ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرى!
كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەنداز بۇندىن 4،3ئايلار
ئىلگىرى ئىنىم قۇتبىلىكنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشى،ياردىمى ئاستىدا قۇتبىلوگىنىڭ
ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلانغانىدىم،ئەپسۇس تۈگىمەس ناخشىغا ئوخشاش ئىشلىسە
تۈگىمەيدىغان ئوقوتۇش خىزمىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،مەزكۈر بىلوگىمىزنى
يەككە يىگانە ھالدا ئىنىمىز قۇتبىلىككە تاشلاپ قويۇپ،بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر پەقەتلا
بىلوگقا كۆڭۈل بۆلەلمەي كەلدىم،بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ماڭا ئىشەنگەن،مىنى
قوللىغان،ماڭا قېرىنداش سۈپتىدە ئۈمىدىنى باغلىغان ئىنىم قۇتبىلىكتىن خىجىللىق
ئىچىدە كەچۈرۈم سورايمەن.
بۈگۈن بىلوگقا قايتا قەدەم بىسىشنى ئويلىدىم،ئەمما سورونغا قۇرۇق كەلسەم سەت تۇرار ھەقاچان،شۇڭا كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ
ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئاندرويىد لۇغەت يۇمشاق دىتالى ColorDictنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بىرگە
ئالغاچ كەلدىم.بۇ مىنىڭ تۇنجى تەرجىمە ئەسىرىم(ئەلۋەتتە ئىنىم قۇتبىلىكىنىڭ
ئۈگەتكەن ئۇسۇلى بويىچە تەرجىمە قىلغان) بولغاچقا،ئازدۇر-كۆپتۇر خاتالىق بولۇشى
تەبىئى شۇڭا كۆپچىلىكىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى،ئىشلىتىپ تەكلىپ-پىكىر بىرىشنى
سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن:ئېلېكتىر چەۋەنداز
ئۇيغۇر ئاندرويىد توپىدىكىلەر بىۋاستە توپ بەھىرلىنىش بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.قالغانلا تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرگەيسىلەر.


