نۆۋەتتە ئايفون 4 ئېلان قىلىنىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئىرىشتى، يىقىندا ئايفون 5 نىڭ ئۇقۇم لاھىيسى ئېلان قىلىنىپ، يەنىمۇ بىر چوڭ ئايفون ئېقىمىنى شەكىللەندۈردى. بىراق يەنە بىر شىركەت ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئاساش قىلغان بىر تېلفۇن لاھىيسىنى ئايفون قارشى ئېتىلغان بىر پاي ئوق سۈپىتىدە ئوتتورغا چىقىرىپ ،كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى، بۇ تېلفۇننىڭ لاھىيىلىنىشىمۇ ئالاھىدە ئۆزگىچە بۇلۇپ، 3 تال ئېكران ئورنىتىلغان ،خالىغانچە ھەركەتلەندۈرەلەيسىز، ئېكرانلار ئارىسدا ئۆز-ئارا ئۇچۇرلارنى بىر-بىرىگە ئېتىش ئارقىلق ئالماشتۇرۇشتۇرالايسىز. ئىشقىلىپ ناھايتى ئۆزگىچە، ئۆز كۆز بىلەن كۆرگەنگە يىتەمدۇ دەيسىز… يەنىللا ماۋۇ يەردىن كۆرۈڭ!
بۇنىڭدىكى ئۈچ ئىكرانلىق يانفۇن ھەقىقەتەن بەكلا ئېسلكەن. ھەققىي نۇسقىسى قاچان چىقاركىن تاڭ

ھە راست، سول تەرەپتىكى كۆزنەك يەنىلا ئوڭدا بولسا چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن، بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم خالاس
قاچان ھەقىقىي نۇسخىى چىقىشىنى خۇدا بىلدى دەڭە!
كۆزنەكنىڭ ئىشىغا كەلسەك بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كىتىسىز!
شۇنداق قىلىپ قايسىسى يامان بولغان بولدى؟! …
يۇكسەل ئەپەندىنىڭ غېرىپ خانىمىزگە باسقان قەدەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن، دىدار غەنىمەت!
مىنىڭچە قايسىسى بىز ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلسا شۇ يامان! قانداق دىدىم ؟
ئا تىلفۇنغا بەك قىزىقىپ قالدىم دىسە ؟ ئۇ ئۈچ يۈزلۈك تىلىفۇننى تور سودا بەتلىرىدىن تاپقىلى بولامۇ ? يا تېخى بازارغا سېلىنمىغان مەھسۇلاتمۇ ؟ مۇشۇنى بىر ئېنىق قىلۋەتسىڭىز.
بۇ تېلېفوننىڭ بازارغا چىققانلىقى توغرىسىدا ھىچقانداق خەۋەر ئۇقالمىدۇق، پەقەت مۇشۇنداق بىر تېلېفۇننىڭ بارلىقىنلا ئۇقالىدۇق، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىررىنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئۇچۇر تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇنىڭ بىرى BMW بولسا بىرى BENZ، بىرى Canon بولسا بىرى Nikon. بېنز ھەيدىگەنلەر BMW نىڭ ياخشىلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. كانون ئىشلىتىۋاتقانلار نايكوننىڭمۇ پەچەتلىكىگە ئىقرار بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئايفون يامان دېسە ئاندرويدنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ. مەن ھەر ئىككىلىسىنىڭ پەچەت تېلىفۇن ئىكەنلىكىگە ئىقرار. لېكىن ئايفوننىڭ دېتاللىرىنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنىڭغا مايىل بوپ قېلىشىم مۇمكىن…
شۇڭا ئايفونمۇ، ئاندرويدمۇ ئەمەس، يەنىلا كۆنگەن يامان…
توغرا، ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز، لىكىن يەنىللا كۆنگەن ياخشى …