مىنىڭ بىر ئاغىنەم بولۇپ چىراي سەل قارامتۇل كەلگەن بولسىمۇ لىكىن كۆڭلى شۇنداق ئاق، ئاغىنەم چىرايىنىڭ قارىلىقىغا باقماي ئۆمۈرلۈك كەسپىنى كۈن كۆز چېقىپ تۇرىغان تۇپىلاڭ مەيدانغا ئاتىۋەتكەن ئىدى، ئۇ ئاشۇ پىزغىرىم ئىسسىقلاردا، توختىماي مەشىق قىلاتتى، توختىماي يۈگرەيتى، سەكرەيتى، كۈنلەر ئۆتۈپ بىر قارا ئىككى بوپ كەتتى، ئەكسىچە خۇدا چىرايى كۈندىن كۈنگە قارىيىۋاتقان بۇ تىرىشچان بەندىسىگە ئاپئاق كۆڭۈل ۋە چەكسىز مىھىر مۇھەببەت ئاتا قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى بۇھىكايىمىزدە ئاشۇ ئاغىنەمنىڭ دوستلىرى ۋە كوللىكتىپنىڭ ئۇتۇقلىرى تەسۋىرلىنىدۇ.
غەرىپتىكى ئۇزغۇن
ئىسرائىل مۇتىللا
قوشوپ بىرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇت ۋاقىت توشوپ رىپىرنىڭ مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چالغان پۇشتەك ئاۋازى بىلەن تەڭلا مەيدان سىرتىدىكى بىر توپ ئەركەك مەيدان ئىچىدىكى قىقاس سىلىۋاتقان ئەركەكلەرگە قاراپ ئىتىلدى. تايغانلار بىر بىرىنى قوغلاپ ئۇيناشقاندەك،بۇرە توپى گىرەلىشىپ يۇگەرگەندەك ئاجايىپ قىياپەت پەيدا بولوپ، يىگىتلەربىر-بىرنى بىسىشىپ،كىمدۇ يەنە كىملەرنى چىڭ قوچاقلاپ،خۇددى ئادەمسىز دالىغا كىلىپ قالغاندەك بار ئاۋازى بىلەن قىقاس سىلىشاتتى.بىر قانچە مىنۇتقا سوزولغان بۇ مەنزىرە يىگىتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ،خۇددى جەڭ تۇلپارلىرىدەك قاتارلىشىپ سەپ تارتىپ مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا سالام بىرىشى بىلەن سەل پەسكۇيغا چۇشكەندەك قىلدىيۇ كەينىدىنلا ئۇلجنى چۇرۇۋىلىشقان يىتىلگەن شىر ئارىسلانلىرىدەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ ، بۇگۇنكى چوڭ ئولجىنى باشقا شىرلارنىڭ قولىدىن تارتىۋىلىشقا كۇچ چىقىرىپ ئۇزلىرىنى بۇ قىتىمقى شىر پادىشالىق ئۇرنىغا يىتەكلىگەن مەشقاۋۇلنى كۇتۇرۇپ كۇچەپ كۇككە ئىتىپ .ئۇزلىرىنىڭ غەلبىسدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشى بىلەن تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.بۇ كۆرۇنۇش تىلۋىزۇرغا ئىلىنمىدى.سۇرەتكىمۇ بەكلا ئاز تارتىلدى.ئەمما بۇ مەنزىرە سەھنىدە ئۇلتۇرغان بۇ يىگىتلەرنىڭ باشغانىدىن تارتىپ مۇشۇ يىگىتلەرگە مەدەت بىرىۋاتقان قىرىنداش ھۇرراچىلاررنىڭ كۇز قارچۇغىدا مەڭگۇلۇك ئۇرناپ كەتكەن بۇلسا، يىرىم يولدا ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بۇ خىل ئۇزغۇنلۇق سەزگۇسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىدىن قوروق قالغان يىگىتلەرنىڭ قەلبىدە ئەبەدىيلىك ئارمان بولوپ قالدى ، ئىسىل توپ كۇرۇنۇشلىرىدىن بەھرە ئىلىپ ئۇلارغا مەدەت بەرگەن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە بۇلسا يىڭىچە ھۇرمەت ۋە ئىززەت بولوپ قالدى.مۇسابىقە داۋامىدا تۇمۇزنىڭ شۇنچە ئىسسىقىدا سەھنىدە نەچچە قىتىم تىترەپ توڭغاندەك ئولتۇرغان ،بۇ يىگىتلەرنىڭ باشغانى ئەمدى ھاۋانىڭ ئىسسىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.چۇنكى بىر ئىسسىق ھاياجانلىق ،پەخىرلىنىش، غالىپلىق تۇيغۇسىدىكى تاتلىق ئىقىم ئۇنىڭ تۇمۇرىدا تىنىق ئالماقتا ئىدى.ئۇ ئالدىرىدى،تىزراق پەسكە چۇشۇپ بۇ ئۇزغۇن يىگىتلەر بىلەن كۇرۇشۇشكە ئالدىرىدى. تەنتەنە داۋاملاشماقتا ئىدى، يىگىتلەرنىڭ تۇمار ئاسقان بويونلىرىغا مانا ئەمدى غالىپلىقنىڭ بەلگىسى ئىسىلدى.كەينىدىنلا يىڭىلمەس تۇغدەك ئىگىز كۇتۇرۇلگەن ئۇزغۇنلۇقنىڭ لوڭقىسى بۇ يىگىتلەرنىڭ تۇلىمۇ مۇشەققەتلىك،ئۇزۇنغا سۇزولغان،تالاي قىتىم يىقىلىپ ئارماندا ئۆتكەن كەچۇرمىشلىرىنىڭ ئۆتمۇش بولوپ قالغانلىقىنى،مۇشۇ يىگىتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان :ئەلگە بىر نۇۋەت،يەرگە بىرنۆۋەت دەيدىغان ھىكمەت بۇيىچە نۆۋەتنىڭ بۇلارغا كەلگەنلىكىنى نامايان قىلىپ توراتتى.ئۇتۇق تىخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى.ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ يارغۇچى،ئەڭ ئالپ باھادىر ،ئەڭ قەيسەر قۇۋۇق باشى،ۋە ئەڭ كۆزلۇك مەشقاۋۇل لىك شەرەپلىرى بۇ ئۇزغۇنلار ئىچىدىكى يىگىتلەرنىڭ يىگىتلىرىگە مەنسۇپ بولدى.ئۆزلىرىنىڭ ئەزىزانە ئوقولىدىن تۇمەن چاقىرىملىق يىراقلىقتىكى يەنە بىر ئوقولدابۇ غەنىمەتلەرنى قولغا ئالغان باھادىرلار دەل دىيارىمىزدىكى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتتىنىڭ(بىلگە ئوقولى) ئۇقۇغۇچىللىرى ئىدى.ئۇلار يەتتە ئىقلىمدىكى بۇيۇك چەۋەندازلىق سانىلىدىغان،ئاتا-بوۋىللىرى پوت توپ دەپ ئاتىدىغان،تىنىچ ئۇرۇش دىيىلدىغان پۇتپۇلدىن ئىبارەت بۇتۇردە مەملىكەت بۇيىچە ئۆز قۇرداشلىرى ئارىسىدا ئاخىرى ئۆز ئورنىنى تاپتى.بۇ كۇماندا مۇشۇ لوڭقىنى كۇتەرگۇچە تالاي مۇساپە ۋە كەچۇرمىشلەرنى باشتىن كەچۇرگەن ئىدى...
يۇقارقىسى بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە تارقىتىلغان ئالتۇن مىداللار
يۇقارقىسى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن بىر قىسىم كۇماندا ئەزالىرىنىڭ ئايدۇرۇمدا چۇشكەن سۈرىتى
يۇقارقى سۇرەتتە كۇماندا ئەزالىرى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى ئۇقۇغۇچىللىرى بىللە چۇشكەن كۇرۇنۇش
ئۇزغۇننىڭ سەپىرى
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىى پۇتبۇل كۇماندىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىداقۇرۇلغاندىن باشلاپ،تاكى90-يىللىرغا قەدەردىيارىمىزدىكى كۇچلۇك كۇماندا
سانىلىپ، دىيارىمىزدىكى ئالى مەكتەپلەر فىلىپ لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىللىرىدە كۇپ قىتىم چىمپىيۇن چىقىپ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا ۋاكالىتەن غەربى-شىمال،شىمالى جوڭگۇ رايۇنلىرىدىكى ئالى مەكتەبلەر پوتبۇل مۇسابىقىسىگەقاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولماي كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى:ئالى مەكتەپلەر ئارا فىلىپ لوڭقىسىدىن بۆلەك مۇسابىقە يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم سەۋەپلەردىن شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا مۇسابىقىلەرگە كەم ئىشتىراك قىلغانلىقتىن مۇسابىقە تەجىربىسى جەھەتتىنمۇ مەلۇم كەمچىلىكلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ كۇماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە پاكۇلتىتىنىڭ شۇنداقلا باشقا پاكۇلتىتلارنىڭ پۇتپۇلنى ياخشى ئوينايدىغان ئوقوغۇچىللىرىدىن تەركىپ تاپقان بولوپ،مۇنتىزىم مەشىق قىلىش جەھەتتە كاپالەتكە ئىىگە ئەمەس ، پەقەت مۇسابىقە يىقىنلاشلاندىلا يىغىلىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى تاماملايتتى.گەرچە ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدىكى نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ شۇ چاغلاردا مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر ئارا پوتبول مۇسابىقىسى بولمىغاچ نۇرغۇن تالانتلىق پوتبولچىلارنىڭ تىخىمۇ يۇقىرى بولغان سەھنە ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى يوق ھىساپتا ئىدى.شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەر، مەملىكەتلىك پۇتبۇل مۇسابىققىلىرىنىڭ غەربى-شىمال رايۇن مۇسابىقىلىرىدىمۇ تۇزۇك نەتىجە ئالالماي قايتىپ كىلىشەتتى2000-يىللىرىدىن باشلاپ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى پۇتپۇل كۇماندىسى ئالىي مەكتەپلەر فىلىپ لوڭقىسى مۇسابىقىسىگىلا ئىسلىۋالماي ئۆز دىققىتىنى ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ رايونىمىزدا ئالدى بىلەن ئۆز ئورنىنى تىكلەش، مۇنەۋۋەر پۇتبولچىللىرىنى تاۋلاپ چىنىقتۇردىغان يولغا قاراپ ماڭدى.2002.يىلى 4- ئايدا مايتاغدا ئىلىپ بىرىلغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بولوپ مەملىكەتلىك فىلىپ لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ يىشى 20ئەتراپىدىكى ماھىرلارنىڭ ماھارىتى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومتىتىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىپ 2002-يىلى ئالتىنجى ئايدا لەنجۇدا ئىلىپ بىرىلغان غەربى-شمال 19ياشلىقلار پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە رايۇنىمىزغا ۋەكىل قىلىپ ئىۋەتتى. بىر قاتار تەڭشەش ۋە پۇتبۇلدا تالانتى بار ئۇقۇغۇچىلارنى ئىتبار شەرت بىلەن قۇبۇل قىلىش ،مەشىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق كۇماندا ئەزالىرىنىڭ ئۇز-ئارا ماسلىشىشنى كۇچەيتىپ ئىسسىق.شۇنداقلا يامغۇرلۇق كۇنلەر،ھەتتا قىش كۇنلىرىمۇ شارائىتقا كۇنۇش مەشىقى ئىلىپ بىرىپ،ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە شارائىت سەۋەبىدىن ئۇتتۇرۋىتىشدەك تارىخنىڭ يەنە تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشتى.دىيارىمىزدىكى كۇچلۇك كۇماندىلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ،چوڭ مەيدان كۆرۇش،شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلى كۇچىنى دەڭسەش مەقسىتىدە پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى رەھبەرلىرى ئۆز كۇماندىسىنى 2002- يىلى9 -ئايدا خوتەندە ئىلىپ بىرىلغان 6-نۇۋەتلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇتبۇلچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش موسابىقىسگە قاتناشتۇرۇپ بىقىشنى قارار قىلدى.بۇ قىتىنقى مۇسابىقىگە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى سەۋىيەسى ئەڭ يوقىرى كۇماندىلار ۋە ماھىرلار تۇپلانغان بولوپ،پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى پۇتبۇل كۇماندىسى كۇچلۇك رەقىپلىرىنى يىڭىپ،رايۇنىمىزدىكى سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى مۇسابىقىدە چىمپىيۇن چىققان تۇنجى ئالى مەكتەپ كۇماندىسى بولوپ قالدى.بۇ چىمپىيۇنلۇق بۇ كۇماندا ئۇچۇن چەكسىز غەيرەتلەندۇرگۇچ كۇچ بولوپ،ئۇلارنىڭ تىخىمۇ چوڭ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجە ئىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تىخىمۇ ئاشۇردى.
2003-يىلى پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىى كۇماندىسى ئالى مەكتەپلەر فىلىپ لوڭقىسىنى تالىشىشىنجاڭ مۇسابىقە رايۇنىدا ئۆز ماھارىتىنى يەنە بىر قىتىم نامايان قىلىپ شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىى پۇتبۇل كۇماندىسى قولىدىن چىمپىيۇنلۇقنى تارتىۋىلىپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە قايتا ئىرىشتى.شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالى مەكتەپلەر ئارا پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت پۇتبۇل كۇماندىسىنىڭ ھۇكۇم سۇرۇش دەۋرى باشلاندى. بىر قاتار تەييارلىق ئارقىلىق غەربى-شىمالدىن بۇسۇپ چىقىپ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يۇرۇش قىلىش سەپىرىنى باشلىدى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە يەنە شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى پۇتپۇل كۇماندىسىمۇ قاتناشقان بولوپ،بۇ ئىككى كۇماندا ئارقىمۇ ئارقا شاللاش مۇسابىقىللىرىنى تاماملاپ2004-يىلى6-ئايداپۇتۇن مەملىكەت بويىچەتۇت يۇزگە يىقىن ئالى مەكتەپ كۇماندىللىرى ئارىسىدىن ئۇزۇپ چىققان ئۇن ئۇچ كۇماندا قاتارىدا ئالدىنقى نۇۋەتلىك مۇسابىقىدە ئالدىنىقى ئۇچىنچىلىككە ئىرىشكەن،شۇنداقلا ساھىپخان كۇماندا قوشولوپ ئون ئالتە كۇمانداقاتارىدا مەملىكەت بويىچەھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى،بۇ دىيارىمىز پۇتپۇلچىلىقىدىكى تۇنجى قىتىملىق ئىككى كۇماندىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئىدى.كۇتۇلمىگەندە چەك تارتىش ئارقىلىق دىيارىمىزدىكى بۇ ئىككى كۇمانداسىچۋەن ئۇنۋىرسىتى ۋە شېنجىن ئۇنۋىرسىتىتى پۇتپۇل كۇماندىللىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۇنۇپ قالدى.بۇ ھەم ئازاپلىق ۋەم خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى، ئازاپلىقى بۇ ئىككى كۇماندا بىر گۇرۇپىغا بۆلۇنۇپ بالدۇرلا بىر بىرىنى «قىرغىن»قىلىشىدىغان،باشقا كۇماندىلارغا تاماشانىڭ چوڭىنى قىلىپ بىرىدىغان ئەھۋالدا قالغان،خۇشاللىنارلىقى،مەيلى قايسى كۇماندا بولسۇن تىرىشسىلا بىرسى شاللانسىمۇ يەنە بىرسى مەملىكەت بۇيىچە ئالدىنقى سەككىزگە كىرىش ئىھتىمالىمۇ يۇقىرى ئىدى.تۇنجى كۇنىدىكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى سىچۋەن كۇماندىسى بىلەن 2؛2بولوپ تەڭلەشتى.ئەمما پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى شېنجىن كۇماندىسىغا ئىككىگە قارشى نۇل بىلەن ئۇتتۇروپ،ئىشنىڭ بىشىدىلا تامغا ئۇسىۋالدى.ئەتىسى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىت ى كۇماندىسى شېنجىن ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى بىلەن قاتتىق تىركىشىپ يەنە2؛2نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدا ئۇچىنجى ئوروندا تۇردى.پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى پۇتپۇل كۇماندىسى بولسا سىچۋەن كۇماندىسغا يەنەئىككىگە قارشى نۇل بىلەن يىڭىلىپ،سەككىز كۇچلۇككە كىرىشى نەزەرىيە جەھەتتىلا قالدى،6-ئاينىڭ 14-كۇنىدىكى مۇسابىقە بۇ گۇرۇپپىدىكى كۇماندىلار ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.ناۋادا سىچۋەن بىلەن شېنجىن بىرى يەنە بىرىنى يەڭسە،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى پىداگۇگكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى بىلەن تەڭلەشسىلا،ياكى پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىنى يەڭسە سەككىز كۇچلۇككەچىقالايتتى.پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسىمۇ شىنجىن بىلەن سىچۋەن تەڭلەشمەي بىرى يىڭىلسە، ئۆزى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنى چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يەڭسە،سەككىز كۇچلۇككە كىرىش ئىھتىمالىمۇ بار ئىدى.بۇ تۇت كۇماندىنىڭ مۇسابىقسى مانا مۇشۇنداق تۇلىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا باشلاندى.تۇت كۇماندا مۇسابىقە باشلىنىپلا قىرغىن قىلىشنى باشلىدى.سىچۋەن كۇماندىسى بىلەن شېنجىن كۇماندىسىمۇ ئىشنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى .چۇنكى بۇ ئىككى كۇماندا تەڭلىشىپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىىنى يەڭسە، كىچىك نۇمۇر جەھەتىكى پەرىق بىلەن شاللىنىپ كىتىش ياكى ئىككىنجىلىكە چۇشۇپ قىلىپ ،يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى بىرىنجى چىققان كۇماندىغا ئۇچراپ قالاتتى،شۇڭلاشقا بۇئىككى كۇماندا شىددەت بىلەن تىركىشىپ قارشى تەرەپنى چوقوم يىڭىش رۇھى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.ئاقىۋەت شېنجىن بىلەن سىچۈەن3؛3بولوپ تەڭلىشىپ ئۇخشاشلا تۇت نۇمۇر ئىلىشتى.بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ قايسىنىڭ شاللىنىشى شىنجاڭ كۇماندىللىرىنىڭ مۇسابىقىسىدىكى نەتىجگە باغلىق بولوپ قالغان ئىدى،ناۋادا شىنجاڭ ئۇۋىرسىتى ئۇچتىن يۇقىرى توپ بىلەن پىداگۇگىكا كۇماندىسىنى يەڭسە شېنجىن بىلەن سىچۈەننىڭ بىرى شاللىنىپ قالاتتى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شىنجاڭ كۇماندىللىرى چوقوم بىر بىرىگە يول قويىدو دەپ قارىشاتتى.شىنجاڭ كۇماندىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە قەدىمى رىمدىكى گىلادىياتۇرلارنىڭ بىر بىرىنى قىرغىن قىلىشىدىنمۇ بىسىپ چۇشتى.ئىككى كۇمانداشىددەت بىلەن ھۇجۇمنى باشلاپ بىرسى تۇپ ئۇرسا كەينىدىنلا يەنە بىرى توپ ئۇرۇپ ئالدىقنى يىرىم مەيدان تەڭلىشىش بىلەن ئاخىرلاشتى ،كىيىنكى يىرىم مەيداندا پىداگۇگكا كۇماندىسى ئالدىغا ئۆتىۋالدى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى بولسا تۇختىماي ھۇجۇم قىلىپ تۇردى.چۇنكى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسىغا،يىڭىلىش ياكى تەڭلىشىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئىدى.پەقەت يىڭىشىلا كىرەك ئىدى پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى بولسا بىر مەيدان بولسىمۇ ئۇتۇپ شەرەپ بىلەن كىتىش ئۇيىدا ئىدى.ئاقىۋەت رىپىرنىڭ مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چالغان پۇشتىكى بىلەن شېنجىن ۋە سىچۈەن كۇماندىلىرى ئالدىنقى سەككىزگە قول تۇتۇشۇپ كىرىشتى.شىنجاڭنىڭ ئىككى ئالى مەكتەپ كۇماندىسى بەشكە قارشى بەش بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئون توپ ئوروشوپ،يىڭى رىكۇرۇت ياراتقان بولسىمۇ بىر بىرىگە سۇرىشىپ قايتىش تەييارلىقىنى قىلىشتى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ بەل قويوۋەتمەسلىك روھى باشقىلارنىڭ قەلبىدە ياخشى تەسىر قالدۇرغان بولسىمۇ تولىمۇ كىچىككەن ئىدى،چۇنكى بۇلار بىرىنجى مۇسابىقىنى مۇشۇنداق پىداكار،جەسۇرانە رۇھ بىلەن ئۇيناشقان بولسا قايتىپ قىلىشىدىنى بولار ئەمەس بەلكى شېنجىن بىلەن سىچۈەن كۇماندىسى بولوپ قالاتتى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقە مۇسابىقە تەجىربىسى كەمچىل پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى ئۇچۇن جانلىق بىر دەرىسلىك بولدى.ئەمما ئۇلار مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىكى ياش كۇماندا بولغاچ بۇ خىل كەمچىللىكلەرنىڭ بولىشى تەبئى بولوپ، ئىشنى يەنە يىڭىدىن باشلىسا بولاتتى.بۇ كۇماندا تىزلا قوللاشقا ئىرىشىپ ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى 2004-يىلى 7- ئايدا ئاتۇشتا ئىلىپ بىرىلغان ئىككىنجى قىتىملىق ئىزچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش چولپانلار پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە تەكلىپ بىلەن ئىلىپ بىرىپ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىدى.بۇ قىتىمقى تەكلىپ مۇسابىقىسىدە پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى چىمپىيۇن چىقىپ شىنجاڭ ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە يىڭىلمەس كۇماندانامىنى ساقلاپ قالدى شۇنداقلا يىڭى بىر نۇۋەت ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە ئىشەنىچ بىلەن ئاتلاندى . شۇ يىلى 10-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى لې نىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش ئالى مەكتەپلەر ئارا پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن چىمپىيۇن چىقىپ يەنە بىر قېتىم غەربى-شىمالنىڭ بوسوغىسىدىن ئاتلاش شەرىپىگە ئىرىشتى.ئەمما بىر قىسىم غۇللۇق ماھىرلارنىڭ ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ كىتىشى،يىڭى ماھىرلارنىڭ ماسلىشىىش سەۋىيەسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەپلىك2005-يىلى 4-ئايدا لې نىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش غەربى-شىمال رايۇنى ئالى مەكتەپلەر ئارا پۇتبۇل
مۇسابىقىسىدە تۆتىنجى چىقىپ،مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ،غەربى-شىمال رايۇنىدا ئۆز ئاساسىنى تىكلەپ كىيىنكى تەرەققىياتىغا ئۈل سالدى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىى پۇتبۇل كۇماندىسىنىڭ بۇ نەتىجىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۈكىمىتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى شۇ چاغلاردىكى ئاپتۇنۇم رايۇن رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىى پۇتبۇل كۇماندىسىنىڭ كۇماندا ئەزالىرىنى ئالاھىدە يوقلاپ ئۇلارنىڭ غەربى-شىمالدىن بۆسۇپ چىقىپ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلارنى قولغا كەلتۇرۇشكە رىغبەتلەندۇردى
.2006-يىلى7- ئايدا پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىى پۇتبۇل كۇماندىسى ئۇرۇمچى ئىزچىلار شىركىتىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئاتۇشتا ئىلىپ بىرىلغان ئۈچىنجى نۆۋەتلىك ئىزچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقارالىق پۇتبۇل مۇسابسىقىگە قاتنىشىپ،قىرغىزىستاننىڭ كۇچلۇك كۇماندىسى دۇردۇ دىنام قاتارلىق كۇچلۇك كۇماندىلار بىلەن تىركىشىپ ئىككىنجى بولدى ھەمدە تۇنجى قىتىم يۇقىرى سەۋىيەلىك چەتئەل كۇماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقە تەجىربىسىنى تېخىمۇ تولۈقلىدى ئارقىدىنلا يەنە ئاتۇشتا. تۆتىنجى نۆۋەتلىك ئىزچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش چولپانلار تەكلىپ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن چىقتى. بۇ كۇماندىدىكى پەرھات قاتارلىق بىر قىسىم ماھىرلار مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىغا تىزىملاتقان شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنىپ ،پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى پۇتپۇل كۇماندىسىنىڭ شىنجاڭ پۇتپۇلچىلىق ئىشلىرىدىكى ئورنىنىڭ كۇنسايىن ئۆسۇپ بىرىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى .شۇ يىللىق مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر پۇتپۇل مۇسابىقىسىدە بۇ مەكتەپتىن تاللانغان ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولغاچ كىلەركى يىللىق مۇسابىقىگە داۋاملىق قاتنىشىىقا تاللاندى. 2006-10-ئاينىڭ 12- كۆنى ئۈرۇمچىدە مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر لې نىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش شىنجاڭ رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە يەنە چىمپىيۇن چىقىپ،كېلەركى يىلى ئىچكىرىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىنى ھازىرلىدى.بۇ كۇماندا ئۇچۇن شىنجاڭ ئىچىدىكى تاللاش مۇسابىقىسى ئادەتتىكى ئىش بولوپ قالغان.ئەڭ چوڭ نىشان مەملىكەتلىك مۇسابىقە ئىدى.2007-يىلى3-ئاينىڭ15- كۆنىدىن25-كۈنىگىچە گۇاڭشىنىڭ بىيخەيدە ئىلىپ بىرىلغان مەملىكەتلىك سەككىزىنجى نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپلەر تەنھەركەت يىغىنىنىڭ شىمالى رايۇن پوتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بەشىنجىلىككە ئىرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى. شىنجاڭ پىداگۇكا ئۇنۋىرستىتى كۇماندىسى 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۇنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك «لىنىڭ لوڭقىسى » ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسنىڭ تاللاش مۇسابىقىسدە ،شىمالدىكى 13 ئۆلكىدىن كەلگەن ئالى مەكتەپلەر كۇماندىللىرى بىلەن كەسكىن ئىلىشتى.
كىچىك گۇرۇپا مۇسابىقىسدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بىيجىك تەنتەربىيە ئۇنۋىرستىتى كۇماندىسى ،نىڭشيا ئۇنۋىرستىتى كۇماندىسى ۋە خېبىي پىداگۇكا ئۇنۋىرستىتى كۇماندىسىنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 1:0 ، 5:2 ، 2:1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ كىچىك گۇرپىدىن چىقتى .ئارقىدىن يەنبىيەن ئۇنۋىرستىتى كۇماندىسنى 2:0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ شىىمالى رايۇننىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى.
يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىجيا جۈاڭ ئىقتساد ئىنىستۇتى كۇماندىسى بىلەن مۇسا بىقىلەشتى ،2 ئادىمى ئاز بولغان شارائىتتا مۇسابىقىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:2 قىلىپ تەڭلەشتۇردى ،ئاخرىدا نوقتا توپ تىپىش جىڭىدە 2:4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇردى،
كىيىن چىڭداۋ پەن تېخنىكا ئۇنۋىرستىتىنى 3:1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ شىمالى رايۇندا 3- بولۇپ 9- ئايدا ئۇتكۇزۇلدىغان مەملىكەتلىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.بۇ شىنجاڭ تارىخىدا ئالى مەكتەپ پۇتپۇل كۇماندىللىرىنىڭ تۇنجى قىتىم شىمالى جۇڭگۇ رايۇنىدىن بۆسۇپ چىقىشى،شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 16كۇچكۇكلەر قاتارىغا تۇنجى قىتىم ئۆتىشى ئىدى.بۇ قىتىم شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتىغا،كۇماندا ئەزاسى تۇرغۇن ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى نامىغا ئىرىشتى.
ئىككى سەپتە كۆرەش قىلىۋاتقان بۇ كۇماندا ئالدىدا يەنە نۇرغۇن رىقابەتلەر بار ئىدى.ئىككى ئاي دەم ئالغاندىن كىيىن 2007-يىلى7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن25-كۈنىگىچە گۇڭجۇدا ئىلىپ بىرىلغان مەملىكەتلىك سەككىزىنجى نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپلەر تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 13-چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىرىش ئىقتىدارى بولسىمۇ ئەمما كىيىنكى ئايدا باشلىنىدىغان لې نىڭ لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجە ئىلىش ئۈچۈن،ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ يارلىنىشدىن ساقلاش ئۈچۈن جىق تىركەشمىدى.چۇنكى لې نىڭ لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجە ئالسا كىلەركى يىلى تەييارلىق مۈسابىقىگە قاتناشمايلا ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرەلەيىتتى شۇنداقلا شىنجاڭ ئۈچۇن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان يەنە بىر ساننى قولغا كەلتۇرەلەيىتتى.
2007 -يىلى9-ئاينىڭ 14-كۇنىدىن17-كۇنىگىچە مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شىنجىن ئۇنۋىرسىتىتىدا ئىلىپ بىرىلدى. قىتىم شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى ب گۇرۇپپىغا بۇلۇنۇپ.يەنبىيەن ئۇنۋىرسىتىتى،بىيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنۋىرسىتىتى.تەييىۋەن تەبئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى پۇتبۇل كۇماندىللىرى بىلەن تىركەشتى.تۇنجى كۇنىدىكى مۇسابىقىدە بىيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنۋىرسىتىتىكۇماندىسىغا 2گە قارشى 0بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.15-سىنتەبىر تەييىۋەن تەبئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى پۇتبۇل كۇ ماندىسى بىلەن 0:0بولوپ تەڭلىشىپ قالدى.ئەڭ ئاخىرقى ئۇمىت يەنبىيەن ئۇنۋىرسىتىتى بىلەنبۇلغان مۇسابىقىدە قالدى.ناۋادا بۇ كۇماندىنى ئۇتىۋالسا سەككىز كۇچلۇكلەر قاتارىغا قىتىلاتتى.شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدە يەنبىيەن ئۇنۋىرىسىتىت كۇماندىسىنى بىر قىتىم يەڭگەن ئىدى.ئەمما ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بۇ كۇماندىغا3كە قارشى 1 بىلەن ئۇتتۇرۇپ،گۇرۇپپىدىن چىقالماي، تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتنى ئىلىپ قايتتى .
بىر قانچە قىتىم مەملكەتلىك مۇسابىقىلەردە غۇلاچقا چىداپ غىرىچقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن بۇ كۇماندىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار تۇراتتى.2007-يىلى بۇ كۇماندىنىڭ ياخشى نەتىجە ئالغان شۇنداقلا ئارماندا قالغان بىر يىلى بولدى.ياخشى نەتىجىسى غەربى شىمالدىن بۆسۇپ چىقتى،ئارمانلىرى بولسا كۆزئالدىدىكى مەملىكەت بۇيىچە سەككىز كۇچلۇكلەر مۇسابىقىسىدىن قۇرۇق قول يىنىپ قالدى.بۇنىڭ سەۋەپلىرى تۇلىمۇ كۇپ بولوپ، پەرھات باشلىق ئەڭ مۇنەۋۋەرئۇچ ماھىرىنىڭ شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەرپۇتپۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىمالى رايۇن مۇسابىقىسى سەۋەپلىك ئالى مەكتەپلەر لې نىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى ،بۇ كۇماندىنىڭ تاكتىكا ئۇرۇنلاشتۇرلىشىغا كۇچلۇك تەسىر قىلغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەر پۇتپۇل كۇماندىلىرىدا ئانچە-مۇنچە كەسپى پۇتپۇلچىلارمۇ بار بولوپ،يىرىم كەسپى پۇلپۇلچىلاردىن تەركىپ تاپقان پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىتى كۇماندىسى رىپىرلارنىڭ( ئالاھىدە غەمخورلۇق)قىلىشىغىمۇ ئانچە-مۇنچە ئۇچراپ تۇردى.بۇ كۇماندىنىڭ ئالدىدا ئۇزىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشقا يول قالمىغان ئىدى.بۇ كۇماندىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى ئاساسەن دۇلەتلىك ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان،ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتەرگەن،پۇتپۇلدا ئالاھىدىلىكى بار ئۇقۇغۇچىلار بولوپ،ئولارئۇتتۇرا مەكتەپ ھاياتىداتىخنىكىسى ياخشى بولسىمۇ ئەمما ئاساسەن چوڭ مەيدان كۆرمىگەن،ماھىرلار ئىدى.مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە يىڭىپ چىقىش ئۇچۇن ئۇلارنى كۇپرەك چىنىقتۇرۇش تولىمۇمۇھىم ئىدى.شۇنداقلا كۇپ مۇسابىقە كۆرگەن ماھىرلار جىددى زۇرۇر ئىدى.ئۆز سىپىنى تىخمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى كۆزىنى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىش يىشىغا يەتكەن شىنجاڭ ياش ئۇسمۇرلەر كۇماندىسىغا تىكتى،بۇ ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۆزىنى كۇچلەندۇرسەئىككىنجى بولوپ شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر كۇماندىسىدىكى ماھىرلارغا چىقىش يولى ھازىرلاپ بىرىش ئىدى چۇنكى شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن تالانتىلىق پۇتپۇل مايسىللىرى قۇرامىغا يەتكەندىن كىيىن ياشلار كۇماندىسى بولماسلىق سەۋەبىدىن چىقىش يولى تىپىش ئۇچۇن پۇتپۇل بىلەن بالدۇرلا خۇشلىشاتتى.پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىسىتىى رەھبەرلىرىنىڭ يىقىندىن كۆڭۇل بۆلىشى بىلەن ياش ئۇسمۇرلەر كۇماندىسىدىكى بىر قانچە ماھىر بۇ كۇماندىغا قۇبۇل قىلىنىپ،كۇماندا ئىچىدىكى ئورون رىقابىتى كەسكىنلىشىپ ماھىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى كۇنسىرى ئىشىپ ھەر جەھەتتە ئىلگىرلەشلەر كۆرۆلدى.ئەمما كۇماندىدا يەنىلا بۇرۇنقى ئەزالار ئاساس ئىدى،چۇنكى ئالى مەكتەپلەر لوڭقىسىنى تالىشىشى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شاللاش مۇسابىقىلىرى كۇپ بولوپ بىرلا مەيدان كىتىپ قالسا ئۇيگە قايتىدىغان ئىش چىقىپ قالاتتى،يىڭى ماھىرلارنىڭ تىخنىكىسى ياخشى،كۆپ مۇسابىقىلەرنى كۆرگەن بولسىمۇئەمما شاللاش مۇسابىقىسىنى قانداق ئۇيناش تەجىربىسى كۇماندىنىڭ كونا ئەزالىرىغا يەتمەيتتى .شۇ يىلقى ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدىكى ئالدىن تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقى يەنە بۇ كۇماندىغا مەنسۇپ بولوپ،2008-يىللىق مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە تەييارلىقنى باشلىۋەتتى.
2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن « لىنىڭ لوڭقىسى سىتودىنتلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى » نىڭ شىمالىي رايۇنىدا شىنجاڭ پىداگوگىكا بىلەن چاڭچۈن پىداگوگىكا كۇماندىسى تۇنجى مەيداندا تىركەشتى. شىنجاڭ پىداگوگىكا كۈچىمەيلا 3 نۇمۇرغا ئىرىشتى 5 - ئاينىڭ 11 – كۈنى شىنجاڭ پىداگوگىكا كۇماندىسى بىلەن تىيەنجىن پىداگوگىكا كۇماندىسى ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى . نەتىجىدە 0 - 0 تەڭلىشىپ قالدى13 - چىسىلا گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىنى خېبېي ئونۋىرسىتىتى بىلەن ئويناپ ، نەتىجىدە شىنجاڭ پىداگوگىكا كۇماندىسى 2 دە 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇب قىلىپ ،شىمالى رايۇن بويىچە سەككىز كۈچلۈككە كىردى. 14- چىسىلادىكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ پىداگوگىكا كۇماندىسى2گە قارشى0 نەتىجە بىلەن شىنياڭ كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ سىرتىدا قالدى بارلىق ئۇمىت
ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان 6 - لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا قالدى ئەمما يەنىلا ئۇتتۇرۇپ، شىمالى رايۇن بۇيىچە 7-چىقىپ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگەقاتنىشالمىدى.بۇ كۇماندىنىڭ ئالدىدا ئىشىنى يەنە نۈلدىن باشلاشدىن ئىبارەت مۇشكۇل يول قالدى.بۇ جەرياندا نۇرغۇن پۇتپۇلچىلار ئارمان بىلەن ئوقوش پۇتتۇرۇپ كىتىشىتى.ئوقۇش پۇتتۇرمىگەنلىرى ئۆز ئارمانلىرى ئۇچۇن كىلەركى قىتىملىق پۇرسەتنى پايلاپ تۇرۇشتى.ئۇنۋىرسىتىت رەھبەرلىرى كىلەركى قىتىملىق مۇسابىقە يىلى ئۇچۇن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۇتۇن كۇچى بىلەن كۇماندىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى قوللاشتى.چۇنكى ئۇلار بەل قويوۋەتمىگەندىلا ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكىلى بولدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقان ئىدى.بۇ كۇماندا ئەزالىرى قىشلىق تەتىلدىمۇ قايتىشماي قاتتىق سۇغاق قار-شىۋىرغانلاردىمۇ كۇندىلىك مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇشتى.كىلەركى قىتىملىق مۇسابىقىدە باسىدىغان يولىنىڭ زادى قانچىكىكلىكى ئۇلارغا نامەلۇم بۇلسىمۇ،بەل قويوۋەتمەسلىك روھى ئۇلارنى يىقىلغان يىرىدە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۇندەپ تۇراتتى.
-2009يىلى6-ئايدا خىخەي ئونۋىرسىتىتىدا ئۇتكۇزۇلگەن جۇڭگو لىنىڭ لوڭقىسى سىتىيۇدىنتلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى16كۇچلۇكلەر گوروپپىسىدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى بىيجىڭ تەبئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى.غەربى –جەنۇپ ئونۋىرسىتىتى،ۋۇخەن تەنتەربىيە ئىنىستۇتى پۇتبۇل كۇماندىللىرى بىلەن بىر گوروپپىغا بۆلۆنۇپ ، گوروپپىدىن ئىككىنجى بولوپ چىقىپ ،سەككىز كۇچلۇكلەر مۇسابىقىسىدا ساھىپخان خىخەي ئۇنۋىرسىتىتى بىلەن تۇتۇشتى.كەسكىن تىركىشىش ئارقىلىق خىخەي ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسغا يىڭىلىپ قىلىپ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالماي قالدى6-ئاينىڭ 14-كۇنى شىنجىن ئۇنۋىرسىتىتى بىلەن بۇلغان ئالدىقى سەككىزىنجىلىكنىن تالىشىش مۇسابىقىدا غەلبىنى قۇلغا كەلتۇرۇپ، تەييۇەن تەبئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بىلەن بەشىنجىلىكنى تالىشىش جىڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بۇ قىتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 6-چىقىپ شىنجاڭ ئالى مەكتەپ كۇماندىللىرىنىڭ ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۇردى.شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلار ئۇچۇن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان يەنە بىر ساننى قولغا كەلتۇرۇپ بەردى.چۇنكى مۇسابىقە قائىدىسى بۇيىچە ئالدىنقى ئالتىنجىلىككە ئىرىشكەن كۇماندىلارنىڭ تاللاش رايۇنىدىكى يەنەبىر كۇماندىغا جەنۇپ-شىمالى رايۇندىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتى بىرىلەتتى.بۇ2004-يىلىدىن كىيىن رايۇنىمىزدىن يەنە ئىككى كۇماندىنىڭ شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىنى ھازىرلىشى ئىدى. 2010—يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۇنى باشلانغان جۇڭگو لىنىڭ لوڭقىسى سىتىيۇدىنتلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى لەنجۇ مۇسابىقەرايۇنىدا رايۇنىمىزدىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىى پۇتبۇل كۇماندىسى قاتناشتى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى تىيەنجىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى، خاربىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى، چىڭداۋ پەن تىخنىكا ئونۋىرسىتىتى قاتارلىق كۇماندىلار بىلەن مۇسابىقلەشكەن.نەتىجىدە تىيەنجىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىنى1گە قارشى2 بىلەن يىڭىپ،چىڭداۋ پەن تىخنىكا ئونۋىرسىتىتنى،بىلەن 2-2،بولوپ تەڭلىشىپ،خاربىن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتنى2گەقارشى13بىلەن يىڭىپ شىمالى رايۇن سەككىز كۇچلۇكلەر قاتارىغا قىتىلدى، سەككىز كۇچلۇكلەر مۇسابىقىسىداشىجاجۇاڭ ئىقتىسات ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسىگە 2گە قارشى1 بىلەن يىڭىلىپ قالدى.ئەڭ ئاخىرقى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگ مۇسابىقىسىدە شىئەن مالىيە ئىنستۇتى كۇماندىسىنى 0گەقارشى1 بىلەن يىڭىپ شىنياڭدا ئىلىپ بىرىلدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشتى
2010 -يىللىق جۇڭگولى نىڭ لوڭقىسى سىتۇدىنتلار پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقسى جەنۇبىي شىمال ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسى 8 - ئىيۇل شىنياڭ سانائەت ئۈنۋېرسىتىتىدا باشلاندى.بۇ چاغ دەل جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى باشلانغان چاغ بولوپ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى توپ مەستانىللىرى دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرۇش بىلەن بىرگەتور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تۇت كۆز بىلەن كۇتۇشكە باشلىدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ رەقىبى سەنشىيا ئۇنۋىرسىتىتى ئىدى.بۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇسابىقە بولوپ چۇنكى سەنشىيا ئۇنۋىرسىتىتى ئۇدا ئۇچ نۇۋەتلىك ئالى مەكتەپلەر پۇتپۇل مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى چىققان.بىرىنجى مەيداننى ياخشى ئۇينىغاندىلا ئاندىن ئۇمىت بار ئىدى .مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى كۇچلۇك مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم ئارقىلىق چىمپىيۇن كۇماندىنىڭ سەل قاراش ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ دەسلەپكى مەيداندا بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى يىرىم مەيداندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى كۇچلۇك ھۇجۇم ئارقىلىق ئابدۇۋەلى .ئەسقەر، نۇرئەللەرنىڭ ئارقا ئارقىدىن يەنە ئىككى توپ ئۇرۇشى بىلەن 16 كۇچلۇكلەر مۇسابىقىسىدا يىڭىلمەس نامىنى ئالغان سەنشىيا ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسىنى3-1 ئۇتۇپ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدىكى قارا تۇلپارلىق سەپىرىنى باشلىدى.9-ئىيۇل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسىنىڭ رەقىبى بۇلسا جەنۇپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كۇچلۇك كۇماندا خەينەن ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى بولوپ مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ئىككى تەرەپ كۇچلۇك ھۇجۇم ئارقىلىق ئىككىنجى ئايلانمىدىكى ئەڭ كەسكىن ئەڭ قىزىغان مۇسابىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى 90 مىنۇتلۇق كەسكىن ئىلىشىش ئارقىلىق ھەر 9 مىنۇتتا بىردىن توپ كىرىپ ئاخىرى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسىدىكى ئەسقەر2 ، ئابدۇۋەلى1 ، پەرھات1 ۋە ئىلھام2 قاتارلىق ماھىرلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن توپ ئۇرۇشى بىلەن 4كە قارشى 6 دەك ئاجايىپ نەتىجە ئارقىلىق ئۇزىنىڭ يەنە بىر كۇچلۇك رەقىبىنى يىقىتتى.بۇ قىتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق ئاخىرىشىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى كۇماندىسى8 كۇچلۇككە كىرىش قەدىمىنى ئاساسەن ئىلىپ بۇلغان ئىدى.ئەمما كەسكىن تىركىشىىش ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچى ئىلھام ۋە ئابدۇۋەلى قىزىل تاخىتايەپ مەيداندىن چىقىپ كىتىپ بۇئىككى نەپەر غۇللۇق ماھىر ئۇچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغان بولدى. ئۇچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى رەقىپ بۇلسا شىمال رايۇن بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇزىنى1گە قارشى2 بىلەن يىڭىۋالغان ۋە ئۇچىنجى چىققان شىجاجۇاڭ ئىقتىساد ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى ئىدى
6-ئاينىڭ11-كۇندىكى بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى 1گەقارشى1 نەتىجە بىلەن شىجاجۇاڭ ئىقتىسات ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ. ئىككى ئۇتۇق بىر تەڭ نەتىجە بىلەن 8كۇچلۇك كۇماندا قاتارىغا كىردى .6-ئاينىڭ 12-كۇنى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئالدى بىلەن د گۇرۇپپىدىكى 2-چىققان كۇچلۇك كۇماندا يەنبىيەن ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ،كۇماندا ئەزاسى يۇلۋاس كىينكى يىرىم مەيداندا قىزىل تاختا بىلەن مەيداندىن چۇشۇپ كەتكەن ئەھۋالدا 90مىنۇتلۇق مۇسابىقىد ئىلھامنىڭ تۇپ ئۇرۇشى بىلەن1-1بولوپ تەڭلەشتى،كۇماندىنىڭ كۆز ئالدىدا رەھىمسىز نوقتا توپ بىلەن بىر بىرىنى شاللاشتەك رەھىمسىز تاللاشقا دۇچ كەلدى.مۇسابىقىدە كۇندىن كۇنگە ئىچىلىپ كەتكەن ۋارتار نەسرۇللانىڭ ئىكى تۇپنى تۇتۇۋىلىشى بىلەن، نۇقتا تۇپ تىپىش جىڭىدە 2گە قارشى 4 بىلەن ئۇمۇمى نەتىجىدە 3كە قارشى 5بىلەن غەلبە قىلىپ، تۇنجى قىتىم تۇت كۇچلۇكلەر قاتارىغا كىردى.يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى بۇلسا شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى0گە قارشى 1نەتىجەبىلەن يەڭگەن شىئەن مالىيە ئىنىستۇتى كۇماندىسى ئىدى.6-ئاينىڭ14-كۇنى چۇشتىن كىيىن ئىلىپ بىرىلغان يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى ئەسقەر بىلەن دىلمۇراتنىڭ ئۇرغان توپى بىلەن 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى شاللىۋىتىپ تۇنجى قىتىم مەملىكەت دەرىجىلىك چىموىيۇنلۇقنى تالىشىش باسقۇچىغا كىردى.6-ئاينىڭ 15-كۇنى ئىلىپ بىرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسنىڭ رەقىبى شىمالى رايۇنمۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى- تەييىۋەن تەبىئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى بۇلۇپ، ئالدىنقى قىتىم 3كە قارشى بىر 2 بىلەن يىڭىلىپ قالغان ئىدى.مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا ئىككى تەرەپ كۇچلۇك ھۇجۇم بىلەن مۇسابىقە رىتىمىنى ئەۋجىگە چىقاردى.بۇلۇپمۇشىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى كۇچلۇك بەدەن ساپاسى،بەل قۇيۇۋەتمەس رۇھى ۋە تىخنىكىسىغا تايىنىپ مۇسابىقىنى كۇنتۇرۇل قىلىۋالدى.ئەمما مۇسابىقە باشلىنىپ 30نەچچەمىنۇتقا كەلگەندە قارشى تەرەپ بىر تۇپ ئۇرۇۋىلىپ پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بۇلۇۋالدى.ئەمما ئۇزۇن ئۇتمەي شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى ئالدىنقى مەيدان 42-مىنۇتتا 11-نۇمۇر ئابدۇۋەلى،45-مىنۇتتا 9-نۇمۇر رازاق (چوڭ رازاق ئۇرۇمچىدىن)ئارقا ئارقىدىن توپ ئۇرۇشى بىلەن ئالدىنقى يىرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.كىيىنكى يىرىم مەيداندا تەبىئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسى كۇچلۇك ھۇجۇم قۇزغاپ باققان بۇلسىمۇ كۇچلۇك بىكلەر ۋە قاپچى نەسرۇللانىڭ مۇداپىيەسىدىن بۇسۇپ ئۇتەلمەي كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىمۇ ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى تۇنجى قىتىم مەملىكەت ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى ئىلىپ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرى ئۇچۇن چۇڭ شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە پىداگۇگىكا كۇماندىسىيەنە كۇپلىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشتى.مەسلەن، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىدىكى 24- نۇمۇرپەرھات ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبۇلچى ، تىرنىر دىلمۇرات ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرنىر ، 10- نۇمۇرلۇق ئەسقەر مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى ، 22-نۇمۇرلۇق ۋارتا نەسرۇللا ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتا مۇكاپاتىغا ئەڭ ئىرىشتى.6-ئاينىڭ17-كۇنى بۇ كۇماندا مەكتەپ مۇدىرى ئازات سۇلتاننىڭ باشچىلىقىدا ئۇرۇمچىگە قايتىپ كەلدى.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتپۇلچىلىقىدىكى بۇ بۆسۆش ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكۇم ۋە خەلىق ھۇكۇمىتىنىڭ يۇكسەك دىققىتىنى تارتتى.6-ئاينىڭ20-كۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكۇمنىڭ دائىمى ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىغا كىلىپ،بۇ ماھىرلارنى يوقلىدى،ۋەئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بۇ كۇماندىنى 100،000يۇەن بىلەن مۇكاپاتلاش قارارىنى ئىلان قىلدى.بۇ كۇماندىنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىسى مەملىكەت ئىچىدە تەسىرى چوڭ،پاكىز ئوينالغان،چىمپىيۇنلۇق قان- تەر بىلەن قولغا كەلگەن،كۇماندا ئەزالىرى كۇماندىنىڭ مەشقاۋۇلى بىلەن ئۆز- ئارا قوللىشىپ،مۇسابىقە ئۇچۇن ئۆزلىرىنى بىغىشلىغان،دۇرۇس نىيەت ئامەتنى ھەمرا قىلغان بىر مەيدان ھەقىقى مەنىدىكى غەلبەئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، پۇتپۇلدا ئىزچىللىق،بوشاشماسلىق،ئۇمىتۋارلىقىنىڭ غەلبىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى،چىمپىيۇنلىققا يىتىش مۇساپىسىنىڭ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەسلىكى،پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى مەكتەپ كۇماندىسىنىڭ بۇ غەلبىگە 20نەچچە يىللىق ئەگرى توقايلىق مۇساپە بىلەن يىتىش جەريانى ئارقىلىق، ۋەزىرپە ئۇچۇن تەشكىلىنىپ،نەتىجە ئالالمىسا تارقىتىۋىتىلىدىغان،يىرىم يولدا تۇختاپ قىلىپ، نەچچە يىل ئالدى كەينىگە دەسلەپ يۇرگەن بەزىبىر كۇماندىلىرىدىكى مايسىنى تارتىپ ئۇستۇرۇشكە ئالدىرايدىغان كىشىلەرگە چىمپىيۇنلۇققا يىتىش مۇساپىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە جانلىق مىسال بولدى.ھالبۇكى بۇ چىمپىيۇنلۇققا يىتىش جەريانىدا مەيلى مەكتەپ رەھبەرلىرى،كۇماندا مەشقاۋۇلى ۋە كۇماندا ئەزالىرى ئاجايىپ كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۇرگەن ئىدى.تۇۋەندە مۇشۇ مۇسابىقىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان بىر قانچە ئەزىمەتنىڭ زىددىيەتلەگە تولغان ئىچكى كەچۇرمىشلىرى ئارقىلىق بۇ قىتىمقى چىمپىيۇنلۇق ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۇشەنچىگە كىلىشىمىز مۇمكىن.
دىلمۇرات مۇئەللىم سىز بۇ قىتىمقى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا ئالغاندىن كىيىن بىرىنجى بولوپ نىمىنى ئۇيلىدىڭىز؟
شۇ چاغدىكى ھىسياتنى بىر قانچە جۇملە سۆز بىلەن تەسۋىرلەش تولىمۇ قىيىن،بۇنىڭ ئۇچۇن بىر قانچە سائەت سۆزلىسەممۇ ئازلىق قىلىدو.يىغىنچاقلاپ ئىيىتقاندا مىنىڭ 11يىللىق تىنىمسىز تىرنىرلىق ھاياتىم شەرەپ مۇنبىرىدە ئەڭ ئىگىز چۇقىغا چىقتى ،بۇشۇ ئۇن بىر يىل داۋامىدىكى جاپا مۇشەققەتلەر ئۇنتۇلۇپ بىر خىل بەخت تۇيغۇسى مىنى خىل شىرىن ھىسلارغا چۇمدۇردى.بۇ خۇددى باغۋەننىڭ باغ بىنا قىلىپ مىۋە كۆچىتى مىۋە بەرسە ھوزورلانغىنىدەك،ئەمما بىزگە بۇ مىۋە تولىمۇ ئۇزۇن 11يىللىق تىرىشش،جاپا-مۇشەققەت،تارتىش ئارقىلىق مىۋە بەردى.ئەلۋەتتە بۇنداق جاپا بىلەن قولغا كەلگەن، تولىمۇ ئۇزۇندا ئىرىشكەن مىۋىنىڭ لەززىتىنىڭ تاتلىقلىقىنى پەقەت مۇشۇ ئۇزۇن يىللارنىڭ خورىتىشغا بەرداشلىق بەرگەن،جاپاسىغا كۇنگەن ئادەملا بىلەمدىكىن دەيمەن.شۇ چاغدىكى مەندىكى ھىسيات شۇ خالاس.بۇ يەردە جاپاىڭ گىپى چىقىپ قالدى،بۇ جاپا-مۇشەققەت ماڭىمۇ بولدى،مۇشۇ 11يىل داۋامىدا مەكتىۋىمىز كۇماندىسىدا توپ ئۇينىغان،ئارمان بىلەن ئوقوش پۇتتەرگەن،پۇتپۇلچى بالىلار،ۋە ھازىرقى توپ ئۇيناۋاتقان مۇشۇ غەلبىنى بىللە ياراتقان يىگىتلەرگىمۇ بولدى.ماڭا نىسبەتەن مۇشۇ 11يىل داۋامىدا كۇپ ۋاقىتلاردا مۇسابىقە سەۋەپلىك سىرىتتا يۇرۇپ، ئائىلەمگە ئىزچىل كۇيۇنەلمىدىم،بالامغا ھەمرا بولالماي،ئۇنىڭ تەربىيلىنىش ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىشلىرىنى بىر قوللۇق تۇتالمىدىم خۇددى ئايىغى چىقمايدىغاندەك تۇيۇلىدىغان نۇرغۇن قىتىملىق مۇسابىقلەردەكىچىككىنە سەۋەپلەردىن شاللىنپ، يىرىم يولدا قىلىپ، ئۇمىت بىلەن بىرىپ ئارمان بىلەن يانغان چاغلاردا بۇ جاپالارنىڭ ۋەزنى تىخىمۇ ئىغىر كىلىدىكەن.پۇتپۇلچى بالىلارمۇ جاپانى بولوشىغا تارتتى،بولمىسا ئۇلارنىڭ چۇقۇم مۇسابىقە ئويناپ نەتىجە ئالىسەن دەپ بىكىتىلگەن ۋەزىرپىسى يوق،ئەمما بۇ بالىلاردىكى پۇتپۇلغا بولغان مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق ئۇچۇن ئۇلارمۇ شۇنچە جاپالارغا چىدىدى،قار شىۋىرغاندىكى مەشق،پۇيىزدىكى تۇگمەس سەپەر،مۇسابىقە ۋاقتىدىكى ئىسسىق باسمايدىغان تاماققا ئۇلار قىلچە ۋايساپ باقمىدى،ئەكسىچە بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپتى،بۇ ھوزور دەپ ھىس قىلدى.شۇڭا دەيمەن. چىمپىيۇنلۇقنى ئالغاندىن كىيىنكى تەسىراتنى مۇشۇ مۇسابىقىدە تەر ئاققۇزغان بالىلاردىنمۇ سۇراپ بىقىش كىرەك.
كۇماندا ئەزالىرىنىڭ باشقا كۇماندىدىكى ئەزالار بىلەن پەرقى قانچىلىق ئىكەن.مەسلەن بەدەن قۇۋۋىتى،تىخنىكىسى،مۇسابىقە پىسخكا ساپاسى دىگەندەك؟
بىزنىڭ كۇماندا ئەزالىرى بىلەن باشقا كۇماندىلارنىدىكى ئەزالارنىڭ پەرقى دىسەك خىلى بار.ئالدى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ كۇماندا ئەزالىرىنىڭ بويى بىزنىڭ بالىلاردىن خىلىلا ئىگىز.مۇسابىقىدا تىرنىرلىرى ئۇرۇنلاشتۇرغان تاكتىكىنى ئۇرۇنداش ئىپادىسىمۇ شۇنداق ياخشى،بىزنىڭ بالىلار بۇي جەھەتتە پاكار،ئەمما بەدەن قۇۋۋىتى ئۇلاردىن ئۇستۇن،ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ بالىلارتىخنىكىلىق ئۇيناش جەھەتتە ئۇلاردىن ئۇستۇن تۇرىدو،يەنى بالىلار مۇسابىقە جەريانىدا توپنى كۇنتۇرۇل قىلىپ تۇرغان شارائىتتا ماھارەتلىك ھەركەتلەرنى كۇپ چىقىرىپ مۇسابىقىنىڭ كەيپىياتىنى كۇتىرەلەيدو،ئەمما مەن مۇسابىقە جەريانىدا بۇنداق ھەركەتلەرنىڭ كۇپ بولوپ كىتىشىنى خالاپ كەتمەيمەن.چۇنكى بۇنداق ھەركەتلەر ئۇڭايلا قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيە قىلىمەن دەپ ئىغىر ھەركەتلەرنى ئىشلەپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇدە بىزنىڭ ئەزالاردا كۇتۇلمىگەن يارلىنىش ھادىسلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار.پىسخىك ساپا جەھەتتە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇغۇچىللىرى،ساپالىق بالىلار.ئەمما مۇسابىقە جەريانىدا بەزى چاغلاردا ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى ئارىسىدىمۇ بىر قىسىم ئۇششاق ھەركەتلەردىن خالى بولغىلى بولمايدو،ئەمما بىزنىڭ بالىلار مەكتىۋىمىزدىن نەچچە مىڭ كىلۇمىتىر يىراق يەرگە ھەرگىزمۇ ساياھەت قىلىپ ئۇيناپ كەلگىلى ياكى ئىچ پۇشىقىنى چىقارغىلى بارمايدو.ئەكسىچە پۇتپۇل ئۇچۇن، ئادىل رىقابەتلىشىش ئۇچۇن بارىدو،مۇسابىقە جەريانىدا بەزى چاغلاردا خاتا ھۇكۇملەردىن ساقلانغىلى بولمايدو. گەرچە بىر قىسىم خاتالىق بىزدە بولمىسىمۇ مۇسابىقىدە تارشى تەرەپ بىلەن ئورونسىز تالىشىش،ياكى تىرنىرلا بىلەن تالىشىش ئىشلىرى مۇتلەق يۇق،چۇنكى نۇرغۇن كۆزلەر بىزگە بەكرەك تىكىلگەن،مۇنداقچە ئىيىتقاندا بىر قىسىم ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ پۇتپۇلچىلىقىغا بولغان نەزىرى باشقىچە،يەنى بىزنى ھەركەتلىرى قوپال،قالايمىقان،ئۇڭايلا مەيداندا جىدەل چىقىرىدو،رىپىرگە بۇي سۇنمايدو،دەيدىغان قاراش بىر قىسىملارنىڭ كاللىسىدا ھىلىھەم بار.ئۇنىڭ ئۇستىگە مەيدان ئۇرۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۇلار ئەۋزەللىككە ئىگە،بىز پۇتۇنلەي مىھمان كۇماندا سالاھىتىدە توپ ئۇينايمىز.پۇتپۇل مۇسابىقىسى توپنى قولدا بىر بىرىگە تاشلاپ بىرىدىغان مۇسابىقە ئەمەس .شۇ سەۋەپ قارشى تەرەپتىن تىركىشىپ توپنى تارتىپ ئالغاندابەزى چالمىسىمۇ بولىدىغان پۇشتەكلەرنى چىلىپ سالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.ئەمما بىز ئۇمۇسابىقىلاردا يالغۇز بىرلا كۇماندىغا ئەمەس،بەلكى دىيارىمىز خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىمىز،ئەڭ مۇھىمى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئالى مەكتەپلەردىكى ئىستۇدىنىتلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز،بىزنىڭ ئۇتكۇزگەن خاتالىقىمىز بىز بىلەنلا كەتمەيدو،شۇڭلاشقا بىزنىڭ بالىلارغا تەكىتلەيدىغىنىمىز،مۇسابىقىنى چىرايلىق ئۇيناش،قارشى تەرەپكە جىسمانى بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ھەركەتلەرنى قەتئى ئىشلىمەسلىك،چۇنكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىسى،ئۇلارمۇ ئادىل رىقابەتلىشىش ئۇچۇن كەلگەن.مۇسابىقە جەريانىدامەيلى قانداق بولوشىدىن قەتئى نەزەر رىپىرلارنىڭ ھۇكۇمىگە مۇتلەق بوي سۇنۇش،قاتارلىقلار.ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ بالىلارمۇ ئۇرۇنسىزخاتالىقلارنىڭ ۋە رىپىرلار بىلەن سۇركىلىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىدو.شوڭلاشقا بىزنىڭ بالىلار بۇرۇنقى مۇسابىقىلەرنىڭ قانداق بولوشىدىن قەتئى نەزەر ئۆزلىرى ئوينىغان مۇسابىقىدە پىسخىك جەھەتتىكى ساپاسى ئالاھىدە يۇقىرى،بىز كۇرۇپ تۇرىۋاتىمىز.دۇنياۋى ياكى پۇتپۇلدا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىللىرىدەبەزى مۇسابىقىلەردە ئۇرۇنسىز تىركىشىش،تىللىشىش،رىپىرنى ھاقارەتلەش ئىشلىرى يۇز بىرىپ تۇرىدو،مىنىڭچەبۇ ھەرگىزمۇ شۇ كۇماندىدىكى ھەممە ماھىرلارنىڭ ياۋايىلىقى ياكى ساپاسىزلىقىنى بىلدۇرمەيدو،بەلكى شۇ كۇماندىنىڭ كۇپ مۇسابىقە كۆرمىگەن،مەيدان تەجىربىسىنىڭ يۇقلىقىدىن بولاۋاتقان ئىش.ئۇىڭ ئۇستىگە شۇ خىل ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار مەيدانغا يىڭىلا ئالمىشىپ چىققان ئۆزىنى تەڭشەپ بولالمىغانلار ياكى جىق مۇسابىقە كۆرمىگەن ياش ماھىرلاردۇر.
سىزنىڭچە سىلەر بىلەن ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپ كۇماندىللىرىنىڭ پەرقى نەدە؟
پەرىق خىلىلا بار ئالدى بىلەن قاتتىق دىتال يەنى مەيداق شارائىتى.بىزنىڭ بالىلار ھەرتەتىل قايىتماي يازنىڭ ئىسسىقىدا ئۇستى ئۇچۇق مەيداندا،قىشتا يەنە شۇ مەيداندىكى مۇزغا ئايلىنىپ كەتكەن قارنىڭ ئۇستىدە قىشنىڭ جاڭىلداپ تۇرىدىغان سۇغۇقىدا مەشىقى قىلىدو،ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇستى يىپىق ياكى يىرىم يىپىق پۇتپۇل مەيدانلىرى،ۋە بەدەن قىزىتىش مەشىق ئىلىپ بىرىش ئۇسكۇنىللىرى تولوق،ئىچكىرىدىكى كۇماندىلارنىڭ تىرنىرلار قوشونىمۇ تولوق،ئۇلارنىڭ بەدەن مەشىقى،تاكتىكا،ۋارتار ۋە قوشومچە تىرنىرلىرى ئايرىم ئايرىم.ھەتتا ،مۇسابىقىدىن كىيىن بەدەن ئۇۋۇلاپ مۇسكۇللارنىڭ ھارغىنلىقىنى چىقىردىغان، سالامەتلىكلىكىنى تەكشۇرۇپ،ھەرۋاقىت تەييار تۇرىدىغان مەخسۇس خادىم دۇختۇرلىرى بار.بىزدە بۇنداق شارائىت كەم، كۇماندىدا تىرنىرلار قۇشۇنى يىتەرسىز،بەزى چاغلاردا ھەممىلا يەرگە ئۇزۇم يۇگىرەيمەن.ئىچكىرىدىكى مۇسابىقىلەردە تاماق جەھەتتە بىز بەك قىينىلىپ كىتىمىز.تاماقنى مۇسابىقە رايۇنى بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرىدو.ئەمما بىز يەپ كۇنمىگەن تاماقلار بولغاچ،ئىسسىق باسماي يەنىلا ئۆزىمىز ئىلىپ كەلگەن گۇش قۇرۇمىسى،تەييار چۇپ، نانلار بىلەن ئوزوقلىنىدىغان گەپ، بەزى مۇسابىقىلەر كۇن ئۇلاپ داۋاملىشىدۇ ئارلىقتا دەم ئالىدىغان ئىش يوق بۇنداق چاغلاردابىزگە ناندىن كۇرە غەيرەت چىدام، ئىشەنىچ ئۇزۇق بولىدو،چۇنكى بىز يەتمەكچى بولغان نىشان كۆز ئالدىمىزدىلا.ئۇنىڭ ئۇستىگە خىراجەت ئوخشىمايدو،ئىچكىرىدىكى مەكتەپ كۇمانداھەربىر ئەزالىرىنىڭ بىر كۇنلۇك چىقىمى ئازدىگەندىمۇ 50يۇەن،بىزنىڭ پەقەت بىر ماھىرنىڭ بىر كۇنلۇك خراجىتى 15يۇەن.بىز مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇچۇن ئاساسەن پۇيىزغا ئولتۇرىمىز،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئارلىق يىراق،بەزى چاغلاردا ئىقتىسادى جەھەتە قوللاش بولوپ قالسا ئايرۇپىلانغا چىقىش پۇرسىتى كىلىپ قالدۇ.بەزى چاغلاردائىچكىرىدىكى بەزى مەكتەپ كۇماندىسىدىكى تىرنىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ قالىمىز،ئۇلار بىزنىڭ بالىلارنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ ،قانداق ئوزوقلاندۇردىغىنىمىزنى نىمە يەيدىغىنىمىزنى،نىمىشكە مۇسابىقىدە تۇختىماي يۇگەرسىمۇ ھارمايدىغانلىقىمىزنى سۇرىشىدو.بۇنداق چاغدا ياشاش مۇھىتى،ئۇرپ-ئادەت جەھەتتە بەزى ئەھۋاللارنى ئۇلارغا چۇشەندۇرۇپ قۇيىمىز،ئەمما قىيىنچىلىقىمىزنى،ۋە باشقا ئىشلارنى دەپ يۇرمىدۇق.
بۇ يىلقى پىلانڭلار بۇ لوڭقىنى يەنە ئىلىشمۇ؟
بىزدە چۇقۇم لوڭقىنى ساقلاپ قىلىش دەيدىغان پىلان ھازىرچە يوق.چۇنكى شۇنداق بۇيرۇق چۇشەرسەك بالىلارنىڭ بىسىمى ھەسسىلەپ ئىغىرلايدو.بۇ چۇقۇم بالىلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتىدو.ئىش دىگەنىنى قەدەممۇ قەدەم باسىدىغان ئىش ئىكەن.مىسال قىلسام ھازىر 1012-يىللىق ياۋرۇپا لۇڭقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرلىۋاتىدو،ئالدىنقى نۇۋەتلىك چىمپىيۇن ئىسپانىيە بولسۇن ياكى گىرمانىيە ،ئىنگىلاد،ھۇللاندىيە.ۋە باشقىلارنىڭ ھازىرقى نىشانى ھەرگىزمۇ 1012-يىلى چىمپىيۇن چىقىش ئەمەس .بەلكى ئالدىن تاللاش گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى ئۇڭۇشلۇق تاماملاپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بىر ساننى قولغا كەلتۇرۇش،ئالدى بىلەن مۇشۇ سان قولغا كەلسىلا ئاندىن ئۇلارداچىمپىيۇنلۇققاقارىتا ئۆزىگە خاس سوققان ھىساپ –چوتلىرى بولىدو.بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.بىزنىڭ لوڭقىغا يىتىشىمىز ئۇچۇن تۇت قاتلام مۇسابىقە بار،بىرىنجىسىنى غەلبىلىك تاماملىدۇق. يەنى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە چىمپىيۇن چىقتۇق،ئىككىنجى قاتلام غەربى –شىمال مۇسابىقە رايۇنى،ئاندىن شىمالى جۇڭگۇ رايۇنى،تۇتىنجىسى،مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە،يەنى جەنۇپ،شىمالدىكى 16كۇماندىنىڭ ئاۋال گۇرۇپپىلاردا تىركىشىشى،ئەڭ ئاخىرقىسى سەككىز كۇچلۇكتە بىر بىرنى شاللاش.شۇ سەۋەپ بىز ئىشنى ئاۋال بىرىنجى قەدەمدىن باشلىشىمىز تولىمۇ زۆرۇر.
نەسرۇللا.(بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدەئۆزىنىڭ پەۋقۇللاددە ئىپادىسى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار بولوپ باھالانغان)سىزنىڭ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدەچىمپىيۇنلۇقنى ئالغاندىن كىيىنكى تەسىراتىڭىز قانداق؟
يۇقارقى رەسىمدىكى بۇ قىتىمقى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر پۇتپۇل مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىرى بىلەن پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشىغا ھەسسىسنى قوشقان،مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەرۋارىتار بولوپ باھالانغان نەسرۇللا
مىنىڭ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدىكى تەسىراتىم ئۆزگىچە.گەپنى يىراقتىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ.مەن 2005-يىلى مەكتەپكەئىمتىھانسىز تاللىنىپ كەلگەندىن بىرى بىزنىڭ يەنى مەكتەپ كۇماندىسىدىكى بالىلارنىڭ كۇنى مەشىق ۋە مۇسابىقەدىن باشقا ئىشقا ئاجراتقان ۋاقتىمىز بەكمۇ ئاز.مەن مەكتەپكە كەلسەم مەكتەپ كۇماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقلەرگە تازا يۇرۇش قىلىۋاتقان چاغلىرى ئىكەن.شۇ چاغلاردا مەكتەپ كۇماندىسىدا ئۇچ ۋارىتار بۇلىدىغان،مەن يىڭى كەلگەچ،شۇنداقلا مەملىكەتلىك مۇسابىقە تەجىربەم بولمىغاچ دەسلەپتە ئۇرۇنباسار ۋارىتار بولدۇم.2008-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە يەنە بىر ۋارىتار بىلەن نۇۋەت ئالمىشىپ تۇردۇق،2009-يىلى كۇماندىمىزغا شىنجاڭ سابىق لاتارىيە كۇماندىسىدىسىنىڭ ۋارىتارى زۇليار كەلدى..2009-يىلى ئائىلىمىزنىڭ تۇۋرىكى بولغان دادام تۇگەپ كىتىپ،ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۇگەتكەندىن كىيىن كۇماندىغا قايتىپ كەلدىم،نىمىشقىدۇ كەيپىياتىم شۇنداق ناچار،مەشىق جەريانىدا تۇزۇك زىھنىمنى يىغالمايمەن،مەشىقنى ئەستايىدىل ئىشلىدىم دەپ قارىساممۇ يەنە بىر يەرلەردە مەسىلە باردەك.شۇ چاغدا تىرنىرىم دىلمۇراتكام ۋە كۇماندىدىكى قىرىنداشلىرىم ماڭا جىق تەسەلل ۋە مەدەتلەرنى بىرىپ تۇردى.بولوپمۇ ئەكرەمكام بىلەن پەرھاتكام دائىملا مىنى رىغبەتلەندۇرۇپ تۇردى.2009-يىلىدىكى شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدە ئۇچ مەيدان مەن ۋارىتاردا تۇردۇم.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كىيىن.يەنە مەن نۇۋەتلىشىپ ۋارىتاردا تۇردۇم.شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئالتىنجىلىككە ئىرىشتۇق.بۇ ماڭا جىق تەسەللى ۋە مەدەت بولدى.شۇ يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سەنشيا ئۇنۋىرسىتىتى چىمپىيۇن چىقتى.بۇ كۇماندا كەيگەن چىمپىيۇنلۇق كىيىمى كۆزىمىزدىن ئوت چىقىرىۋەتتى.مەن كۇماندىدىكى يۇلۋاس بىلەن دىلمۇراتقا «مۇشۇ كىيىمنى كىلەر يىلى بىز كىيىدىغاندەكلابىر سىزىم بار»دىسەم ئۇلار خۇدا بۇرۇسا چۇقۇم كىيىمىز دىگەن ئىدى.2010-يىلى شىمالى رايۇن مۇسابىقىسىدەمىنىڭ كەيپىياتىم تۇراقسىزبولوپ، ئاساسلىق زۇليار ۋارىتاردا تۇردى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىدىغان كۇننىڭ ئالدىنقى كۇنى ياتاقتاياتسام ئەكرەمكام كىرىپ«تەييارلىق قانداقراق؟ھەل قىلسۇچ مۇسابىقىدە سەن ۋارىتاردا تۇرمىساڭ بولمايدۇ دىدى.» بىز ئەكرەمكام بىلەن دائىم چاقچاقلىشاتتۇق.مەن بۇنى ئۇنىڭ چاقىچىقى دەپ چۇشىنىپتىمەن .ئەتىسى ئەتىگەندە مەيداندا مەشىق قىلىۋاتسام دىلمۇراتكام مىنى ئىزدەپ كىلىپ .بۇگۇنكى مۇسابىقىدە سەن ۋارىتاردا تۇرمىساڭ بولمايدۇ دىدى.ئەسلىدە زۇليارنىڭ مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە تىزىمى بولغاچ مەيدانغا چىقسا بولمايدىكەن.مەن راستىنى ئىيىتسام مۇسابىقىدە ۋارىتاردا تۇرىدىغان بۇ ئىشتىن قاتتىق چۇچۇپ كەتتىم .چۇنكى بۇ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە،قىلدىن قىيىق كەتسە پۇتۇن كۇماندا ئىشنى يەنە نۆلدىن باشلاپ 2011-يىلىنى كۇتىدىغان گەپ.ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن زۇليار ئاساسلىق ۋارىتاردا تۇرىدو دە ئويلىغاچ قىلچە ئىدىيە تەييارلىقى يوق.كۇماندىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا مەدەت بىرىپ،سەن چوقوم ياخشى تۇرالايسەن،ھەرگىز بىسىم قىلىۋالما دەپ مەدەت بىرىشتى.پەرھاتكام بىلەن زۇليارمۇ مىنى ئايرىم ئىزدەپ مىنىڭ ئىپادەمنىڭ كۇماندىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئۆزۇمنى ئەركىن قۇيۇۋىتىشىمنى تەكىتلەشتى،بولوپمۇ زوليار مىنىڭ پۇتۇن بەدەن قىزىتىشىم ۋە تىخنىكىلىق مەشىقلەرنى قىلىشىمنى بىر ياردەم قىلدى.بۇلارنىڭ بۇ خىل كۇيۇنىشىدىن ۋە ئىشەنچە قىلىشىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم.تىرنىر دىلمۇراتكام ماڭا مەدەت بىرىپ تۇراتتيۇ بىر يەرلىرىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى.تۇنجى كۇنىدىكى مۇسابىقىدە ئالدىقىنى ئۇچ نۇۋەتلىك چىمپىيۇن سەنشيا ئۇنۋىرسىتىتى بىلەن تۇتۇشتۇق.بىزنىڭ بالىلارنىڭ قاتتىق غەيرەت قىشى بىلەن ئەڭ چوڭ رەقپىنى يىقىتتۇق.بۇ مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق مىنىڭ ئىشەنچەم ئاشتى.ئارقىمۇ ئارقا غەلبە بىلەن گۇرۇپىدىن چىقىپ شاللاش مۇسابىقىسىدە يەنبىيەن كۇماندىسى بىلەن تىركەشتۇق،مەيدان نۇقتا توپ ئارقىلىق يىڭىش بەلگىلىنىدىغان يەرەە بىرىپ قالدى.مەن ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپنى تۇتىۋىلىپ بىز غەلبە قىلدۇق.كۇماندا ئەزالىرىمۇ باربارا ماڭا مۇتلەق ئىشەنچەقىلىشتى.بارا بارا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يىقىنلاشتۇق.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىزنى تولا داغدا قويغان تەييۇەن ئۇنۋىرسىتى بىلەن ئۇچراشتۇق،ئاقىۋەت بىزبۇ مۇسابىقىدە ئاخىرغىچە كۇلگەن كۇماندا بولوپ قالدۇق.بۇ جەرياندا ئىپادەم كۇندىن كۇنگە ياخشى بولوپ ئىچىلىپ كەتتىم.مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن راستىنى دىسەم ئاۋازىمنى قويوۋىتىپ يىغلىغوم كەلدى.ئۆزۇمنى ئاران-ئاران بىسىپ تۇردۇم.رەمەتلىك دادام مىنىڭ توپ تىپىشىمنى بىر ئۆمۇر قوللاپ،مەن مۇشۇنداق شەرەپكە ئېرىشكەندە كۇرەلمىگىنىمگە ئىچىم سىرىلدى.شۇسەۋەپ چىمپىيۇنلۇقنى ئالغاندىن كىيىن مەندىكى تەسىرات بىر خىل ئەمەس.
سىز بىر ۋارىتار بولوشىڭىز بىلەن مۇسابىقىدە باشتىن ئاياق قارشى تەرەپنى كۇزىتىپ تۇرىسىز.سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان كۇماندا قايسى؟
بۇ مۇسابىقىدە كۇماندىلار بىر بىرىدىن خىل،ئوموملاشتۇرغاندا ئولارنىڭ ئومومىيۇزلۇك ماسلىشىش ئىقتىدارى بىزدىن يۇقىرى،ئەمما بەدەن قۇۋۋىتى بىزگە يەتمەيدو.بۇ مۇسابىقىدە باشقا كۇماندىلارغا ئوخشىمايدىغانراق بىر كۇماندا بار.ئۇ بولسىمۇ يەنبىيەن ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى.بۇكۇماندا ئەزالىرىنىڭ بويى چوڭ ئەمەس.ھەتتا بىزدىنمۇ پاكار.ئەمما تىخنىكا سەۋىيەسى تولىمۇ يۇقىرى.ئۆتكەن يىلى بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۇپ،ھەيرانلىقتا ئاغزىمىز ئىچىلىپ قالغان ئىدى.چۇنكى بۇكۇماندا ئۆزگىرىشچان ھۇجۇم،ئۆزگىرىشچان مۇداپىيە،ئوتتۇرا مەيداندا تۇيۇقسىز قىسقا پاس بىلەن سىڭىپ كىرىپ ھۇجۇمچىللىرىغا ئوغرى پاسلارنى چىقىرىش بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەسىنى پاتپاراق قىلىۋىتەلەيدو.بۇ يىلقى مۇسابىقىدە ئۇلار ئۆتكەن يىلىدىن سەل ئاجىز،ناۋادا گۇرۇپىدىن بىرىنجى بولوپ چىققان بولسا،بىز بىلەن بىرىنجىلىكنى تالىششىتا ئۇچرىشش ئىھتىمالى چوڭ ئىدى.ئەمما بىز بۇ كۇماندىنى نۇقتا توپ ئارقىلىق يىرىم يولدا قويدوق.
سىز ئوقوش پۇتتەردىڭىز.ئەڭ ئالى شەرەپكىمۇ ئىرىشتىڭىز.يەنە ئەپسۇسلىنىدىغان يىرىڭىز بارمۇ؟
بۇ سۇئالنى سورىمىسىڭىز بولاتتى.بولوپتۇ دەۋىرەي.ئادەم دىگەن زىددىيەتلىك نەرسە ئىكەن.مەن مۇسابىقە ئارقىلىق بۇ شەرەپكە ئىرىشكىنىمگە بەكمۇ خوش بولدوم.ئەمما بۇ خۇشلۇق بىر ئاي ۋاقىتقىمۇ پايلىمىدى.ئوقوش پۇتتەرگەندىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ئالاھىدە ئوقوتقوچىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشتىم.ئەمما نۇمۇر سىزىقى چىققاندا ئىككى نۇمۇرىم كەملەپ قالدى.مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار دىگەن گۇۋانامەمنى كۆتۇرۇپ مەن ئىزلىگەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىلىرى قالمىدى.ئۇلار يۇقىرىدىن چۇشكەن ھۇججەت يوق،نۇمۇر قوشوپ بىرەلمەيمىز دەپ يولغا سالدى.بۇ قىتىمقى ئىمتىھان ئارقىلىق مەن شۇنى ھىس قىلىپ قالدىمكى بۇنداق كىنىشكىنىدىن ئوننى ئالغاندىن تىنىچ ئولتۇرۇپ بىر مەۋسۇم دەرىس كۆرگەن بولسام ھىلقى كەملەپ قالغان ئىككى نومورنى ئىلىپ باشقىلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ يۇزۇمنى سارغايتىپ يۇرمەستىم. بۇ كىنىشكە بىزنىڭ غالىپلىقىمىزنىڭ ئەمەس بەلكى جاپا تارىتقانلىقىمىزنىڭ بەلگىسى بولوپ قالدى ئوقوغان بەش يىل داۋامىدا پەقەت ئىككى تەتىل ئۆيگە قايتىپ بىقىپتىمەن قالغان تەتىللەردە قايىتماي مەشىققە قاتناشتۇق.بۇ ئەلۋەتتەمۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە ئىلىش بىلەن بىللەكىيىنكى چاغدا ياخشى بىر خىزمەت ئورنىغا ئىرىشىش ئۇچۇن قىلىنغان تىرىشچانلىق ئىدى. باشقا كەسىپتە ئوقويدىغان ئوقوغوچىلار كۇتۇپخانىدا ماتىريالىنى ئەلۋەتتە بىلىمى ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئوقوغاندەك بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ كۇتۇپخانىسى مەيداندا تەتىلسىز يۇرۇپ كەتتۇق.بىزنىڭمۇدەرىسخانلاردا دەرىس ئاڭلىغىمىز بارئەممابىز تەنتەربىيەنىڭ باللىرى ئاساسەن مۇسابىقە دەپ كۆپ چاغلاردا دەرىستىن قالىمىز.بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ دەرىستىن قىچىشىمىزئەمەس.مۇسابىقە بولغاندىن كىيىن مەكتەپ بار دىسە بىز ئەلۋەتتە كىتىۋىرىمىز.ئەمما ئوقوش پۇتتەرگەندە ھەممىمىزگە گۇۋانامە كىرەك.مۇسابىقە سەۋەپلىك ئالدىمىزنىڭ ئۇن نەچچە پەن،كەينىمىزنىڭ بەش ئالتە پەن قاتنىشالمىغان ياكى تەكرار قىلالماي ئۆتەلمىگەن ئىمتىھانى بار.ئارىمىزدا بۇ يىل ئوقوش پۇتتۇرۇپ دىپلوم ئالالمىغانلارمۇ بار.شۇڭلاشقا مەن قاتتىق ئويلىنىپ يەنە ئوقوش قارارىغا كەلدىم.مەن ئەلۋەتتە پۇتپۇلنى سۆيىمەن،چۇنكى مىنىڭ موشو ياشقىچە كەلگۇچە بولغان ھاياتىم پۇتپۇل بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتتى.بۇنى تاشلىغۇم يۇق،ئەمما بىر مەزگىل پۇتپۇلدىن يىراق تۇرۇپ ئوقوپ بىلىم ئاشۇرغۇم بار.ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا ساھەلەر بىلەن ياردەم بىرىشتەجىياڭسۇ ئۆلكىسى ئاتۇشتا ئوقوش پۇتتەرگەن بالىلاردىن ئىمتىھان ئىلىپ جىياڭسۇغا ئاپىرىپ تەربىيلەيدىكەن.مەن تىزىملىتىپ قويدوم.ئۆتسەم بىرىپ ئوقوپ كىلىمەن.پۇتپۇل بىزگە خۇشاللىق بىغىشلىدى،ئەمما چىقىش يولى بىرەلمىدى،بىز مۇسابىقە جەريانىدا ھىچكىمگە بوي بەرمەسلەردىن ئىدوق ،ئوقوش پۇتتەرگەندىن كىيىن بىزشۇنى تۇنۇپ يەتتىمكى پۇتپۇل تەپكەنلەر يىتەرلىك قوللاشلا ئىرىشەلمىسە،جەمىيەتتە ئۆزىنى بەك كەمسىتىدىكەن.بۇرۇن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا توپ ئوينىغان ماھىرلار كۇماندىدىن چىكىنگەندىن كىيىن چىقىش يولى پاتالماي ھەرخىل كۇچىلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى ئىرادىسىزلەر دەپ قارايىتتۇق.بۇكۇن بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلگەندىن كىيىن شۇنى ھىس قىلىپ قالدۇقكى شۇلار كۇيۇنۇشكە،چۇشىنىشكە مۇھتاج بولغان چاغدايالغۇز قالغانلاردىن ئىكەن.ئەمما بىز بىر ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى.بۇ قىيىنچىلىقلار بەلكىم ۋاقىتلىق.شۇڭلاشقا ئىشنى باشتىن باشلاپ تىرىشساق چوقوم ئىمتىھان دىگەندىن ئۆتۇپ ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان،كەسپىمىزدىن ئايرىلمايدىغان ئوقوتقوچىلىق خىزمىتىمىزگە ئىرىشىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل.مىنىڭ ئۆمىت قىلىدىغىنىم بىزگە ئوخشاش تەنتەربىيەدە ئوقوپ كۇپرەك مۇسابىقە مەيدانىدا يۇرۇيدىغانلارغا ئاز تولا ئىتىۋار بىرىلسە.ئالدى بىلەن مەكتەپ بىزگە ئوخشاشلارغا چىقىش يولى يارىتىپ بەرسە،بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزۇمنى كۆزدە تۇتۇپ دىگىنىم ئەمەس.مەكتەپ كۇماندىسىدا يەنە نۇرغۇن بالىلار بار،يەنە نۇرغۇن بالىلار كىلىشى مۇمكىن.بىزنىڭ بۇگۇنىمىز ئىنىقلا ئۇلارنىڭ ئەتىسى.ھازىر ھەرقانداق يەرگە ئىمتىھان بىلەن كىرىدىغان گەپ.بۇ بىزگە ئازراق تەس كىلىدىكەن.چۇنكى بەش يىل مەيداندا توپ ئۇينىغانلار بىلەن بەش يىل دەرىسخانىدا دەرىس ئاڭلىغانلار بىر ئوروننى ئىمتىھان ئارقىلىق تالاشسا ئەلۋەتتە بىز قىلىپ قالىمىز.ناۋادا ئىمتىھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئالالايدىغانلار شۇنچە ياراملىق بولىدىغان بولسا بىزنىڭ مەكتەپتە بونداق بالىلار بەك كۇپ.مەكتەپ شۇلاردىن كۇماندا تەشكىللەپ كىلەركى يىلى ئاپىرىپ باقسۇن، قايسى دوقمۇشتىن قايتىپ كىلىدىكىن،بىزمۇ بىر كۇرۇپ باقساق.ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇستىسى بولىدو.بىزنىڭ ماھارىتىمىزمۇ بىر بىلىم.ئەمما سەل قارىلىدىغان،ئوڭايلاكۆزگە ئېلمايدىغان ئەھۋالدىكى بىلىم بولوپ قالدى،شۇڭلاشقا مەكتەپ بىزدەكلەر ئىمتىھانغا قاتناشسا تەنتەربىيە مۇئەللىملىرىگە دائىر خىزمەت ئورونلىرى ئىمتىھانىدا ئازراق بولسىمۇ ئەمەلى قابىلىيەتنى ئىتىبارغا ئىلىش ھەققىدە يۇقىرى ئورونلارغا ئىلتىماس قىلىپ باقسا دەيمەن. ئەگەر شۇنداق قىلسا مەكتەپنىڭ كىيىنكى پۇتپۇل كۇماندا تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولوپ،تەنتەربىيەنى پۇتتەرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورونلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولاتتى.بۇ ئىشلارغا داۋاملىق سەل قارالسا ئىنىقلا كۇماندىنىڭ نەتىجىسى چۇشۇپ كىتىشى مۇمكىن.مەكتەپ ئىچكىرىدىكى مۇسابىقىگە نەتىجە ئالىمەن دەپ بىزنى ئىلىپ بارىدو.شۇنداق بولغاندىن كىيىن نەتىجە ئىلىپ بەرگەنلەرنى گەپ بىلەن ئەمەس بەلكى ئانچە مۇنچە ئەمىلى ئىشلىرى بىلەن قوللاپ قويسا.
ئەسقەر(.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدىكى ئەڭ كۇپ توپ كىرگۇزگۇچى مۇكاپاتىنى ئالغان)سىز بۇ يىل ئەڭ كۇپ توپ كىرگۇزگۇچى بولوپ باھالىنىپسىز.ئۆزىڭىز ھەققىدە ئىككى ئىغىز سۆزلەپ باقامسىز؟
يۇقارقى رەسىم،ئازات سۇلتان(مەكتەپ مۇدىرى).ئەسقەر(بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ كۇپ توپ كىرگۇزگۇچى بولوپ باھالانغان)دىلمۇرات(كۇماندا مەشقاۋۇلى).
مەن بۇيىلقى مۇسابىقىدە جەمئى ئالتە توپ ئۇردۇم.بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى نوقتا توپ،قالغان بەشى مۇسابىقە جەريانىدا ئۇرغان توپ.بۇ مىنىڭ ئىككىنجى قىتىم مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشىم،ئالدىنقى يىلى بىز ئالدىنقى ئالتىنجىلىككە ئىرىشكەندىمۇ ئۇچ توپ ئۇرغان.ناۋادا يىرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىگەن بولساق چوقوم بولتۇرلا بۇ شەرەپ ماڭا تىگىشى مۇمكىن ئىدى.بۇيىل بولسىمۇ ئاخىرى ئالدىم.ئەمما مەن تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقوغوچىسى ئەمەس،بەلكى تىل ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.ئاڭلايدىغان دەرسىم كۇپ.يۇكۇم ئېغىر.ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن بۇرۇنلا پۇتپۇل مەيدانىدائىغىر يارلانغان.شۇڭلاشقا مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن داۋالىنىپ بىر تەرەپتىن ئوقوپ كىلىۋاتىمەن.مىنىڭ مۇشۇنداق شارائىتتا مەيداندا توپ ئۇرۇشىمنىڭ ئۆزىمۇ تەس ئىش .شۇڭلاشقا ئىچكىرى كۇلۇپلار بىرىپ توپ تىپىدىغان نىشانىم يوق.ئوقوش پۇتكەندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئوقوتقوچى بولغۇم بار.ئەمما ھازىر بىر قانچە پەندىن نەتىجەم لاياقەتسىز.مىنىڭ چوقوم مەكتەپ كۇماندىسى ئۇچۇن ئويناش ۋەزىرپەم يوق.چۇنكى مەن تەنتەربىيىچى ئەمەس.ئەمما پۇتپۇلنى سۇيگەنلىكىم ۋە مەكتەپنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بىلەن مۇسابىقىگە كىتىپ بىر قانچە پەننىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىدىم.دەسلەپ مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ مەكتەپكە دىسەم ئاۋال مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمنى،ئىمتىھانغا كىيىن قاتناشساممۇ بولىدىغانلىقىنى ئىيىتقان قايتىپ كەلگەندىن كىيىن تەنتەربىيە ئىنىستۇتىغا« سىلەر مىنى ئاپارغان،بۇئىمتىھاننى قانداق قىلىمەن دىسەم،سەن تىل ئىنىستۇتىنىڭ ئوقوغۇچىسى،دەرسىڭ تىل ئىنىستۇتىغا مۇناسىۋەتلىك،شۇلارنى ئىزدە دەيدو،تىل ئىنىستۇتىغا بارسام.سىنى تەنتەربىيە ئىنىستۇتى ئاپارغان،شۇلار بىجىرىپ بەرسۇن »دەيدو.ئاخىرى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ ئەھۋالىمىنى دىسەم بىر قاتار ئورونلاشتۇرۇشلارنى قىلغان ئەمما يەنىلا نەتىجىسى بولمىدى.ئىمتىھان دىگەندىن بەزى ۋاقىتلاردادەرىسكە تولوق قاتنىشىدىغان بالىلارمۇ ئۆتەلمەيدىغان تۇرسا،مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن دەپ دەرىسكە قاتناشمىغان مەن قانداق ئۆتىمەن.شۇ سەۋەپ ئۆزۇم ئارزۇ قىلغان ئوقوتقوچىلىقمۇ خىلى تەس توختايدىغان ئوخشايدو.بىز بۇيىل ئەسلىدە چىمپىيۇن چىققاندىن كىيىن مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشكەن،ناۋادا ئوڭوشلۇق بولسا چوقوم ئا دەرىجىگە چىقالايىتۇق.بىزدىن بۇرۇن بىيجىڭ تەبىئى پەنلەر ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى بىزدەك ئالى مەكتەپلەر مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن چىقىپ ئا دەرىجىگە چىقىپ كەتكەن.شىنجاڭدا پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسى تەشكىللەپ،لاتارىيە باشقۇرۇش مەركىزى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ،ئىچكىرىدىن تىرنىر ۋە تەنھەركەتچى ئەكىلىپ يۇرۇش قىلغان،كىيىن يىرىم يولدا توختاپ قالغان لاتارىيە كۇماندىسىنىڭ مەقسىتى دەل ئا دەرجىسىگە يۇرۇش قىلىش ئىدى،ئولار نۇرغۇن ئىقتىسات خەجلەپ ئاشالمىغان داۋانغا بىزيامىشىپ بولغان.ئەمما نىمە بولدىكىن بۇ ئىشمۇ يوققا چىقتى.شۇڭلاشقا قىشلىق مەشىققە قاتناشماي ئارام ئىلىۋاتىمەن.كىلەركى مەۋسۇم دەرىسلەردە تىرىشمىسام ئوقوش تاماملاش تەس ئوخشايدو.
تۇۋەندىكىسى بۇ قىتىنلىق مۇسابىقىدە مەملىكەت بويىچەئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتپۇلچى بولوپ باھالانغان پەرھات.
يۇقارقى رەسىم2010-يىلى پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى كۇماندىسى چىمپىيۇن چىققاندىكى مەيدانغا چىققان ئاساسلىق11ئەزانىڭ رەسىمى
يۇقارقى رەسىم پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى كۇماندىسىنىڭ2009-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئالتىنجى بولغاندا چۇشكەن ئوپچە سۇرىتى.
يۇقارقى رەسىم2008-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر پۇتپۇل مۇسابىقىسىداتەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى
ئاستىنقى سۇرەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنغا رەئىس ۋاقىتلىرىدا پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىغا كىلىپ مەكتەپ مۇدىرى ئازات سۇلتان بىلەن مەكتەپ پۇتپۇل كۇماندىسىنى كۆزدىن كەچۇرگەندەبىر قىسىم مۇئەللىم ۋە كۇماندا ئەزالىرى بىلەن چۇشكەن سۇرىتى.