ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇنىۋېرسال> مەزمۇنى
2011-يىلى قايسى خىلدىكى تور بەت قۇرسا ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ
2011-يىلى03-ئاينىڭ15-كۈنى ئۇنىۋېرسال 3دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 2,123+

Cnnic نىڭ ئەڭ يىڭى ئېلان قىلغان 27-قېتىملىق جوڭگۇ ئېنترنىت تور تەرەققىيات ھالىتى سىتاستىكىسى مەلۇماتىدا ،مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ بەلباغ تور ئابونىتى 450مىليونغا يەتكەن. روشەنكى ،ئىنتېرنىت تورى خۇددى مەملىكىتىمىز  توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپقا ئۇخشاش،  پۇتۇن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇمىي خەلىققە تېز سۇرئەتتە ئومۇملاشتى. مەلۇماتتا يەنە كەلگۇسى بىرقانچە يىلدا ئېنتىرنىت ئابونىتى كۆرنەرلىك ھالدا كەڭ كۆلەملىك  ئىشىش ۋەزىيتىنى شەكىللەندۇرىدۇ .

中国网络广告1

ھەقىقەتەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 1مىليارد 300 مىليون . ھازىرقى تور ئابۇنتى سانى ئاران 3دە بىر ئۈلۈشنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭلاشقا تەرەققىيات بوشلۇق بەك چوڭ . شۇڭا توردىن پۇل تېپىش ياكى تور ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلەش  بۇندىن كىيىنكى  كۆپ كىشلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىدۇر .

2011021435407685

كۆپ ساندىكى كىشلەرگە نىسبەتەن ئېتقاندا ، تېز سۆرئەتتە ئېنتىرنىت  توردىن پول تېپىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بۇلسا ئۆزىنىڭ تور بېتى بۇلۇش ھەمدە شۇ تور بەت ئارقىلىق پۇل تېپىش پىلانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش .

بۈگۈن بىز 2011- يىلى قانداق تور بەت ئارقىلىق پۇلنى كۆپ تاپقىلى  بۇلدىغانلىقى ئۈستىدە  پاراڭ قىلايلى .

1- مۇستەقىل مال مەنبەسى ، B2C مۇستەقىل سودا شەھەرچىسى تور بېتى بۇلۇش

1615065727

مۇستەقىل مال مەنبەسى ئىنتايىن مۇھىم ،بۇ سىزنىڭ كۆپ پايدىغا ئىرىشىدىغان ۋە مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغان مۇھىم ھالقىڭىزدۇر . ئەگەر  سىز مەلۇم مەھسۇلاتلارنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىڭىز ،مەھسۇلاتلار مەيلى سۈپەت ۋە ياكى باشقا جايلاردا ياخشى بولسا، ئۇ چاغدا سىز بىر تۇركۇم پايدىغا ئىرىشكەن بۇلىسىز ھەمدە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالايسىز .روناق تاپىسىز ، ناچار ،ساختا سودىدىن ھەزەر ئەيلەڭ .

مەسلەن :  ھازىرقى بىر قىسىم ئۇرۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرى ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بولسۇن ھەممىسى(چاپلانما ماركا ) بولاقنى ئالماشتۇرغان مەھسۇلاتلاردۇر ،توردىن ئىككىنىچى بىرنى تاپقىلى بولمايدۇ،شۇڭا بۇ خىل مەھسۇلاتلار  ئىستىمالچىلارنى ئالداپ قۇيىدۇ . بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى نەچچە يۇۋەن ، ئەمما سېتىلىش باھاسى نەچچە يۈز يۇۋەن بۇلىدۇ.  سزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىمۇ نەچچە  ھەسسە قاتلىنىدۇ . ئەمما بۇخىل سودىنىڭ داۋامىلىشىشى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىڭىز پالتا چاپقان بۇلىسىز ، شۇڭا ئەڭ ياخشى تەييارلىق بىلەن ئىش باشلاڭ .

2-  تور بېتىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ تېخنىكىسىنى سېتىڭ

1614416121

.تېخنىكا سېتىش دىگىنىمىز  مىنىڭچە ئەڭ ياخشى پول تېپىش ئۇسۇلىدۇر ، چۇنكى بۇخىل ئۇسۇلىنىڭ تەننەرخى 0 بۇلىدۇ، سىزنىڭ تېخنىكىڭىز ياخشى بولسىلا،  كىشلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشقان بولسىلا ئۇنداقتا سېتىلىشتىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. مەسلەن پۇل تېپىش تېخنىكىسى،  تور بەت تېخنىكىسى دىگەندەك … ياخشى ئويلاڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلىدۇرۇڭ ،ئاۋۋال تېخنىكا ئىزدەڭ ئاندىن قاچىلاڭ ،ياكى بولمىسا باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى كۆچۈرۇپ ئوخشاش ئورىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ (تىڭشۇن ،360 شىركەتلىرگە ئوخشاش ).

3- ئۆلكە رايۇن ئىچىدىكى كەسپى تور بىكەت ئارقىلىق پۇل تېپىش

37541839_7

بۇ كۆپ ساندىكى تور بىكەت باشلىقلىرىنىڭ توردىن پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ بىرىدۇر، بۇخىل ئۇسۇل چۇقۇم ئۆز رايۇنىنىڭ ئالاھىدلىكىگە ئاساسەن، مەلۇم كەسىنى تاللاپ ئىشلەش ، مەسلەن شىنجاڭنى مىسالغا ئالساق شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەنبەسى ناھايىتى ياخشى ،شۇڭا مەن ساياھەت يىتەكچى تور بېتى قۇرسام بۇلىدۇ، يەنە شۇنىڭدەك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزنىڭ مىللى ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئۆزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن دىگەندەك .

ئىسىڭىزدە بولسۇن كەسپى تور بىكەتتە چۇقۇم(رايۇن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئەڭ مۇكەممەل  كەسپى توربىكەت ئىشلەش )دىگەندك بىر نىشان ۋ ەئەقىدە بۇلۇشى كېرەك،چۇنكى بۇ كەسىپنى پەقەت سىزلا ئىشلىگەن بولماسلىقىڭىز مۇمكىن ،نۇرغۇنلىغان كىشلەر سىزدىن بۇرۇن ئىشلىگەن بۇلۇشى ئېنىق . شۇڭا سىز ئەڭ ئالدىدا بۇلىشىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرشىڭىز كېرەك .

4-كۆچمە ئالاقە كەسپى تور بىكىتى ئارقىلىق پۇل تېپىش

05 img201005141230533 200910717413975049

كۆچمە ئالاقە ئىشلىرىدا يانفۇن بولمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ھازىر ھەممە ئادەمدە دىگۇدك يانفۇن بار، شۇڭا يانفۇن ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئابونىتلار كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تېخىمۇ كۆپىيشى مۇمكىن ، بۇلۇپمۇ 3G、4G يانفۇنلىرىنىڭ بازارغا كىرشى ،ھەمدە يانفۇن ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ،ئېنتىرنىتىكى ئابۇنتلار  تىزلىكتە كومپىيوتىردىن يانفۇنغا يۆتكىلىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن  يانفۇن تور بەتلىرى ئەڭ ياخشى پۇل تاپقىلى بۇلىدىغان قىزىزق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ،

مەسلەن : يانفۇن مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سېستىمىسى ،يانفۇندا مال سېتىۋىلىش ، يانفۇندا  توردىن چۈشۈرۈش دىگەندەك يانفۇن تۈردىكى بىكەتلەر بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ياخشى بولغان پۇل تېپىش تاللىشىدۇر.

5-بىكەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ شەخس ماركىڭىزنىڭ يارتىڭ ئاندىن تەربىيلەش ئېلىپ بېرىڭ.

xin_09210032315344843078615 2006110315492996581

بۇخىل ئۇسۇل ئۇزۇن مەزگىل توردا كىرىم قىلىش پىلانىدۇر،ئەگەر سىزدە كەسپى تېخنىكا ئارتۇقچىلىقىڭىز بولسا ،ئۇنداقتا تورىڭىزنىڭ كەڭ يېيىپ بېلىق تۇتۇڭ،بۇدىگەنلىك يەنى ئۆزىڭىز تور بىكەت ياكى بىلۇگ قۇرۇڭ ھەمدە ئاۋۋال داڭلىق شەخس ماركىڭىزنى يارتىڭ ئاندىن  توردىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ تەربىيلەڭ.تورنىڭ ئوموملىشىشى ، ئەنئەنىۋى شەكىلىدىكى تەربىيلەشنى توردا تەربىيلەشكە يۆتكەپ كەلدى . چۇنكى توردا تەربىيلەش ،ۋاقىت، ئورۇن، سەرپىياتى مۇۋاپىق ،ناھايىتى ئەركىن . شۇڭا بۇخىل ئۇسۇلى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشڭىز بولغۇسى.

يۇقىردا  توربىكەت قۇرۇپ پۇل تېپىشنىڭ بەش خىل ئۇسۇلىنى خۇلاسىلىدۇق، ئەلبەتتە  توردا پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ، نۆۋەتتىكى تورنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا،ئاز بولغاندىمۇ  يۇقىردىكى بەش خىل ئۇسۇلىنى ئالدىن ئويلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

无觅相关文章插件,快速提升流量

【 ئالدىنقى يازما 】
【 كېيىنكى يازما 】

نۆۋەتتە 3 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە

  1. Ghenibay : 2011-يىلى03-ئاينىڭ28-كۈنى16:59:50  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تور دۇككان ئېچىش كەم قالدىمۇ قانداق؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى03-ئاينىڭ29-كۈنى04:29:15 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      برىنجى تۈر : B2C مۇستەقىل سودا شەھەرچىسى تور بېتى بۇلۇش ، مۇشۇ توردۇككان ئېچىش ئەمەسمۇ؟

      • Ghenibay : 2011-يىلى03-ئاينىڭ29-كۈنى11:26:13 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە… مەن بىرىنچى تۈرنى سودا ھەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىكەت دەپ چۈشىنىپ قاپتىمەن.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟