ئەلقىسە قۇتبىلىك شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىغا كەلگەندىن كىيىن مۈشكۈل جاپادا تەييارلىق سىنىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كەسىپكە ئوڭۇشلۇق چىقىۋالدى، يۈرىكىگە پۈتكەن ئارزۇ ئارمانلىرى ئۈچۈن سىنىپ باشلىقلىقىنى تالىشىپ تۇرۇپ ئۈستىگە ئالدى، شۇندىن ئىتىۋارەن ئۇ پۈتكۈن ھۇجۇدىنى ئۇشبۇ كەسىپكە ۋە مۇشۇ كەسىپ ئۈچۈن ئىللىق ئائىلە بولغان سىنىپىغا ئاتىدى. قۇتبىلىك ئالىي مەكتەپتىكى ئىجدىمائىي ھاياتى توغرىسىدىكى ھىكايىسىنى مۇنداق باشلايدۇ...
ئاشۇ كۈنلەر ھازىر ئويلىسام بىزنىڭ بەك ساددا ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىمەن. كەسىپكە چىققان تۇنجى يىلى مەكتەپ، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئاسپىرانتلىقنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن بىر ياش مۇئەللىمنى بىزنىڭ سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى قىلىپ قويدى، بىز دەسلەپتە بەك خوش بولدۇق، سەۋەبى بۇ مۇئەللىمنىڭ قورسىقىدىكى ئومىچىنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەمەس بەلكى ياش بولغانلىقى ئىدى، بىز ئۆزىمىزچە ياش بولسا بىزنى چىڭ تۇتۋالمايدۇ، ئويۇن تاماششىلارغا بىللە چىقىپ ئوينىشىپ بىرىدۇ، ئىچىش-چىكىشلەر بوپ قالسىمۇ توغرا چۈشىنىدۇ، ئالى مەكتەپ ھاياتىمىز شۇنداق پەيزى ئۆتىدۇ دەپ ئويلغان ئىدۇق. كىيىن بىلدۇقكى مۇئەللىمىمىز ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا پەقەت ئۆگۈنۈش بىلەنلە مەشغۇل بولغان بولۇپ يا ئىچمەيدىكەن، يا چەكمەيدىكەن، ھەم بۇنداقلار بىلەن ئارلاشمايدىكەن، خوشىمۇ يوق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىچەرمەن-چىكەرمەنلەرنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى، گەرچە مەن ئىچەرمەن-چىكەرمەنلەرنىڭ قاتارىدا يوق بولساممۇ لىكىن ھەي دەپ قالدىم، چۈنكى ئالى مەكتەپتە ساۋاقداشلارنى بۇ تەرەپلەردىن توسۇش مومكىن بولمايدىغان ئىش دەپ بىلەتتىم، ھەم ئۇ بالىلارنى چەكلەشنى ياخشى كۆرمەيتىم، بەزى يىغىلىش سورۇنلار شۇلار بولمىسا سورۇن قىززىمايدىغاندەك، كەيپىيات يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتىم.
تۇنجى مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلاندى، بۇ مەۋسۇم مۇئەللىمنىڭ دەرسى بولمىغاچقا بىز خېلى ئەركىن ئوقۇدۇق، مۇئەللىم ئانچە مۇنچە كىلىپ يىغىن ئېچىپ قۇياتتى، بولمىسا بىز بىلەن ئانچە بەك كارى بولمايتى، دەسلەپ ئازراق قاخشاپ باقتۇق، كىيىن كۆنۈپ قالدۇق.
10-ئايلارغۇ دەيمەن، بىز كەسىپكە چىققاندىكى تۇنجى روزى ھېيىتنى كۈتىۋالدۇق ۋە مەخسۇس بىر ئاشخانىغا بۇيرۇتۇپ ئوپچە پولو يىدۇق، ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ھېيىتنى سېغىنغان قەلبىمىز ئازراق بولسىمۇ خۇمارىغا قاندى، مەن ساۋاقداشلارنى تېلېفۇندا رەسىمگە تارتتىم، بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىلىش پائالىيىتىمىز بولغاچقا ساۋاقداشلار بەك قورۇنۇپ ئولتۇردى، گەپ سۆزلەر كۆپ بولمىدى، تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۆز ئارا مۇبارەكلىشىپ ئايرىلدۇق، گەرچە كەيپىيات سۇس بولغان بولسىمۇ مۇشۇ يىغىلىش ئارقىلىق سىنىپنىڭ بۇندىن كىيىنكى بىرلىكى ۋە مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ يەنە ئورۇنلاشتۇرلىشىغا چوڭقۇر ئاساس سېلىنغان ئىدى.
روزا ھېيتتىن كىيىن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئۇمۇمىي كەيپىياتى شۇنداق ياخشى بولدى، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە سالاملىشىشلار كۆپەيدى، گەپلەشمىگەنلەر گەپلەشتى، تونۇشمىغانلار تونۇشتى، ئۇزاق ئۆتمەي قانداق بولدى بىر باھانە بىلەن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى، مەن ۋە ئۆگۈنۈش باشلىقى بىلەن مەسىلھەتلىشىپ ئالدىمىزىدىكى بىر ئاي ئىچىدە توغۇلغان كۈنى بار ئونغا يېقىن ساۋاقداشلارنىڭ توغۇلغان كۈنىنى بىر كۈندە سىنىپتا ئۆتكۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرغا چىقاردۇق، سىنىپتىكىلەر قۇشۇلغاندىن كىيىن پۇل يىغدۇق، ئۇششاق چۈششەكلەردىن مىۋىلەردىن ئېلىپ سىنىپنى راسلىدۇق، چىرايلىق بىزىدۇق، بۇ قېتىم مۇئەللىمنى يۈرەكلىك ھالدا سورۇنىمىزغا چاقىردىم، مۇئەللىم كىلىپ باشلاش سۆزى قىلىپ بەردى ۋە بىز بىلەن تورت يەپ ئۇسۇل ئويناپ، كۆپ ئولتۇرماي سىنىپنى بىزگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، مۇئەللىمنىڭ چىقىپ كىتىشى بىلەن سورىنىمىزدىكى قورۇنۇش ۋە تارتىنىشلا تۈگىدى ۋە سىنىپنىڭ كەيپىياتى بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىلگىرى تارتىنىپ قورۇنۇپ ئولتۇرغان ساۋاقداشلىرىمىز ئەمدى رەسمىي ئۆزلىشىشكە باشلىغان ئىدى، تورتلارنى بىردەمدىلا يەپ بولدۇق، ناخشىلارنى قويۇپ ئۇسۇل ئويناشتۇق، ئاۋال قىزلار قىزلار بىلەن ئوغۇللار ئوغۇللار بىلەن ئويناشتى، سورۇن قىززىغاندا ئۆز ئارا ئۇسۇل ۋە تانسىلارنى ئويناشتى، مەن كۆپ ئوينىماي ساۋاقداشلارنى سۈرەتكە تارتتىم، مەن ئۈچۈن خاتىرە قالدۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى.
بۇ پائالىيتىمىز ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن بولماي قۇربان ھېيىت بىلەن يېڭى يىل بىرلىكتە يىتىپ كەلدى، ساۋاقداشلار بۇ قېتىم ئوبدانراق بىريەرگە بېرىپ ئويناپ كەلگۈسى بارلىقى ئېيتىشتى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر ساۋاقدېشىمىز ئۆزىنىڭ يېڭى يىلغا ئاتاپ دىبا ئىجارىگە ئالغانلىقىنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ بېرىپ ئويناپ كىلىشىنى ئېيتتى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ سىنىپتىكى قىز ئوغۇللارنىڭ يۈرىگىگە ئوت تۇتاشتى، ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر گەپ "ھېيىتنى دىبادا ئۆتكۈزۈش" ئوقۇمى مەيدانغا كەلدى، مەن ئۆزۈم ئەزەلدىن بۇنداق يەرگە بېرىپ باقمىغان ۋە ئەنئەنىگە خىلاپ بولغان بۇنداق ئىشلانى ياقتۇرمايدىغان، مۇتەسسىپرەك بولغاچقا ساۋاقداشلارنىڭ ھېيىتى بىرلىكتە دىبادا ئۆتكۈزۈش پىكىرىگە قېتىلمىدىم، ئوغۇللار قىزلار ئايرىم ھالدا خىزمەت ئىشلەشتى، قېتىلمىدىم، ئۆزۈمنىڭ مۇتىئەسسىپلەرچە ئىدىيىسىنى ئۇلارغا تاڭغۇم كەلدى، بىراق ئاجىز كەلدىم، ساۋاقداشلارنىڭ سەن سىنىپ باشلىقى سەن بولىمساڭ بولمايدۇ، سەن باشلىمىساڭ بالىلار بارمايدۇ دەپ بېسىم قىلىشلىرى ۋە قىز دوستۇمنىڭ باش بولغان ئىكەنسەن ھەممىگە باش بولىشىڭ كىرەك، بۇ دىگەن ئالىي مەكتەپ كۆپنىڭ نەزىرىدىن بىر چۈشۈپ كەتتىڭمۇ بولدى، قايتا باش كۆتىرەلمەيسەن، ساۋاقداشلىرىڭ ئۇنداق دەپ تۇرىۋالسا بارماي ئىلاجىڭ يوق دەپ نەسىھەت قىلىشلىرى نەتىجىسىدە بارىدىغان بولدۇم، تېخى مۇئەللىمنى دىباغا ھېيىت پەتىسىگە قىچقاردۇق.
يېڭى يىل ۋە ھېيىت سەۋەبلىك ئائىلىسىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ سورۇنغا باردى، مۇئەللىمگە مەن يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ تېلېفۇن قىلدىم، لىكىن دىبادا ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدىم، مۇئەللىم شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ سورۇنىمىزغا كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا "خاتا كىرىپ قالمىغاندۇق ھە، بۇيەر نىمانچە قاراڭغۇ" دىگەن گەپنى قىلىۋىدى شۇنداق خىجىل بولدۇم، ئامال يوق يۈزۈمنى داپتەك قىلمىسام نە ئىلاج، مۇئەللىمنى ساۋاقداشلار ئولتۇرغان ئۈستەلگە باشلاپ كەلدىم، مۇئەللىم ئوغۇللار بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ قىزلارنىڭ ئۈستىلىگە كەلدى ۋە "سىلەرنى ياخشىراق بىر رىستۇراندا ئولتۇردىمىكىن دىسمەم بۇيەرگە كىلىۋاپسىلەرغۇ" دەپ چېقىشىپ قويدى ۋە كەينىدىكى ئوغۇللارغا بىر قاراپ مەن قايتاي سىلەر بەلەن ئولتۇرۇڭلار دەپ ئۆزرە بىلەن قايتىشقا تەمشەلدى، ساۋاقداشلارنىڭ تەككەللۇپ بىلەن ئېيتىلغان تەكلىپلىرى قۇلاقلىرىغا كىرمىدى ۋە ئالدىراپ بۇ قاراڭغۇ كاماردىن يېنىپ چىقتى، ئىشىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭا قاراپ ھەي دەپ كۈلىۋىدى، ئۆزۈمنى قويغۇدەك جاي تاپالماي قالدىم.
-مۇئەللىم سەت بولدى، ئالدىڭىزدا بەك خىجىلمەن، سىزنى بۇنداق يەرگە باشلىمىسام بولاتتى، لىكىن ساۋاقداشلارنىڭ رايىغا باقماي ئامالىم بولمىدى، بىلىمەن بۇنداق يەرلەرگە كىلىشنى كۆڭلىڭىز كۆتەرمەيدۇ، نىمە دىسەم بولار...
-بولدى ، ھىچ ۋەقەسى يوق، ساۋاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلغىن، ئۇرۇش-جىدەل بوپ قالمىسۇن، قىزلار بىخەتەر ياتاققا قايتسۇن، ئوغۇللار جىق ئىچىۋالمىسۇن.
-بولىدۇ مۇئەللىم.
- ھەي مەن ساڭا بىر گەپ قىلاي، بىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە دىباغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر يەرگە بېرىپ ئوسۇل ئويناپ دېسكو ئويناپ ئايرىلغان، سىلەر ئالىي مەكتەپكە كىلىپ تۇنجى يىلى دىباغا كەپسىلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندە نەگە كىرەرسىلەر ...ھەي...
- ھە بۇ ...بۇ ...
-ماقۇل ئەمسە مەن قايتاي، يەنە بىر دەي بىخەتەرلىككە بەك دىققەت قىل، بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسۇن، مەكتەپتىن بىلىپ قېلىپ ئىش چىقسا مەن ئىگە بولالمايمەن جۇمۇ ھە .
- بولىدۇ مۇئەللىم، ماقۇل ئەمسە، ماقا خوش...
ھۇھ نىمىدىگەن ئازاپ ھە، كىشى ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى ئامالسىز زورىغا، تەڭقىسلىق ئىچىدە قىلسا شۇنداق ھارىدىكەنكى ھەي كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق.
شۇنداق قىلىپ مۇبارەك قۇربان ھېيىتنى دىبادا ساراڭدەك ناخشا توۋلاپ، پىجۇ ئىچىپ تانسا-دېسكولارنى ئويناپ بۇ تۇنجى مەۋسۇمنى ئاياغلاشتۇردۇق.
گەرچە دەسلىپىدە كۆڭۈل كۆتۈرمىگەندەك بىلىنگەن سورۇن بولسىمۇ لىكىن سورۇندىن كىيىن ساۋاقداشلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن كىرىشىپ خۇشال، ئىناق ئۆتۈشلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدىكى گۇناھ تۇيغۇسى سەل يەڭگىللىگەندەك بولدى.
ئىككىنجى مەۋسۇم كەلدى، بۇ ماۋسۇمدىكى تۇنىجى بايرام بولغان ئاياللار بايرىمىدا رىستۇراندا ئولتۇردۇق، بۇ ئولتۇرۇش مۇئەللىمدىن مەخپى بولدى، چۈنكى مەكتەپ تەشكىللىنىپ پائالىيەت قىلشىقا قارشى ئىدى، مۇئەللىملىرىمىزمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرنى بەك قوللاپ كەتمەيتى.
بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىسى بارمىدىغۇ دەيمەن، قالغانلار تولۇق باردى، ئوغۇللار ئىككى ئۈستەل بولۇپ ئولتۇردى، بىر ئۈستەلدە ئىچەرمەن چىكەرمەنلەر ئولتۇردى، قالغان ئىككى ئۈستەلدە قىزلار بىلەن چەكمەيدىغان، ئىچمەيدىغانلار ئولتۇردى، ئۇ كۈنى مەن ئاساسلىقى رەسىمگە تارتتىم كۆپ ئوينىمىدىم، ئۇسۇللار ئوينىدۇق، قىز-ئوغۇللار تانسا ئويناشتى، ئاخىرىدا دېسكو ئوينىدۇق شۇنداق كۆڭۈللۈك شۇنداق پەيزى بولدى، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق خوش بولدى، پارتىيە ياچىيكا شۇجىسىمىزنىڭ سەل-پەل مەس بولۇپ قىزلارغا قالايمىقان سۆزلەپ يۈرگىنىنى ھىسابقا ئالمىساق ئارتۇقچە ھىچقانداق ئىش چىقمىدى، ياتاققا ئاستا كىرۋالدۇق، سورۇن شۇنچە پاكىز خۇشاللىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى. سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ بىر بىرى بىلەن شۇنچە كىرىشىپ ئويناشلىرىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوش بولدۇم، چۈنكى بۇ كۈنلەرنىڭ ھامىنى ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقى، شۇنچە شىرىن ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش لازىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم ۋە بۇنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچى ھىسابلايتىم.
جىمى جاھان ياشىرىپ تاغۇ-دەريالار يىشىللىقا پۈركەنگەندە ئۈرۈمچىدىكى يامالىق تېغىغا ساياھەتكە چىقتۇق، ساياھىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى سىنىپنىڭ ئۆملىكى ۋە بىرلىكى ئۈچۈن ئىدى، شۇڭا بەك كۆپ رەسىمگە چۈشتۇق، ئوقۇش پۈتتۈرۈش فىلىمىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ بەك كۆپ چۈشتۇق، نۇرغۇن ئىسىل خاتىرىلەرنى قالدۇردۇق، قارت ئويناشتۇق، كۆزنى تېڭىپ قويۇپ ئادەم ئىزدەش ئويىنى ئوينىدۇق، ئېلىۋالغان گازىر پۇرچاقلارنى كاسىلداپ ئولتۇرۇپ چاقتۇق، تاۋۇز پىچىپ يىدۇق، ئېلىۋالغان نانلارنى سۇ بىلەن يىدۇق، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئىگىز بولغان بۇ ئورۇندا تۇرۇپ ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسىگە شۇنداقلا ئۆزىمزنىڭ كەلگۈسىگە، سىنىپنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىلەر بىلەن باقتۇق.
بىر تاغدىن يەنە بىر تاغقا چىقىپ، يەنە چۈشۈپ دىگەندەك ھېرىپ ھالىمىز قالمىدى، لىكىن كۆڭۈللىرىمىز شۇنچە شاد ئىدى، ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق بىر سىنىپ كوللىكتىپى بارلىقىدىن بەك سۈيىنەتتۇق، بولۇپمۇ مەن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ خاتىرىلەرنى قالدۇرالىغانلىقىمدىن شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم. چۈنكى بۇ كۈنلەر ھامىنى تۈگەيدۇ، ئىسىل خاتىرىلەر بىلەن ئالى مەكتەپ ھاياتىمىزنى بىزەش كەلگۈسىدە بىزگە روھى زوق ئاتا قىلىدۇ دەپ ئويلايتىم.
ئىككىنچى يىلى باشلاندى، بۇ يىلى قانداق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغىنىم بەكمۇ يادىمدا قالماپتۇ، ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان ۋاقتى بولسا كىرەك سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنى شۈمىگو تاغلىق رايونىغا چىقىپ قار تېيىلىشقا ئورۇنلاشتۇرسام نۇغۇن بالىلار چىققىنى ئۇنىمىدى شۇنىڭ بىلەن چىقىشنى خالايدىغان ئوغۇللارنى ئېلىپ قار تېيىلىپ كەلدۇق، شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىدۇقكى تەرلەپ، ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكىچە ئويناپتۇق، بۇ يەردىمۇ خېلى كۆپ رەسىمگە چۈشتۇق، ئەتىسى بۇ رەسىملەرنى ئاۋام تورىدا كۆردۈم، بىزنىڭ كەسىپتىكى بۇ بالىلار زە بەك چاققان جۇمۇ، ئاياقتىن رەسىمگە چۈشۈپ ماياقتىن تورغا يوللاپ بولغان گەپ، قىزلار ۋە بارمىغان ساۋاقداشلار رەسىملەرنى كۆرۈپ ھەۋەستىن تامغىقىنى چاكىلدىتىپ قالىدىغۇ دەيمەن، نىمىلا دىگەن بىلەن ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئوپچى پائالىيەت قىلىش كۆڭۈللۈك ئىش تۇرسا، بۇنداق پائالىيەتكە بارماي قانداق ئولتۇرغىسى كىلىدىغاندۇ دەيمەن ھەي... تېخى بالىدە بالا دە!
كىيىن بىر چاغلاردا كەسىپداش بولغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار سىنىپى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغىنىمىز يادىمدا لىكىن مۇشۇ ماۋسۇممۇ تازا يادىمدا يوق، ساۋاقداشلار زىرىكىپ ئوينايدىغان ئويۇن تاپالمىغان چاغلىرىمىزغا ئۇدۇل كەپ قالغان ۋاقتى بولسا كىرەك خەنزۇ ساۋاقداشلار بىلەن ئانچە بەك كارىمىز بولماي ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى ئويناپ ناخشىسىنى ئېيتىپ يېنىپ چىققان ئىدۇق، خەنزۇ ساۋاقداشلار ئۇسۇل ئويناشنى بىلمىگەچكە ئولتۇرىۋېرىپ خىجىل بوپ قالدىمۇ قانداق بىر بىرلەپ قاچقىنى تۇرۇپتۇ، بىزنىڭ بالىلار خىيالىدا يوق توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ ئۆچىگە جاڭگال دىگەندەك قىزلارنى ئۇسۇلغا تارتىپ ئويناش بىلەن بەنىت بوپ كىتىپتۇ، راستىنى ئېيتقانداق ئالىي مەكتەپنىڭ مۇشۇ يەرلىرى ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئىدى...
ئىككىنچى مەۋسۇمغۇ دەيمەن، بەشىنچى ئايلار بولسا كىرەك ساۋاقداشلار بىلەن مەسىلىھەتلىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق موزىيغا باردۇق، بۇيەردە ھەرخىل تارىخى ئەسەرلەرنى كۆرۈپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا چۆمدۇق، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئىشلىتىلگەن جابدۇق سايمانلار، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقىتتىكى سۈرەتلىرى، ھەرخىل پاگونلار، ۋە ئۆمرىمىزدە كۆرۈپ باقمىغان ھەرخىل قوش ئاتار، تاق ئاتار دىگەندەك قۇراللارنى، ئىدىقۇت قەدىمى شەھەر خارابىلىكىنىڭ مودىلى، يەنە نىيە خارابىلىقىنىڭ مودىلى قاتارلىق نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆردۇق. ئەپسۇس بۇ كۈن ھەقسىز ئېچىلغان بولغاچقىمىكىن كرورەن گۈزىلىنىڭ مومىياسىنى كۆرەلىمىدۇق، قالغان نەرسىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈپ تۈگەتتۇق، ئارلىقتا مىنىڭ جىددىي بىر ئىشىم چىقىپ قېلىپ ساۋاقداشلارنى قويۇپ قۇيۇپ ئىشىمغا مېڭىپ كىتىپ قالدىم، قايتىپ كىلىپ بىلدىمكى ساۋاقداشلار موزىيدىن ئايرىلىپ سەككىز قەۋەتتىكى بالىلار باغچىسىغا بېرىپ ئويناپتۇ ۋە نۇرغۇن رەسىملەرگە چۈشۈپتۇ، ساۋاقداشلارنىڭ شۇنچە ئىجىل-ئىناق ھالەتتە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق خوش بولدى، يەنە موزىي ئالدىدا چۈشكەن رەسىملەرمۇ خېلى كۆپ بار ئىدى، ئالىي مەكتەپتىكى ئارزۇ ئارمانلىرىم بىر بىرلەپ ئىشقا ئاشماقتا ئىدى، يەنە نۇرغۇن ئارزۇلىرىم مىنى تېخىمۇ كۆپ پىلان تۈزۈپ ساۋاقداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشقا ئۈندەيتى.
بۇخىل كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى پائالىيەتلىرىمى سەرخىللىشىپ بېرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى 2006-يىللىق كومپيۇتېر سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ۋە ئۇزاققا بارماي مەكتەپكە تۇيدۇرماي تەشكىللىنىپ شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىغا زىيارەتكە باردۇق، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدىكى كەسىپداشلىرىمىز بىزلەر ئۈچۈن داستىخان ھازىرلاپ بىزلەرگە ئىستىتىك قىممىتى يۇقىرى بولغان سەنئەت نۇمۇرلىرى تەييارلاپ بىزنى شۇنداق ئىززەت ئىھتىراملار بىلەن كۈتىۋالدى، يەنە مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنۇپ بىزلەرنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كومپيۇتېر مەشغۇلات ئۆيلىرىگە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇردى، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىللىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ماشىنا ئادەملەرنى كۆرگەزمە قىلدۇردى.
بىز تەتقىقات ئورۇنلىرىنى ۋە تەتقىقات نەتىجىللىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن بىر سىنىپقا يىغىلىپ ئەدەبيات-سەنئەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇق، بۇ پائالىيەتنى ئۇشبۇ سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە ئاتاپ تەييارلىغان بولۇپ، ئىتوت، كۈلدۈرگە، ئېيتىشىش، ناخشا، كۆپ كىشلىك ئۇسۇل قاتارلىق تۈرلەردە سەرخىل، مول مەزمۇنلۇق نۇمۇرلارنى ئۇرۇنلاپ بىزگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ئىككى سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلار بىرلىكتە ئۇسۇلغا چۈشتۇق، مەن بىر قازاق قىزچاق بىلەن قازاقچە ئۇسۇل ئوينىدىم، پائالىيەت شۇنداق قىزغىنلىق ۋە يۇقىرى كەيپىياتتا داۋام ئەتتى، ئاخىرىدا ئىككى سىنىپ ۋەكىللىرى سىنىپقا ۋاكالىتەن سۆزلەرنى قىلىشتۇق، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى كومپيۇتېر 2006-يىللىق 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىغا ۋاكالىتەن ئۇشبۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇغان شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى 2006-يىللىق كومپيۇتېر سىنىپىدىكى بارلىق ساۋاقداشلارغا رەخمەت ئېيتتىم ۋە ئۇلارنىڭ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىغا بېرىپ ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتلەردە بولىشغا، مىھمان بولۇپ كىلىشىگە تەكلىپ قىلدىم، ئاخىرىدا ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ تىلەكلىرى يېزىلغان خاتىرە بۇيىمىنى ئۆز ئارا سوۋغا قىلىشتۇق ۋە ئۆزرەخالىق بىلەن رەخمەت ھەشقاللا ئېيتىپ خوشلاشتۇق.
بۇ پائالىيەتتە ئىككى خىل مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرى كەسىپىي جەھەتتە ئاز بولمىغان يېڭىلىقلار ۋە نەتىجىلەرگە ئىگە بولدى، شۇندقلا بىزنىڭ ئۇيۇشۇپ شىنجاڭنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قۇشۇش غايىمىزگە روھى جەھەتتىن مەدەت بولدى، سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشى بىزنىڭ سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولغان مەزمۇت بىر كوللىكتىپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان ئىدى.
شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىگە بولغان زىيارىتىمىز ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پىلانىمىز بويىچە شۈمىگو باغچىسىغا ساياھەتكە ئاتلاندۇق، بۇ قېتىم تەييارلىق ئىلگىرىكىگىگە قارىغاندا پۇختىراق بولغان ئىدى. تۇخۇم، توخو پاقالچىقى، سامسا قاتارلىقلارنى مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ئالدۇق، بۇ قېتىم جىق چىقىم بولمىدى، ئىچىدىغان سۇدىن بىر قانچە يېشىك، ناندىن ئەللىككە يېقىن ئالدۇق، سىنىپتا چالارمەن، ئېيتارمەنلەر تولۇق بولغاچقا ساياھەتنىڭ قىززىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمىدىم.
گىتتارلارنى سازلاپ قويدۇق، ناخشىچىلارنى جەملەپ قويدۇق، شۈمىگو باغچىسىنىڭ ئالدى ئىشكىدىن كىرسە پۇل ئالدىكەن دەپ ئاڭلاپ پىخسىقلىق قىلىپ يان تەرەپتىكى تاغ باغرى ئارقىلىق كىردۇق، ئىگىز تاغلارنى بېسىپ ئۆتۈپ خېلى ئۇزۇندا مەنزىلگە يەتتۇق، ھارغاندا ئولتۇرۇپ ئېلىپ چىققان تۇخۇم، سامسا، نانلارنى مەززە بىلەن يىيىشتۇق، ۋاي راست تېخى قېتىق ئېلىۋالغان ئىدۇق، بەسلىشىپ خوتىلدىتىپ ئىچىشتۇق، شۇنچىلىك تەبى ھالدا رەسملەرگە چۈشتۇقكى كۆرسىڭىز ياپانە دەپ قالىسىز.
قورساقنى توقلاپ بولۇپ مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ توختىماي رەسىمگە چۈشتۇق، تۆتتىن بەشتىن بولۇپ قارت ئوينىدۇق، سۇلار سىپىشتۇق، بۇلاقلارنىڭ سۈيىنى ئىچىشتۇق، ياشارغان چۆپلەرنىڭ ئۈستىدە يېتىپ كۆك ئاسمان پەيزىنى سۈردۇق، قوغلاشتۇق، قېچىشتۇق، يۇمۇلار ئېيتىشىپ كۈلۈشتۇق، ناخشىلارنى ئېيتىشىپ بەزمە قىلىشتۇق، قورساق ئاچقاندەك قىلىۋىدى باغچا ئىچىدىكى رىستۇراندىن توخو قورىمىسىدىن ئىككى تەخسە ئېلىپ كىلىپ بىرىنى قىزلار، بىرىنى بىز ئوغۇللار يىدۇق، قورساقنىڭ ئاچقىنىدا تاس قالدىم قىپقىزىل لازىنىمۇ يىۋەتكىنى، بەزمە قىلغاچ ئوغۇللارنىڭ ئازراق قىززىۋالغۇسى كەلگەن چېغى تۇيدۇرماي پىۋىدىن بىرقانچىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىچەرمەنلەر لەپپىدە يىغىلدى، قىزلاردىن نېرىراق ئولتۇرۇپ سورۇننى باشلىۋەتتۇق، ئەسلىغۇ ئىچمەي دىگەن لىكىن كەيپىيات ئۈچۈن ھە دەپساپتىمەن، ھالىمنىڭغۇ تايىنلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم بىر چاغدا كۆتۈرۈپ ئىچىۋاتسام كىم بىرى يۇمۇر ئېيتىپتى، ئېغزىمدىكىنى ئالدىمدا ئولتۇرغانلارغا پۇرقىۋىتىپتىمەن، سورۇن ئۆرە تۆپە بولغان ۋاقتىدا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ پۇرقۇپ سالغىنىمنى ھىس قىلدىم، لىكىن مەس بولمىغان بولمىسا...
سورۇننى ئۇزاق ئولتۇرماي ئاخىرلاشتۇردۇق، سىنىپتىكىلەرنى يىغىپ خۇلاسە سۆزى قىلغاندىن كىيىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قايتۇشتۇق، مەس قالدىغان، چىلىشىپ قالدىغان ئىشلار چىقمىدى، شۇنچە ئەركىن ئويناپ قىز ئوغۇلار چاخچاقلار ئېيتىشىپ كۆڭۈللۈڭ بىر كۈننى ئۇزىتىپ قويدۇق.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن كىيىن سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ بىر بىرىگە بولغان مىھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، تېخىمۇ ئىناق بولغان ئىللىق سىنىپ مۇھىتى شەكىللىنىشتە بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزنىڭ رولى بەك چوڭ بولدى.
بۇ ئىككى يىل ئىچىدىكى ھەر ماۋسۇمدا ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەر بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپتىكى مەنىۋى ھاياتىمىزنى بېيىتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىنىپتىكى ھەرقايسى يۇرت ۋە ھەرقايسى مىللەت ئوقۇغۇچىللىرى ئارسىدا چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلدى، قىزلار بىلەن قىزلار، ئوغۇللار بىلەن ئوغۇللار، قىزلار بىلەن ئوغۇللار ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، پارچىلىنىشتىن، گوروھۋازلىقتىن خالى بولغان، باشقا سىنىپتىكىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كومپيۇتېر 2006-يىللىق 6-سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ شەكىللىنىشىدە بۇ قېتىمقى ساياھەت بەك مۇھىم رول ئوينىدى.
مانا بۇ ئىككى يىل سىنىپىمىزنىڭ ئەڭ خۇشال، ئەڭ ئازادە ئوقۇغان ئىككى يىلى بولۇپ مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر سىنىپقا باش بولغانلىقىمدىن ۋە مۇشۇنداق بىر ساۋاقداشلىرىم بولغانلىقىدىن، مۇشۇنداق ئىسىل ئەسلىمىللىرىمىز بولغانلىقىدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتىم، بۇخىل ئىناقلىقنىڭ كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، سۆزى ياماننى سۆزىدىن يىراق بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
ۋاقىت نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن ھە ھەش پەش دىگۈچە ئۈچۈنچى ئوقۇش يىلى باشلىنىپ كەتتى،
بۇ يىلدا قانداق خۇشاللىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى كۆڭلۈمگە سەل-پەل ئايان ئىدى، بىزنىڭ ئاسپىرانت سىنىپ مەسئۇلىمىز مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىغا ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇراتتى، بۇ خەۋەر مۇئەللىمنىڭ قەدىرىگە يىتەلىگەنلەر ئۈچۈن شۇم خەۋەر بولسا يىتىشنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن خوش خەۋەر ئىدى، مۇئەللىم مېڭىش ئالدىدا سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى، كۆڭلىمىز بىر يەرلىرىدىن يېرىم بولسا بىر يەرلىرىدىن خۇشال ئىدى، مۇئەللىم ئۈچۈن خوش بۇلاتتۇق، مۇشۇنداق بىر مۇئەللىمنىڭ قولىدا بىلىم ئالغىنىمىزدىن پەخىرلىنەتتۇق، مۇشۇنداق بىر ئىسىل مۇئەللىمنىڭ بىزنى تاشلاپ كەتكىنىگە كۆڭلىمىز يېرىم بۇلاتتى.
مۇئەللىمنىڭ بىزنى تاشلاپ كىتىشى راستىنى ئېيتقاندا بىزگە، بىزنىڭ سىنىپقا ياراشمىدى، يېڭىدىن سىنىپ مەسئۇلى تەيىنلەندى، بۇ كىشى يىغىن ئېچىشنى ياخشى كۈرەتتى، ھە دىسىلا پارتىيە ئانام، ھۆكىمەت دادام، ئانام ماڭا نىمە بىرەلىگەن ئىدى، ماڭا پارتىيە بەردى، دادام ماڭا قانچىلىك بىرەلىگەن ئىدى، مانا ھۆكىمەت بەردى دەپ تەربىيە قىلدىغان، سىنىپنى سۈخەنچى، چېقىمچىلار ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، راستىنى ئېيتقاندا سىنىپ تۇتۇتشقا ھىچقانداق تەجىربىسى يوق، قۇمۇل تېلېۋىزور مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ كومپيۇتېر كەسپىدىن پراففىسور بولغان، ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان، مەكتەپنىڭ ئەتىۋارلىق "قوش تىللىق" ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
بۇ كىشىنىڭ ئۆزگىچە دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى ۋە قوش تىلدا دەرس سۆزلىشى ئارقىلىق بىز ئالىي مەكتەپلەردىكى پراففىسورلارنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق.
بۇ كىشى سىنىپىمىزغا قولىدىن كىلىشىچە ياردەملەرنى قىلدى، ماددىي شارائىتلارنى ئېغىزىمىزدىن چىقىپ بولغىچە تەييار قىلىپ بەردى، زىھنىمىزنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەرقانداق ماددىي شارائىت لازىم بولسا تارتىماي ئېيتىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى، بىزنىڭ بەك ئەقىللىق ئىكەنلىكىمىزنىڭ بىز قىلغان بەزى ئىشلارنى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى رىغبەتلەندۈرەتتى، خەنزۇ مۇئەللىملەر بىزنىڭ سىنىپنى تەنقىدلەپ چىقسا گۇناھنى ئوقۇغۇچىدا ئەمەس ئوقۇتقۇچىدا قۇياتتى، دائىم "دەرس بىلمەسلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى ئۈگەنمىگىنى ئەمەس بەلكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئاشۇ دەرسكە ياخشى باشلاپ كىرەلمىگەنلىكى ۋە چۈشەندۈرەلمىگەنلىكىدىن " دەپ ئوقۇتقۇچىلارغا خاپا بولاتتى، بۇيەرلىرىدىن شۇنداق سۈيىنەتتىم.
مەن بىر يىلغا يېقىن بۇ مۇئەللىمنىڭ قول ئاستىدا ئۇنىڭ ھۆكىمەتتىن ئالغان تۈرلىرىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولدۇم، قىلغان ئىشلىرىمىز بەكمۇ مۇرەككەپ ئەمەس لىكىن پروگرامما تۈزۈپ سىتاستىكا قىلدىغان ئىشلار ئىدى، بۇ يەردە ئانا تىلىمىزنى تەتقىق قىلاتتۇق، مەن بۇيەردە ئۆزۈمنىڭ ئانا تىلى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىمدىن شۇنداق خوش ئىدىم، مۇئەللىم ماڭا ئايدا يۈز سوم پۇل بىرەتتى، ماڭا يەنە مەخسۇس ئىشخانا ئاجرىتىپ بەرگەن بولۇپ بۇنداق تەلەي بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مەنسۇپ بولمايتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئۆزۈمدىن شۇنچىلىك رازى ئىدىم، ئىشخانىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كىيىنچە مىنىڭ سىنىپ باشلىقلىقى ۋەزىپەم سىنىپ ياچىيكا شۇجىسىنىڭ ۋاقىتلىق بىجىرىشىگە بۇيرۇلدى، مەن سىنىپتا قونچاق سىنىپ باشلىقى بولدىم، مانا بۇ سۈيقەستنىڭ باشلىنىلىشى ۋە سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ يىمىرلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىش ئىدى.
ئۆزىنى ئالەمدە دانا چاغلايدىغان بۇ پراففىسورىمىز مۇشۇ ئارقىلىق سىنىپنى باشقىچە باشقۇرۇپ باققۇسى ۋە سىنىپتىكى بارلىق بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇسى كەپ قالدى بولغاي مۇشۇ باھانىدە شۈجىنىڭ ھوقۇقى باشلىقنىڭ ھوقۇقىدىن چوڭ بولىدىغان سىياسەتنى سىنىپقىچە ئېلىپ كىردى.
سىنىپ داۋالغۇماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشخانىدا پروگرامما تۈزۈپلا يۈرۈپ سىنىپنىڭ ئىشىغا كۆپ ئارلاشماسلىقىم سەۋەبىدىنمۇ سىنىپ چېچىلىشقا باشلىغان ئىدى، قانداق قىلىش كىرەك؟ شۇنچە ئىجىل-ئىناق ياشىغان 2006-يىللىق 6-سىنىپ كوللىكتىپى مۇشۇ"پراففىسور" نىڭ قولىدا يىمىرلىپ كىتەرمۇ؟ شۇنچە ئىناق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشارمۇ؟ قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇ سىنىپتىن ۋاز كچىش كىرەكمۇ؟ ياق ياق قۇتبىلىك سەن تېخى ئارزۇ ئارمانلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدىڭ، يېرىم يولدا بەل قۇيىۋەتسەڭ بولمايدۇ، سەن بۇ سىنىپ ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلمىدىڭ؟ يەنە نىمە ئىشلارنى قىلشىڭ كىرەك ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتساڭ بولمايدۇ.
شۇنداق مەن ئۇنۇتسام بولمايدۇ، ئالدىراپ بەل قويۇۋىتىشكە بولمايدۇ. مەن سىنىپ باشلىقلىقى سالاھىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدىم، ساۋاقداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتتىم، سىنىپتا بولىۋاتقان كۆڭۈلسىزلىك ۋە زىدىيەتلەرنى سوراپ بىلدىم، قانداق قىلىش چارىسى ئۈستىدە قىزلار بىلەن ئوغۇللار بىلەن ئايرىم پاراڭلاشتىم، ئاخىرى سىنىپ يىغىنى ئېچىپ بۇندىن كىيىن سىنىپنىڭ ئىشلىرىغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، بىر مەزگىل ئىشخانىدا پروگرامما تۈزۈش بىلەن بولۇپ كىتىپ سىنىپقا، ساۋاقداشلارغا كۆڭۈل بۈلەلمىگەنلىكىمدىن كەچۈرۈم سورىدىم. شۇنداق قىلىپ مەندىن كۆڭلى قالغان، سىنىپتىن كۆڭلى قېلىۋاتقانلارغا قايتا ئىشەنچ ئاتا قىلدىم، سىنىپتا پراففىسورنىڭ ئەمەس مىنىڭ دىگىنىم راست ئىكەنلىكىنى نىمە ئىشلار بولسا ماڭا بىۋاستە دىيىشىنى ئېيتتىم، مەسىللەر بولسا بىۋاستە ماڭا تېلېفۇن قىلىشىنى دەرىسكە چىقالمايدىغان، رۇخسەت سۇرايدىغان ئىشلار بولسا ماڭا تېلېفۇن قىلىپ قويسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم، شۇندىن كىيىن سىنىپتىكى كىچىكىدىغان ۋە دەرىسكە سەۋەبسىز كەلمەيدىغان ئىشلار تۈگەپ قالدى، ئىنىستۇتنىڭمۇ ئېغىزىغا كۆپ چىقمىدۇق. ھۇھ ئاخىرى سىنىپ بىر قاتارلىقچە ئىزىغا چۈشتى، دەپ مۇشۇ پەيىتتە بىر نەرسە كەمدەك تۇراتتى، ئۇ بولسىمۇ بىر ئوپچە يىغىلىش پائالىيىتى.
يىڭى يىل كېلىۋاتاتتى، يېڭى يىللىق ئولتۇرۇشنى جىددىي ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ سىنىپتىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سىنىپتىكىلەرنىڭ سىنىپقا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش كىرەك ئىدى. بۇ پىلاننى تىزلىكتە ئوغۇللار ۋە قىزلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باش بولۇپ سىنىپتىكىلەرنى يېڭى يىللىق ئولتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردىم.
بۇ ئىشنى "پراففىسور" دىن مەخپىي ھالدا ئورۇنلاشتۇردىم، سىنىپتىكى "كۆز" لەرمۇ چېقىپ قويمىدى.
شۇنداق قىلىپ يېڭى يىلنى نازنا رىستۇرانىدا ئۆتكۈزدىغانغا دىيىشتۇق، ئۈچ ئۈستەل ئىجارىگە ئېلىپ ساۋاقداشلارنىڭ كىلىشىنى كۈتتۈم، ساۋاقداشلار كەلدى، بىر لىكتە تاماقلاندۇق، ئۇسۇل ۋە تانسا ئويناشتۇق، يېڭى يىللىق پائالىيەت باشلانماي ئىچىمىزنى بەك سىرقىۋەتتى، پائالىيەت باشلانغاندا سائەت ئون بوپ قالغان ئىدى، پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چىققاندا سائەت ئاللى بۇرۇن ئوندىن ئاشقان بولۇپ مەكتەپكە قايتقان تەقدىردىمۇ ياتاققا كىرەلمەيتۇ، قانداق قىلىش كىرەك؟ ساۋاقداشلار مەسلىھەتلىشىپ كارائوكى ئېيتىشقا باردىغان بولدۇق، لىكىن لايىقىدا ئورۇن تاپالمىدۇق، كىيىن ساڭناغا بارىدىغان بولدۇق، ئۆمرۈمدە دەسسەپ باقمىغان يەرگە بۈگۈن دەسسەيدىغان بولدۇم دەپ ساۋاقداشلارنى ئېلىپ ساڭناغا باردىم، تەلىيىمگە ساڭنانىڭ ئالدىدا بىر كارائوكىي خانىدا بوش ئورۇن بار بولۇپ پۇلىمۇ ناھايتى ئەرزان ئىكەن، دىيىشىپ بولۇپ ساۋاقداشلار بىلەن كىچىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزدۇق، ناخشا ئېيتىشىپ كونا يىلنى يېڭى يىلغا ئۇلىۋەتتۇق، پوتۇلكىنى پىرقىرتىپ ئۇدۇل كەلگەنلەر تانسا ئوينايدىغاندا دىيىشىپ ئويۇن ئويناپ دىگەندەك ئۆتكۈزدۇق، قىزلارمۇ يېنىدا بىز بولغاچقا بىخەتەرلىكىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىدى، شۇنداق قىلىپ تاڭ سەھەر سائەت بەشتە بۇ يەردىن ئايرىلدۇق، سائەت ئالتىگىچە بىر سائەتچە كوچىدا پاراڭ سوققاچ مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق، قەھرىتان قىش مەزگىلى بولسىمۇ بۇ كۈنى ھاۋا بەك سوغۇق ئەمەس ئىدى، شۇڭا خاتىرجەم گۇدۇڭ-مۇدۇڭ پاراڭلىشىپ مەكتەپكە سائەت ئالتە بولاي دىگەندە قايتىپ كەلدۇق.
يېڭى يىلنى بىز مانا مۇشۇنداق كۈتىۋالدۇق، بۇ پائالىيەت باشتا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا كىچىچە ئويناش پىلانى يوق بولسىمۇ ئامالسىز كىچىچە تالادا ئويناپ يۈردۇق، بۇ مىنىڭ سىنىپ تۇتۇش پىرىنسىپىمغا يات بولسىمۇ ئامال يوق شۇنداق بوپ قالدى، لىكىن بەكمۇ ئازاپلىنىپ كەتمىدىم، ئەكسىچە سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئىناقلىقى ئۈچۈن قىلغانلىقىمدىن ئازراق خۇشاللىق ھىس قىلدىم(بەلكىم نادانلىقىمدۇر).
بۇ مەۋسۇم شۇنداق قىلىپ تىنىچ ئامان ئاخىرلاشتى، ئىككىنجى مەۋسۇم قانداق كۈنلەرنىڭ بېشىمىزغا كىلدىغانلىقى نامەلۇم ئىدى.
تەتىل ئاخىرلىشىپ ئىككىنچى مەۋسۇم باشلاندى، ساۋاقداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ ھال مۇڭ بولغۇچە جاھان كۆكۈرۈشكە باشلىدى، مەن پەيتىنى تاللاپ ساۋاقداشلارغا بۇ مەۋسۇم جەنۇبىي تاغقا ساياھەتكە چىقىش پىلانىمنىڭ بارلىقىنى شۇڭا يېنىغا يۈز سومغا يېقىن پۇل تەييار قىلىپ قويىشىنى ئېيتتىم، ئۇزاققا بارمايلا ئىشنى ئەتراپلىق پىلانلاپ جەنۇبىي تاغ (نەنسەن) قا ساياھەتكە ماڭدۇق، سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئاساسەن چىقتى، پارتىيە ياچىيكا شۇجىسىمىز بۇنداق سورۇنلارغا بۇرۇندىن چىقمايدىغان بولغاچقا ئۇنى زورلىمىدۇق، ئۇنى بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن مەكتەپتە قېلىپ بىزنى قوغداپ تۇرۇشقا قالدۇرۇق، قالغان ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى چىقتى، مەن سىڭلىمنى ئېلىۋالدىم، بىر ساۋاقدىشىمىز مۇھەببىتى ئېلىۋالدى، شۇنداق قىلىپ 40 قا يېقىن كىشى بىسمىللا دەپ سەپەرگە يول ئالدۇق، يەيدىغان نەرسىلەر ۋە تاماق ئۈچۈن لازىملىق گۆش، ياغ، تۇز دىگەندەك لازىمەتلىكلەردىن تارتىپ رەسىمگە چۈشىدىغان ئاپراتلارغىچە شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ئۈچ يېرىم يىللىق ئارمانىمىز ئۈچۈن مېڭىپ كەتتۇق، بىزنى ئېلىپ ماڭغان ھىچقانداق ئوقۇتقۇچى ياكى يىتەكچى بولمىغاچقا ساۋاقداشلاردىن سەل ئەنسىردىم، لىكىن چىقىپلا بىخەتەرلىك ئۈچۈن چۇقۇم ئورۇنلاشتۇرىشىمغا بوي سۇنىشىنى تەلەپ قىلدىم، ساۋاقداشلارمۇ مىنى قوللىدى، شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈنلۈك تاغ ساياھىتىمىز باشلاندى، ساپ ھاۋا، ياپيىشل چۆپلەر، ئىگىز قەد كۆتۈرگەن قارىغايلا، ئېرىقتا ئېقىۋاتقان تاغدىن ئېقىپ كەلگەن قار مۇز سۈيى... بىزنى تەبىئەتكە ئەڭ يېقىن جايدا يېڭى بىر نەپەسكە ئىگە قىلغان ئىدى. چۈشلۈك تاماق پىشقىچە ساۋاقداشلار بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى تاغلارغا چىقتۇق، رەسىمگە چۈشتۇق، بەسلىشىپ ئويناشتۇق، ئىجارىگە ئالغان قازاق ئۆيىدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىدۇق، ئۇسۇل خوش ياقمىغانلار سوغۇقتىن يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىشنى، تاماق پىشقاندىن كىيىن بىرلىكتە قورساقنى تويغۇزۇپ يىراق شاقىراتمىغا يول ئالدۇق، ئىگىز-خەتەرلىك جىلغىلاردىن ئۆتۈپ مىڭ بىر جاپادا شاقىراتمىنىڭ يېنىغا بېرىپ رەسىمگە چۈشتۇق، ئاندىن كىيىن كەلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە ياندۇق، ئۆزىمىزچە بىر شەھەرنى ئالغاندەك خۇشال بولۇشتۇق، ئۇيەردىن قايتىپ كىلىپ بىز چۈشكەن قازاق ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئاپتاپ سۇنغاچ ئارام ئالدۇق، كەچ بولغاندە كاۋاپ يىدۇق، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەپ ئىچتۇق، ئوغۇللار قاش قارايغاندا سەل قىززىۋالغۇسى كىلىپ ئىككىنچى ئۆيگە كىرىپ سورۇننى باشلىۋەتتى، مەن سورۇننى باشلاپ بىرىپ سىنىپتىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۆپ ئىچمىدىم، ئوغۇللار ئىچى قىززىپ كۆزلىرى بىزەڭلەشكەندە بىز ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن تەييارلاپ قويغان ناخشا مۇزىكىلارنى قويۇپ تانسا-ئۇسۇللارنى ئوينىدۇق، ھەتتا دېسكومۇ ئوينىدۇق، قارايدىغان بولسىڭىز ئوغۇللار دىگەن بەك شاش، كۆزىگە كىم چۈشسە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇسۇل ئويناۋاتقان، تانسا ئويناۋاتقان، ھەممە شۇنداق خۇشال، ناخشا تۈگىسە گىتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان... ئىككى سائەتچە مۇشۇنداق ئويناپتۇق، كىيىن تۇيۇقسىز توك توختاپ ئامالسىز ئوخلاشقا مەجبۇر بولدۇق، توكمۇ ۋاقتىدا كەتتى، بۇلارنى قانداق ئۇخلىتارمەن دەپ بېشىم قاتقان ئىدى، بۇمۇ تەلىيىمنىڭ كەلگىنى دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ قىز ئوغۇللار ئىككى چىدىرغا ئايرىلىپ ئۇخلىدۇق، مەن ھەممە ئىشلارنى پاكىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئاخىرىدا ئوخلىدىم، لىكىن ماۋۇ كەپسىزلەر بالدۇر كىرىپ ياتقانلار، يوتقاننىڭ يۇمشىقىنى، قېلىنىنى ئىگەللىۋاپتۇ ئەمەسمۇ، ھەي ماڭا بىر يوتقاننىڭ پۇچى ئاران ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىكنىڭ تۈۋى، ۋايجانەي... كىچىچە سۇغۇقتا ئۇخلىغاندەك بولمىدىم، قاچان ئۇخلاپ قالدىمكىن بىر چاغدا توڭۇپ كىتىپ ئويغىنىپ كەتتىم، قارىسام تاڭ تېخى سۈزۈلمەپتۇ، ئامالسىز ياتقان جاينىڭ تايىنى يوق تۇرۇپ كەتتىم.
داۋامى بار...
داۋامى----›
شۇنداق سۇغۇق كىچىلەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن بۇ ساۋاقداشلار مانا بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھەممىسى ھەر ياقلارغا تارقالدى، ئوقۇتقۇچى بولدى، دۆلەت مەمۇرى بولدى، ئايرىدىروم خادىمى بولدى، ئالىي ئاشخانىلارغا باشقۇغۇچى بولدى، تېلېۋىزىرىيە ئىستانسىدا خادىم بولدى، بىرقانچىسى ئاسپىرانتىلىقنى ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپتە قالدى، دىمەك ساۋاقداشلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تۇنجى يىلىلا غايەت زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى، ئەمدى گەپ ئىش ئورنىدا تىرىشىپ گۈزەل بولغان كەلگۈسىنى يارتىش ئىدى، بىز گەرچە قۇمدەك چېچىلغان بولساقمۇ قەلبىمىز يەنىللا بىر ئىدى، بىز سېغىناتتۇق، چ چ توپتا ئەھۋال ئېيتىشاتتۇق، ئۆتكەن كۈنلەرنى ياد ئىتىشەتتۇق، تاغدا چۈشكەن رەسىملەرنى يوللىشىپ ئايرىلغاننى ھىس قىلالمىغان ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىكىپ قوياتتۇق.
شۇنداق ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۆزلىرى ئاشۇ ئاخشامدا تىكىلىپ قالغان ئىدى، ئاشۇ سوغۇق ئاخشامدىكى ساۋاقداشلىق مىھردىن ئىسسىغان يوتقانلاردا قالغان ئىدى...
تاڭ ئاتتى، تاغنىڭ ئەتتىگەنلىك سوغۇق ھاۋاسىدىن توڭغان باللا ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىشقا باشلىدى، تاغنىڭ سوغۇق ئەتتىگىنىگە سەللا مازا ئىسسىقلىق ئاتا قىلغان بۇ تاغ قۇياشى بىز ئۈچۈن بەك مىھىرلىك بىلىنىپ كىتىۋاتاتتى.
بىز تاغدىن ئېقىپ كەلگەن مۇز سۈيىدە يۈزىمىزنى يۇيۇپ قازاق ئۆزى ئالدىغا يىغىلدۇق، سوغۇقتىن دۇغدىرىشىپ ئەھۋاللار سورىشىپ بىريەرگە يىغىلدۇق، ناشتا قىلىپ بولۇپ ئۇ تاغ-بۇ تاغلارنى سەيلە قىلىپ رەسىملەرگە چۈشتۇق، مۇزتاغ، قويۇق قارغاي، يىشىل چۆپلۈك بىزنىڭ بىللە رەسىمگە چۈشۈش ئوبىكتىمىز ئىدى، رەسىمگە چۈشكىدەك توك قالمىغاندا چۈشلۈك بوپ قالدى، قازاق ئاپپاي ئىتىپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى تامىقىمىزنى ئىچىپ قايتماقچى بولدۇق، چۈشلۈك تاماق شۇنداق ئوخشاپتۇكى ئەيھانناس، سۈيقئاش ئەكىرگەن جاۋۇرنىڭ ئاستىنى يالغۇدەك بوپ كەتتۇق، نانمۇ نەقلا يەتتى، ئېشىپ قالمىدى، كەم قالمىدى، تاماققا دۇئا قىلىپ قازاق ئاپپايغا رەخمەت ئېيتىپ يولغا چىقتۇق، ھەممىز ھارغىن لىكىن بەك خۇشال ئىدۇق، قانداق بولدى ماشىنىغا چىقىپ كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزىمىزنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا كۆردۇق. شۇنداق قىلىپ جەنۇبى تاغ ساياھەت پائالىيىتىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاياغلاشتى.
بۇندىن كىيىن سىنىپنىڭ سىياسى مۇھىتىدا ئۆزگۈرۈش بولدى، سىنىپ مەسئۇلىمىز ئالماشتى، بۇ قېتىمقىسى خەنزۇ بولۇپ يېڭىلا ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن، ئالدىنقى سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ياردەمچى ئوقۇغۇچىسى ئىدى، سىنىپ باشقۇرۇشتا ئۇستازىنى ئۈلگە قىلغان بولۇپ ئۆزى خاس ھىلىگەرلىكى بىلەن سىنىپنى باشقۇرۇشقا ئاتلانغان ئىدى.
شۇنداقتىمۇ سىنىپ باشلىقى يەنىللا مەندە، مەن بولدىكەنمەن، سىنىپتا ئوپچە پائالىيەتلەر ھامان بوپ تۇراتتى، بىز 9-ئايدىن باشلا پىراكتىكىغا چىقىپ كەتتۇق، بۇ پىراكتىكا ئىككى ئاي داۋاملىشاتتى، مەن مۇشۇ ئارلىقتا بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردىم، بۇ پائالىيەت نازىنا رىستۇرانىنىڭ 888 لىق ئايرىمخانىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئەللىك سومدىن پۇل يىغىدىغان چاغدا 30 قا يېقىپ ساۋاقداش باردىغانلىقىنى ئېيتىشتى، 30 كىشى ئۈچۈن 888لىق ئۈستەلدىن ئىككىنى بۇيرىسام پۇل يەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن 60 سومدىن يىغىدىغان بولدۇم، توۋا دەيمەن ئون سوم ئۈچۈن باردىغان كىشىنىڭ سانى 16گە چۈشۈپ قالدى، يا پانا نىمە كارامەت بۇ، ئوقۇغۇچىلىق دىگەنزە ھەي...
قاندقلا بولمىسۇن مەن ئورۇنلاشتۇرىۋەردىم، سازچى، سۈرەتكە ئالدىغان كىشى ھەممىسىنى ئۆزۈم ئاغىنەللىرىمدىن توغرىلىدىم، بىر چاغدا كەلمەيمىز دىگەنلەرمۇ كەپتۇ، ئادەمنى مۇشۇنداق موتىروللا قىلمىسا مۇشۇ قىزلار، نەچچە تاتىرىپ يالۋۇرۇپ ئورۇندۇق سوراپ ئاران تەستە ئورۇقدۇقنى يىتىشتۈردىم، لىكىن سورۇن كارامەت قىززىدى، ناخشىچى ئاغىنەللىرىم سورۇننى گۈل كەلتۈرىۋەتتى، قىز ئوغۇللار تانسا، ئۇسۇل، دېسكو ئويناپ كۈننى كەچ قىلىپ ياندۇق، پىراكتىكا ھاردۇقى ئازراق بولسىمۇ چىقىپ قالدى.
كىم بىلسۇن بۇ پائالىيەت بىلەن بىزنىڭ ئوپچە پائالىيەتلىرىمىزنىڭ توختاپ قالدىغانلىقىنى، ئۇزۇنغا بارماي مەن مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۆپەيتىۋېلىپ بانكا كارتىسى بىجىرگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم، ۋە بۇنى مەكتەپكە ئىنكاس قىلدىم، ئۆزۈمچە بۇنى قانۇنسىزلىق دەپ ئويلىدىم، سىنىپ باشلىقى بولغان ئىكەنمەن بۇنى ئېيتىپ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىم كىرەك دەپ ئويلىدىم، ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، مەن خاتالاشقان ئىدىم، مەدىىنيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ھازىرمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن جىنايەتچى بولۇپ قارىلاندىم، سىنىپ باشلىقلىقىدىن ئېلىپ تاشلاندىم، مەن ئۈمىد كۈتكەن ئاشۇ قارا كۆزلەر، مەن بىلەن ئاشۇ سوغۇق تاغدا مىھىرلىك يوتقاندا ياتقان، مەن بىلەن بىللە بىر پارتىدا دەرىس ئاڭلىغان، مەن بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان، مەن بىلەن ئەتتىگەن چۈشتە بىر داستىخان بوپ تاماق يىگەن ئاشۇ كۆزلەر مەن ئۈچۈن ئىككى ئىغىز ھەق گەپ قىلىپ قويالمىدى، ئۇلار قىلالايتى لىكىن قىلمىدى، قىلالمىدى، مەن ئاشۇ ۋاقىتتا ساۋاقداشلار مىھرىنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدىم، شۇ خاپىلىق بىلەن ئوقۇش پۈتۈپ كەتتى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى دىگەن بۇ نەرسە مەۋجۇد بولماي قالغىنى تاس قالدى، ئەپلەپ زورىغا ئەڭ قالاق بىر رىستوراندا ئولتۇرغان قىلىپ ئاتالمىش ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق، كەلگەنلەر كەلدى، كەلمىگەنلەر يوق، ئۆزىنى زورلاپ كۈلگەن كۈلكىلەر بىلەن ھەقىقى ئايرىلىش ئازابىنى ھىس قىلىپ باققۇسى بارلار كۆزگە بىرقىسمىلا كۆرىنەتتى، ئاۋۇ ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان قوش تىللىق پىراففىسورنىڭ نېگى نېگى دەپ كىكەچلەپ قىلغان خەنزۇچە سۆزلىرىدىن كىيىن ئۇزاق ئولتۇرماي سورۇن تاراشقا باشلىدى، خەنزۇ شاگىرتى بولىمىش بىزنىڭ ھازىرقى سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزنىڭ كۆپ ئىچىپ مەس بوپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بالىلارنىڭ رومكىسىغا قانچىلىك ھاراق قۇيۇلغانلىقىنى ئۆلچەپ ئولتۇراتتى، شۇنداق بىر چۈپەي سورۇن بولدى ئۆمرۈمدە بۇنداق تېتىمىغان سورۇننى كۆرمىگەن ئىدىم، شۇنچىلىك زورىغا ئولتۇردۇمكى ھەي...
بۇنداق سورۇننىڭ گىپىنى جىق قىلمىغان ياخشى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا باشقا سىنىپلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرى يۇقىرى پەللىگە چىقتى، ئۇلار تاغلارغا چىقىپ ئويناشتى، رىستۇرانلارغا بېرىپ مۇئەللىملىرى ئۈچۈن تون كەيگۈزۈشتى، بادان دوپپا كەيگۈزدى، ئايال مۇئەللىمىلەرگە ئالتۇن ئۈزۈك سوۋغا قىلىپ چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى، ئەپسۇس بىزگە ئۇنداق بەخىت مەنسۇپ بولمىدى، ھەي مەمەتئېلى مۇئەللىم، نەلەردە يۈردىغانسىز، نىمىشقىمۇ بىزنى تاشلاپ كەتكەن بولغىيتىڭىز، نىمىشقىمۇ بىزنى يىتىم قىلغان بولغىيتىڭىز، ھازىر يېنىمىزدا بولسىڭىزچۇ كاچكى، بادان دوپپىلارنى كەيگۈزۈپ رەھمەت دىۋالسام، تونلارنى كەيدۈرۋالسام...
كىممۇ ئويلىغان بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ تۈگەنچە دەۋرىنىڭ بۇنداق لاي سۇدەك بوپ كىتىشىنى، شۇنداقتىمۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غەيرەت قىلىپ غەربىي يۇلتۇز رىستۇرانىدا بىر ئولتۇرۇش ئېلىپ باردىم، ئولتۇرۇشقا مەخسۇس كامىرا ئېلىپ كەلدىم، مەخسۇس ئاپىرات ئېلىپ كەلدىم، خۇشال خورام ئولتۇرۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىمىزنى تەبرىكلىدۇق، ھەممىمىز ئىچىملىك(ئىسپىرىتسىز) قويۇلغان قەدەھلەرنى كۆتۈرۈپ غەلبە خۇشاللىقىغا چۆمدۇق، دەرتلىرىمىزگە دەرمان بولۇشتۇق، ئايرىلغاندىن كىيىن ئىزدىشىپ تۇرۇشنى ۋەدە قىلىشتۇق، ئىلگىرىكى ئازاپلارنى ئۇنتۇش ئۈچۈن خۇشال ياشىماق بولدۇق، ئازارلىقلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشتۇق، كۆڭلىمىزدىكى سىرلارنى تۆكۈشتۇق، بىللە ئويناپ كۈلۈشتۇق، ئەڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئوپچە رسىملەرگە چۈشتۇق، رەتلىك ئولتۇرۇپ كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى بىردىن-بىردىن ئېيتىشتۇق، بەزىلەر راستىن كۆڭلى يېرىم بولسا بەزىلەر ئەپلەپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق، خۇداغا مىڭ شۈكرى، مەن بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى ئاقلاپ بۇ ئولتۇرۇشنى مۇۋەپىقيەتلىك ئاياغلاشتۇردىم، كۆڭۈللۈك بولغان بۇ كۈننى ئۇزۇتۇپ ھەممە تۇرمۇش ئۈچۈن، ئۆز يوللىرىمىزغا ئاتلىنىپ كەتتۇق.
ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلاشتى، چۈشكەن رەسىملەر كومپيۇتېرلىرىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە ساقلانغان پېتى قالدى، ئىشلەنمىگەن دەيلەر ئالغان پېتى جايىدا قالدى. بىز يەنە كۆرۈشەلەمدۇق؟ بىز ياد ئەتكەن، بىز چوڭ بىلگەن ساۋاقداشلىق مىھرى بىزنى بىر يەرگە جەم قىلالامدۇ؟ 10يىلدىن كىيىن، 20 يىلدىن كىيىن ۋە ياكى 30 يىلدىن كىيىن ساۋاقداشلىق يىغىلىشى ئېلىپ بارالامدۇق؟ مەن يەنە ساۋاقداشلار ئۈچۈن غەم يەرمەنمۇ؟ مەن يەنە ئاشۇلارنى ئەسلەرمەنمۇ؟ مەن يەنە 班长老大 بولۇپ يىغىلىش قىلارمەنمۇ؟ ھەي قالغىنى خۇداغا ئامانەت، مەن ھازىر قىلالايدىغان بىرلا ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزگەرگەن، ئۆزگەرمىگەنلەر ئۈچۈن، مىھىرلىك، مىھىرسىزلار ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ 35 ساۋاقداشنى ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى بىر مەندەك سىنىپ باشلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىش...
(تامام)
شۇنداق نۇرغۇن ئەسلىمىلەرگە بىرەر ساۋاقداشنىڭمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ قويمىغىنىنى دىسە ~~ :roll
ھاجىم ماڭا ياردەم قىلىپ بىرەيلەننى تېپىپ بەرگەن بولسىلا… مەن خەت يازسام ئاز كۈندە ئۆزەمگە يېنىپ كەلدى، قالدى قاتتى گەپنى ئايرىم دىيىشسەك….bughra#sina.com
خەتنى كىمگە يازغان ماڭا ئەمەستۇ؟ قارىغاندا مەخپىي پاراڭلىرىڭىز بار ئوخشايدۇ، ئېلخەت ئادىرىسىمنى بىلىدىغانسىز ھە؟ بىلمىسىڭىز : قۇتبىلىك 126 چىكىت كوم.
ئاندا دىمىسىلە غېنى باي ….
مەنمۇ شۇ ئەسلىمىلەرنىڭ پولاتتەك شاھىدى ئەلۋەتتە…مېنىڭمۇ دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى. بىراق شۇ قۇتبىلىك بىلەن ئارلىقىمىز يىقىن بولغاندىكىن ئۆزىگىلا دەۋەتتىم….ھاھا ھاھا
مەن خەت يازسام نىمىشقا نورمال يېزىلمايدىغاندۇ؟ ئامالسىز يېڭى يېزىقا يېزىۋاتىمەن.
مۇنۇ بلوگنى بىرەيلەن سىنىپ باشلىقىمىز قۇرغان بلوگ دەپ تۇنۇشتۇرغان ئىدى، كىرىپلا كۆرگىنىم ئەسلىمە بولدى، ھازىرغا قەدەر سىنىپتا مەن ئۆزۈم بىر دۇنيا، بۇنداق ئەسلىمىلەرنى يازاي دىسەممۇ يازغۇدەك ئەسلىمىنىڭ چىقىشى ناتايىن…
(خەتلىرىڭىز كونا يېزىققا ئالماشتۇرۇپ قويۇلدى، قارىغاندا بەت سىستېمىمىزدا مەسىلە بار ئوخشايدۇ، ئامار بار تىز سۈرئەتتە ئوڭشاپ قويىمىز: باشقۇرغۇچىدىن )
داۋامىغا تەشنامەن..
شۇنداق ساۋاقداشلىق مېھرىنى ئەسلىسەم، يۇرتۇمدا ئۇنىۋېرسىتىت ھاياتىنى ئۆتكۈزمىگىنىمگە ئاجايىب ئۆكىنىمەن دېسە..
ما بالىنى، مەن تۇنجى قارارلىق شىنجاڭ سىنىپىغا ئۆتەلمىگىنىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ھەسرەت چېكىمەن، سىز ئەڭ بەخىتلىك جۇمۇ!
ئالى مەكتەپ ھاياتى نىمە دىگەن كۆڭۈللۈك ھە… مەنمۇ ئوقۇيالىغان بولسامچۇ؟ بۇ تېمىنى كۆرۈپ راستىنلا ئىچىمگە ئوت كىرىۋالدى… بىلوگڭىزدا ھەقىقەتەنمۇ نادىر مەزمۇنلار باركەن، تېخىمۇ رۇناق تاپقاي…
تەكلىپ: خەت نۇسقىسىدا مەسىلە بارمۇ قانداق، ئىنكاس رايۇنى ئۇيغۇرچە قوللىمايدىكەن، مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا خەت نۇسقىسى بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى نورمال يازالىدىم، قاراپ باقارسىز.
ماۋۇ تېمىڭىزنىڭ ئاخىرنىمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى، تىزرەك تولۇقلاپ قويارسىز…
ھاجىم مانىڭ ئاخىرىنى يوللايمىزمۇ ياكى…مۇشۇنداق ئاياغلاشتى دەپ ھۆكۈم چىقىرايمۇ!
ئەلۋەتتە ئاخىرى بار، لىكىن قىسقا ۋەقىت ئىچىدە يوللىيالماسلىقىم مومكىن، ئامال بار تىز يېزىپ يوللاشقا تېرىشىمەن.
加油~~我在电脑上不会写维语~~~强烈支持你~~希望你以后上传更多的好软件~~~~
قوللاپ قۇۋەتلىگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت، كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش تەس ئەمەس، بەش مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز ئۆگۈنۈپ بولالايسىز، سىز ئۆگەنمىسىڭىز كىيىن بالىڭىزغا قانداق ئۆگۈتىسىز؟
ھەممىمىز بىرلىكتە تېرىشايلى!
مەكتەپداش ئىكەنمىز ، پۇرسەت بولسا تونۇشۇپ قالساق …. ئىسىمىم تۇرغۇنجان كوت كوت 372700838 قاچىلىۋالسىڭىز دوستلىقىمىز باشلانغان بولىدۇ ھى ھى ئالدىرماي مۇستەھكەملەيمىز
( قېلىنلىق دېگەن مانداق بولىدۇ
)
ئىسمىم قۇتبىلىك، قارشى ئالىمەن، ئەپسۇس بالدۇرراق تۇنۇشساقچۇ؟
تولىمۇ گۈزەل كەچۈرمىشلەرنى ئۆتكۈزۈپسىز، نەچچە يەردە كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم.
ئەسلىي سىز يېقىنلا يەردىكەندىزدە، بىر ئاي بالدۇر بىلگەن بولسام كۆرۈزۈپ كېلەركەنمەن. يازمىنىڭ داۋامىغا ئىنتىزارمەن.
بۇ يازمىنى قىشلىق تەتىلدە يازغان ئىدىم، قالغان يېرىمىنى يازلىق تەتىلدە يازدىغان ئوخشايمەن، ئىلھام ئىزدەپ ئولتۇردۇم.
ھەي ! شۇ ئالىي مەكتەپتىكى كەچۈرمىشلەر ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. 35 ساۋاقداش ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ سېنى ..نىمىلە دىگەن بىلەن سەن قەلبىمىزدىكى 班长达人 ئەمەسمۇ…خا خا….ئوبدان تەسۋىرلەپسەن بىزلەرنى …يانا داۋامىنى يازارسەن …..
ئىككمىزنىڭ قىسمەتلىرى نىمانداق ئوخشايدۇ ئاكا ،مەنمۇ بىر سىنپنڭ باشلىقى،ھەم سىزنىڭ ھەمساۋاق ئىنىڭىز بولىدىكەنمەن مەنمۇ كۆمپيۇتىركەسپىدە، ئويلاپ باقسام سىزنىڭ بىشڭىزدىن ئۆتكەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مىنىڭ بىشىمدىنمۇ ئۆتۇپتۇ، ھەتتا نازنا رىستۇرانىدىكى ئايرىمخانىدا ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى ئۆتكۇزىشىمىزنىڭ،جەنۇبېي تاغ قا ساياھەتكەچىقىش،شۇيمىگۇ باغچىغا،يامالىق تاغدىكى ساياھەتلىرىمىزنىڭ ئوخشاشلىقى قىززىق….مۇشۇنچىۋالامۇ ئوخشامدۇ؟….ئەمما مەن ھازىر سىنىپىمدىن زىكىشكە باشلىدىم،جىق ئىشلارغا كۆڭۇل بۆلمايدىغان بولۇپ قالدىم،ئۆزۇمگە ھەم ئىچىنىپ.ھەم ئاچچىقىم كىلىپ يۇرۇپتىمەن….38ئادەم بىلەن بىرسىنىپتا 3يىل بىللە بىلىم ئاپتىمەن،كىيىن سىزدەك ئەسلەپ قالىمەن چۇقۇم…..
ئىنىم ئىكەنسىز، ھەم مەكتەپداش ھەم كەسىپداش ئىكەنسىز، كەسىپنى ھۆرمەتلىسىڭىز ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئىملاسىغا بەك دىققەت قىلىڭ، مىنىڭ تولۇقسىز 1-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىللىرىم كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچىنى سىزدىن ياخشىراق يازىدۇ.
ئالىي مەكتەپ بىلسە جەننەت، بىلەلمىسە ھاياتنى بىھۇدە ئۇپىرىتىدىغان … ئالدىنقىلارنىڭ كەچمىشلىرى كىيىنكىلەرگە تەجىربە بولسۇن، تەجىربە ساۋاقلارنى ياخشى يەكۈنلەپ، ۋاقتىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزمەي، كىتاپخانىدىن كۆپرەك كىتاپ ئىجارىگە ئېلىپ كۆرۈڭ.
قۇتبىلىك ئەپەنددى! يازمىڭىزنى ئۇقۇدۇم! مەكتەپداش ئىكەنمىز! بىر ۋاقىتتا ئۇقۇپتىكەنمىز! بىر مۇھىم ئىش : يازمىڭىزدىكى بەزى خەتلەرگە دىققەت قىلدىڭىزمىككىن؟ يەنى بەزى خەتلەرنىڭ ئارسىغا ‹‹ ئاللاھ›› دىگەن مۇبارەك نامنىڭ ئەرەپچىسى قىستۇرلۇپ قاپتۇ! ….
«ا للە» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچىدىمۇ بار بولغاچقا بۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سۆز يېزىلغان ۋاقىتتا «ا للە» سۆزىنى ئايرىم ھالدا ئەرەپچە شەكىلدىكى« اللە» سۆزى ھالىتىدە كۆرسىتىدىغان ئىش بار، ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنىڭ ئىشىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم، ئۇنى مەن ئايرىم يازغان ئەمەس، ئاپتوماتىك ھالدا ئاشۇنداق كۆرنىۋاتقان ئىش. مىنىڭچە نورمال ھادىسە.