ھەممىمىزگە مەلۇم،J2ME پروگىراممىلىرى(jarفورماتىدىكى) بولسا مەخسۇس كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنلىرى ئۈچۈن تۈزەلگەن،سۇپا ئاتلىغان قوللىنىشچان پروگىراممىلار بولۇپ،بۇ خىل jar فورماتىدىكى پروگىراممىلارنى ھەر خىل تىپتىكى يانفۇنلار بولۇپمۇ نوكىيا،موتورولا،سامسۇڭ قاتارلىق داڭلىق ماركىدىكى يانفۇنلار دىگۈدەك قوللايدۇ،J2ME پروگىراممىسى مەيلى سىمبىيان سىستىمىلىق تىلفۇن بولسۇن،مەيلى ۋىندوۋىس موبايىل سىستىمىلىق تىلفۇن بولسۇن،ۋە ياكى بەزى جاۋا مەۋھۇم ماشىنىسى قىتىلغان تاغتۇرا تىلفۇنلىرى بولسۇن ھەممىسىدە ئوخشاشلا ئىجرا بولىدۇ.يانفۇنغا قوللىنىشچان پروگىراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھەۋەسكارلارغا نسىبەتەن jarفورماتىدىكى پروگىراممىلار تېخىمۇ ناتونۇش بولمىسا كېرەك.
مەنمۇ بىر يانفۇن ھەۋەسكارى بولغاچقا،ئىلگىرى J2ME پروگىراممىلىرىدىن خىلىلا يىغىۋالغانىدىم،بۇنىڭ ئىچىدە خىلى ياخشى پروگىراممىلارمۇ بار ئىدى.يىقىندا تىلفۇن ئالماشتۇرۇش سەۋەبى بىلەن بۇ پروگىراممىلار ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىپ قىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى،تور ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بەزىلىرىنىڭ ئاندرويىد نۇسخىسىنى تاپقان بولساممۇ،بەزىلىرىنىڭ يوق بولۇپ چىقتى،ئاددىيسى «ئاق ئالما ئوقۇغۇچ»تەك ئۇيغۇرچە تىكىستنى قوللايدىغان ياخشى پروگىراممىلارنىڭ ئاندرويىد نۇسخىسىنى تاپالمىدىم.ئاندرويىد تىلىفۇنىنىڭ ئارىمىزدا ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ،ئۇ توغرىسىدىكى بىلىملەر ئاندا-ساندا بىلوگ،مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ بۇ جەھەتتە بىلىم يوق دىيەرلىك ئىدى،شۇنىڭ بىلەن ئىزدەپ يۇرۈپ،jarفورماتىدىكى J2ME پروگىراممىلىرىنى ئاندرويىدتتا ئىجىرا قىلىش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقتىم ھەمدە يانفۇن ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقستىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئاندرويىد توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە ھەۋەسكارلارغا ئاندرويىد قوللىنشىچان پروگىراممىلىرىنىڭ جاۋا تىلىدا تۈزۈلدىغانلىقى مەلۇم.گەرچە jarفورماتىدىكى J2ME پروگىراممىلىرىمۇ ئوخشاشلا جاۋا تىلىدا تۈزۈلسىمۇ،ئەمما ئاندرويىد تىلفۇنلىرىغا پەقەت APKفورماتىدىكى پروگىراممىلار قاچىلىندىغان بولغاچقا، J2MEپروگىراممىلىرىنى بىۋاستە قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن J2MEپروگىراممىلىرىنىڭ چاپىنىنى يەڭگۈشلەشكە توغرا كىلىدۇ.يىغىپ ساقلاپ قويغان jarفورماتىدىكى پىروگىراممىلارغا قارىتا تۆۋەندىكى تور پونكىت تەمىنلىگەن تور بەت يۈزىدە،چاپان يەڭگۈشلەش ئىلىپ بارساق بولىدۇ. http://www.netmite.com/android/srv/1.6/getapk.php
چاپان ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى:ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆزنەكتىكى خەنزۇچە كۆز يۈگۈرتۈش(浏览) كونۇپكىسنى بىسىپ J2MEپروگىراممىسنىڭ jadفورماتىدىكى ۋە jarفۇرماتىدىكى ھۆججىتىنى تاللاپ كۆرىستىپ بىرىپ،ئاستىدىكى « Get APK» كونۇپكىسنى باسساقلا،بىردەمدىن كىيىن تور زىيارەت قىلغۇچتا،«ھۆججەت چۈشۈرۈش» ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ،مەزكۈر ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ،ھۆججەت ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋالساقلا بولىدۇ.
شەرىت: J2ME پروگىراممىسنىڭ JADۋە JARفورماتىدىكى ئىككى ھۆججىتى بولۇشى كېرەك.ئەگەر سىزدە JADھۆججىتى بولمىسا ئۇيغۇر يانفۇن تورى تەمىنلىگەن كومپىيۇتىردا JADھاسىل قىلغۇچ پروگىراممىسىنى قوللىنىپ ھاسىل قىلسىڭىز بولىدۇ.( JADھاسىل قىلغۇچنى چۈشۈرۈش)
پروگىراممىنىڭ چاپىنىنى ئالماشتۇرۇپ،APK فورماتىدىكى پروگىراممىنى ھاسىل قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئۇنى ئاندرويىد تىلفۇنىمىزغا قاچىلايمىز.گوگۇل شىركىتى ئاندرويىدقا قۇياش(SUN)شىركىتىنىڭ جاۋا مەھۇم ماشىنسىنى ئىشلەتمىگەچكە،ئاندوريىدتا چاپىنى ئالماشتۇرۇلغان بۇ پروگىراممىلارنى ئىجىرا قىلىش ئۈچۈن بىز يەنە جاۋانىڭ ئاندوريىدتىكى مەھۇم ماشىنا پىروگىراممىسى Java J2ME Runner نى قاچىلىشىمىز كېرەك.(چۈشۈرۈش)
ئەسكەرتىش:مىكروسوفىت تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش ئورنىغا مەن ئۆزۈم چاپىنىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بىر قانچە پروگىراممىنى قويۇپ قويدۇم.چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقارسىلەر:
«ئاق ئالما ئوقۇغۇچ(ئۇيغۇرچە نەشىرى،چىلبۆرە ئۆزگەرتىپ ياسىغىنى)»،«قۇرئان كەرىم(ئۇيغۇرچە نەشىرى،ئىكرام بىلوگى تەمىنلىگەن)»
بۇ ئامال بولىدىكەن. 虚拟机 قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كۆپ ياخشىكەن. 虚拟机 ئىشلەتسە، مەشغۇلات قىلىشمۇ قۇلايسىز ئىكەن ھەمدە خەتلەر بەك كىچىك چىقىپ قالىدىكەن.
دېمىسىمۇ بەك مەۋھۇم ماشىنىنى ئىشلىتىش بەك قۇلايسىز، تېلېفۇننى ئالغان ۋاقىتتا ئازراق ئىشلىتىپ باققان، كىيىن ئىشلەتمىدىم، مەنچە APK فورماتىغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلەتسە بەك قولاي بولغۇدەك.