Sony Ericsson خېلى بۇرۇنلا ئاندرويىد تېلېفون ساھەسىگە كىرگەن شىركەتلەرنىڭ بىرى، Sony Ericsson يېقىندا ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقارغان ئاندرويىد تېلېفونلارنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 4-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىگە بولغان مەزگىلدە Xperia™ arc S، Xperia™ neo V، Xperia™ ray قاتارلىق تېلېفونلىرىنىڭ نەشىرىنى 4.0 گە كۆتۈردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە Xperia™ arc ،Xperia™ PLAY ،Xperia™ neo ،Xperia™ mini 和 mini pro ،Xperia™ pro ،Xperia™ active ھەم Sony Ericsson Live with Walkman™ قاتارلىق تېلېفونلارمۇ يېڭىلىنىشى مومكىن ئىكەن. ئەلۋەتتە Sony Ericsson بۇ تېلېفونلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭىلاپ بولالماسلىقى مومكىن، لىكىن بىز Sony Ericsson نىڭ ئورگان تەرەپ بلكىتىدىن يېڭىلىنىش ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولۇپ تۇرالايدىكەنمىز. ئورگان تەرەپ بلوگى Sony Ericsson
2010-يىلى 3-ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 4-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىگە بولغان مەزگىلدە . . .
———–
مەن بۇ ئىنكاسنى يازغان ۋاقىت 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، پەيشەنبە.
ھا ھا مائىشنى كۆرۈڭ. تۈزىتىپ قوياي، ئەتتىگەن ئۇيقىلىقتا تېما يوللىسا مۇشۇنداق بولىدۇ زادى…
قۇت بىلوگ ئەپەندى مىنىڭ تىلفۇنۇم x10mini بولۇپ پەقەسلا روم تاپالمىدىم تاپقان ھالەتتىمۇ رومنى قاچىلىيالمىدىم مۇشۇنىڭ توغۇرلۇق تىمى ۋە سۇرەتلىك دەرىسلەرنى كۆرگەن بولساممۇ لىكىن قىلالمىدىم ماڭا ياردەم قىلىپ بىر روم قاچىلىشىپ بەرگەن بولسىڭىز
ئالىپ تورىدا مۇشۇ تېلېفوننىڭ ئۇيغۇرچە رومى تارقىتىلغانغۇ دەيمەن، سىز ئالىپ تورىنىڭ سونىي ئېرىكسون تارمىقىنى بىر كۆرۈپ چىقامسىز؟ ياردىمى تىگىپ قالار…