ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >تور دۇنياسى> مەزمۇنى
ئۇيغۇر بېكەتلىرى ۋە API
2011-يىلى03-ئاينىڭ20-كۈنى تور دۇنياسى 1دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,437+

ئۇيغۇر بېكەتلىرى ۋە API

سۆزىمىزنى باشلاشتىن ئىلگىرى API گە بىر چۈشەنچە بىرۋېتىلى.

API بولسا ئېنگىلىزچە Application Programming Interface سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، قوللىنىلىشچان پروگرامما تەھرىرلەش ئېغىزى دىگەنلىك بولىدۇ، بۇ ئالدىن بىكتىلگەن بىر قاتار فۇنكىسيەلەرنىڭ توپلىمى بولۇپ ئوخشاش بولمىغان پروگرامما ياكى بۆلەكلەر ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

未命名

بىز ھازىر يىراق بولمىغان كەلگۈسى ئۈچۈن مۇنداق پەرەزلەرنى قىلىپ باقايلى:

بىز بىلىدىغان بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي قوللىدى دەپ تۇرايلى، دەل ئاشۇ ۋاقىتتا بىز تور بېكىتىمىزنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىنى تۈزمەكچى، (سەۋەبى نۇرغۇن، مەسىلەن: ئېقىم تېجەش، ۋاقىت تېجەش، ئىشلىتىكە قۇلايلىق بولۇش…) بۇ دېتالدا تور بىتىمىزگە تىزىملىتىپ كىرىش ئارقىلىق ماقالە يوللىغىلى، تىمىلارنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان قىلماقچى بولدۇق.

خوش ئەمدى گەپ بۇ دىتالنىڭ قايسى تېلفۇنغا تۈزۈلىشى ۋە ياكى قايسى پروگرامما تىلىدا تۈزۈلىشىدە ئەمەس بەلكى، تور بېكىتىمىزنىڭ قانداق بېكەت سېستىمىسى ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلەنگەنمۇ يوق؟ دىگەن يەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر بار دېيىلسە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزىنىڭ تەمىنلىنىش ئەھۋالى، يېڭىلىنىش ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، دېگەندەك مەسىللەر كېلىپ چىقىدۇ.

تورداشلار بىلىدىغان گوگېل تورى، تاۋباۋ سودا تورى، ئاۋام ئىجدىمائىي ئالاقە تورى، سىنا مىكرو بلوگى قاتارلىق بېكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىگەن بولۇپ، سىز مۇشۇ ئېغىزلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ قوللىنىلىشچان دېتاللىرىڭىزنى تۈزۈپ چىقالايسىز.

مەسىلەن : گوگېل تور بېكىتى  تىزىملىتىپ كىرىدىغان بىر ئۈچۈنجى تەرەپ ئېغىزى تەمىنلىگەن بولۇپ، سىز بۇنى ئىشلەتسىڭىز ئۆز دېتالىڭىزدا (تور بېكىتىڭىزدە) ئابونىتقا گوگېل نۇمۇرىنى ۋە پارولىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىسىز، توغرا كىرگۈزسە سىز ئۇنى سېستىمىغا كىرگىلى قويىسىز، ئۇنداق بولمىسا كىرگىلى قويمايسىز. پروگرامما نۇقتىسىدىن سىز ئابونت ۋە پارولنى ئاشۇ ئېغىزغا يوللاپ بېرىسىز، بۇ ئېغىز سىزگە راست ياكى يالغان دىگەن ئىككى قىممەتنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ئەگەر راست بولسا كىرگۈزگەن ئابونت نۇمۇرى ۋە پارول توغرا دىگەن گەپ، ئۇنداق بولمىسا خاتالىق ئۇچۇرى قايتىشى كىرەك. بۇنىڭ تىپىك مىسالى : 开源中国社区، بېكەت مەنزىلى: http://www.oschina.net

يەنە مىسال ئالساق تاۋباۋ سودا تورىنىڭ مال يوللاش دېتالى، سىز بۇ دېتالغا تاۋباۋ ئابونت نۇمۇرى ئارقىلىق كىرىسىز، شۇنداقلا نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى  بېكەتنى تور كۆرگۈچتە ئاچماي تۇرۇپمۇ قىلالايسىز. مەسىلەن: يۈز نەچچە خىل مالنى تورغا يېرىم سائەتكە قالماي يوللاپ بولۇش(تور بەتتە تۇرۇپ بىردىن يوللىغاندا، ھەربىر مال ئۈچۈن تەخمىنەن بىرەر مىنۇت كېتىشى مۇمكىن)، توپ ئۈچۈرۈش، توپ باھا ئۆزگەرتىش، توپ رەسىم يوللاش … دىگەندەك. دىمەك  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تور بىكەتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىگەن.

يەنە بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان BlogSpot،BlogBus،Z-blog،PjBlog، WordPress قاتارلىق بلوگلارغا Windows Live Writer دېتالى ئارقىلىق تور كۆرگۈچكە تايانماي تۇرۇپ تېما يوللىغىلى بولىدۇ، بۇ بلوگلارمۇ ئاشۇنداق ئېچىش ئېغىزىنى تەمىنلىگەن. Windows Live Writer  دېتالى ئاشۇ ئېغىزدىن پايدىلانغان.

ئەمدى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ناۋادا ئۆزىمىزنىڭ تور بېكىتىگىمۇ ئاشۇنداق بىر دېتال ئارقىلىق ماقالە يوللىغىلى بولسا، بېكىتىمىزنى  تور كۆرگۈچتە ئاچماي تۇرۇپ،  يازما ۋە ئىنكاسلارنى يوللىغىلى ۋە كۆرگىلى بولسا، ھەمدە مۇشۇ ئىقتىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇشبۇ دېتالنىڭ ھەرقايسى سەھنىلەر (Windows ،Ubuntu ،Mac ،Androihd ،WinMobile ،symbian ،Blackberry) دىكى نەشرىنى تۈزۈپ چىقساق قانداق بولار؟

ھەممىز بىلىمىز بىز ئۇيغۇر ئىشلىتىۋاتقان Discuz ،Wordpress دېگەندەك مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىللىرىنى چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدىكى پروگرامما شىركەتلىرى تۈزۈپ چىققان، بىز پەقەت ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمىز،  بۇنداق بېكەت سىستېمىللىرىدا  ئۈچۈنچى تەرەپ ئېغىزىنىڭ تەمىنلىنىشى پروگرامما ئاچقۇچى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇ سىستېمىلاردا بىز پايدىلىنالايدىغان ئېغىزلار تەمىنلەنگەنمۇ يوق، تەمىنلەنمىگەن بولسە يېڭىدىن ئېچىش ئېغىزىنى قانداق قوشىمىز دىگەندەك مەسىللەر كېلىپ چىقىدۇ، لىكىن ھازىرقى ئۇيغۇر توربىكەتلىرىنىڭ ئۇمۇمىي سەۋىيەسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق بۇنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.

تىنىمسىز ئۇچۇرلىشىۋتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە 3G ئىقتىدارى ھازىرلانغان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇچۇرلارغا ۋاقىت، ئورۇن چەكلىمىسگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئېرىشەلەيدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى، مانا مۇشۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىت ئاستىدا تور بېكىتىمىزنى بارلىق تورغا چىقىش ئىمكانىيتى بار ئۈسكىنىلەردە ئۆزىمىز تۈرگەن دېتال ئارقىلىق كۆرگىلى  بولىدىغان قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق ياراتساق، ئۇ ھالدا بىزنىڭ تور بېكەتلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزگە بېرىدىغان مەنپەئەتى تېخىمۇ بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى. شۇڭا بېكەت ئاتامانلىرى ۋە تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىقلارغا دىققەت ئېتبارىنى ئاغدۇرۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 1 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 0 دانە

  1. بىلىملەر تورى : 2011-يىلى06-ئاينىڭ27-كۈنى12:49:11  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۇ ماقالە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. مەن مۇشۇ API دىگەنگە بەك قىزىقىمەن.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟