ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >قۇتبىلىك> مەزمۇنى
مىكرو خاتىرەم (2012-3-15)
2012-يىلى03-ئاينىڭ15-كۈنى قۇتبىلىك 7دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,145+

ئوقۇش باشلاندى، تولۇق 2-يىللىقتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بىرىدىغان بولدۇم، ئۆتكەن مەۋسۇم 15 سىنىپقا دەرس بەرگەن ئىدىم، بۇ ماۋسۇم 14 سىنىپ بولدى، يامان يىرى مەن دەرس بىرىۋاتقان تولۇقسىز 1-يىللىقتىكى تۆت سىنىپنى كەسپى كومپيۇتېر بولمىغان كومپيۇتېردىن تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان خەنزۇ ئايال ئوقۇتقۇچىغا ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئۆتىسە دەپ زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويدى، مەكتەپتىمۇ ئامال يوق ئىكەن، مەكتەپتە بار كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى (كەسىپ ئوقۇغان) ھازىر مەن بوپ قالدىم، ماڭا قويۇپ بەرسە ھەممە سىنىپقا دەرس ئۆتكۈم بار، لىكىن ئۇنداق دىگىنى بولمايدىكەن، نورما 14 سائەت ئىكەن. بۇيىل مەكتەپكە ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن يەنە خېلى ئالدىكەن، كومپيۇتېردىن ئوقۇش پۈتتۈردىغانلار غەيرەت قىلىڭلار، يېنىمغا كەلسەڭلار چوقۇم رازى بولىسىلەر.

كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم بولدى، چۈنكى تولۇقسىزدىكى تۆت سىنىپ ئوقۇغۇچۇم ئەمدى بىر مەۋسۇم ئويۇن ئويناپلا كىتىدۇ، تۈزۈك بىر نەرسە ئۈگنەلمەيدۇ، نىمىشقا دەمسىز؟ ئۇلار خەنزۇچە گەپلەرنى چۈشنەلمەيدۇ، مۇئەللىم سۆزلىسە خىيالىدا يوق ئويۇنىنى ئوينايدۇ، «ئوينىما، ئۇيغۇرچە خەت بېشىنى ئۆگۈنۈپ ئاناڭغا كومپيۇتېردا يۈرەك سۆزلىرىڭنى بېسىپ چىقىرىپ بەر، بوۋاڭ-مۇماڭنىڭ رەسىمىنى فوتوشوپتا چىرايلىق رامكىغا ئېلىپ بوۋا،موما سىنى سۆيىمەن دەپ ئۈستىگە خەت يېزىپ، رامكىغا ئېلىپ ئۇلارغا سوۋغا قىل» دەيدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ئادەم بولۇش توغرىسىدا سۆزلەپ بىردىغان ئوقۇتقۇچسى يوق، شۇڭا ئاشۇ 200 ئوقۇغۇچىم ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم، ھەي...

ئۈچ كۈندىن بېرى ماۋۇ ئۇبۇنتۇ دىگەن ئاداشنىڭ مۇلازىمىتىر نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولالمىدىم، نورمال قاچىلاندى كاساپەت، لىكىن ئۈستەل يۈزىنى قاچىلاپ قوزغاتسام نورمال كىرگىنى بولماي ئىچىمنى بەك سىقتى، ھەقىقىي كومپيۇتېرغا ئىككى قېتىم قاچىلاپ سىناپ باقتىم، مەۋھۇم كومپيۇتېرغا تۆت قېتىم قاچىلاپ مەغلۇپ بولدۇم، ئاخىرى ئۈستەل نۇسخىسنى قاچىلاشقا مەجبۇر بولدۇم، ئۆزەمچە بىر مۇلازىمىتىر بەرپا قىلماقچى ۋە تور بىكەت قۇرۇپ باقماقچى بولىۋاتىمەن، LAMP ۋە LNMPA ئويناپ باقماقچى بولىۋاتىمەن، ئەگىشىدىغانلار بارمۇ؟

نۇرقۇت تورىدىكى چارۋىچى ئەپەندىنىڭ كۆرسەتمىللىرىگە ئاساسەن دۇراپىل دىگەن سىستېما بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم بىر قانچە سىن دەرسلىكىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم، كارامەت سىستېما ئىكەن، تور بىكەت سىستېمىللىرنىڭ ئىچىدە ماندا كەڭ تاشا لايىھەلەنگەن پروگراممىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ھەيران قالدىم، ئالدىراپ بىر نەرسىگە ھەيران قالمايتىم، مۇشۇ خەتلىرىمنى ئوقۇۋاتقان ئۆگەنگۈچى ھەۋەسكارلارغا دۇراپىلنى بىر كۆرۈپ چىقىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن. دېڭىز ئىكەن، دېڭىز بولغاندىمۇ ھەسەل دېڭىزى دەڭە...

Win8 نىڭ ئىستىمالچىلار نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن، ماڭا مىكروسوفىتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئانچە بەك يارىمايتى(گەرچە كۈندە شۇلارنىڭ ياسىغان نەرسىللىرىنى ئىشلەتسەممۇ)، ماۋۇ قېتىم Win8 بەك ياراپ قالدى، مۇشۇ خەتلەرنى ھەم مۇشۇ سېستىمىدىكى كىرگۈزگۈچتە ئۆزىنىڭ تېكىست دىتالىغا يېزىۋاتىمەن، تەسىرات ئىنتايىن بەلەن.

ئاندرويىد تېلېفوندىن ئۈچنى بۇزۇپ ئولتۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن ئاندرويىد ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم توختاپ قالدى، مەۋھۇم كومپيۇتېردا ئوينايدىغان ئوخشايمەن ئەمدى، قاچىلىغان ئۇبۇنتۇغا ئېكلىپىس قاچىلاپ ئاندرويىد ئۈگنۈشىمنى باشلىۋالسام بولغۇدەك...

بۇرادىرىمنىڭ ئېيتىشىچە يېقىندا كانادادا PYCON 2012 SANTA CLARA ئۆتكۈزۈلىپتۇ، بۇيەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ ھەرخىل مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپتۇ، مەسىلەن: مەلۇم بىر مەسلىنى پروگراممىدا ئەڭ تىز بىر تەرەپ قىلىش، ئەڭ قىسقا كود بىلەن بىر تەرەپ قىلىش دىگەندەك... بۇ مۇسابقىگە قاتناشقان كىشىلەر بەك كۆپ ئىكەن، قوللىغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىڭىزلا بۇ مۇسابىقىنىڭ قانچىلىك قىززىغانلىقىنى ھىس قىلالايسىز(ئاۋۇ خەتلەرنى گوگېلدىن ئىزدىسىڭىزلا بىكەتنى تاپالايسىز).

مەكتەپتە ئىشلەش خېلى كۆڭۈللۈك بولىۋاتىدۇ، بالىلارغا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن مۇھىم مەزمۇنلارنى سۆزلەيمەن، خالىسام ئەدەپ-ئەخلاق، خالىسام بىلىم ئۈگىتىمەن، 8 سائەتتىن خىزمەت قىلسام ھەپتىدە 40 سائەت خىزمەت قىلدىكەنمەن، لىكىن ھەپتىدە 14 سائەت دەرس ئۆتىمەن، قالغان 26 سائەت مىنىڭ ئۆگۈنۈش ۋاقتىم، مۇقۇم كىرىم، مۇقۇم ئۆگۈنۈش ئۆيى... شارائىت ئەمدى خېلى پىشىپ يىتىلگەندەك تۇرىدۇ، يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئىلگىرلەش ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىللىرىمنىڭ ھەممىنى كۆرىۋاتىمەن.
Android، Ubuntu،Durapel دىگەندەك سىستېمىلار، C#،Java،javas،Python دىگەندەك تىللار، MYSql،NoSQL،Sqlite دىگەندەك ساندانلار، Xmpp دىگەندەك كىلىشىمنامىلەر، ئۇيغۇرچە سۆزدىن تۈپ سۆزنى ئايرىش، سۆز ئىستاستىكىلاش، ئۇيغۇرچە توربىكەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كومپيۇتېرغا يىغىش دىگەندەك سامان نەقىدىكى ھەۋەسلىرىم ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىۋاتىدۇ، ئاللاغا مىڭ شۈكرى كۈنلىرىم يامان ئەمەس. تەن ساق بولسىلا قالغان ئىشلار چوڭ مەسىلە ئەمەس...

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

【 ئالدىنقى يازما 】
【 كېيىنكى يازما 】

نۆۋەتتە 7 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 5 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە

  1. رادىئو ھەۋەسكارى : 2012-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى03:38:49  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    سىزدەك ئويلاپ ، خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك بولسىيدى ….

    • قۇتبىلىك : 2012-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى06:34:39 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      مىنىڭچە بۇنداق كىشىللىرىمىز خېلى كۆپ ، لىكىن ئۇلار تېما يوللاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىشى مومكىن.

  2. سەھرالىق : 2012-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى17:25:02  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    موللام، دۇراپىل ئەمەس جۇپال دەپ ئوقامىز ئانى :lol: مەن بارايمىكى ئاتۇشقا… قايسى مەكتەپ ئاشۇ؟ گۈزەل-سەنئەتتىن ئادەم ئالسا سىلى بىلەن بىللە ئىشلەي بولدى :wink:

  3. ئالىم : 2012-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى08:25:49  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئىشلىرىڭ تازا ياخشى كېىتىپ بېرىۋاتقان ئوخشايدۇ،دوستۇم..سەندەك ئويلايدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاز قالدى جۇمۇ..ھەرقېتىم سېنىڭ يازمىلىرىڭنى كۆرسەم مېنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى بولغىم كېلدۇ.. :lol:
    تىرىش، ئەشۇ سەبىي قەلىبلەرنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن!

  4. Bakhtiyar : 2012-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنى03:25:56  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    سالام،قۇتبىلىك، بىلوگىڭىزنى دائىم يوخلاپ تۇرىمەن. توي قىلغانلىقىڭىزنى، خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ بولغانلىقىڭىزنى بىلىدىم، ھەم ناھايىتى خوش بولدۇم. ئۆزەممۇ سىزگە ئوخشاش كومپيۇتېرغا ئوتتەك ئىشتايىقىم بار ئادەم. 7-ئايدا ئوقۇشۇم پۇتسىلا دۆلىتىمىزدىكى ھەم خەلقىرادىكى خېلى ئالدىدا بىر كارخانىغا، پروگرامىر بولۇپ ئىشقا چۈشمەكچى.

    تولۇقسىزدا، تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان ۋاقتىمدا سىزدەك ياخشى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى بولغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتىكەندۇق. سىزگە ئاپىرىن. ئەگەر لىنۇكس مۇلازىمىتېرىگە قىزىقسىزڭىز، بىرلىكتە پىكىرلىشەيلى. مەن بۇنىڭغا بەك قىزىققاچقا خېلى پۇل خەجلەپ ئايرىم تەربىيلەنگەن. سىزدەك كومپيۇتېر ئاساسى ياخشىلار بولسا، بىرگە پىكىرلەشسسەك، تەڭ ئىلگىرلەيمىز. مەندە ماتىريال بەك كۆپ بىراق پايدىلىندىغان ئادەم ئاز بولغاچ كومپيۇتېرىمدا تۇرۇپ سىسىسېپ كەتمىسۇن.
    ئىشلىرىڭىزغا يەنە بىر قېتىپ مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن

    • قۇتبىلىك : 2012-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنى07:52:06 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ماندا يەرلىرىڭىز بولسا تارتىنمايمەن جۇمۇ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ئەمسە، ۋاقتى كەلگەندە سىزنى ئۆزۈم ئىزدەيمەن. سىزگە كۆپ رەخمەت! :razz:

  5. ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى07-ئاينىڭ03-كۈنى13:29:40  -45 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    خاتىرىڭىزنى كۆرۈپ مېنىڭ قەلبىمدىمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىستىكى تۇغۇلىۋاتىدۇ!

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟