ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇيغۇرچە ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىدنىڭ ئۇيغۇرچە تونۇشىنىڭ سىرى
2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى ئۇيغۇرچە ئاندرويىد 8دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 2,237+

ئىلگىرى بىر يازمامدا دەپ ئۆتكىنىمدەك ئادەم تۇرمۇشنىڭ كويىغا چۈشكەندە قورساقتىكى بىلىمنى ئۆگەنگۈچىلەرگە بىرەي دەپمۇ بىرىپ بولالمايدىكەن، تۇرمۇش كويىغا چۈشكەندە ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئالدىراش بوپ كىتىدىكەن.

نەق گەپكە كەلسەك ئاندرويىدقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش خىزمىتى ئۆزۈم بىلگەنچە قىلىپ باققان بولساممۇ تەجىربەمنى سۆزلەشكە پۇرسەت بولماي كەلدى، بۈگۈن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا قىسقىچە كاپشىپ باقاي، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئويلىرىم ۋە تەجىربىللىرىمنىڭ نەتىجىسى، خاتا بولىشىمۇ مومكىن شۇڭا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇستازلار بوپ قالسا ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ.

163755776291b5l29z3l9l

ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فونت بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قاچىلىنىشى كىرەك، بۇ نىمە گەپ دىگەندە سىز سىستېمىنىڭ ئەسلىدىكى فونت ئىچىگە ئۇيغۇرچىنى قېتىپ بىر فونت تەييار قىلىپ ئوخشاش ئىسىمدا ساقلاپ، ئۇنى ئەسلىدىكىنىڭ ئورنىغا قاپلاپ كۆچۈرۈسىز دىگەن گەپ(بۇ فونتنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ۋە بەلگىلەر بولىشى كىرەك). مۇشۇنداق بولغاندا سىستېمىدىكى ئۇيغۇرچە بار خەتلەرگە مۇشۇ فونت ئىچىدىن ماس كەلگەن ھەرىپلەر چىقىپ نورمال كۆرىنىدۇ. لىكىن بۇ پەقەت كۆرسىتىپ بەردى دىگەن گەپ، ھەرگىزمۇ ئۇلاپ بەردى دىگەن گەپ ئەمەس.

فونتنى نورمال قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ھەرىپلەر نورمال كۆرىنىدۇ( مىنىڭ دىگىنىم ھەرىپلەر، سۆزلەر ئەمەس)، بۇ دىگەنلىك سىز ئۇيغۇر چىدىكى ھەرىلەرنى ئەسلى ئۇستىخىنى بويىچە كۆرەلەيسىز، لىكىن ئۇلار ئۇلاشمىغان ھالەتتە بولىدۇ، (بۇ ئۇيغۇرچىنى قەتئىي تۇنىمىغان تېلېفونلارغا نىسپەتەن ئېيتىلغان گەپ)، بۇنى ئۇلاش دەل بىز ئېيتىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مەسىلىسىدۇر، يەنە قوشۇمچە تېكىسىتلەرنى ئوڭ-سول يۆنىلىشىدە چىقىدىغان قىلىش.

بىز تارىخنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، XP گە ئۇيغۇرچىنى قانداق تۇنۇتقان؟ سىمبىيانغىچۇ؟ ئايفونغىچۇ؟ ھەممىسنىڭ مىنىڭچە بىر ئورتاقچىلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ ھەممىسىدە بىزنىڭ يېزىقىمىزغا نىسپەتەن بىر ئايلاندۇرۇش ھالىتى قېتىلغان، مەن مۇنداق ئويلايمەن، كۆزۈم كۆرگەن ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ھەممىسى كىڭەيتىلگەن رايون ھەرىپلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ، سىز بۇ گىپىمگە قايىل بولماي، ئۇيغۇرچە يېزىلغان خەتتىن بىرنى ۋوردقا كۆچۈرۈپلا تاللاپ تۇرۇپ ئالىت بىلەن ئەكىس كونۇپكىسىنى بېسىپ كودىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ غوجام ماۋۇ ئاساسىي رايون كودى تۇرمامدۇ دەپ سورىشىڭىز مومكىن، توغرا سىز ماڭا كۆرسەتكەندە چىققان كود ئاساسىي رايونغا تەۋە كود، سىز مۇشۇ ئىسپات ئارقىلىق سىز كۆرگەن ھەرىپنىڭ ئاساسىي رايوندا ئىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدىڭىز، لىكىن مەن دەيمەن، ئاساسىي رايوندىكى ھەرىپلەردە پەقەت باش شەكىلىلا بار، ئوتتۇرا، ئاخىرىقى شەكىللەر يوق، لىكىن سىز ماقالىنى كۆرىۋاتقاندا ئۇچراتقان بۇ سۆزلەردە ھەرىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى شەكىلىرىنىڭ ھەممىسى بار، توغرىمۇ؟ سىز دەپ بېقىڭ ئەمسە، كۆرگىنىڭىز ئاساسىي رايوندىمۇ، كىڭەيتىلگەن رايوندىمۇ؟

سىز يەنىللا جايىللىق بىلەن ئاساسىي رايوندا دەپ جاۋاپ بىرىسز، مەن بۇنى بىلىمەن، ھەممە ئادەم ھەم شۇنداق قارايدۇ، بىز ئاساسي ھالەتكە يۈرۈش قىلغىنى ئۇزۇن بولدى، كىڭەيتىلگەن ھالەتنى ئىشلەتمەيۋاتىمىز دەپ ئويلايدۇ، توغرا بىز ئاساسىي رايوننى ئىشلىتىۋاتىمىز لىكىن مەن ئويلايمەن كۆزىمىزنىڭ كۆرىۋاتقىنى يەنىللا كىڭەيتىلگەن رايون.

شۇ سەۋەپتىن مەن تېلېفۇندا كۆزۈم توغرا كۆرسىلا بولدىغۇ دىگەن نىيەتتە ئاساسىي رايوندىكى ھەرىپنى كىڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرىپكە ئۆزگەرتىدىغان، بىر پروگرامما تۈزدۈم شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تېكىست ھۆججەتلەرنى راۋان كۆرەلەيدىغان بولدۇم، بۇ تېكىست ئوقۇغۇچقا سىستېمىنىڭ خەت نۇسخىسىغا بېقىنمايدىغان ھالەتتە سىرتتىن بىر خەت نۇسخىسى قوشۇم قويدۇم، شۇنىڭ بۇ تېكىست ئوقۇغۇچ قاچىلانغان ھەرقانداق ئاندرويىد تېلېفۇندا خەت نۇسخىسىنى قاچىلىماي تورۇپمۇ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى راۋان كۆرگىنى بولىدىغان ئوقۇغۇچ بوپ قالدى.

يەنە بىر RSS ئوقۇغۇچ ياساپ توردىن كەلگەن ئۇيغۇرچە ئاساسىي رايوندىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كىڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇمۇ ھەرقانداق ئاندرويىد تېلېفۇنغا قاچىلانسا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان RSS ئوقۇغۇچقا ئايلاندى.

لۇغەتتىن بىرنى ياساپ تەييار قىلدىم، ئۇيغۇرچە ئاساسىي رايوندا كىرگۈزسىڭىز باشقا تىلدىكى تەرجىمىسىنى تاپالايدۇ، باشقا تىلنى كىرگۈزسىڭىز ئاساسىي رايون ھالىتىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ سىزنى نورمال كۆرىشىڭىزگە قولايلىق يارتىپ بىرىدۇ.

كىيىن كۈنلەر ئۆتۈپ رايونىمىزدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىدىغان بىر پۇرسەت كىلىپ مۇشۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ئېيتتىم، كۈتۈلمىگەندە بۇنىڭ بىر ئەڭ ئاددىي بولغان، يۈزەكى ئىش بوپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرچە قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا چوقۇم ئاساسىي رايون ھالىتىدە بولىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەم چوقۇم مىنىڭ بىر تال دىتالىمدا ئەمەس بەلكى سىستېمىنىڭ بارلىق ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرچىنى تونىسا ئاندىن بۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتى بارلىقىنى ئېيتتى، شۇنداق قىلىپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئويلىغانلىرىمنىڭ تازا توغرا بولمىغانلىقىنى، ھىس قىلىپ پىلانى ئۆزگەرتىپ، ئاندرويىدنىڭ يادرو قىسمىدىن قوللاشنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەندىم ۋە ئىزدىنىۋاتىمەن.

كىڭەيتىلگەن رايوندا كۆرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنسىمۇ لىكىن ئۇ بىر ھەرىپنىڭ بىر قانچە خىل شەكلىدىن تەركىپ تاپقان ئايرىم ھەرىپ ھالىتىدە بوپ قالىدۇ، بۇنى بىر تەرەپ قلىشتا سەل ئېقىمغا خىلاپ ئىشلار يۈز بىرىدۇ، ئۇمۇمىي يۈزلىنىش ئاساسىي رايوننى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىۋاتقان بۇنداق چاغدا مەن تەتۈرلىك قىلىپ كىڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلىتىشنى تەشۋىق قىلىپ يۈرسەم بولمايدۇدە، شۇڭا بۇ ھەقتە تورغا ھازىرغىچە بىر نەرسە يازمىدىم.

1637540u23ks0ruesio0ei 163757cfi7e3av3yxcddgy

گەپنى يىغسام، ئاندرويىدنىڭ ئۇيغۇرچىنى تونۇشى (قوللىشى ) ئىككى خىل؛

بىرىنچىسى مەن ئىشلەتكەن قالاق ئۇسۇل، كىڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ ھەل قىلىش چارىسى، بۇنىڭدا پەقەت ئۆزۈم كىڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇش كودى قېتىلغان دىتالدىلا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرىنىدۇ. (تېكىست كۆرگۈچ، قىسقا ئۇچۇر، RSS ئوقۇغۇچ... دىگەندەكلەرگە ماس كىلىدۇ)

ئىككىنچىسى: ئاندرويىدقا يادىروسىدىن قوللايدىغان قىلىش، بۇنداق بولغاندا ھەممە ئورۇندا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرىنىدۇ.(تور كۆرگۈچتىن تارتىپ قىسقا ئۇچۇر يوللاشقىچە، ھەممسى نورمال بولىدۇ)

بۇ ئىككى ئۇسۇلنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، بىرىنچى ئۇسۇل ھازىرقى ئاندرويىد ئىشلىتىۋاتقانلارغا ماس كىلىدۇ، ئىككىنچىسى كەلگۈسىدىكى (يادروسىغا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش كودى قېتىلغان) ئاندرويىد تېلېفۇننى ئالماقچى بولغانلارغا ماس كىلىدۇ.

كىينلىكنى ئويلىغاندا ئىككىنچى ئۇسۇل ئارقىلىق بارلىق ئاندرويىد تېلېفۇنلاردا ئۇيغۇرچە قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كىرەك، كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىي رىيانلىقنى كۆزدە تۇتقاندا ئىھتىياج ئۈچۈن كىڭەيتىلگەن رايوندا بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ.

(بىر تورداشنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرىش ئۈچۈن يازغان جاۋاب خېتىم ئىدى، ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن ئازراق ئىش قېتىپ يوللاپ تۇردۇم، كىيىنچە ۋاقىت ئاجرىتىپ تېخىمۇ ياخشىراق يېزىشقا تىرشىمەن، قۇت بلوگىدىن: قۇتبىلىك)

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 8 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 4 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 4 دانە

  1. umit2005 : 2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنى00:45:09  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مۇشۇ تېكىست ئوقۇغۇچ ۋە rss ئوقۇغۇچلىرىڭىزنى تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇشقا بولماسمۇ؟

  2. Bakhtiyar : 2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنى11:32:57  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ھەقىقەتەن ياخشى يازمىلارنى يېزىۋاتىسىز، قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  3. umit2005 : 2011-يىلى03-ئاينىڭ22-كۈنى08:42:58  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مېنىڭ تېلىفۇنوم moto E720 ، سېستىمىسى 2.1، ئويغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلانغان. تور بەتلەردىكى خەتلەر سولدىن ئوڭغا ، ھەرپلەر ئۈزۈلگەن ھالەتتە كۆرۈندۇ. باشقا ئىشخانا دىتاللىرىدىكى ئويغۇرچە خەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ ئوخشاش. قايسى بىر ئىشخانا دىتالىدا تېكىست ھۆججىتىنى كۆرسەم خېلى نورمال ئىدى.
    color dict , mdict قاتارلىق لوغەت دىتاللىرىدا قۇتبىلىك كىرگۈزگۈچىنى ئىشلەتسەم، كىرگۈزگۈچتە ئويغۇرچىنىڭ كۆرۈنۈشى نورمال، لوغەتكە كىرگەن ھامان. ھەرپلەر ئۈزۈلدى. لىكىن بۇ لوغەت دىتاللرىدا ئويغۇرچە ھەرپلەر ئۈزۈلگەن بىلەن خەت ئوڭدىن سولغا كۆرۈندى. نورمال ئوقۇشقا بولىدىكەن.

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى03-ئاينىڭ23-كۈنى12:15:30 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      يەنە دىسەم يەنە شۇ، بۇ سىز ئىشلەتكەن سىستېمىنىڭ نىگىز قىسمىدا ئۇيغۇرچىدنى قوللايدىغان كودنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىندۇر.
      بۇنىڭغا مەن دىگەن بىرىنچى ئامال ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيسز. :grin:

  4. uzhal : 2011-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى12:06:39  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    Android 2.2 دا ئۇيغۇر ئېكران خەت نۇسخىسى سېستىمىنىڭ ئەرەبچە خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن «ئە» ھەرپنىڭ ئۇلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال بولۇپ توربەت كۆرۈشكە ئاساسەن تەسىر كۆسەتمەيدۇ. ئەڭ چوڭ مەسىلە «ئى» ھەرپى پەقەتلا ئۇلانمايدۇ، بۇنى ھەل قىلشتا مەنچە ئاساسىي رايۇندىكى «ى» ھەرپىنىڭ ئورنىغا كېڭەيىتىلگەن رايۇندىن ئوتتۇرا«ى» نى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقتىم(ئەلۋەتتە، ۋاقىتلىق چارە). چۈنكى ئاياغ «ى» پەقەت «دى،رى،زى،ژى» تۆتلا بۇغۇمغا ئىشلىنىدۇ، ئەمما ئوتتۇرا «ى» نىڭ ئىشلىتلىشى ئۇنىڭغا قارىغاندا بەكلا كۆپ. ئويلىغىنىم توغرىمۇ بىلمەيمەن، شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىگە قويۇپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى14:06:11 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      مەنمۇ ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي، ئۇيغۇرچىنى چالا قوللىغان ئاندرويىدنىڭ مەسىلىسى ئاشۇ روم ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئەسلى كودقا ئەرەپچىنىڭ شەكىل تاللاش كودى قېتىلغان، ئەرەپچىدىكى كۆپ قىسىم ھەرىپلەر ئۇيغۇرچىدىمۇ بولغاچقا لىكىن ئۇيغۇر چىدىكى بىرقىسىم ھەرىپلەر ئەرەپچىدە بولمىغاچقا روم ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كودتا بەزى ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ شەكىلىك تاللاش كودى يوق، شۇڭا بىزنىڭ بىر قانچە ئۇيغۇرچە ھەرىپ يىتىم ھالەتتە يالغۇز قالىدۇ(ئۇلانمايدۇ).
      بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى شۇكى ئۇيغۇرچىنىڭ شەكىل تاللاش كودىنى ئەسلى كود ئىچىگە يېزىپ كىرگۈزۈپ ئۇنىڭدىن روم ھاسىللاپ ئاندىن ئۇنى تېلېفونغا قاچىلاش، لىكىن بۇ ئۇسۇل بەك تېخنىكا تەلەپ قىلدىغان بولغاچقا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىپ كەتكىنى بولمايدۇ.
      يەنە بىر ئۇسۇل سىز ئويلاشقان ئۇسۇل بولىشى مومكىن.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟