ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >قۇتبىلىك> مەزمۇنى
قۇت بلوگ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
2011-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى قۇتبىلىك 6دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,272+

قۇت بلوگ سۆزنىڭ مەنىسى

قۇت بلوگ- قۇت ۋە بلوگ سۆزىنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ قۇت دىگەن سۆز ھازىرقى زامان تىلىمىزدا بەخت سۆزىگە توغرا كىلىدۇ، بلوگ سۆزنى چۈشەندۈرمىسەممۇ ھەممىگە ئايان، قوشۇپ كەلسەك مەنىسى بەختلىك بلوگ، بەخىت بار بلوگ دىگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ.

قۇت بلوگنىڭ تۇغى ھەققىدە

قۇت بلوگ تېخى مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچىدا بولغاچقا خاسلىقىمىزنى يۇرتۇپ بىرەلىگىدەك تۇغ ياساشقا ئالدىرمىدۇق، ۋاقتىنچە بەت ئۈستىدىكى ئاددىيغىنە تۇغنى ئىشلىتىۋاتىمىز، ئىلھام كەلگەندە خاسلىقىمىز گەۋدىلەندۈرۈپ ئىجادى بولغان توغدىن بىرنى ياساپ ئورنىتىمىز.

قۇت بلوگنىڭ يازارمەنلىرى

قۇت بلوگ كۆرۈنۈشكە بىر ئادەم ماڭدۇرۋاتقان بلوگدەك كۆرۈنسىمۇ لىكىن بلوگ ئۈچۈن ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىۋاتقان كىشى تۆت نەپەر بولۇپ، مەن (قۇتبىلىك)، M ++ئەپەندى، MX ئەپەندى، ۋە ئېلىكتىر چەۋاندار ئەپەندىن ئىبارەت. گەرچە بىزنىڭ يېشىمىز، يۇرتىمىز، ئوقۇش تارىخىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ بىز ئورتاق نىشان ئۈچۈن قۇت بلوگ ئاستىغا ئويۇشتۇق.

تۈەندە قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتسەم:

قۇتبىلىك- شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ بۇيىل ئوقۇش پۇتتۇردىغان ئوقۇغۇچىسى، كەسپى كومپيۇتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى، ئاتۇشتىن.

M++ - شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگىنى ئۈچ يىل بولغان ئوقۇغۇچىسى، كەسپىي كومپيۇتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى، ئوقۇتقۇچى، كورلىدىن.

MX - ئوقۇش تارىخى ھازىرچە نامەلۇم(كىيىن تولۇقلىنىدۇ)، 3D نى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگۈچى ھەۋەسكار ۋە 2D،3D لايىھىلىگۈچى، ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئىگلىك تىكلىگۈچى، كورلىدىن.

ئېلىكتىر چەۋاندار -ئوقۇش تارىخى ھازىرچە نامەلۇم(كىيىن تولۇقلىنىدۇ)، مائارىپ ئوتىدا كۆيىۋاتقان بىر شام شۇنداقلا ئاندرويىد ھەۋەسكارى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، قەشقەردىن.

تونۇشتۇرۇش ھازىرغىچە مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرۇسۇن، كىينچە پۇرسەت بولسا يازارمەنلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى توختىلىمەن.

قۇت بلوگنىڭ تېما دائىرىسى

قۇت بلوگنىڭ تېما دائىرىسى قۇت بلوگ يازارمەنلىرىنىڭ قىزقىشىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى پروگرامما تۈزۈش، ئاندرويىد، تور بىلىملىرى ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش ھەققىدىكى تېمىلار يېزىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئازساندا يازارمەنلىرىمىزنىڭ شەخسى دۇنياسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىر قىسىم كۆز قارش ۋە تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرغا قويىلىدۇ.

قۇت بلوگغا تېما يوللىنىش ۋاقتى

يۇقاردا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك يازارمەنلىرىمىزنىڭ بىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى، ئىككىسى ئوقۇتقۇچى، بىرى تىجارەتچى بولغاچقا مۇقۇم، ئىزچىل تېما يوللاش ۋاقتى مەۋجۇد ئەمەس، يازارمەنلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ قوللىرى بىكار بولغان ھامان، كومپيۇتېر ئالدىغا يېنىپ كىلىپ بلوگىمىزنىڭ ئەزىز زىيارەتچىللىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

قۇت بلوگنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

گەرچە قۇت بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىپ توربەتلەردە ئېلان بىرىلمىگەن بولسىمۇ كۈنلۈك IP سانى 25 ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ، بەت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تېمىلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ رەسمىي ئېلان قىلساق زىيارەتچىللىرىمىزنىڭ ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

قۇت بلوگنىڭ قۇرۇلمىسى

قۇت بلوگ ھازىرچە WordPress ئاساسىغا قۇرۇلغان بلوگ ۋە PHPSay-Microblog ئۈستىگە قۇرۇلغان مىكرو بلوگدىن تەشكىل تاپقان، بلوگدا نادىر تېمىلار تورداشلارغا سۇنىلىدۇ، مىكرو بلوگىغايازارمەنلىرىمىزنىڭ ھىس تۇيغۇسى ۋە شەخشى پاراڭلىرى يېزىلىدۇ.

بلوگ ئادىرىسى : ../

مىكروبلوگ ئادىرىسى: ../t

قۇت بلوگنىڭ مەقسىدى

يىللىق پىلان قۇت بلوگنى قۇرۇلما ۋە مەزمۇن جەھەتتە ياخشىلاپ ئوخشاش ساھە، ئوخشاش كۆزقارشتىكى دوستلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە بىرلىكتە ئىلگىرلەشكە ئاساس سېلىش، قۇت بلوگنى تورداشلارغا بىلدۈرۈش.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 6 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 3 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 3 دانە

  1. ئۇيغۇربەگ : 2011-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى07:37:52  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئاخىرى بىر تۇرايىڭىز ھازىر بولدى،قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى08:08:48 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      رەخمەت ئاداش، سەن ماۋۇ ۋوردپرېسنىڭ ئۇستىسى بولغاندىكىن پات-پات كىلىپ يوقلاپ پىكىر تەلەپلەرنى بىرىپ تۇر بولامدۇ؟

  2. ئېلىكتېر چەۋەنداز : 2011-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى14:53:49  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    قۇتبىلىك ئىنىم،بىلوگىمىز ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز تولىمۇ مىغىزلىق بوپتۇ.«ئاللاھ» خالىسا بىلوگىمىزنى داڭلىق كەسپى بىلوگ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى!يەنە شۇنداقلا ئوخشاش نىيەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بىلوگىمىز تۇغى ئاستىغا يىغايلى!

  3. كۆكتېكىن : 2011-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى06:56:24  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۈمىدلەن! دىن سىزلەرگە سالام! ئۈمىدلەن! ئۇشبۇ بىلوگنى ئۇلانمىلارغا قاتتى، ئەگەر ئۈمىدلەن! سىزلەرگە يارىسا، مۇمكىن بولسا سىزلەرمۇ ئۈمىدلەن! نى ئۇلىنىشقا قېتىپ قويسىڭىزلەر، رەھمەت! ئۈمىدلەن! ئادرېسى: http://www.umidlen.com/

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى09:49:54 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۈندەش بەلگىسىگە ھەجەپ ئامراق ئىكەنسىز ھە؟ ئۇلانما قىلىپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت، مەنمۇ قېتىپ قوياي.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟