ئاندرويىد تېلېفونلارنىڭ باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردىن پەرىقلىنىدىغان يەنە بىر روشەن پەرقى شۇكى بۇ خىل تېلېفونلارغا سىستېما قاچىلاش خۇددىي كومپيۇتېرغا گوست سىستېمىنى يەشكەندەكلا ئاسان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سىز پەقەت يېڭىلاش بولىقىنى س د كارتىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويۇپ يېڭىلاش دىگەن ئورۇننى باسسىڭىزلا ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سىستېما قاچىلاش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.
سىستېما قاچىلاپ باققان دوستلارغا ئايانكى توردا تەمىنلەنگەن روملارنىڭ ئىچىدە بىز ياقتۇرمايدىغان ياكى پەقەتلا ئىشلەتمەيدىغان بىر قىسىم دىتاللار بولۇپ بۇ دىتاللارنى سىستېما قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئالاھىدە قۇراللار بىلەن ئۆچۈرمىسە ئۆچۈرگىنى بولمايدۇ، يەنە بۇ روملارنىڭ ئىچىدە بىزگە لازىملىق بولغان دىتاللارمۇ يوق، مەسىلەن: ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، ئۇيغۇرچىلاشقان ھەرخىل دىتاللار دىگەندەك، ئەگەر بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان دىتاللار مۇجەسسەم بولغان روم دىن بىرنى ياسىۋالساق سىستېما بۇزۇلغان ياكى بەك ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ھىس قىلغان پەيتلىرىمىزدە مۇشۇ سىستېمىنى قاچىلىۋەتسەك بەك قولاي بولىدۇ. شۇڭا بۈگۈن مەن دوستلارغا روم ياساش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن.(بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان روم ياساش ئۇسۇلى تەييار باربولغان رومنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىدا ياسىلىدۇ، شۇڭا تېلېفونىڭىزغا چۈشىدىغان، نورمال قاچىلانغان، سىناقتىن ئۆتكەن رومدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىڭ).
1-رومنىڭ تۈزىلىشى
روم ھۆججىتى ئادەتتە زىپ ھالەتتە پىرىسلانغان ھۆججەت بولۇپ ۋىنرار ئارقىلىق يەشكەندە غول مۇندەرىجە ئىچىدە بىر قانچە ھۆججەت ۋە مۇندەرىجە كۆرىنىدۇ.system مۇندەرىجىسى ئىچىدە ئاندرويىد سىستېمىسىنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى fonts دىگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە سىستېمىنىڭ بارلىق خەت نۇسخىللىرى قاچىلانغان. يەنە app ناملىق بىر ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ بۇ قىسقۇچ ئىچىدە ئاندرويىدنىڭ ئىچىگە قاچىلىنىدىغان بارلىق قوللىنىلىشچان دىتاللار قاچىلانغان.
يەنە framework دەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە framework-res.apk دىگەن بىر ھۆججەت بار(بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەر بار بولۇپ بىزنىڭ روم ياسىشىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولغاچقا چۈشەندۈرۈش بىرىلمىدى).META-INF مۇندەرجىسى ئىچىدە بىرقانچە ھۆججەت بار بولۇپ بۇ ئىمزا ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان ئورۇن.
boot.img ھۆججىتى بولسا ئاندرويىد تېلېفونىڭىزنىڭ قاتتىق دىتال قوزغاتقۇچلىرى قاچىلانغان بولاق بولۇپ، بۇنىڭغا ئادەتتىكى ئەھۋالدا تەھرىرلىگىنى بولمايدۇ.
2-روم تەھرىرلەش
1.ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش
بىز system مۇندەرجىسى ئىچىدىكى fonts نىڭ ئىچىگە بىز ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلايمىز، 2.1 دىن تۈۋەن بولغان سىستېمىلاغا ئۇيغۇرچە قېتىلغان DroidSansFallback.ttf خەت نۇسخىسىنى قاپلاپ كۆچۈرۋەتسەكلا كۇپايە. ئەگەر 2.1 دىن يۇقىرى نەشىر بولسا ئۇيغۇرچە قېتىلغان DroidSansArabic.ttf خەت نۇسخىسىنى قاپلاپ كۆچۈرسەتسەكلا كۇپايە.
2.دىتاللارنى رەتلەش
بىز system ئىچىدىكى app ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە كىرىپ قاراپ باقىمىز، مۇشۇ يەردە ئەگەر بىزياقتۇرمايدىغان ياكى ئىشلەتمەيدىغان دىتاللار بولسا ئۆچۈرۋېتىمىز، بىز ياقتۇردىغان، دائىم ئىشلىتىدىغان دىتاللارنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كىلىمىز(كۆچۈرۈپ كەلگەن دىتاللارنىڭ ئىسمى چوقۇم ئېنگىلىزچە ھەرىپ ھالەتتە بولسۇن، خاتالىق چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن)، دىققەت قىلدىغان ئىش شۇكى ئاندرويىدنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم بولغان سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ سالماڭ، ئۆچۈرمەكچى بولغان دىتالىڭىزنىڭ قايسى دىتال ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئاندىن تازلاش ئېلىپ بېرىڭ، قارىغۇلارچە تازلاش ئېلىپ بېرىپ ياسىغان رومنى نورمال ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويماڭ.
3.ئاندرويىد قوزغالغاندا چىقىدىغان Android دىگەن خەت بار رەسىمنى ئۆزگەرتىش
system قىسقۇچى ئىچىدىكى framework نىڭ ئىچىدىكى framework-res.apk ھۆججەتنى ئايرىم بىر ئورۇنغا ئېلىپ چىقىپ ۋىنرار دىتالى ئارقىلىق يىشىمىز، ئاندىن ئىچىگە كىرىپ assets دىگەن قىسقۇچ ئىچىدىكى images نىڭ ئىچىگە كىرىمىز، ئىچىدىكى android-logo-mask.png دىگەن رەسىم ھۆججىتىنى ئۆزىمىز خالىغان ئوخشاش چوڭلۇق ۋە فورماتتىكى رەسىمگە ئالماشتۇرىمىز.
رەسىم ئالمىشىپ بولغاندىن كىيىن بىز يەشكەن بۇ قىسقۇچ (framework-res)نىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ كۆرۈنگەن بەش دانە ھۆججەت ۋە قىسقۇچىنى تاللاپ تۇرۇپ ۋىنرار ئارقىلىق پىرىسلايمىز، پىرىسلىغان ۋاقىتتا رار ھالەتتە ئەمەس بەلكى زىپ ھالەتتە پىرىسلايمىز.پىرىلاش ئاخىرلاشقاندا بىز قۇتبىلىك ئىمزا قويۇش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ ئىمزا قويىمىز، ئاندىن ئىسمىنى framework-res.apk گە ئۆزگەرتىپ system نىڭ ئىچىدىكى framework قىسقۇچ ئىچىگە قاپلاپ كۆچۈرىمىز.
تېلېفون قوزغالدا چىقىدىغان كۆرۈنۈش
3.رومنى بولاقلاش
يۇقارقى جەريانلارنىڭ ھەممىسى تاماملانغاندىن كىيىن بىز يەشكەن روم ھۆججىتىمىز بار قىسقۇچ ئىچىگە كىرىپ يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىككى ھۆججەت قىسقۇچ ۋە بىر دانە boot.img ھۆججىتىنى تاللاپ تۇرۇپ زىپ ھالەتتە پىرىسلايمىز.پىرىسلاش ئاخىرلاشقاندا بىز قۇتبىلىك ئىمزا قويۇش قۇرالى ئارقىلىق ئىمزا قويىمىز، ئىمزا قويغاندا بىز تەييار قىلغان Update.zip دىگەن ھۆججەتنى ئىمزا قويۇش قۇرالى بار ئورۇنغا قويۇپ ئىسمىنى qutblog.apk قىلىپ ئۆزگەرتىپ، باشلاش دىگەن ھۆججەتنى قوزغىتىمىز، ھاسىل بولغان qutblog_signed.apk دىگەن ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى Update.zip قا ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ.
دىققەت قىلدىغان ئىشلار:بەزى روملاردا بەزى قوللىنىلىشچان دىتالار رومنى يەشكەندىكى غول مۇندەرىجىدىكى data ئىچىدىكى APP ناملىق قىسقۇچ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئەگەر بۇيەردە ئەخلەت دىتاللار بولسا ئۈچۈرۋېتىپ، لازىملىق دىتاللارنى مۇشۇ ئورۇنغا كۆچۈرۈپ قويساقمۇ بولىدۇ.update.zipناملىق ھۆججەتنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىز نورمال سىستېما يېڭىلاش تەرتىبى بويىچە سىستېما يېڭىلاش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ، لىكىن بىرەر قېتىممۇ سىستېما قاچىلاپ باقمىغان دوستلار بولسا ئەڭ ياخشىسى بۇ مەشغۇلاتنى قىلماڭ، تېلېفونىڭىز كېسەككە ئايلىنىپ قالسا ئۇ چاغدا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ.يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغان قۇتبىلىك ئىمزا قويۇش دىتالى ۋە ئۇيغۇرچە قېتىلغان ئاندرويىد خەت نۇسخىللىرى ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق چ چ توپى(147414066)نىڭ بوشلىقىدا.
يۇقارقى مەشغۇلات HTC G1 تېلېفوندا تەجىرىبە قىلىنىپ مۇۋەپىقيەتلىك بولدى، نەزىرىيە جەھەتتىن بارلىق ئاندرويىد تېلېفونلارغا ماس كىلىدۇ، ئەگەر ماس كەلمەسلىك ۋە بىنورماللىق كۆرۈلسە ئەمەلىي ئەھۋالغا بېقىپ مەشغۇلات تەرتىپىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە بولىدۇ.
update.zipئىچىدە قايسى ھۆججەتلەر بولۇشى كىرەك؟
boot.img ystem, META-INF دىگەندەك بىر قانچە ھۆججەت بار.
بولسا بىر تىرىشىپ ئۇيغۇرچە romنى تىزراق مەيدانغا كەلتۈرەيلى
شۇنداق، ئۇيغۇرچە رومدىن بىرنى ياسايدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالدى، تەييارلىقلار ئاستا ئاستا بولىۋاتىدۇ.
ھورمەتلىك تېما ئگىسىگەمەندە ئاندىرئد2.1سېستىمىلق تېلغۇندىن بىرسى بارئىدى قايسى كۇنى بىرتېمىدا سېستىمىدىكى ھرتۇق ھوججەتنى يۇيىۋتىدىغائامالنى كورۇپسىناپ باققان ئىدىم ئەپسۇس تېلغۇنۇم كاردىن چىقتى
com.andirold .phone دەپ چىقىۋالدى ياردەم قىلغان بولسىڭىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مېنىڭ LG P503، ئاندروئىد2.2 ئىدى ، ئالىپ ئەپەندى ياسىغان فونتنى قاچىلغان ئىدىم ، لېكىن بىر قىسىم مەسىلىلەر مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى ، يەنى ئېكران قۇلۇپلانغان ھالەتتىكى ، ئاندىن تىزىملىك ، سىيرىلما ئىچىدىكى ۋە بۇلۇڭدىكى بەزى خەنچە ھەرىپلەر كاتەكچە چىقىۋالدى … باشقا يەردىكى خەتلەر نورمال ، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز . ئاندىن مېنىڭ بۇ تېلفونىمغا ماس كېلىدىغان رومنى تاپقىلى بولارمۇ ؟ 2.3 نى ،
تەتىل بولۇپ قالدى ، ئىمتىھانلارنى بېرىپ بولالمىغانسىز ، ئاۋارە قىلدىم . ئىمتىھانلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى تېلفوننىڭ ئۆزى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟
شۇ رومنى قانداق قاچىلايمىز نىنىشقا گەپنىڭ بېشى بېشى بار ئاخىرى يوق ھەممە يەردە شۇنداقكەن يا بىلىدىغانلار يوقمۇ؟؟؟؟؟؟
بۇيەردە روم ياساش سۆزلەنگەن، قاچىلاش باشقا مەزمۇنلاردا سۆزلەنگەن، باشقا تېمىلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.(تېلېفوننىڭ تىپىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ)
ئەسسەلامۇ – ئەلەيكۇم قېرېندىشىم سىز بۇ يازمىڭىزدا ناھايتى ياخشى سۇزلەپسىز ئەمما سىز دىگەن ئىمزا قۇيۇش دىتالىنى يۇللىماپسىز مۇمكىن بولسا مەن سىزگە توردىن چۈشۈرگەن روت ھۆججىتىنى يۇللاپ بەسەم سىز ماڭا قاچىلىغىلى بۇلۇدىغان قىلىپ يۇللاپ بەرسىڭىز ، ياكى بولمىسا سىز تىلغا ئالغان ئىمزا قۇيۇش دىتالىنى ئېلخەت ئادرىسىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز.مەن چاچىلىيالماسلىقىمدىكى سەۋەب بۇ مەن چۈشۈرگەن دىتال زىپ شەكىلدىكەن قانداق قىلىپ تېلپۇن قۇللايدىغان شەكىلگە ئەكىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن ، سىزدىن اللە رازى بولسۇن .turuk007@126.com
ئىمزا قويۇش دىتالىنى ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق چ چ توپىنىڭ بوشلىقىدىن ياكى قۇتيار تورىنىڭ دىتال چۈشۈرۈش بىتىدىن تاپالايسىز.
ئۇيغۇرچە روم ياسساشنى تەۋسىيە قىلغان بولسڭىز
ئۇيغۇرچە روم ياساشنى نىمە دىسەك بولدىكىن، يادروسىدىن قوللايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۇنى روم ھالەتتە بولاقلاپ چىقىش خېلى سەۋىيە تەلەپ قىلدىغان ئىش ئىكەن، ھازىرچە مەن ئۇيەرلەرگە بارالمىدىم، ھازىرچە ئۇيغۇردەۋنىڭ بارغانلىقىدىن خەۋەردارمىز.