پروگرامما تۈزۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان دوستلارغا ئايانكى پروگرامما دىگەن بۇ سۆز خەنچە "程序" دىيىلىدۇ، بۇ گەپنىڭ يەنە بىر مەنىسى تەرتىپ دىگەن گەپ بولۇپ، پروگرامما دىگەن ، بىر قاتار ئىشلارنىڭ بىز بىكىتكەن تەرتىپتە ئىجرا بولىشىدىن ئىبارەت.
ئاشۇ تەرتىپنى قايسى پروگرامما تېلىدا يېزىش تۈزۈلمەكچى بولغان دىتالنىڭ ئىجرا مۇھىتى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن : C# دا پروگرامما تۈزسەك بۇ Framework قۇرۇلمىسا تەۋە بولىدۇ ۋە مىكرو سوفىتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىللىرىدا(توغرىسى Framework مۇھىتىدا ) ئىجرا بولىدۇ، VB ۋە C++ لارمۇ ھەم شۇنداق.
جاۋا بولسا سەھنە ئاتلىغان، ئېچىش مۇھىتى بولۇپ بۇ نۇرغۇنلىغان مەشغۇلات سىستېمىللىرىغا پروگرامما يازغىنى بولىدۇ.
Eclips بولسا جاۋا پروگرامما يازىدىغان قۇرال بولۇپ VB، Visual Studiu،C++ دىگەنگە ئوخشاش بىر دىتالدىن ئىبارەت، دىققەت قىلدىغان ئىش شۇكى ئىجرا مۇھىتى ۋە ئاچىدىغان قۇرال ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم بولۇپ ئارلاشتۇرۇپ قويساق بولمايدۇ.
گوگېل شىركىتىنىڭ ئاندرويىد سېتىۋېلىشى ۋە ئۇنى يېڭىچە جاۋا ئۇسلۇبىدا تەرەققىي قىلدۇرىشى بىلەن بىز ئاندرويىد تېلېفۇنلارغا جاۋا ئارقىلىق پروگرامما تۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. جاۋادا پروگرامما يېزىش ئاساسى بارلار ئۈچۈن ئاندرويىد تېلېفۇنغا پروگرامما تۈزۈش تەسكە توختىمايدۇ. بۇ خۇددىي VB دا پروگرامما تۈزۈشنى بىلگەنلەر VB.Net دا پروگرامما تۈزگەنگە ئوخشاش.
ئىجرا مۇھىتى نۇقتىسىدىن ئالساق ئاندرويىدنىڭ ئىجرا مۇھىتىنى جاۋا مۇھىتى دەپ ئالساق توغرا بولىدۇ، لىكىن بىز ئىلگىرى ئاتاپ كىلۋاتقان جاۋا مۇھىتى بىلەن ئازراق پەرقى بار، ئېچىش قۇرالى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق بىز ئىشلىتىدىغان قۇرال Eclips دىتالى بولىدۇ(نېتبېينىز دەپ بىر جاۋا ئېچىش قۇرالى بار، بۇ دىتال ئارقىلىقمۇ ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزگىنى بولىدۇ).
ئۇنداقتا مەن كومپيۇتېرىمدا جاۋا مۇھىتى ھازىرلاپ بولغاندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى قىلىمەن؟
سىز JDK نى قاچىلاپ جاۋا مۇھىتى قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن جاۋا پروگراممىسى تۈزدىغان قۇرال Eclips نى قاچىلايسىز، ئاندىن Eclips نىڭ ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن ADT قىستۇرمىسىنى قاچىلايسىز، ئاندىن ئاندرويىدنىڭ ئېچىش بولىقىنى چۈشۈردىغان قۇرال Android SDk Tools نى قاچىلايسىز، ئاندىن بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئېچىش بولىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرىسىز، ئاندىن چۈشكەن ئورۇننى قىستۇرما قاچىلانغان ئورۇنغا كىرىپ قىستۇرمىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئادىرىسىنى بەلگىلەپ بىرىسىز شۇنىڭ بىلەن ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزىدىغان ماددىي شارائىتلار ھازىرلانغان بولىدۇ، ئەمدى گەپ سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى بار بولغان پروگرامما ئاساسى.
ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزۈش ئۈچۈن مەندە قانچلىك پروگرامما ئاساسى بولسا بولىدۇ؟
مىنىڭ ھىس قىلىشىچە بىردىن تارتىپ يۈزگىچە بولغان سانلارنىڭ يىغىندىسىنى فور جۈملىسى ئارقىلىق تاپالىغان ۋە سانلار گۇرپىسىنى چۈشەنگەن ئادەمنىڭ ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزۈشكە تامامەن سالاھىتى توشىدۇ .
ئەگەر مۇشۇنچىلىك پروگرامما ئاساسى بولمىسا ئەڭ ياخشى ئاۋال جاۋا تىلىدىن ئاساس دىگەن كىتاپنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىققان ياخشى، كۆرۈپ بولۇپ پروگرامما يېزىشنى باشلىساقمۇ كىچىكمەيمىز، لىكىن پروگراممىدىن نۆل سەۋىيەدە تۇرۇپ ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزىمەن دىسەك ، ئۈگەنگىنى بولمايدۇ ئەمەس بولىدۇ، لىكىن باسىدىغان مۇساپە بەك ئۇزۇن بوپ كىتىپ قىينىلىپ كىتىمىز.
قېنى ئەمسە سىز ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىڭ، ئاندرويىد ئېچىش مۇھىتىدىن بىرنى قۇرۇپ سالام دۇنيا پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر بۇ جەريانلارنى تاماملىيالىسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ پروگرامما سەۋىيىسىگە ئىشەنسىڭىز بىزگە ئەگىشىڭ، سىز بۇ يەردە بىز بىلەن بىرلىكتە ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزۈش ھەققىدىكى نادىر بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش ئارقىلىق، ئاندرويىد تېلېفۇنغا پروگرامما يازالايدىغان پروگراممىر بولۇپ يىتىشىپ چىقىسىز.
تەۋىسيە : سەھىپىمىزگە يوللانغان " ئاندرويىد ئېچىش مۇھىتى ھازىرلاش " ۋە " ئاندرويىد«سالام دۇنيا» پروگراممىسىنى قۇرۇش " دىگەن يازمىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ.
VB دا پېرۇگرامما تۈزۈشنى بىلسىلا، android پېرۇگراممىلىرىنى ئچېىشقا بولىدىكەن. دېتال ئىسىمى: vb for android ، دېتال چۈشۈرۈش ۋە دەرسلىك سىن ھۆججىتى قاتارلىقلار تۈۋەندىكى ئادرىستا بار:
http://bbs.gfan.com/android-216793-1-1.html
vb دا ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزۈشنى كۆرۈپ باقتىم، پروگراممىرلارغا نىسپەتەن ياخشى بىر خوش خەۋەر ئىكەن، ئۆتكەندە #C ئارقىلىق ئاندرويىدقا پروگرامما تۈزۈشكە بولدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كۆرگەن ئىدىم، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كەڭرى دائىرىدا ئىزدىنىپ كۆرسەك بولغۇدەك.
دېمەك VB بىلمىسە Android سىستېمىسىغا پروگرامما تۈزگىلى ياكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولمامدا؟
مەلۇم بىر پروگرامما تىلىدىن ئاساسىڭىز بولسا ئاندرويىدقا پروگرامما يېزىشقا ئاسان كىرىشىپ كىتەلەيسىز، بولۇپمۇ جاۋا بىلسىڭىز بەك ياخشى .
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، پروگرامما تۈزۈشنى بىلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ.
دىمەك مىنىڭ سالاھىتىم توشىدىكەندە ..سىلەرگە ئەگەشتىم ..