرىمنىڭ سەل چۈشكۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، قىلالمايدىكەنمەن دىيىشلىرىنى ئاڭلاپ بۇلاردا بىرخىل روھى سۇلغۇنلۇق ۋە قىسمەن چۈشكۈنلۈكنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە شۇ بىر خىيال كاللامدىن چاسلا قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
توغرا شۇنداق قىلاي... مەن ياخشى بىر ئامال ئويلاپ تاپقان ئىدىم، يەنى پۇتى، قولى يوق يېرىم تەن نېكنىڭ ھىكايىسى يادىمغا كەلگەن ئىدى.
مەن نېكنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقىنى بالىلارغا توردىن چۈشۈرۈپ قويۇپ بەرمەكچى بولدۇم، بىر چاغلارغا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئىسىمگە كىلىپ قۇتيارنى ئاختۇردىم، راستىنلا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىنىپتىكەن، قارىسام چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، ئۇدۇل بېرىپ كۈلكە بۇرادەرنى ئىزدىدىم، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ 700 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىمنىڭ بارلىقىنى ۋە ئوي خياللىرىمنى ئېيتتىم، كۈلكە ئەپەندى مىنى قوللايدىغانلىقىنى فىلىمنى ماڭا ھەقسىز بىردىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بەك خوش بولدۇم ۋە فىلىمنى چۈشۈرۈپ ئوقۇغۇچىللرىمغا قويۇپ بەردىم.
ئوقۇغۇچىللىرىمغا مانا مۇشۇنداق پۇتى ياكى قولى يوق بىر ئىنساننىڭ مۇزىكا چالالايدىغانلىقىنى، كومپيۇتېردا مىنۇتىغا 40 نەچچە خەت باسالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتىم، يىقىلغان ئورنىدىن قانداق تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتىم، نېكنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنى ۋە خاراكتىردىكى ئوچۇق يۇرۇقلۇق ۋە قىززقچىلىقىنى كۆرسەتتىم. چۈشكۈنلىكنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن يوقىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ پۇت قوللىرىمىزنىڭ ساق، بىجىرىم ئىكەنلىكىگە شۈكرى دىيىشىمىز ۋە بارلىق ئەزالىرىمىز ھەم خۇدا بەرگەن تالانت ۋە ئىقتىدرلىرىمىزدىن ئوبدان پايدىلنىشىىمىز لازىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردىم. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەقىللىك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرتىلىنى، خەنزۇتىلىنى، قىرغىز، قازاق، ئۆزبەك تىللىرىنى ئاساسەن بىلەلەيدىغانلىقىنى ھەتتا بەزى كىچىكىدە قارىلىقتا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئەرەپچىنىمۇ بىلدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت بالىسىدىن تۈۋەن تۇرمايدىغانلىقىنى ۋاقتى كەلگەندە ئامرىكىدىكى ئاشۇ سېرىق چاشلىق بالىلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ھەرخىل مىسللار بىلەن چۈشەندۈدۈم، ئالىملىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىللىرىمىز ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈشكە بولغان قىزغىنلىقى خېلىللا كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
مۇشۇنداق تەربىيەلەر بىلەن بىردە مىھرىبان، بىردە قاتتىق قول بولۇشۇم نەتىجىسىدە مانا ھازىر ئوقۇغۇچىللىرىم بەش مېتىر نېرىدىن كۆرسە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم دەيدىغان بوپ كىتىشتى، ھەتتا بەزىدە تېخى تويغا-تۆكۈن نەزىرە چىراقلارغا كەلگەندەك قاتار بولۇپ مەن بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ھەم بۇدرۇقىنە قوللىرىنى تۇتقىنىمدا راستىنى دىسەم ئىختىيارسىز كۈلگۈم كەپ كىتىدۇ، ئىچى-ئىچمدىن خوش بوپ كىتىمەن.
كومپيۇتېردا ماڭا ئىككى سالام خەت يېزىڭلار دىسەم، بەتنى ئوڭغا، كىرگۈزگۈچنى ئۇيغۇرچىغا، خەت نۇسخىسىنى ئەلكاتىپ ۋە ياكى UKIJ غا توغرىلاپ خەت يېزىشنى باشلاپ كىتىدۇ، ئۆزىنىڭ ساپ قەلبىدىن چىققان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا كومپيۇتېرغا دانچە-دانچە تىزىلىۋاتقانلىقىنى، كۆزلىرىدىن بىرخىل خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ يېغىپ تۇرغانلىقىنى، روھىدىكى بىرخىل كۆتۈرەڭگۈلۈكنى كۆرگىنىمدە ھاياجاندىن كۆزلىرىمگە ياش كىلىپمۇ كىتىدۇ.
ھىلىمۇ يادىمدا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمغا ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۈگنىۋېلىڭلار دىسەم ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇش ئېغىر كىلۋاتسا يېزىش تەس كەلمەسما دىگەن ئىدى، ئۇلارغا ئېغىر كەلگەن ئوقۇش ۋە يېزىشلار مىنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىمغا قەتئىي ئېغىر كەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ خىياللىرىنى، ماڭا كومپيۇتېردا يېزىپ قالدۇرالىغانلىقىدىن شاتلىنىۋاتقاندا بەلكىم ئاشۇ بەڭباشلىق بىلەن دىگەن گەپلەرنى قىلغان ساۋاقداشلىرىم يەنىللا ئوقۇش-يېزىش ئېغىر كىلىپ يۈرگەن بولىشى مومكىن، لىكىن مەن مانا ھازىر ئۇيغۇرچە خەت ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئېغىر ئالمايدىغان كىچىك قۇتبىلكتىن 700 دىن ئارتۇقنى تەربىيلىدىم. ئۇيغۇرتىلى ئۈچۈن يۈرىكى كۈيدىغان مەندەك بىر ئوقۇتقۇچىغا بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە قانداق خۇشاللىق لازىم؟
مانا مۇشۇنداق قىلىپ دىققەت مەركىزىنى ئاندرويىدتىن خىزمەتكە، خىزمەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا قاراتتىم، ئىشقا بېرىپ كىلىش بىئەپ بولغاچقا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ ئوغۇللار ياتاق بىناسىنىڭ بىرىنجى قەۋتىدىن ياتاقتىن بىرنى ئالدىم، سەككىز يىلدەك ئۆمۈرۈم مانا مۇشۇنداق ياتاقتا ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشىمنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆتىپتىمەن، مانا ئەمدى ئوقۇتقۇچى بولۇپمۇ مۇشۇنداق ياتاقلاردا يېتىپ يۈرەرمەنمۇ؟ يۇماي تاشلىنىپ كەتكەن پايپاق، يۇيۇش ئېغىر كىلىپ تاشلاپ قويغان كىيىم كىچەك، ئەتتىگەندە ھورۇنلۇق قىلىپ تۇرماي سائەت سەككىزگە ئاران ئونۇمدىن تۇرۇشلار، ناشتىسىز يۈرگەن ئىككى يىل، ئاھ مەن يەنە مۇشۇنداق بويتاق يۈرەرمەنمۇ؟ ياق قۇتبىلىك توي قىل، خوتۇن ئال، پايپىقىڭنى پاكىز كىيسەن، ئەتتىگەندە ناشتا قىلالايسەن، قىش كەپ قالدى، ئىسسىق ئۇخلايسەن، لايىقىڭنىڭ قاچان توي قىلىمىز دىگەن غەلۋىللىرىدىن قۇتۇلىسەن، مۇقۇم ئۆيۈڭ بولىدۇ، كومپيۇتېرىڭنى تورغا ئۇلايسەن، ئۆيۈڭدە خاتىرەم تەتقىقاتىڭنى باشلىيالايسەن، قورسىقىڭ ئاچسا خوتون تاماق قىلىپ بىرىدۇ، چارچىساڭ دوللىرىڭنى تۇتۇپ قويىدۇ، زەرەپشان ماركىلىق قارا چايدىن دەملەپ ئەكىرىپ بىرىدۇ، قۇتبىلىك توي قىل، پەقەت توي قىلساڭلار تۇرمۇشىڭ رىتىملىك خاتىرجەم ئۆتىدۇ، نىمەڭ كەم؟ قىزدوستۇڭ تەييار، ئۆيۈڭ تەييار، خىزمەت تاييار، ئاتا-ئاناڭ ھايات،
يەنە نىمىگە ئىككىلىنىسەن؟ شەيتانلىرىمنىڭ ھەر خىيالغا سېلىشى بىلەن ئاخىرى توي قىلدىغان بولدۇم، جانغا ئەس قاتىدىغان ئاغىنەللىرىمدىن 12 مىڭدەك قەرىز ئالدىم، ئاتا-ئانام ئازراق تەييار قىلدى، شۇنداق قىلىپ ھېيتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر خوتۇنلۇق بوپ قالدىم.
توينىڭ بېشى دەيدىكەن، كەينى دەيدىكەن، يارشىقى دەيدىكەن، قىچقىرقى دەيدىكەن ۋاي بېشىم (ۋاي بېشىمنى يىگۈدەك بولدۇم) قېنى بۇ خاتىرجەم تۇرمۇش...
ئۇھ ئاخىرى بارلىق چاقىرىق، ياش چىلاش، قۇدا چىلاش دىگەندەكلەرنى تۈگۈتۈپ پەتە دىسەم مانا ئەتە دەپ ئىشقىلىپ توينىمۇ تۈگىتىۋالدىم، ھۇھ دەپ ئەمدى ئىشىمنى باشلاي دەپ مەكتەپتە بىكار ياتقان كومپيۇتېردىن بىرنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم، ئىچىگە يۇمشاق دىتال ئاچىدىغان دىتاللارنى، ساندان مۇلازىمىتىر دىتاللارنى، تور مۇلازىمىتىر دىتاللىرىنى قاچىلاپ، توردىن كىتاپلارنى بۇيرۇتۇپ، مانا بۈگۈن ئۆيگە تور ئەكىردىغان رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ قويۇپ ئۆيگە كەلسەم گاز تۈگەپتۇ(پۇل قاچىلىغىنى بارسام ئىشتىن چۈشۈپ كىتىپتۇ، نەس باستى دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ)، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا قاچىلىغان 200 سوم بىر دەمدە تۈگەپتۇ (ئۆيدە گاز پار بار ئىدى)، مائاش تېخى چىقمايۋاتقان، يانچۇقتا پۇلنىڭ يوقىدا دەپ ئولتۇرسام مەندىن ئىككى ئاي بۇرۇن توي قىلغان ئاغىنەم ئايالىڭنىڭ ئېلىپ چىق، بىللە تاماق يەيلى مانىڭ باشقىچە تاماق يىگۈسى كەپ قاپتۇ دەيدۇ، ماقۇل دەپ سىرىتتىن تاماق يىدۇق، ئايالىم تاماقنى يەپ بولۇپ سەل بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئاغىنەمنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭمۇ بۇرۇن ئاشۇنداق بولغانلىقىنى بەلكىم ... بولىشى مومكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھە دىدىم ئىچىمدە ئاللادىن شۇنداق بولىشىنى تىلىدىم ھەم شۈكرىلەر ئېيتتىم. بىر چاغدا ئايالىم ئىككىسى سىرىتقا چىقىپ كىردى، ئاندىن تاماقتىن يېنىشتۇق، ئايالىم ئۆيگە كىلىپ
مەخپىي بىر ئىشلارنى قىلغاندەك قىلدى، بىر دەمدىن كىيىن راستىنلا شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئاللاغا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇن، خۇدا تىنىچ ئامانلىقنى بەرسۇن، توي قىلىپ 33 كۈندىن كىيىن مىنىڭ خۇشاللىقىمغا يېڭى بىر خۇشاللىق قېتىلدى. مانا ئەمدى قۇتبىلىك سەن تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشۇڭ، ياخشى ئەر بولۇشىڭ كىرەك، ئەڭ مۇھىمىي بەخت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگۈچى كىچىك قۇتبىلىكىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى تولۇپ تاشقان ئاشۇ ئىشەنچلىرىڭ بىلەن ئۆگۈنۈشنى داۋاملاشتۇرىشىڭ كىرەك.
مانا يېڭى ئەتە مىنى كۈتمەكتە، گەرچە تالادا قار يېغىۋاتقان، ئۆيدە پار يوق(گاز يوق بولغاچقا) ئۆي سوغۇق بولسىمۇ ئالتە يىللىق ئەقىدە بەدىلگە قۇرغان بۇ ئاددىيغىنە كەپەمدە مۇھەببەت، خاتىرجەملىك جىسمىمنى ياق پۈتۈن ئائىلەمنى ئىللىق نۇرى بىلەن ئىسسىتماقتا ئىدى.
شۇنداق قىلىپ توردىن تۆت ئاي ئايرىلغان قۇتبىلىك پات ئارىدا ئەڭ سۆيۈملۈك دوستى بولغان تور بىلەن قايتا يۈز كۆرىشىدۇ، ھەم توردىكى قۇت بىلوگىغا ۋە قۇتبىلىكقا كۆڭۈل بۆلگەن قېرىنداشلىرنىڭ ئارسىغا قايتىپ كىلىدۇ، مۇشۇ تېما ئارقىلىق مەن مىنى قوللىغان، مىنى ئەيىپلىكەن، مەندىن ئۈمىدسىزلەنگەن، مىنىڭ غېمىمنى يەپ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن قۇت بلوگىنىڭ زىيارەتچىللىرىگە ۋە بارلىق دوستلىرىم ھەم ساۋاقداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر بىلەن بىللە بولۇش ھەقىقەتەن بىر خۇشاللىق ئىش، مەن بۇ خۇشاللىقتىن ۋاز كىچىشنى خالىمايمەن، قېنى سىلەر مىنىڭ يېقىن قېرىنداشلىرىم، ھىچ بىر قاراڭلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟(مۇشۇنداق بەلەن پاراڭلارنى قىلسام ئىنكاس يازماسلىققا يەنە نىمە باھانىڭىز بار؟)
مۇبارەك بولسۇن قۇتبىلىك، ئاللاھ ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ۋە خۇشال-خۇراملىق نىسىپ قىلسۇن !
ما ئىدەمنى… جىم تۇرۇۋىلىپ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋاپتا… يە قۇتبىلىكاخۇن، ھايىت دېسىلە ئاتۇش يىراق بولمىغاندىكىن بىزمۇ تويلىرىغا چىقىپ بىكارلىق پولۇ يەپ كىرەتۇق… سىنىپتىكى ئوغاۋاللىنى ئەچىقىپ تويدىن چاڭ چىقىرىۋىتىتىم مەن…خەپ جۇما!!!!
ھە .. مانا توي قىلا -قىلمايلا دادا بولىمەن دەپ بۇرۇتنى تولاپ تۇرماي… بىزمۇ با مەيەدە… بلوگنى يېزىۋەسە جۇما!!!
مىنڭغۇ تازا تولىغىم بار ئىدى، لىكىن ھېيىتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بوپ قالغاچقا قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ھېيتقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىدىكەن، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن پەقەت پەيزىۋاتتىكى بىرسىلا كىلەلىدى، باشقا ئورۇندا ئىشلەۋەتقان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھىچقايسى كىلەلمىدى، بەكمۇ بىر يامان چاغدا قىلىپ قالدىم، شۇڭا ئۆزرە ئېيتىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىنىم! ئاللاھ ئىگەم ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ۋە خۇشاللىق،ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق ئاتا قىلسۇن! ھازىرلا تېمىنى ئوقۇپ چىقىپ ئىنكاس يېزىشىم.ئاخىرى مەن بىلەن بىر سەپكە قېتىلىۋالدىڭىز ھە.مەن سىزنىڭ بىر ياراملىق كارىخانىچى بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتىم،بۇنىڭغا ھازىرچە ئامال يوق ئوخشايدۇ.بىراق ئوقوتقۇچىلىقمۇ ئەمىلىيەتتە ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەت.مانا ماڭىمۇ 10يىلدىن ئاشتى.تويىڭىزدا بىرگە تۇرۇپ،قىزىتىشىپ بىرەرمەن دىگەن ئويۇم بار ئىدى،ئەپسۇس مەن شىنجاڭدا بولماي قالدىم.شۇڭا سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.ئوقوتقۇچىلىق ھاياتىڭىزنى دەسلىپىدىلا ئەڭ ياخشى قەدەم بىلەن باشلاپسىز،سىزنىڭ خەلىقمىز پەرزەنتلىرى سۆيىدىغان مۇنەۋۋەر ئوقوتقۇچى بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.ئىنكاسنى مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي،خىزمەت ۋە ئائىلىنى دەپ بىلوگنى تاشلاپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!ئاللاھقا ئامانەت!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئاكا، كاماندروپكىڭىز بەلەن بولىۋاتامدۇ؟ چوڭ شەھەرلەر جاھان كىزىپ يۈرۋاتامسىز؟ سىز دىگەندەك مەنمۇ ھەم بىر كارخانىچى بوپ قالارمەن دىگەن ئىدىم، ئاللا ئىگەم تىنىچ ئامانلىقنى بەرسە بوپمۇ قالارمەن. بلوگ ئەمدى تاشلىنىپ قالمايدۇ، ئۆيگە تور ئەككىرىش رەسمىيتىنى بىجىرىپ قويدۇم، ئۆيگە تور كىرسە ئىنشائاللا ياخشى كۈنلەر باشلىنىپ كىتىدۇ.
مۇبارەك بولسۇن، سىزدەك ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك بولغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولار ئىدى.
جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئىشنىشىمىز كىرەك. بلوگىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ئىلىكترونلۇق ئۈسكىنىلەرنى ئېچىشقا قىزىقىدىغاندەك تۇرىسىز، ئاندرويىدنىڭ مۇشۇ ساھەگە چىتىلدىغان تەرەپلىرى مىنى بەكمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، بلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆرۈپ بېقىڭ، بەلكىم يېڭىچە ئىلھامغا ئىرىشىپ قالارسىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاۋال سىزنىڭ تويىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن مۇبارەك بولسۇن.
بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ سۈيۈندۈم ھەمدە شاگىرتلىرىمنى تەربىيەلەش توغرىسىدا بىر قىسىم نەرسىلەرنىمۇ ھىس قىلدىم .
ھەم مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قالسامكەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم
سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا ئاللاھتىن ئۇتۇق ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .
ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ئۆزىڭىزدەك ياخشى بىر ئادەم قىلىپ چىقىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەي.
تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە بەركەت بەرسۇن، قارىسام بلوگىمغا تۇنجى قېتىم كەلگەندەك قىلىسىز، قەدەم يەتتى بالا يەتمىسۇن، سىزدەك زىيارەتچىلەر بلوگىمدىن قەتئىي كەتمىسۇن، قەدىمىڭزىغا مۇبارەك بولسۇن!
مۇبارەك بولسۇن~!!!ئۇستاز سىزگە بەخىت تىلەيمەن،ئەمدى پات-پات چىقىپ تۇرىدىكەنسىز دە؟
قىسقىغىنە 4 ئاي ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپسىز، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن «مۇئەللىم»!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇتبىلىك ئىنىم جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن! ئالدى بىلەن ئوزىڭىزگە،ئاتا-ئانا،ئائىلە تاۋاباتىڭىز، قەۋمى-قىرىنداش، سىز بىلەن خوشاللىق-قايغۇلادا بىرگە بولغان دوس بۇرادەرلىرىڭىزگە ئاللاھتىن مەغپىرەت، ھىدايەت، ئىمان-ئىسلام مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن! خۇشمۇبارەك سىز بىلوگنى ‹تاشلاپ›كەتكەن بۇ جەرياندا ھاياتىڭىزدىكى چوڭ بۇرۇلۇش، يەنى مەھرۇم بولۇش-ئىرىشىش، ۋازكىچىش-تاللاش قاتارلىق مۇرەككەپ زىدىيەتلەنى بىشىڭىزدىن ئوتكۇزۇپ، ئاخىر مۇھەببەتلىك ئىللىق ئائىلە، ئۇزۇلمەس ئەۋلات، ئوزى جاپالىق ئەمما دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شەرەپلىك بولغان ‹ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى›ئۇستازلىق خىزمىتىگە ئىرىشىپسىز، ئاللاھ ئۈچۇن سىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن مۇبارەك بولسۇن! يۈكىڭىز داۋاملىق ئىغىرلايدۇ، سالامەتلىگىڭىزنى ياخشى ئاسراپ،ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن ھارمىغايسىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئالى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت، دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن، ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ھەم شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ياراتقان ئىگەم ھەممىمىزنى ۋەتەن خەلىق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە نىسىپ قىلسۇن، ئۆز ئارزۇيىمىز ۋە ئىتقادىمىز ئۈچۈن ئۈگۈنەلەيدىغان، تىرىشالايدىغان قىلسۇن! ھەممىمىزگە كۈچ-قۇۋەت، جاسارەت ئاتا قىلسۇن!
نەگە كەتتىكى دىسەم، ئەسلى خوتون تورغا ياماشقىلى قويماپتىكەندە
ئەمدى ياماشقىلى قويىۋاتىدۇ، ئەركىن سۆھبەتلەر ئۈزۈلمىگەي…
مۇبارەك بولسۇن، قۇتبىلىك ئەپەندى! ئاللاھ ئائىلىڭىزگە بەخت، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، ھەممىڭلارغا سالامەتلىك بەرسۇن!
مۇرشىدى ئەپەندى، ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت، دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن.
بۈگۈن ئۆيگە تورنى ئەكىرۋالدىم، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا مانا…ئەگەر ئاناتىلىمىزدا جاھاننىڭ ئىشلىرى توغرىسىدىكى قىزغىن مۇنازىرىلەردىن ھوزۇرلىناي دىسىڭىز ئالپ ئەپەندى قۇرغان مەسسىنجىر توپىغا كىرىڭ، كارامەت قىززىق گەپلەر بولىنىدۇ، كومپيۇتېر، تېلېفون ھەممە ساھەدە قىززىق پاراڭ بار.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.جامائەت سالامەتچىلك ….
ھاھاھا قىززىق پەيزىيييي پاراڭلار بوپكىتىپتۇ مانا،.
ھە ناتونۇش ئاغىنەم قۇتبىلىك ئاخۇن ئۆزلىرىنىڭ تويىغا مۇبارەك بولسۇن.
ئاۋۇ قىلىۋاتقان مىللەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەتلىرىگە مول نەتىىجىلەر يار بولسۇن،.
ھە راس ئاۋۇ 186 نومۇر ئۆزگىرەپ قالمايدىغاندۇ.؟ بىر بولسا پات ئارىدا ئاشۇ ئاتۇشقا بارىدىغاندەك قىلىمەن، سىلىنىڭ سىنىپتا بىر دەرىس ئاڭلاپ كىلەيمىكى .
سىنىوقا كىرگۈزەمسىلىيا؟
ئامان بول بۇرادەر!
رەخمەت كۆرەش سەتەڭ، سىلىنى سىنىپقا ئەكىرىپ راۋۇرۇس بىر دەرس ئۆتۈپ بەرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ، يازغان ياخشى تىلەكلىرىڭىزنىڭ پەش چىكىتلىرى جايىدا ئەمەس، ھەتتا بىر بىرىگە چاپلىشىپ قاپتۇ، تۈزىتىپ قويدۇم. ئاتۇشقا كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن. مىللەتپەرۋەر دەپ يوغان قالپاقنى كەيگۈزۈپ قويۇپ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالمايلى يەنە، مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنى بولمايدۇ دەپ ھىچكىم كىسىپ ئېيتالمايدۇ جۇمۇ!
ma seteng digen gep sel qamlashmidimu ya ghojoooom . hahaha
chaqchaq qa usta he sile…
ئوقۇتقۇچى…مېنىڭمۇ بولغۇم كەۋاتىدۇ
ھەي بەگ يالغان گەپ قىلما بولامدا…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم…ماۋۇ ماقالەڭنى ئۇقۇپ ناھايتى ھاياجانلىنىپ كېتىپ بارىمە…بۇلۇپمۇ مەكتەپتىكى قىلغان ئىشلىرىڭ ناھايتى ئېسىل بوپتۇ…ياخشى بىر ئوقوتقۇچى بوپسەن …مانا توينىمۇ قىلىۋالدىڭ…ئىشلىرىڭ ئاسان بوسۇن..
كۆپ رەخمەت ئاداش، سەندەك ساۋاقداشلىرىمنىڭ بولغانلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخىت، ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار ماڭا نەدە تۇرۇپتۇ بۇنداق بەخىت. ئالىي مەكتەپتىكى ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمنى بەك سېغىندىم، بولسا تەتىلىدە يوقلاپ كەلسەڭلار بوپتىكەن، ماۋۇ مازار ئۆينى بىر بازار قىلۋەتسەك، نەنسەندە ئۆينىغان DJ لارنى قايتا ئوينىساقمۇ يارشىۋىرەتتى ھازىر… قانداق بالىلارنى باشلاپ بىر كەلمەمسەن؟ ماۋۇ خوتون لەڭمەن بىلەن پولوغا بەك ئۇستا چىقىپ قالدى، ئەتكەن تامىقىغا ئېغىز تىگىپ كەتسەڭلار پەچەت بولاتتىدە …
چۇقۇم بارىمەن ئاداش،گەرچە تويۇڭ ئۆتۆپ بولغان بولسىمۇ مۇبارەكلىگىلى بارىمەن. لەڭمەن بىلەن پولونى چۇقۇم يەيمىز، يىمەي بولمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مۇبارەك بولسۇن قۇتبىلىك بۇرادەر ! ئاللاھ ئائىلىڭىزگە ئاسايىشلىقنى بەسۇن ! قۇتبىلىك qq توپىدا خېلى پاراڭلىشاتتۇق ،كىيىن qq غا قېتىپ خەت يازسام گەپ يوق ،ئىشىلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !
يائاللا ،نەگە يوقاپ كەتتى دېسەم مۇنداق ئىشلار بولدى دە .مۇبارەك بولسۇن .بېشىڭلارنىڭ باش ئايىقڭلارنىڭ تاش بولۇپ كېتشنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن .
مەن بەختىيار ،پېداگوگىكا ئۇنىۋىرستىدىكى .