گوگېل شىركىتى ئاندرويىد شىركىتى سېتىۋېلىپ ئاندرويىد سىستېمىسىنى ياساپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن تەيۋەندىكى HTCشىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇنجى ئاندرويىد تېلېفۇن G1 نى بازارغا سالدى،تېلېفوننىڭ سىستېمىسى گوگېلنىڭ قاتتىق دېتاللىرىHTC نىڭ بولغاچقا بىرقانچە خىل ئىسىم بىلەن ئاتالدى.
مەسىلەن : G1، HTC G1 ، HTCDreamG1، GoogleDream ،Gphone قاتارلىقلار .
مەيلى قانداق ئاتىمايلى بۇ بىر يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقلى تېلېفۇن ،بۇ تېلېفۇنغا 528MHz لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 256 مىگابايىتلىق ROM ۋە 192 لىق Ram ئىشلىتىلگەن .كۆپ ۋاسىتە ساقلىغۇچنى قوللايدۇ.ئېكرانى 3.2 لىك چوڭ سىزىمچان ئېكران ،تېلىكامىراسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجسى 320 مىڭ ،تۇلۇق ئىقتىدارلىق كونۇپكا تاختىسى ئىشلىتىلگەن ،كۆك چىش ،ۋايفاي قاتارلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرغۇچى ئۈسكۈنىلەر بېكىتىلگەن ،سىمسىز تور مۇھىتى بار شارائىتتا ھەقسىز تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال جەھەتتە مۇزىكا قويغۇچ ،فىلىم قويغۇچ ،يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى...قاتارلىق دېتاللار تەمىنلەنگەن، ئۈچىنچى تەرەپ دېتالى ئارقىلىق ئىقتىدارىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.
ھازىرقى توردىكى باھاسى 1200 سوم ئالدى كەينىدە ، 2010-يىلى 7-ئايدا ئىشلەپ چىقىرىلىشتىن توختىتىدى، توردىن 100 پىرسەنتلىك يېڭى مال سېتۋالالمايسىز.
ئۈرۈمچىدىكى جوڭسەن تېلېفۇن بازىرىغا بارسىڭىز ئىككىنچى قول تېلېفۇنىنى مىڭ سوملار ئەتراپىدا ئالالايسىز.
ئارتۇقچىلىقى :باشقا ئاندرويىد تېلېفۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا باھا جەھەتتە ئەرزان ،توردا ئۈچىنچى تەرەپ يېڭىلاش بولاقلىرى كۆپ ، پۈتۈن ئىقتىدارلىق كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىلگەن بولغاچقا دەسلەپكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن.
كەمچىلىكى: كۆرۈنىشى سەل سەترەك قىزلار ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.
ئۆلچەملىك تېڭشىغۇچ ئېغىزى ئىشلىتىلمىگەن ئەسلى زاۋۇت تەمىنلىگەن تىڭشىغۇچنى بۇزۇپ قويسىڭىز ئاۋارىچىلىق ،ئەسلى زاۋۇت تەمىنلىگەن تىڭشىغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ سەل قوپال ،چوڭراق لاھىيلەنگەن. ئېكران چوڭ بولغاچقا توك سەرپىياتى يۇقىرى. ۋايفاي قاتارلىق تور ئالاقە ئۈسكىنىسى ئۇچۇق شارائىتتا توك تېخىمۇ تىز خوراپ كېتىدۇ.
سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :تەيۋەندە ئوخشىتىپ ياسالغان نەشرى كۆپ دىققەت قىلمىسىڭىز ئالدىنىپ قالىسىز.
ئىشلىتىشتىن تەسىرات: مەن بۇ تېلېفۇننى ئىشلىتىۋاتقىنى يېرىم يىل بولدى، سىستېمىنى خالىغانچە ئالماشتۇرالايمەن، ئۆزۈم بولاق ياساپ تەييارلىۋالغان، خۇددىي كومپيۇتېرغا گوست سىستېما قاچىلغانداكلا سىستېما قاچلايمەن، ئۆزى ئەرزان ، بۇزۇلۇپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرمەيمەن، باشقا ئاندرويىد تېلېفۇنلاردا بار ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى بار، ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان قىلۋالدىم. ئىقتىدارى مۇكەممەلراق بولغان بولاقتىن بىرنى ياساپ، كىينچە بىلوگدا تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
Android يانغۇنلارغا سېستىما تۈزىشنى ئۆگەنمەكچى بۇلۇپ بىز قىسىم دەرسلەرنى چۈشۈرۈپ تەييارلاپ قويدۇم..تەتىلدە خۇدا خالسا باشلاپ كىتىمەن ..سىزدىن سوراپ باقسام ..javase دىن ئاساسىم بار ،javaee بىلەن تېخى ئۈچۇرشۇپ باقمىدىم ..مۇشۇنداق بولسىمۇ تىزراق ئىلگىرلەپ كەتكىلى بولامۇ ؟ ياكى javaee دىن ئاساسنى تىكلىۋېلىپ ئاندىن بۇنىڭغا چۈشەمدىم ..؟؟
يەنە بىرسى ماۋۇ google G1 تېلفۇننىڭ گېپى ،ئاندىروئىت بىكەن تۇنۇشقاندىن كېيىن مەنمۇ بىر Android تېلفۇندىن بىرنى سېتۋېلىشىنى ئويلىشىپ ئىزدىسەم ..راس دىگەندەك باشقا Android يانفۇنلارغا قارغاندا باھاسى ئەرزانكەن ..taobao دىن كۆرسەم تاۋسەن لىرى بىلەن قۇشۇپ 500-700 ئارىسىدا ..بايا سىز ئىكىنجى قولنىمۇ 1000 يۈەن ئەتراپىدا دەپسىز ..بۇلار ئوخشىتىپ ياسىغانلىرى ئەمەستۇ ؟