قۇت بلوگىغا ئاندرويىد ھەققىدىكى تېمىلارنى يوللاپ ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئاندرويىد توپىغا يىغقاندىن كىيىن، تورداشلارنىڭ قىزغىن سۇئال سوراشلىرى ئارقىلىق ساقلانغان بىر قانچە مەسىلىنى بايقاپ قالدىم، بۈگۈن مۇشۇ بايقاشلار ئاساسىدا ئاندرويدنىڭ ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللاش دەرىجىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
1-تورداشنىڭ سۇئالى
تېلېفونۇمغا ئۇيغۇرچە تونۇتقان ئىدىم، ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇلانمىدى؟
ساقلانغان مەسىلە: سۇئالدىن كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى بۇ تورداشنىڭ ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا بولغان بىلىمى يىتەرلىك ئەمەس، خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ قويۇپلا ئۇيغۇرچە تونۇتتۇپ دەپ ئويلاپ قالغان.
ھەل قىلىش: سىز ئاندرويىد تېلېفونىڭىزغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى مۇۋەپىقيەتلىك قاچىلاپسىز، مۇبارەك بولسۇن، ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ باغلاشماي ھەرىپ ھالەتتە چىققىنىنىڭ ئۆزىلا چوڭ غەلبە، مەن ئاشۇ ئۇيغۇرچە ھەرىپنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر ئايدىن ئارتۇق جاپا چەككەن. سىز ئاندرويىدقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشتىكى بىرىنجى قەدەمنى بېسىپ بولدىڭىز، ئەمدى ئىككنجى قەدەم قالدى.
2-تورداشنىڭ سۇئالى
تېلېفونۇمدا ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆرسەم كاتەكچە چىقىۋالدى؟
ساقلانغان مەسىلە: كاتەكچە چىقىۋالغانلىقنىڭ سەۋەبى توربەتلەردىكى ئاشۇ خەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوللاپ بىرىدىغان بىر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىدىن بولغان، سىستېما خەت نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچە ھەرىپ بەلگىلەرنى تاپالمىغان بولغاچقا ئورنىغا كاتەكچە چىقىرىپ بەرگەن.
ھەل قىلىش: سىز ئاندرويىد تېلېفونىڭىزغا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى قوللايدىغان خەت نۇسخىسىنى قاچىلاڭ، قاچىلىغاندىن كىينكى ئۆزگىرىشنى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇڭ(بۇ خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق توپنىڭ ھەمبەھىر بوشلۇقىدا).
3-تورداشنىڭ سۇئالى
تېلېفونۇمدا بەزى ھەرىپلەر باغلاشمايۋاتىدۇ؟
ساقلانغان مەسىلە: بۇ تورداشنىڭ يۇقارقى ئىككى تورداشقا قارىغاندا خېلى تەلىي بار ئىكەن، ئۇيغۇرچە چالا بولسىمۇ نورمال كۆرىنىپتۇ. سەۋەبى بۇ تېلېفوندا ئۇيغۇرچە ھەرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەت نۇسخىسى بار، ياكى تورداش خەت نۇسخىسى قاچىلىغان.
سىستېما يادىرو قىسمىدىنلا ئەرەپچىنى تونۇيدۇ، لىكىن ئەرەپچىگە تەۋە بولمىغان بىر قانچە ئۇيغۇرچە ھەرىپ شەكىل تاللاشتىن ئۆتمىگەچكە باغلانمىغان.
ھەل قىلىش: بۇنداق تېلېفونلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغان قىلىش سەل سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ.
خۇلاسە: ئاندرويىد تېلېفونلاردىكى ئۇيغۇرچە تونىماسلىق يۇقاردىكى ئۈچ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ئۇمۇمىي جەھەتتى ھەل قىلىش چارىسى مۇنداق.
ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر كاتەك چىقىۋالسا خەت نۇسخىسىنى قاچىلايمىز.
خەت نۇسخىسى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ھەرىپلەر باغلاشمىسا بۇ نىگىز قىسمىدىن ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى تېگىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن سىستېمىنى ئالماشتۇرۇش كىرەك.
خەت نۇسخىسى قاچىلانغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر باغلىشىدۇ، لىكىن بىر قانچە ھەرىپ باغلاشمايدۇ، بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى شۈكرى دەپ تۇرۇڭ، بەك ئۇنىماي تۇرۋالسىڭىز سىستېما ئالماشتۇرۇڭ.
سىستېما ئالماشتۇرساق ئۇيغۇرچىنى تونۇيدىكەن، ئەمسە ئۇ ئۇيغۇرچىنى تونۇيدىغان سىستېمىنى قەيەردىن چۈشۈرىمىز؟ مىنىڭ تېلېفونۇمغا ماس كىلەمدۇ؟
ئەگەر ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلىمەكچى بولسىڭىز ئاندرويىد تېلېفونىڭىزنىڭ ئەسلى كودىنى تېپىپ ئۇنى چۈشۈرۈڭ(مەنچە بۇ بىر قۇرۇق پاراڭ، شىركەتلەر ئۆزى ياسىغان تېلېفوننىڭ ئەسلى كودىنى تەمىنلىمەيدۇ[گوگېلدىن باشقا])، ئاندىن يادىرو قىسمىدا ئۆزگەرتىدىغان بىر ئورۇن بار بۇنى مەن سىزگە دەپ بىرىمەن، ئاشۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن سىستېمىنى پىرىسلاپ چىقىرىپ سىستېما بولىقى ياساپ(بۇ بۇ يەردە يېزىلغاندەك ئاددىيلا ئىش ئەمەس)، ئاندىن بۇ سىستېمىنى تېلېفونىڭىزغا يېزىڭ(بۇ جەريان ئۈچۈن جاۋادا ئاندرويىد ئېچىش ھەققىدە ئاساسىڭىز كۈچلۈك بولىشى، ئۇبۇنتۇدا مەشغۇلات قىلالىشىڭىز ھەم ئېكلىپسنى بىلىشىڭىز كىرەك).
ئەگەر بۇ جەريانلارنى بىلمىسىڭىز ھازىر ئۇيغۇرچە ئاندرويىد ئىشلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ساقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلار پات ئارىدا بىزگە خۇشاللىنارلىق خەۋەردىن بىرنى بىرىدۇ.
(ئۇيغۇر ئاندرويىد چ چ توپى : 147414066 ، مەزكۇر توپنىڭ بوشلۇقىدا بىكىتىمىزگە يوللانغان تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار بار، يەنە قۇتبىلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سىناق نەشىرى داۋاملىق يېڭىلىپ يوللىنىپ تۇرىدۇ).
ياخشىمۇ سىز ، مەن ھەممە ئىشنى قىلىپ مۇشۇ خەتلار ئۇلاشماي چىقىۋالدى ، ھېلىقى بىر يەر بار دەپبىرىمەن دېگەن يەنى دەپ بەگەن بولسىڭىز ، يادىروسىدىن قانداق تەڭشەيدىغىننى
ھېلىقى كىڭەيتىلگەن نامى so بولغان بىز ھۆججەت شۇغۇ دەيمىن!