ھۆرمەتلىك ئاندرويىد تىلفۇن ھەۋەسكارلىرى،بەلكىم ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش ئامراق تىلفۇنىڭلارغا تۈرلۈك كېرەكلىك قوللىنشچان يۇمشاق دىتاللارنى ئىزدەپ تېپىپ،قاچىلاپ سىناپ كۆرۈپ باقىدىغان ئادىتىڭلار بولۇشى مۈمكىن.نۆۋەتتە قوللىنىشچان يانفۇن يۇمشاق دىتاللىرى سان-ساناقسىز بولسىمۇ،بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە كېرەكلىكى بىر قانچىلا بولۇپ(قىزىقىش دائىرىمىز ۋە ئىھتىياجىمىزغا قاراپ)،تۆۋەندە مەن ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن،كېرەكلىك دەپ قارىغان بىر قانچە يۇمشاق دىتاللارنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆتىمەن.
1.لۇغەت يۇمشاق دىتاللىرى
بەلكىم كۆپ ساندىكى ئەقلىفۇن ھەۋەسكارلىرى يانفۇنىنى ئەڭ كۆپ ھاللاردا لۇغەت ئورنىدا پايدىلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ،شۇڭا مەنمۇ بىرىنچى بولۇپ لۇغەت يۇمشاق دىتالى توغرىسىدا توختالدىم.ئاندرويىد سۇپىسىدا ئىجىرا بولىدىغان لۇغەت يۇمشاق دىتالى خىلى كۆپ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە پروگىرامما سىغىمى بىر قەدەر كىچىك،يەرلىك سۆزلۈك ئامبىرى ئارقىلىق خىزمەت قىلىدىغان،ئۆزىمىز ياسىغان ۋە توردىن چۈشۈرگەن تۈرلۈك سۆزلۈك ئامبارلىرىمىزنى قوللايدىغان(ئۇيغۇرچىنى ھازىرچە نۇرمالنى كۆرىستىپ كىتەلمەيدۇ)،سۈرئىتى تېز لۇغەت يۇمشاق دىتاللىرى تۆۋەندىكىچە:
1). Qdict،خەنزۇچە ئىسمى (快典)،بۇ لۇغەت يۇمشاق دىتالى داڭلىق Mdictلۇغەت يۇمشاق دىتالىغا تەقلىد قىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ،Mdictنىڭ لۇغەت سۆزلۈك ئامبىرىنى قوللايدۇ،خەنزۇچە،ئىنگىلىزچە تەلەپپۇز ئىقتىدارى بار.سۆزلۈك ئامبىرى ياساش قوراللىرى بىلەن تەمىنلىگەن.(قالغىنى قىسقارتىلدى،قىزىقسىڭىز كۆرىستىلگەن مەنزىلنى زىيارەت قىلىڭ)
مۇناسېۋەتلىك ماتىرىياللار مەنزىلى.
2).Wordmate،بۇ لۇغەت يۇمشاق دىتالى dwm فورماتىدىكى ئۆزىمىز ياسىۋالغان سۆزلۈك ئامبىرىنى ۋە StarDictلۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى قوللايدۇ.مەخسۇس سۆزلۈك ئامبىرى ياساش قورالى بىلەن تەمىنلىگەن.
يۇمشاق دىتال ۋە سۆزلۈك ياساش قورالىنى چۈشۈرۈش
3) seeder Dict بۇ لۇغەت يۇمشاق دىتالى توغرىسىدا «ئۇيغۇر يانفۇن تورى» ۋە باشقا بىكەتلەردە چۈشەندۈرۈش بىرىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەردە توختالمىدىم.مەنزىل
2.سودا سانائەت بانكىسنىڭ تور بانكا ياردەمچىسى
بەلكىم بەزىلىرىڭلار ماڭا ئوخشاشلا يانفۇن ئارقىلىق بانكا ھېساباتىڭلارغا قارىتا تۈرلۈك مەشغۇلاتلارنى(تەكشۈرۈش،پۇل يۆتكەش قاتارلىق) ئىلىپ بارىدىغانسىلەر.ئاندرويىد تىلفۇنى ئۈچۈن مەخسۇس سودا-سانائەت باكىسنىڭ توربانكا ياردەمچىسى يۇمشاق دىتالى بار بولۇپ،مەن بۇنى كومپىيۇتىر تورى ئارقىلىق تاپالماي،يانفۇندا تورغا چىقىش ئارقىلىق توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان،ئىشلىتىپ باقمىغانلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن سۇندۇم.تەپسىلاتىنى ئۆزىڭىز سىناپ كۆرۈڭ.
3. Windows 7ئىكران ئۇسلۇبى
بۇ بىر ئىكران ئۇسلۇبى يۇمشاق دىتالى بولۇپ،نۆۋەتتىكى ئىكران ئۇسلۇبىڭىزنى «كۆزنەك 7»نىڭ ئۈستەل يۈزى ھالىتىگە ئۆزگەرتىپ بىرىدۇ.خەنزۇچە ئاۋازلىق ۋاقىت مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى بار.( ئەمەلي ئۈنۈمىنى ئۆزىڭىز قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭ.)
4.مىكرو پىيانىنو
بۇ بىر تولۇق ئىكرانلىق مىكرو پىيانىنۇ بولۇپ،كوندىنساتور چەكمە ئىكرانلق يانفۇنلاردىكى ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى.ئىچىڭىز پۇشۇپ قالغاندا ياكى ئوماق بالىڭىز خاپا قىلغاندا لازىمى بولۇپ قالار.
(داۋامى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.)
5.تولۇق ئىقتىدارلىق سىكاننىر
6.بوران چاپقۇن ئۈن-سىن قويغۇچىسى
7.ئېلكىتاب ئوقۇغۇچ
8.ئۇيغۇر ئاندرويىد خەت نۇسخسى(مەن مۇۋاپىق دەپ قارىغان خەت نۇسخىسى)
9............
مەن لۇغەتنى مۇۋەپپىقيەتلىك قاچلدىم .لىكىن ئۇيغۇرچە خەت كاتەكچە چىقۋالدى .شۇڭا مەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتۋاتىمەن.ئىھتىياجىمنى ھىچ بولمىسا قاندۇرۋاتىدۇ.
مەن ئۇيغۇر ئاندرويىد خەت نۇسقىسىنى چۈشۈرگەن لىكىن قاچىلايدىغان يەرگە قاچىليالمدىم.يەنە بىرسى بەزى قاچىلغان دوستلاردىن ئاڭلىسام خەتلەرنىڭ ھەممىسى كاتەكچە چىقۋاپتۇ سېستىما خېتىدىن تارتىپ……بولسا شۇنى بىر سۈرەتلىك يوللاپ بەرگەن بولسىڭز تولىمۇ ياخشى بۇلاتتى…رەھمەت~~
خەتلەرنىڭ كاتەكچە چىقۋالغىنى ئېىنىقلا خەت نۇسخىسىنىڭ قاچىلانمىغانلىقى، سىز خەت نۇسخىسىنى سىستېما مۇندەرىجىسىدىكى فونت دىگەن قىسقۇچىنىڭ ئىچىگە قاچىلاڭ، سىغىمى ئەڭ چوڭ بىر خەت نۇسخىسى بار، ئىسمى : DroidSansFallback.ttf ، ئاشۇنى ئۇيغۇرچە تېلېفۇن خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر مەن ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە قېتىلغان DroidSansFallback.ttf فونتى لازىم بولسا ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، مەن ئېۋەتىپ بىرىمەن.
مەندىكىسىنى تاپالمدىم بولسا ئېلختىمگە ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭز بوپتىكەن رەھمەت~~warisstyle(@)gmail.com
ۋارىس ئەپەندى سىزگە يوللاپ قويدۇم ،تاپشۇرۇپ ئېلىڭ!
بولسا شۇ خەت نۇسقىسىنى ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
ئېلخەتكە يوللاپ قويدۇم تاپشۇرۋېلىڭ!
خەت نۇسخىسىنى ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بىرەمسىز ؟ ئاۋارە قىلمدىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز مىنىڭ يانفۇنۇمدا خەت نۇرمال كورۇنمەي ۋاتىدۇ JARھۆججەتنى قولايدىكەن قانداق قىلسام خەت نۇرمال كۆرۇندۇ ياردەم قىلسىڭىز HuaWei T2211
يەنە بىر ئىنكاسىىزغا جاۋاب يوللاندى!
Rehmat siz ga ? bolsa ma ga uihurqa hat kaqilaxta yar dam kilgan bolsi giz ? QQ:83177488 jawabigez ni ku ti man !
مەزكۇر بىلوگ ۋە قۇتيار تورىدا خەت نۇسخىسى قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا ئائىت يازمىلار بار، ئاۋال ئاشۇ يازمىلارنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.