Androidبولسا گوگېل شىركىتى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان لىنۇكىس مۇھىتىدىكى ئوچۇق كودلۇق قول تېلېفۇن مەشغۇلات سىتېمىسىنىڭ ئىسمى ،بۇ سىستېمىنى خەنزۇلار 安致 ياكى 安卓 دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ .ئېنگلىزچە بولسا Android دەپ ئىشلىتىدىكەن، بۇنى ئوقۇپ باقساق ئاندرويىد دىگەن گەپ بولىدىكەن شۇڭا مەنمۇ ئاندرويىد دەپ ئالدىم ،نىمىشقا ئاندروئىد دېمەيمىز دېگۈچىلەر بولسا چىرايلىق مۇنازىرلەشسەك بولىدۇ.
بۇ سىستېما مەشغۇلات سىستېمىسى ،ئوتتۇرا بۆلەك ،ئابونىت كۆرۈنمە يۈزى ۋە قوللىنىشلچان دېتال قىسمىدىن تەركىپ تاپقان . ئۇ قەۋەتسىمان (Software Stack)قۇرۇلما ئىشلەتكەن ،ئاساسلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.
ئاستىنقى قىسمى :لىنۇكىس يادرو خىزمىتىنى ئاساس قىلغان قىسم C تىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان، ئەڭ ئاساسىي بولغان ئىقتىدارلارنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.
ئوتتۇرا قىسىم :فۇنكىسىيە ئامبىرى(Library)،مەۋھۇم ماشىنا(Virtual Machine) قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ، C++ تىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان.
ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمى ھەرخىل قوللىنىلىشچان دېتاللاردىن تەركىپ تاپقان .
مەسىلەن :پاراڭلىشىش پروگراممىسى،قىسقا ئۇچۇر پروگراممىسى ھەرخىل قوللىنىلىشچان دېتال قاتارلىقلار ،بۇ قىسىملارنى ھەرقايسى شىركەتلەر ئۆزئالدىغا ئاچسا بولىدۇ. ئاساسلىق Java ئارقىلىق يېزىلغان.
ھەرقانداق بىر شىركەت ھەرقانداق بىر شەخس ئۆزئالدىغا ئاچسا بولىدىغان ھىچ قانداق نەشرى ھوقۇق تەلەپ قىلمايدىغان قىسمى.
ئاندرويىد بولسا گوگېل شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ بىرى."ھەرقانداق ئورۇندا،ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن ئۇچۇر تەمىنلەش"نى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كەسپىي نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن يەرشارىدىكى تۈمەنلىگەن كۆچمە تېلېفۇن ئابونتلىرى ھازىر ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلفۇنلارنى ئىشلەتمەكتە .
گوگېلنىڭ مەقسىتى بولسا ئالاقە ساھەسىنى ھېچقانداق ئۈسكىنىگە تايانمايدىغان ھەتتا مەلۇم بىر مۇھىتقىمۇ(平台) بېقىنىپ قالمايدىغان قىلماقچى. ئاندرويىد بۇ مەقسەتنىڭ بىر قىسمى خالاس ئەمما ھەرگىزمۇ گوگېلنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۆچمە ئالاقە ئىستىراتىگىيسىنىڭ ئۆزى ئەمەس .
ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى ساقلاپ قالغان يېڭى ئاتالغۇلار:
Android
平台
虚拟机Virtual Machine
Software Stack 堆层
Android ياخشىمۇ ياكى ئايغۇن 4 مۇ؟ Android نىڭ باھاسى ئەڭ يىڭى نۇسقىسى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەن يازمىڭىز بارمۇ؟ مەنمۇ يىقىندا قىممەت بولسىمۇ راۋرۇس بىردانە ئەقلى يانغۇن سىتۋالماقچى ئىدىم~!
نەشپۈت ياخشىمۇ ئالمىمۇ؟ قوغۇن ياخشىمۇ تاۋۇزمۇ؟
بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟؟ مەن سەمىمىي مەسلىھەت سوراۋاتىمەن.
مەنمۇ سەمىمىي جاۋاب بەرگەن ئىدىم، چۈشەنمەپسىز دە؟ دىمەكچى بولغىنىم بۇ تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون، ئۆز ئالدىغا ماس مەشغۇلات سىستېمىسى بار، توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى، سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە مەن ئايفوننى ئاندرويىدنىڭ ئالدىغا تىزىمەن، لىكىن ئايفوننىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ خېلى بار. بولۇپمۇ ئايفونغا ئۇچۇر قاچىلاش ئۈچۈن چوقۇم كومپيۇتېر بولىشى كىرەك، باتارىيەنى ئالماشتۇرنى بولمايدۇ، بۇ جەھەتتە ئاندرويىد ئايفوندىن ياخشى، لىكىن دىتاللارنىڭ مۇقۇملىقى ئاندرويىدقا قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى دەپ قارىلىدۇ، يەنە ئىكراننىڭ سىزىمچانلىقى … دىگەندەك بىر قاتار جەھەلەردە ئايفون ياخشى.
ئۆتكەندە توردا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپتىكەن، ئىقتىدار سىناش جەھەتتە، ئاندرويىد تېلېفون ئايفوننىڭ ئالدىدا چىققان. قالغىنىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
گەپنى يىغىپ كەلسەك، ھەرگۈلنىڭ پۇرقى باشقا، ئۇسسىغاندا تاۋۇز يەمسىز قوغۇنمۇ؟