ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىد«سالام دۇنيا» پروگراممىسىنى قۇرۇش
2011-يىلى02-ئاينىڭ04-كۈنى ئاندرويىد 2دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,255+

تۈۋەندىكى تەرتىپ بويىنچە مەشغۇلات قىلىمىز.

1、Eclipse ->File ->new Android Project
2、Project name: Lesson1_HelloAndroid
3、Build Target : Android 2.2
4、Application name: HelloAndroid
5、Package name: android.basic.lesson1.helloandroid
6、Create Activity: MainHelloAndroid
7、Min SDK Version:8

يېڭى تۈر قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئىجرا بولىدىغان مەۋھۇملىگۈچىدىن بىرنى قاتىمىز. قېتىش ئۇسۇلى تۈۋەندىكى تۈرتىپ بويىنچە .

Eclipse نىڭ قۇراللار ئىستونىدىكى ئاندرويىدنىڭ كىچىك رەسمىنى چىكىمىز ئاندىن Virtua Devices نىڭ ئىچىدىكى New… نى بېسىپ يېڭىدىن بىرنى قۇرىمىز، پارامىتىرلار تۈۋەندىكىدەك بولسا بولىدۇ.
Name: 2.2_400
Target: Android 2.2 – API level 8
SD card : Size     50MiB
Skin:  WQVGA400
Create AVD

تەقلىدلىگۈچنى قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مائۇسنى بىز قۇرغان تۈرنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كىلىپ Run AS… نىڭ ئىچىدىكى Android Application دىگەنى باسىمىز، بۇ ۋاقىتتا تەقلىدلىگۈچ قوزغىلىدۇ ۋە بىزنىڭ قۇرغان تۈر دىتالىمىز مۇشۇمەۋھۈملىگۈچ ئىچىدە ئىجرا بولىدۇ(تۇنجى قېتىم قوزغالغاندا سەل ئۇزاق ۋاقىت كىتىدۇ). ئۈنۈمى تۈۋەندىكىدەك:

تەقلىدلىگۈچنىڭ  قۇلۇپىنى ئاچقاندىن كىيىن سالام دۇنيا پروگراممىسىنى كۆرەلەيمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 2 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە

  1. ۋارىس : 2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنى07:37:39  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۇنى ياسايدىغان دىتالنىڭ ئىسمى Eclipseمۇ؟ تېلفۇنۇم قوزغالغاندا موتورولانىڭ بەلگىسى چىقىدۇ ئاندىن SKنىڭ قوزغاتمىسى قوزغىلدۇ.قوزغىلىپ بولغۇچە بىر مىنۇت كىتەمدىكىن ھەقىقى ئېكران يۈزىگە كەلگۈچە……تېلفۇنۇمنىڭ تىپى xt800
    بىر ۋاقىتتا ئېس دى كارتىغا قارسام SKنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىدىكى ھەركەتلىك سۈرىتى كەسمە ھالەتتە ئايرىم ئايرىم كۆرۈنۈپ بىر ھۆججەتنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قاپتىكەن.رەسىمنى ئېچىپ ئالدى كەينىگە تىز ماڭغۇزسام تېلفۇن قوزغالغاندىكى ئۈنۈم ھاسىل بولدى…شۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز خالىغان سۈرەتنى ئالماشتۇرۋەتكىلى بۇلارمۇ؟

  2. قۇتبىلىك : 2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنى08:03:21  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۇنى ياسايدىغان دىسەك تازا توغرا بولمايدۇ، ئاندرويىد تېلېفۇنغا پروگرامما تۈزىدىغان دىتال دىسەك توغرا بولىدۇ.
    سىز SD كارتىغا چۈشۈپ قالغان رەسىملەرنى ئوخشاش چوڭلۇقتا ھەم ئوخشاش تىپتا ساپلاپ ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ، ئۈنىمى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا ھازىر بىر نەرسە دىگىنى بولماسمىكىن.
    ھازىرچە سىز سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ، بوپ قالسا ھەممىمىزگە بىر تەجىربە بوپ قالىدۇ.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟