چ چ نىڭ پەد نۇسخىسى ئەمدىلا چىقىشىغا توردا ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر سىن تارقالدى، ئۇ بولسىمۇ Fring ئالاقە قۇرالىنىڭ كۆپ كىشلىك سىن پاراڭ ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈش.
Fring ھەققىقىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسەك، ئۇ بىر كۆچمە VoIP مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان دىتال بولۇپ، خەت ئالاقە قىلغىلى، ئۈن پاراڭ، ۋە سىن پاراڭ قىلغىنى بولدىغان، باشقا ئالاقە مۇلازىمەتلىرىنى قوللايدىغان(مەسىلەن: سىكايپى، گىتالىك…)، 3گ، ۋايفاي، EDGE ۋە GPRS لەر ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئالاقە قۇرالى.
بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا Fring دىتالىنىڭ ئايفون ۋە ئاندرويىد نۇسخىللىرىغا كۆپ كىشلىك سىن پاراڭ ئىقتىدارى قېتىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاندرويىد ئۈستىدىكى تۇنجى كۆپ كىشلىك سىن پاراڭ دىتالى بوپ قالغان.
ھازىر بۇ دىتال سىناق ھالەتتە بولۇپ ماۋۇ يەردىن (بۇ ئادىرىسقا تامدىن ئاتلاپ چىقىدىغاندەك تۇرىسىز)سىناق ئىشلىتىش ئىلتىماسى قىلالايسىز، دىتالنى گوگېلنىڭ ئاندرويىد دىتال بازىرىدىن چۈشۈرىمىز، ئورنى: ئاندرويىد بازىرى
تۈۋەندە بىز مەزكۇر دىتال چۈشەندۈرۈلگەن قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ ئۆتىلى.