"قۇتبىلىك ئەپەندى قايسى پروگرامما تىلىنى ئۈگەنسەم ياخشى بولىدۇ" بۇ سۇئالنى سورىغان تورداشلار مەن بىلەن پاراڭلاشقان پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنگۈچىلەر ئىچىدە خېلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ، مەن بۇ سۇئالغا بىلىش دائىرەم ئىچىدە ھەرخىل جاۋاپلارنى بەردىم، يېقىندىن بېرى پروگرامما تىللىرى ھەققىدە ماتىرىيال كۆرۈش پۇرسىتى بولغان ئىدى، چۈشەنچىللىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقىم كەپ قالدى، مەندىن قايسى پروگرامما تىلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سورىغان ۋە سورايدىغان تورداشلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
بىز گەپنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مۇنۇ پىكىرلىرىدىن باشلايلى.
مەن جاۋا كۆرۈپ باقتىم، قارا ئىكراندا بىر نەرسىلەرنى چىقىرىپ يۈردىكەنمىز، ئۇيغۇرچە بار كۆزنەكلەرنى چىقىرىش تەس ئوخشايدۇ، ئادەم ئاسان زىرىكىپ قالدىكەن.
C تىلى ئۈگىنەي دىگەن، ئۇيغۇرچە پىروگراممىنى قانداق تۈزدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىنى بولمايدىكەن.
قايسى پروگرامما تىلى ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ؟ ئۇيغۇچە قوللىمىسا ئاسان زىرىكىپ قالىدىكەن.
مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى پروگرامما ئۈگەنگۈچىلەردە يا بىر تىلنى باشلىيالمىغان، باشلىيالىغانلار ئاخىرغىچە ئۆگۈنۈشكە قىزىقىش يىتىشمەي يېرىم يولدا توختاپ قالغان دىگەندەك ئىشلار كۆپ يۈز بىردىكەن.
مەن ئۆزۈمنى مىسال قىلىپ ئېلىپ بىرەي، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىلى بىزگە C++ دەرسى ئۆتكەن، راستىنى ئېيتسام مىنىڭ بەك ئۈگەنگۈم بار ئىدى، لىكىن پەقەت قىزىقالمىدىم، دەرس ۋاقتىدا ئوخلاپ كۈن كەتتى، ئىنتاھاندىن 75 لەرچە نۇمۇر ئېلىپ ئاران ئۆتتۈم، ئۆزۈم بىلىپ يازغان مەزمۇن 60 نۇمۇرلۇق چىقمايدۇ. ئەمسە مەن پروگرامما تۈزۈشنى قانداق ئۈگەندىم؟ بۇيەردە ئازراق ھىكايە سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ.
ئۈچۈنچى يىلى بىزگە #C ئۆتىدىغانلىقىدىن خەۋەر كەلدى، مەن قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئۆگەنمەكچى بولدۇم، ھەم تەييارلىقنى پۇختا قىلدىم، 明日 دەپ بىر گۇرۇپپا تۈزگەن كىتاپتىن ئىككىنى ئالدىم (ئۇلار تۈزگەن كىتاپلار ھەقىقەتەن ئىسىل)، تەتىل بولغاندا ئۆگۈنۈشنى باشلىدىم، تەتىلدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇم، چۈنكى مەكتەپ ياتىقىدا كەچتە توك يوق ئىدى، بىلىك كۇلۇبىنىڭ بىر چ چ توپى بولىدىغان، ئاشۇ توپقا كىرىۋېلىپ ئۇستازلاردىن سوراپ ئۈگەندىم، مەخسۇس #C مۇنازىرىسى بولىدىغان باشقا چ چ توپلىرىنى قېتىۋالدىم، بىلمىسەم مۇشۇ توپتىكى ئۇستازلاردىن سورىدىم، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن مۇشۇ ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ چ چ لىرىنى ئىزدەپ، سوراپ تېپىپ قېتىۋالدىم، بىلمىگەن يەرلىرىمنى ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە ئاساسەن سورىدىم، تەس سۇئالنى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەردىن سورىمىدىم، ئاسان سۇئالنى كەسىپىي ئۇستازلاردىن سورىمىدىم، ئۇلار بىلمىسە گوگېلدىن ئىزدىدىم، گوگېلدىن چىقمىسا مەخسۇس مۇنبەرلەرنى تېپىپ تېما يوللاپ ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندىم، يۇلۇققان قىيىنچىلىقلارنى ئامال بار تاشلاپ قويمىدىم، مەن ياردەم سورىغان ئۇستازلار، توربەتلەردىن جاۋاپسىز قالمىدىم، يېرىم كېچىلەردە ماڭا ئوخشاش توردا كىزىپ يۈرگەن پروگراممىرلارنى دوست تۇتتۇم، شۇنداق قىلىپ پروگرامما تۈزۈشتىكى سىرىتقى ئامىل مەسلىسى ھەل بولدى.
ئەمدىكى گەپ ئۆزۈمدە قالغان ئىدى، تۈگۈپ ئولتۇرۇپ ئۆگۈنۈش كىرەك، تۈگۈپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن قىزىقىش بولىشى كىرەك، قىزىقىش دىگەن بۇ نەرسە شائىرنىڭ ئىلھامىغا ئوخشاش نەرسە، ئىلھام كەلمىسە شىئېر يازغىنى بولمىغاندەك قىزىقىش بولمىسا پروگرامما تۈزگىنىمۇ ھەم تۈزۈشنى ئۈگەنگىنىمۇ بولمايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ قىزقىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىزىققان ۋاقتىمدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندىم، ئەگەر بىر مەسلىنى ھەل قىلدىغان ۋاقىت بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە زىرىكىپ كىتىپ بۇ مەزمۇننى تاشلاپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرىدىم، شۇڭا بىر مەسىلىگە يۇلۇققان ھامان ئەڭ يۇقىرى قىزغىنلىق ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشتىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا تاڭ ئېتىپ كەتكەن كۈنلەرمۇ بولدى. (ھىچ ۋەقەسى يوق، كىچە ئوخلىمىسام كۈندۈزى ئوخلىسام بولىدىغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىدە ھەل بولمىغان مەسىلە كاللىغا كىرۋېلىپ ياخشى ئۇخلىغىنى بولمىغان، تاق ئاتقاندا بولسا كاللىمۇ چارچىغان، ئشىمۇ ھەل بولغان، ئۇيقىنىمۇ تاتلىق ئۇخلىغىنى بولىدۇ، ئويغانغاندا بولسا چۈش بولىدۇ، قورساقنى راست تويغۇزۇپ بىر ئولتۇرسام كەچ بولىدۇ، كەچلىك تاماق يەيمىز، بىر كۈندە ئىككى ۋاق تاماق، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ئەمەسمۇ، پۇلنى تىجىمىسەك بولمايدۇ.)
مەن ئۈچۈن ئەڭ قىيىن توختىغان نەرسە شۇ بولدىكى باشقىلار دەپ بەرگەن نەرسىنى چۈشنەلمەسلىك، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى كۆپ ماترىيال كۆرۈپ تەتقىق قىلمىغانلىق ئىدى، شۇڭا كىتاپتىن يەنە بىر قانچىنى ئالدىم، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان نوقتىدا تۇرۇپ بىر مەسلىنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى كۆردۈم، ئۆزۈمنىڭ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئەڭ ياقىدىغان ماترىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ كۆردۈم، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىم ئوخشاش تۇردىكى كىتاپلارنى كۆرۈپ چىقىپ كاللامدا ئانالىز قىلىپ سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن كەتتى، شىنخۇا كىتاپخانىسى ۋە جەنۇبىي قوۋۇقتىكى كىتاپخانىغا بېرىپ يەردە زوڭ ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆردۈم، بەك چارچاپ كەتسەم بېشىمنى تامغا يۈلەپ ئاشۇ يەردىلا ئۇخلىدىم(ئادەم چارچىغاندا بەش مىنۇت كۆزىنى يۇمىۋالسا ياخشى بوپ قالدىغانلىقىغا ئىشنەمسىز؟) ئويغۇنۇپ ھاردۇق چىققاندا سائەتكە قاراپ قويۇپ يەنە كىتاپ كۆردۈم(ئۇخلىغان ۋاقتىم ئېشىپ كەتسە ئون مىنۇت بوللاتتى، ھازىر كىتاپخانىدا ئادەم كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە پروگرامما تىللىرىغا ئائىت كىتاپ بار يەردە ئادەم تېخىمۇ ئاز، شۇڭا بۇيەردە ئۇخلاپ قالسىڭىزمۇ كىتاپخانىدىكىلەر ئېغىر ئالمايدۇ)…
توختىماي ئىزدىنىپ ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆردىغان كىتاپلارنى بايقىغان ۋاقتىمدا قانچىلىك قىممەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئېلىۋەردىم، ھەرقېتىم كىتاپ سېتىۋېلىپ ئاچ قالغاندا “بىلمگە مەبلەغ سېلىش ئەرزىيدۇ” دەپ ئۆزۈمنى خوش قىلاتتىم.
خوش ئەتراپىمىزىدىكى نەرسىلەردىن قانداق پايدىلىنىپ بىلىمگە ئىرىشى بىلەن قىزىقىشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدىكى بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بولدۇم، ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىز باش تېمىنىڭ بىر ياندا قالغانلىقىنى ھىس قىلدىڭىز، ھىچ ۋەقەسى يوق ئالدىرماي كىلىمىز، ئۇنتۇپ قالماڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگۈنۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل سەۋرى تاقەتلىك بولۇش.
#C بولسا مىنىڭ پروگرامما تۈزۈشكە بولغان قىزقىشىمنى قوزغىغان تىل، چۈنكى ئۇنىڭدا بىۋاستە كۆزنەكلىك پروگراممىغا چۈشۈپ كەتكىنى بولىدۇ، ئۇيغۇرچىنى شۇنداق نورمال قوللايدۇ، تۇنجى قېتىم سالام دۇنيا پروگراممىسىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش بىلەن باشقا تىلدا چىقىرىشنىڭ مىنىڭچە ئاسمان-زىمىن پەرقى بار، ئانا تىلىدىكى پروگراممىلارنىڭ ئاز بولىشى نۇرغۇن ئۈگەنگۈچىلارنىڭ يۈرىكىدە بىر ئوت ھاسىل قىلغان، بۇ ئوت ھەربىر پروگراممىرنى ئۇيغۇرچە پروگرامما تۈزۈشكە ئۈندەيدۇ، ئۆز دىتالىدا كۆرۈنگەن ھەربىر ئۇيغۇرچە خەت يېڭى ئۈگەنگۈچى ئۈچۈن غايەت زور ئىلھاملاندۇش كۈچىگە ئىگە. بۇ تىل ماڭىمۇ ھەم شۇنداق ئىلھام ئاتا قىلغان، خەنزۇچە بىرەر كىچىك پروگراممىنىڭ تىل ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇپلا خۇددىي ئۆزۈم غايەت زور پروگراممىدىن بىرنى تۈزىۋەتكەندەك خوش بوپ كىتەتتىم، راستىنى ئېيتقانداق مۇشۇنداق “خوش بولۇش” نى بىلىشمۇ كۆپ ياخشى ئىكەن، كىشى ئۆزىنىڭ كىچىككىنە نەتىجىسىدىن مەغرۇرلىنىپ كىتىشكە بولمايدۇ، لىكىن چوقۇم خۇشال بولۇشنى “مۇۋەپىقىيەت ھىسياتى” نى ھىس قىلالايدىغان، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايدىغان بولىشى كىرەك.
ئالدىنقى يىلى ئۈگەنگەن C++ بىلىملىرىمگە كۆزنەكنىڭ قېتىلىشى مىنى بۇ #C غا خېلىلا مەپتۇن قىلىۋالدى، مەن باشقىلار تۈزگەن ھەرخىل پروگراممىلارنىڭ ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ كۆردۈم، ئۆزلەشتۈرۈپ باقتىم، كىيىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى، چۈنكى ئۇ پروگراممىلارنى مەن تۈزگەن ئەمەس، پەقەت خەنزۇچە خېتىنى ئۇيغۇرچە قىلغان ئىدىم، بۇ مىنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئەمەس پروگرامما تەرجىمانلىقىنى ئۈگەنگەنلىكىمدىن دىرەك بىرەتتى، مەن مۇشۇ چاغلاردا ھەتتا 100 گىچە بولغان ساننىڭ يىغىندىسىنى for جۈملىسى ئارقىلىق تاپالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۈگەنگەنلىرىمنىڭ بەك يۈزەكى بوپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ ++C كىتاپنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم، ئەڭ ئاساسىي بىلىم بولغان类库,类,对象,函数,变量,数组,语句,方法,事件,算法,参数,递归,关键字 دىگەندەك كەسپىي پروگرامما بىلىملىرىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى قايتا ئۈگەندىم، ++C كىتاپنى تۈگىتىپ #C كىتاپتىكى ئوخشاش مەزمۇنلارنى كۆردۈم، كۆرۈپ بولۇپ شۇنى ھىس قىلدىمكى يۇقارقى نوقتىلار 95 پىرسەنت ئوخشايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن خۇددىي ئىككى خىل پروگرامما تىلىنى ئۈگىنىپ بولغاندك خۇشال بولۇپ كەتتىم، ++C كىتاپتىكى مەشىقلەر بىلەن #C دىكى مەشىقلەر ئوخشىشىپ كىتىدىكەن ھەم بىر بىرىنى تولۇقلايدىكەن، مەن ++C دىكى قارا ئىكراندا چىقىرىپ يۈرگەن كودلارنى #C تىكى كونتروللارغا قانداق باغلاشنى ئۈگنىۋالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقارقى بىلىم نوقتىللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بولغان دىتاللارنى تۈزۈش ۋە بۇ دىتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى بىر تەرەپ قىلىشلىرى مىنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇردى، مەن قىزقىشىمنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداق كۆتۈرۈپ تىرىشتىم، بىر تېكىستىكى ھەرىپلەرنى، سۆزلەرنى، جۈملىلەرنى سىتاستىكىلايدىغان پروگراممىلارنى تۈزۈپ باقتىم، لىكىن بەك جاپا تارتتىم، كىيىن ئىھتىياج ئىشى بىلەن باشقىلار تۈزگەن بىر پروگراممىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋەزىپىسى كەپ قالدى، بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ پروگراممىنىڭ تۈزلىشىنى كۆرۈپ چىقتىم ئاندىن ئۇنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇردىم، مۇشۇ جەرىياندا مەن مەلۇم بىر مەسىلىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا پروگرامما نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان ۋە ئويلىغانلىرىمنى كود ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدىغان بولدۇم، نەزىرىيە ئۈگەنگەندە غۇۋا بىلىنگەن 数组,方法,事件,函数,算法,参数,递归 دىگەندەك ئوقۇملاردىن دادىل ھالدا پايدىلىنالايدىغان ۋە بىر قوللۇق يازالايدىغان بولدۇم، بۇ ۋاقىتتا سىن قويغۇچ، مۇزىكا قويغۇچ، تور كۆرگۈچ دىگەندەك دىتاللارنىڭ مەن نىشانلىغان دىتاللار ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، ھەم كۆرۈنمە يۈزىنىڭ قانداق بولىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئەڭ مۇھىمىنىڭ ئاشۇ بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى 算法 ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، 算法دىگەن بۇ نەرسە ھەرخىل 类,对象,函数,事件,方法,语句 لەردىن پايدىلىنىپ بارلىققا كەلدۈردىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغاندا كۆزىمىز كۆرگەن كۇنۇپكا كونترولى، تېكىست كونترولى قاتارلىق كونتروللارنىڭ ھەقىقى پروگرامما تۈزۈشكە ئانچە بەك تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ئۇلار پەقەت كىتىپ بارغان ئارغىماقچنىڭ يۈگىنىنى تارتىپ ئوڭ سولغا ماڭ دەيدىغانلا نەرسىدەك بىلىندى، ئەڭ مۇھىمى يەنىللا بىز پروگرامما ئىجرا بولغاندا كۆرۈنمەيدىغان، بىزنى زىرىكتۈرۇپ قويغان قارا ئىكران پروگراممىلىرىدىكى ئاشۇ ئىدىيە ۋە كودلار ئىدى، دەل مۇشۇ ئۇقۇمنى چۈشەنگەن ۋاقتىمدا مەن ئۆزۈمنى ئەمدى پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگنىشنى باشلىغاندەك ھىس قىلدىم.
نۇرغۇن پروگراممىلارنى كۆردۈم، تۈزۈپ باقتىم، نۇغۇن 算法 لارنى يېزىپ مەلۇم بىر ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ باقتىم، بىر چاغدا مەن تۈزگەن پروگرامما بىر تەرەپ قىلدىغان ئۇچۇر بەك كۆپ بولغاچقا ۋە فور جۈملىسىدەك ئايلانما جۈملىدىن بىرقانچىسى ئىچ ئىچىلەپ يېزىلغان بولغاچقا كومپيۇتېرنىڭ CPU سىنى بەك خوراتتى، بىر قېتىملىق ھىسابلاش 5~6 سائەت داۋام ئەتكەن چاغلىرىمۇ بولدى، مۇشۇ ۋاقىتتا مىنىڭ كاللامدا “مىنىڭ تۈزگەن مۇشۇ كىچىككىنە دىتالىم كومپيۇتېرنى قاتۇرۇپ قويغۇدەك دەرىجىدە CPUنى ئىگەللىۋالدى ھەم مىنى باشقا ئىش قىلغىنى قويمىدى، خەقلەر تۈزگەن Photoshop,3D MAXقاتارلىق دىتاللارنى ئىشلەتسەك قېتىپ قالمايدىغان كومپيۇتېرلار ئەجەپ بۇ كىچىككىنە بىر دىتالدا قېتىپ قالدىيا؟” دىگەن سۇئال پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى يەنى 算法 نى ئەلالاشتۇرمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، كىيىن 线程، 进程 دىگەن ئۇقۇملارنىڭ بارلىقىنى CPU نىڭ ھىسابلاش ئىقتىدارىدىن قانداق پايدىلىنىش كىرەك ئىكەنلىكىنى ئۈگەندىم، مۇشۇ چاغدا پروگرامما ئۈگۈنىشنىڭ 类库,类,对象,变量,函数,数组,语句,方法,事件,算法,参数,递归,关键字 دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئاياغلاشمىغانلىقىنى يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
پروگرامما تۈزۈش، پروگرامما تۈزۈشتىكى بىلىملەرنى ئىگەللەشلا ئەمەس بەلكى ئۆز ئالدا قانداق ھىسابلاشنى بىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پروگراممىدىكى قانداق قۇراللاردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىش ۋە ئەڭ ئىلغار، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تىز بولغان ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىكەن. ئاددىي قىلىپ ئېيتسام ئەڭ قىسقا كود بىلەن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىش بەرپا قىلىش ئىكەن. مۇشۇلارنى ھىس قىلغان ۋاقتىمدا مەن ئۆزۈمدە پروگراممىرغا خاس بىر ئىدىيەگە ئىگە بولغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم.
كىيىن مەن تۈزگەن دىتالدا 类 دىن بىر قانچىسى پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان 方法 لار بار ئىدى، ئۇلاردا 多态,继承,封装 دىگەندەك خۇسۇسىيەتلەر بار ئىدى، مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاش مەندىن كۈچلۈك نەزىرىيىۋى ئاساس تەلەپ قىلاتتى، مۇشۇ نەزىرىيەلەرنىڭ مەن كۆرگەن مۇشۇ خىل خۇسۇسىيەتلەرنىڭ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلگەندە ھەقىقى خوش بولدۇم، چۈنكى مەن بۇ مەۋھۇم نەزرىيىۋى ئۇقۇملارنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. مەن بۇ بىر قانچە 类 نى DLL قىلىپ چىقىرىپ ئۇنىڭغا بىر كىرىش ئېغزى ۋە قايتۇردىغان قىممەت پەيدا قىلماقچى بولدۇم، مەن تىرىشىپ بۇ ئىشنى قىلالىدىم، كىيىن بۇ DLL نىڭ مىنىڭ 类库،函数库 لىرىم بوپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم، مەن بۇرۇن سىستېما ئىچىدە نۇرغۇن DLL ھۆجقەتلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق سەسكىنىپ كەتكەن ئىدى، چۇنكى بۇنداق ھۆججەتلەرگە چېقىلغىنى بولمايتى، تېكىست ھۆججەتنى ئاچقاندەك ئاچقىنى بولمايتى، تەتقىق قىلىش مومكىن ئەمەس ئىدى، مانا بۈگۈن ئۆزۈم DLL دىن بىرنى پەيدا قىلىپ شۇنداق خوش بولدۇم ھەم DLL نىڭ بەك ياخشى نەرسە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، ھەمدە دەرھال داڭلىق پروگراممىلاردىكى DLL لارنى سىناشقا باشلىدىم، بەك كۆپ مەغلۇپ بولدۇم، ياخشى نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈردۈم، 金山 شىركىتىنىڭ تۈزگەن لۇغىتىنىڭ ئىچىدە بىر دانە DLL نىڭ ئىكراندىن سۆز تۇتۇپ ئۇنى String ھالەتتە قايتۇرغانلىقىنى بايقاپ بەك خۇشال بولدۇم، ھەم ئىكراندىن سۆز تۇرۇپ تەرجىمە قىلدىغان بىر كىچىك لۇغەتمۇ تۈزۈپ باقتىم، كىيىن بۇ بايقىشىم بىر دوستۇمغا لازىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم، ئۇ شۇنداق خۇشال بولدى ۋە ماڭا نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۈگۈتۈپ قويدى.
#C ئۆتكەن ۋاقىتتا بىزگە يەنە ساندان دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ دەرىسنىمۇ شۇنداق ياخشى كۆردۈم ۋە ئوبدانلا ئىگەنلىدىم، كىيىنچە #C دىكى ئۈگەنگەنلىرىم ۋە ساندان دەرسىدىكى SQL بىلىملىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ MSSQL نى سانداق قىلغان #C تا تۈزۈلگەن 采集器 دىن بىرنى تۈزۈپ چىقتىم، بۇ تور قامال قىلىنغان مەزگىل بولۇپ، مەن تۈزگەن بۇ دىتال مۇشۇ ۋاقىتتا ئوچۇق بولغان 10 غا يېقىن ئۇيغۇرچە بىكەتنىڭ ماقالىسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ساندانغا ۋە قاتتىق دېسكىغا TXT ھالەتتە يىغىپ بىرەتتى. بۇ دىتال ئىچكى قىسىمدا ئىشلىتىلگەن بولغاچقا ھازىرغىچە تور يۈزىگە چىقىپ باقمىدى. شۇنداق ئۆگۈنۈشلەر داۋام قىلىپ مىنىڭ پروگرامما تىلى ئۈگۈنۈنىشىم تەتقىقات ۋە ئېچىش باسقۇچىغا قادەم قويدى،
ئۆگۈنۈش دەرجىسىدىن تەتقىقات دەرجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ خېلى بىر مەزگىلدىن كىيىن بىزگە JAVA دەرىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دەسلەپكى ئىككى سائەت شۇنداق قىزىقىپ ئاڭلىدىم، كىيىن پەقەت تېتىمىدى، چۈنكى بۇنى بىر خەنزۇ مۇئەللىم بەرگەن ئىدى، ئۇنىڭ دەرس سۆزلەش ئۇسۇلى ۋە ئىدىيىسىينى پەقەت ياخشى كۆرمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي دەپ JAVA دەرىس ۋاقتىدا 网络管理员 لىككە ئائىت كىتاپلارنى ئۈگەندىم، بىر ماۋسۇم مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپتىمەن، JAVA دەرسىنىڭ ئاخىرقى تۆت سائىتىدە مۇئەللىم JSP نى سۆزلىدى، بۇ مەزمۇن تور بەت قۇرۇشقا ۋە مەن كۆرىۋاتقان 网络管理员 بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغاچقا بەك دىققەت قىلىپ كۆردۈم، مەن مۇشۇ ۋاقىتتا تور پروگراممىللىرىغا قىزىقىپ قالدىم، بولۇپمۇ JSP دىگەنگە، شۇنىڭ بىلەن مەندە جاۋا ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى قوزغالدى، بۇ ۋاقىت مەۋسۇم ئاخىرلاشقان مەزگىل بولۇپ تەتىلگە چىقىش ئالدىدا ئىدۇق.
مەن بۇ تەتىلىمنى جاۋا ۋە تور بىلىملىرىگە قاراتتىم، ئوخشاش ئۇسۇلدا كىتاپخنىغا بېرىپ كىتاپ كۆردۈم، نۇرغۇن ماترىياللارنى كۆرۈپ شۇنى ھىس قىلدىمكى جاۋا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىكەن، ئۇنىڭدا كومپيۇتېر دىتاللىرىنى تۈزگىنى بولدىكەن، توربەت تۈزگىنى بولدىكەن، بۇ تەرىپى C++,VB دىگەندەك تىللاردىن كۆپ ياخشى بىلىندى، لىكىن C# دىن سەل مۇرەككەپ بىلىندى، چۈنكى بۇنىڭدا مەن تارتىپ قويۇپ كود يازدىغان كونۇپكىلار يوق ئىدى، مەن بۇ قېتىم پروگراممىنىڭ تېگىگە چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم، شۇنىڭ بايقىدىمكى JAVA مەن ئىلگىرى ئۈگەنگەن C# قا ئوخشايدىكەن، شۇ تەييار تەمىنلەپ بەرگەن كونتروللار كەم ئىكەن، تور ئىقتىدارىنى C# بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئۈلگەردىم، ھەممىمىزگە مەلۇم c# نىڭ .NET دەيدىغان بىر بۆلىكى بار، بۇ بۆلەكتە بىز c# ئارقىلىق توربەت تۈزىمىز، مەن jsp بىلەن .net نىڭ ئارتۇق كەمچىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ jspنى ياخشى كۆردۈم، چۈنكى بۇ پاكىز ۋە بىخەتەر ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىي ئورۇنلار ئۈچۈن تور بەت پروگراممىسى ئېچىشقا ئىشلىتىلەتتى، شۇڭا كىيىنچە قەدىرىم بوپ قالار دىگەننى ئويلىدىم، .net بولسا بەك كىلەڭسىز پور سىمىز بىلندى، كودىنىڭ قالايمىقانلىقى تېخىمۇ ئىچىمنى سىقىۋەتتى. شۇڭا JAVA مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بوپ قالدى، #C دىكى پروگرامما بىلىملىرىمگە تايىنىپ JAVA نى بىردەمدىلا كۆرۈپ چۈشنىۋالدىم، لىكىن پروگرامما تۈزۈش ئېغىر كەلدى، چۈنكى مەن ئاللا بۇرۇن كۆزنەك پروگرامما تۈزۈشكە ئاداتلىنىپ قالغان ئىدىم، ئەمدى كىچىككىنە بىر كونۇپكىنى بىر مۇنچە كود بىلەن چىقىرىش ئېغىر كىلۋاتاتتى، مەن مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىزىقىش نۇقتىسى ئىزدىدىم، يەنى جاۋانى قانداق قۇراللاردىن پايدىلىنىپ ئېچىشقا بولدىغانلىقىنى تەتقىق قىلدىم ئېكلىپىس، نېتبېينىز قاتارلىق قۇراللارنىڭ ئىشلىتىلىش نىسپىتىنى كۆردۈم، يەنىللا ئېكلىپىس ياخشى بىلىندى، ئېكلىپسى توغرىسىدا يېزىلغان كىتاپلارنى ئېلىپ چىقىپ كۆرۈپ باقتىم پەقەت قىزىقالمىدىم، ئاندىن jspئۈچۈن Tomcat,Apache قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۈگەندىم، ئېكلىپىس، Java دىگەنلەر 跨平台性 دىسە، قىزىقىپ بىر مەزگىل RedHadLinux ۋە ئۇبۇنتۇ ئۈگىنىپ كەتتىم، ئۇبۇنتۇغا ئېكلىپىس قاچىلاپ ئۆزمچە Linux قا پروگرامما تۈزمەكچى بولدۇم، لىكىن بۇ قىزقىشىم ئۇزاققا بارمىدى.
قاچانلاردىكىن كومپيۇتېردىن زىرىكىپ قالدىم، ھىچ نەرسە تېتىماس بوپ قالدى، كىنو كۆرۈپ باقتىم، ئۆمرۈمدە ئويۇن ئويناش بىلەن خوشۇم يوق ئىدى، ئويۇنمۇ ئويناپ باقتىم، يەنىللا تېتىمىدى، ئادەم قىزىقىشىنى نورمال ئېلىپ بارمىسىمۇ چاتاق ئىكەن، كومپيۇتېرنى ياخشى كۆرىمەن دەپ كۈندە كومپيۇتېر ئالدىدا يۈرگەن بىلەن بىر تېتىماس بوپ قالسا بەك تەس ئىكەن، ئەسلىمگە كىلەلمەي بەك قىينالدىم، تالا تۈزگە چىقىپ ئايلاندىم، يالغۇز جاھان كەزدىم، مۇھەببىتىم بىلەن پاراڭلاشتىم، تاماق يىدىم، ۋاي ھىچنەرسە تېتىمىدى، خۇددىي خۇدا ئۇرغاندەك ھىسياتتا بوپ قالدىم، بۇخىل كەيپىيات ئۇزاق داۋاملاشسا چۈشكۈنلۈك كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقى بار ئىدى، شۇڭا تىزلىكتە بىر كىرىش نوقتىسى تېپىش ئەڭ مۇھىم بوپ قالدى، خۇداغا شۇكرى ھىلىمۇ تەلىيىم بار ئىكەن، مەن بىر گۆھەر تېپىۋالدىم.
【---------------داۋامى ---------------------】
بىز داۋاملاشتۇرايلى.
كىيىنچە مەن كومپيۇتېرغا پروگرامما تۈزۈشتە مەن بىرەر يېڭىلىق ھىس قىلمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىل مىنىڭ مۇئەللىمىم چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكەن بولغاچقا مىنى يىتەكلەيدىغان، ماڭا يېڭى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مىنىڭ قىزقىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمغا ياردەمدە بولدىغان كىشى يوق ئىدى، ئۆزۈم توردىن ئاختۇرۇپ باققان بولساممۇ يېڭى تېخنىكىلارنى بايقاپ بولالمىدىم، ئوخشاش بىر كودنى ھېلى ئاۋۇ يەرگە، ھىلى ماۋۇ يەرگە يېزىۋىرىشتىن زىرىكتىم.
توربەت ئۆگۈنۈش ئىشىم ئۇزۇنغا بارمىدى، چۈنكى ھەرقانچە ئويلاپمۇ توربەتلەردە ئۆزگەرگۈچى قىممىتىنىڭ بىر بەتتىن يەنە بىر بەتكە قانداق يۆتكىلدىغانلىقىنى، كۇنۇپكىنىڭ بېسلىغان ئىشىغا نىمە ئۈچۈن نەق كودنى يازمايدىغانلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم، نۇرغۇن ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشنەلمىدىم، قوللىنىلىشچان يۇمشاق دىتال بىلەن تور پروگراممىسى تۈزۈش ئىككى دۇنيادەك بىلىندى، مەن ئۈگەنگەن پروگرامما
بىلىملىرى بىلەن توربەت تۈزۈش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىتەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن توربەت پروگراممىسىدىنمۇ زىرىكىپ قالدىم.
دەل مۇشۇ زىرىكىپ تۇرغان چاغلاردا تۇساتتىن يېڭى بىر ساھەگە كىرىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگۈنۈش ئىدى، نوكىيا تېلېفونلىرى ئەزەلدىن كۆزۈمگە سىغمايتى، شۇنداقتىمۇ QT نىڭ نىمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئازراق ماترىيال كۆرۈپ باقتىم، ئايفوننى ئازراق چۈشىنەتتىم، بۇنىڭغا Xcode دىگەن نەرسىنىڭ لازىم بولدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم، شۇڭا ئازراق Xcode
ئائىت ماترىيال كۆرۈپ باقتىم، قانداق بولدىكىن توساتتىنلا ئاندرويىد تېلېفون ئۇچراپ قالدى، بۇنىڭغا نىمىدە پروگرامما تۈزىدىغاندۇ دەپ ماترىيال كۆردۈم، قارىسام JAVA دەپ تۇرىدۇ، ئىشلىتىدىغان قۇرالىغا قارىسام ئېكلىپىس ئىكەن، ھە بۇ مەن بۇرۇن ئۆگەنگەن نەرسىلەر ئىكەنغۇ، ئەمدى تېلېفونغا پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنسەم پىچەت بولغۇدەك دەپ ئاندرويىد ھەققىدە ئىزدىنىپ كەتتىم.
ئاندرويىد تېلېفون ماڭا بەك ياخشى بىلىندى، كومپيۇتېرنى يېڭى ئۈگەنگەن چاغلىرىمدا Ghost xp بىلەن خېلى ئېتشىپ قويغان ئىدىم، مانا ئەمدى ئاندرويىد تېلېفوننىڭ ROM سى بىلەن ئېتىشىدىغان بوپ كەتتىم، ئۇيغۇرچىنى قوللىماسلىقى بەك ئىچىمنى سىقتى، شۇنچە ماترىيال كۆرۈپمۇ شىنجاڭ تورىدىن تۈزۈك ماترىيال تاپالمىدىم(تور قامال قىلىنغان مەزگىل) شۇنىڭ بىلەن چىڭخۇادىكى مۇئەللىمىگە سىنانىڭ ئېلخەت
مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ خەت يازدىم، مۇئەللىم مەن ئىھتىياجلىق بولغان ماترىياللارنى ماڭا يوللاپ بەردى، كىچە كىچىلەپ ئوخلىماي دىگەندەك كۆرۈپ بۇ ئاندرويىدنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلدىم، بىر چاغلاردا XP گە ئۇيغۇرچىنى تونۇشتا USP10.dll دىگەن ھۆججەتنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەگەر بۇ ھۆجقەتنىڭ نەشىرى تۈۋەن بوپ قالسا ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئۇلاشمايدىغانلىقىنى ماترىيالدىن
كۆرگەن ئىدىم، ئاندرويىدنىڭ ئۇيغۇرچە تونىماسلىقىنىمۇ ئاشۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ كەملىكىدىنمىكىن دەپ ئويلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپماقچى بولدۇم، ئەرەپلەرنىڭ تور بىتىدىن ئازراق ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم، ئاندىن بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشتىكى بىر دىن بىر چارە ئاندرويىدنىڭ ئەسلى كودى ئىچىدىكى 字符 بىر تەرەپ قىلدىغان ئورۇنغا بىر دانە ئايلاندۇرۇش كودىنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، بۇ كود ئۇيغۇرچىنىڭ تاللىنىش قائىدىسى بويىچە يېزىپ چىقىلىشى كىرەك ئىدى(رولى بولسا ئاساسىي رايوندىكى ھەرىپلەرنى كىڭەيتىلگەن رايون ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى) مەن ئەرەپلەرنىڭ بىكىتىدىن ئىرىشكەن كودلار ئاساسىدا ئۇيغۇرچىنىڭ تاللىنىش قائىدىسىنى يېزىپ چىقتىم ۋە ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دىتالىدا سىناق قىلىپ مۇۋەقىيەت قازاندىم، بۇ جەرىياندا نۇرغۇن پروگرامما بىلىملىرىنى ئۈگەندىم،SDK, API دىگەندەك نەرسىلەرگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئاشتى، يەنە ئۇيغۇر تىلدىكى ھەرىپلەرنىڭ كومپيۇتېردا ئىپا قىلنىشى
ھەققىدىكى بىلىملەرنىمۇ ئۈگەندىم، بۇ ئۆگۈنۈشلىرىم ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلدى، خۇددى مەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئاندرويىدقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ بىرىۋاتقاندەك بىر ئۇلۇغۋار ھىسيات بىلەن ئۆگەندىم، بۇ ھىسيات شۇنداق پەيزى بولۇپ كىچە ئۇخلىغىنى قويمايتى، مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇۋەتتىم، قىززىق يىرى شۇكى بۇنداق چاغدا كۆرگەن ھەرقانداق بىر مەزمۇننى بىر قېتىم ئوقۇپ قويسام كاللامغا ئۇيۇپ قاللاتى، مەنمۇ بەك ھەيران بۇ ئىشقا...
شۇنداق قېلىپ يېڭى قىزىقىش نوقتىسى مىنى بىر يىل مابەينىدە كەينىگە سېلىپ يۈردى، بۇ ئىككىنجىقېتىملىق قىزىقىش دەۋىرىمدە نۇرغۇن دوستلارنى تېپىۋالدىم، مەندىن ئىلگىرى مۇشۇ ساھەدە ئىزدەنگەن پروگراممىر كارخانىچى ۋە ھەۋەسكارلار بىلەن تونۇشىۋالدىم، بۇلارنىڭ دوستى بوپ قالغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق خوش بوللاتتىم، كىيىچە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ چوڭ بىر ئىشلارنى تەۋرىتىۋىتىدىغاندەكلا ھىس قىللاتىم،
قالبىمدە بىر ئوت بار ئىدى، شۇڭلاشقىمىكىم بارلىق ئۆگۈنۈشلىرىم خۇشاللىق ئىچىدە ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتى. كىيىنچە بلوگ قۇرۇش ۋەزىپىسى چۈشتى، توربەت دىگەن نەرسىنى ئۆگۈنۈشكە كاللام يەتمىگەچكە ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرگەن ئىدىم، بۇ قېتىم بىر تەتقىق قىلىپ باقاي دەپ توربەت يېزىش بىلەن قۇرۇشنىڭ ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم، توربەت يېزىشقا پروگراممىر بولمىسا بولمايدىكەن، لىكىن توربەت قۇرۇشقا ھەۋەسكار بولسىمۇ بولىۋىردىكەن، شۇنىڭ بىلەن WordPress دا بلوگ قۇرىۋالدىم، بۇ جەرىياندا
LAMP دىگەن ئوقۇمنى ھەربىر ھەرىپلىرىگىچە تەتقىق قىلدىم، ئاندىن ھەربىر نوقتىسىنى ئۆگەندىم، Linux نى بىر چاغلاردا خېلى ئۆگەنگەن، Apacheدىگەن نەرسىنى JSP ئۆگەنگەن چاغدا Tomcat بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن، MySQL بولسا MSSQL بىلەن ئوخشاش نەرسىدەك بىلىندى(ئوخشاشلا بىر ساندان لىكىن باشقۇردىغان قۇرالى ئوخشىمايدۇ[تار دائىرىلىك شەخسى قاراش])،PHP بولسا WordPress
يېزىلغان پروگرامما تىلى ئىدى، بۇ ماڭا يېڭى تىل بولۇپ، توربەتلەردىن داڭقىنى خېلى ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا توربىكەت تۈزۈشكە بولسان بارلىق پاسسىپ كۆزقاراشلىرىمنى كاللامدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاپ PHP نىڭ ناھايىتى ئاسان ، پاكىز ھەم چۈشنىشلىك تىل ئىكەنلىكىگە ئۆزۈمنى ئىشەندۈردىم، شۇنىڭ بىلەن WordPress نىڭ كودىنى كۆرۈشكە باشلىدىم، ۋاي توۋا بۇ خەق نىمىشقا بىر كودلارنى بىر يەرگە يازماي ئۇيەر بۇيەرگە پارچىلاپ يازىدىغاندۇ دەيمەن، يۇقىرىدىن تۈۋەنگە ئىجرا بولىۋاتقان كود بىردەم ئۇ بەتكە چىقپ كىرسە بىر دەم بۇ بەتكە كىرىپ كىتەتتى، شۇڭا باشتا سەل گاڭگىراپ قالدىم، ئوبدانراق قارىسام مەن بۇرۇن ئۆگەنگەن پروگرامما تىلىغا ئوخشاپ كىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن PHP نىڭ توردىكى سىن دەرسلىكىنى چۈشۈرۈپ كۆردۈم، كىتاپتىن بىر قانچىنى سېتىۋالدىم، ئۆگۈنۈش جەرىيانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى ھەقىقەتەن پاكىز ھەم ئاسان تىل ئىكەن، تەمىنلىگەن 函数库 لىرى راستىنلا ئادەمنى قايىل قىلىدۇ، بىر ئىككى قۇر كود بىلەن باشقا پروگرامما تىللىرى خېلى تەستە قىلدىغان ئىشنى روياپقا چىقارغىنى بولىدىكەن، بۇرۇن ئۆگەنگەن 类库,类,对象,函数,变量,数组,语句,方法,事件,算法,参数,递归,关键字 دىگەندەك نەرسىلەر بۇ تىلدىمۇ بار بولۇپ ئىپادىلىشى شەكلىدە (گىرامماتىكىسىدا)
ئازراقلا پەرىق قىلدىكەن، شۇڭا بۇ تىلنى ئۈگىنىشمۇ تەس توختىمىدى، لىكىن بىر قوللۇق پروگرامما يېزىش سەۋىيەسىگە بارالمىدىم، بەزى توربەتكە خاس نوقتىلار مىنى قىيناپ قويدى، كونۇپكىنىڭ قەيەردە، قانداق بولىشىنى PHP كودى ئەمەس CSS دىگەن بىر نەرسە كونترول قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە WordPress نىڭ ئەسلى كودى ئىچىدە يەنە JS سەپ بىر ھۆججەت بولۇپ بۇنىڭ رولىمۇ خېلى مۇھىمدەك تۇراتتى، مەن بۇلارنى بىر بىرىگە باغلاشتۇرۇپ بولالماي ھېرىپ قالدىم. شۇڭا PHP ئۆگۈنۈشىم خەق يازغان كودنى كۆرۈپ چۈشۈنۈش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالدى.
مۇشۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش تۈگىدى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش لايىھەسىگە ئاندرويىد ئۈچۈن RSS ئوقۇغۇچنى قىلدىم، 90 نۇمۇر بىلەن ئەلا باھالاندى، مۇلازىمىتىرىدىكى پروگراممىدىن بىر API ئېچىپ توردىن ھەم يەرلىكتىن ئىزدەيدىغان بىر لۇغەت تۈزمەكچى ئىدىم، يەرلىكتىكى قىسمىنى تاماملاپ بولۇپ مۇلازىمىتىر پروگراممىسىنى يازدىغان چاغدا API دىگەننى PHP دا قانداق ئەمەلگە ئاشۇردىغانلىقىنى
ئۆگۈنۈپ بولالماي بۇ تۈر تاشلىنىپ قالدى.
ئۆزەمچە PHP دا بىر Web پروگراممىسى تۈزسەم ئۇ مۇلازىمىتىردا ئىجرا بولسا API سىنى ئېچىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئاندرويىد، ئايفون، chrome، XP نۇسخللىرىنى تۈزىۋەتسەم، ئاندرويىد نۇسخسىنى جاۋادا يازسام، ئايفون نۇسخىسىنى Xcode دا يازسام، XP نۇسخىسىنى #C دا يازسام، Chrome نۇسخىسىنى Javascriptدىگەن نەرسىنى ئۆگۈنۈپ يازسام دىگەن خيالىم بار ئىدى، لىكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالدى، مۇشۇنداق بىر پروگرامما تۈزۈش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقتىم، كىتاپخانىدىن مۇشۇنداق مەزمۇن سۆزلەنگەن بىر كىتاپ ئۇچراپ قالدى، لىكىن ئۇلار مۇلازىمىتىر پروگراممىسىنى PHPدا ئەمەس بەلكى Python دا يازغان ئىدى، نىمە ئۈچۈن PHP نى ئىشلەتمىگەنلىك سەۋەبى مىنى قىزىقتۇرۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ماترىيال كۆرۈپ بۇ يېڭى ئاخۇنۇمنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولدۇم.
كىتاپخانىدىن ۋە توردىن نۇرغۇن ماترىيال ئىزدەپ كۆردۈم ۋە پروگرامما ئېچىش مۇھىتى، قۇراللىرىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، كىتاپتىن ئىككى ئۈچنى ئېلىپ ئۆگۈنۈپ باقماقچى، ھىچ بولمىغاندا قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ باقماقچى بولدۇم. نەتىجىسى شۇ بولدى، Python مەن كۆرگەن پروگرامما تىللىرى ئىچىدە ئەڭ چۈشنۈشلىك ئەڭ ئىخچام تىل ئىكەن، ئۇنىڭ ئاددىي ساددىلىقى جاۋانى خىجالەتتە قويسا 。net نى ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ قويىدىكەن، ماڭا بەكلا ياراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىلدا قوللىنىلىشچان دىتاللارنى تۈزگىنى بولاتتى، تور پروگراممىسى تۈزگىنى بولاتتى، يەنە ناھايىتى تىزلا ئويۇن لايىھەلىگىنى بولاتتى، مەن يەنە بۇ تىلنىڭ 3D گىرافىك لايىھەلەشتە ئوبىكىتلارنىڭ مۇرەككەپ ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان پروگرامما تىلى ئىكەنلىكىنىمۇ بايقاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى گۆھەرنى ئۇچرىتىپ
قالغانلىقىمغا ئىشەندىم.
بىر ئاددىي پروگرامما تىلى بىلەن سىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالىسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىل قوللىنىلىشچانلىقى ئېشىۋاتقان، كەلگۈسىدە ئىستىقبالى بار، ئېچىۋىتىلگەن، ھەقسىز... ئويلاپ بېقىڭ سىزگە يەنە نىمە لازىم؟
شۇنىڭ بىلەن مەندە پروگرامماتىللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش خىيالى تۇغۇلدى، نۇرغۇن ماترىياللارنى كۆرۈپ بۇ تىللارنىڭ قايسىىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈپ باقتىم. مەن ئۆزۈم دائىم كۆرىدىغان بىرتور بەتتىن مۇنداق بىر سېلىشتۇرۇشنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
ئەگەر پروگرامما تىللىرىنى بىز ھەيدەيدىغان ماشىنىغا ئوخشاتساق ئۇ ھالدا :
C تىلى بولسا سۈرئىتىنىڭ تىزلىكىگە ئادەم تەستە ئىشىندىغان، لىكىن ھەر 50 مىنۇتتا بىر قېتىم بۇزۇلۇپ قالدىغان مۇسابىقە ماشىنىسى (跑车).
#C تىلى ئائىلە ساياھەت ماشىنىللىرىنىڭ ئالدى بولۇپ، خوتى ئاپتوماتىك، ئىشلىتىشكە قولاي ، لىكىن سىز بۇ ماشىنىنى ھەيدەپ كۆنۈپ قالسىڭىز باشقا ماشىنىلارنى ھەيدىيەلمەيدىغان بوپ قالىسىز.
++C بولسا C تىل ماشىنىسىغا ئات كۈچى يۇقىرى بولغان مادا سەپلەنگەن ماشىنا بولۇپ، C تىل ماشىنىسىدىن ئىلغار بولغان ئون نەچچە تۈرلۈك ئارتۇقچىلىقى بار، تەخمىنەن 400 كىلومىتىردا بىر قېتىم بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
JAVA بولسا بىر خىل ئائىلە ساياھەت ماشىنىسى، ئۇنى ھەيدەش ئاسان، لىكىن تىز ھەيدىگىنى بولمايدۇ، شۇڭا ئاسانلىقچە ۋەقە چىقمايدۇ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى يارلاندۇرۋالمايسىز.
PHP بولسا Oscar Mayer Wienermobile ( تۈۋەندىكى رەسىمدىكى ماشىنىنى دىمەكچى) بىرخىل غەلىتە مەشىنا، ئۇنى ھەيدەش تەس، لىكىن ھەممە ئادەمنىڭ بۇ ماشىنىغا شوپۇر بوپ باققۇسى بار.
Visial Basic بۇ سىزنى ھەيدەيدىغان ماشىنا.(سىز بۇ ماشىنىنى ھەيدىمەيسىز، ئەكسىچە بۇ ماشىنا سىزنى ھەيدەيدۇ[قارىغاندا ئادەمنى موتروللا قىلىدۇ دىمەكچى ئوخشايدۇ]).
Python بۇ شوپۇرلۇقنى ئەمدى ئۈگەنمەكچى بولغانلارغا ماس كىلدىغان ياخشى ماشىنا. سىز بۇ ماشىنىنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولمىسىمۇ ھەيدىيەلەيسىز. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق ئەگەر بۇ ماشىنا سىزدا بار بولسا سىزگە باشقا ماشىنىنىڭ لازىمى يوق، ئەلۋەتتە ئەگەر سىز ئۇچۇشنى ئويلىمىغان بولىسىزلا...
Prel ناھايىتى چىرايلىق بولغان بىر ماشىنا، پەقەتلا ماشىنا ھايدەش قوللانمىسىنى ئوقۇپ چۈشەنمەك بەك تەس، ئۇندىن باشقا سىز قانداق ھەيدەشنى ئۆگۈنۈپ بولغان ۋاقتىڭىزدا باشقىلارنىڭ Prel ماشىنىسىنى ھەيدىيەلىشىڭىز ناتايىن.
Smalltalk بۇ شوپۇرلۇقنى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كىچىك تىپتىكى ماشىنا بولۇپ لايىھەلىنىشى ناھايىتى مۇكەممەل، شۇڭا تەجىربىلىك شوپۇرلارمۇ ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇسابىقە ماشىنىسىدەك تىز ئەمەس، لىكىن سىز ئۇنىڭ ھەربىر ئۈسكىنىسىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئىھتىياجىڭىزغا ماسلاشتۇرالايسىز. ئۇنىڭ بىر غەلىتە تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ رول تۇتۇپ ماشىنا ھەيدىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق، سىز پەقەت
ئۇنىڭغا نەگە باردىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىزلا ، ئۇ سىزنى نىشانغا ئاپىرىپ قويىدۇياكى سىزگە نىمە دىگەنلىكىڭىزنى چۈشنەلمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
Ruby بولسا Prel،Python ۋە Smalltalk نىڭ بىرلەشمىسى. بۇ بىر ياپۇنلۇق ئىنجىنىر يۇقارقى ئۈچ ماشىنىنىڭ زاپچاسلىرىدىن قۇراشتۇرۇپ چىققان ماشىنا بولۇپ ، نۇرغۇن شوپۇرلار بۇ ماشىنىنى يۇقارقى ئۈچ ماشىنىدىن ياخشى دەپ قارايدۇ. بەزى شوپۇرلار بۇ ماشىنىنىڭ مەشغۇلاتى مۇقۇم ئەمەس دەپ ئاغرىنىدۇ، دىمىسىمۇ بەزىدە ئوخشاش بىر مەشغۇلاتنى ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا بىجىرىشكە توغرا كىلىدۇ، شۇڭا بۇ ماشىنىنى ھەيدەش ئاسان ئەمەس. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Ruby نى قايتا لايىھەلەش باشلىنىپتۇمىش.
قانداقراق ھىسياتقا كەپ قالدىڭىز؟ ئۈمىدسىزلەندىڭىزمۇ ياكى ئۈمىدلەندىڭىزمۇ؟ سىزگە قايسى ماشىنا لازىمدەك قىلىدۇ؟
بىز يەنە ئازراق سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارايلى. بىز ئەگەر پروگرامما تىللىرىنى پاراخوتقا ئوخشاتساق نەتىجە مۇنداق بولىدۇ.
Java بىر چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش پاراخوتى، چوڭ ھەم ئېغىر، سودا ساھەدىسە ئىشلەتمىسە تەنەرىخ كۆتەرمەيدۇ. يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى يۇقىرى، لىكىن بۇنى ھەيدەش ئانچە كۆڭۈللۈك ئەمەس.
Perl ئات كۈچى JAVA غا يىتىدىغان سۆرەش پاراخوتى.
Ruby تەسۋىرلەش ناھايىتى تەس، ئۇ بەك مودا ھەم تەنناز، ئۇنى ھەيدەش بەك كۆڭۈللۈك.
PHP بولسا بىر قۇمۇشتا توقۇلغان كىمە، تانا بىلەن باغلاپ ياسالغان، شۇنداق بولسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىشلەتكىنى بولىدۇ.
C بولسا سۇ ئاستى يادىرو پاراخوتى، بارلىق مەشغۇلات بۇيرۇقلىرى چەتئەل تىلىدا بىرىلىدۇ، قاتتىق دىتاللىرى كىمىنىڭ ئىقتىدارى ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان.
HTML بۇ ھىچقانداق پاراخوت ئەمەس.
(داۋامى بار، قىستۇرما رەسىملەر كىيىن تولۇقلىنىدۇ، ئىملا تۈزتىلىپ قايتا رەتلاپ يوللىنىدۇ)
ماقالىڭىزنى تەپىسلى كۆرۈپ چىقتىم. خېلى ياخشى يېزىپسىز. ئەمما بىر ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۋالمىغاندەك قىلىسىز. ئۇ بولسىمۇ، پروگرامما لايىھەلەش تىلى بىلەن ئۇنى ئىشلىتىپ پروگرامما تۈزۈدىغان پروگرامما لايىھەلەش مۇھىتى. ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. #C ئۇيغۇرچە قوللايدۇ، c تىلى ئۇيغۇرچە قوللىمايدۇ دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس. شۇ تىلنى ئىشلەتكەن پروگرامما لاھىيەلەش مۇھىتى تەمىنلىگەن كونتروللارغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولسىلا، ھە ماۋۇ تىل ئۇيغۇرچە قوللايدىكەن جۇمۇ دېسەك بولمايدۇ. پروگرامما لايىھەلەش مۇھىتى بىزدەك ئاددىي پروگرامما تۈزگۈچىلەرنى كونۇپكا، كۆزنەك ياسايمەن دەپ چارچاپ قالمىسۇن، دەپ ھەممىسىنى ئۆزلىرى شۇ تىلنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەييار تەمىنلەپ بەرگەن. بىز پەقەت شۇ پروگرامما لايىھەلەش مۇھىتى ئىشلەتكەن تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدە-قانۇنىيىتىگە بويسۇنغان ئاساستا شۇ كونتروللارنى يۆتكەپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
ئۇقۇم ئېنىق بولۇپ كەتسۇن، ئۇقۇم ئېنىق بولمىغاندا، دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەردە ئاسان زېرىكىش، قايمۇقۇش كۆرۈلىدۇ.
men uchun yazghandek ilamshz nime bu temini hahhah
rexmet
ئۆز چۈشەنچىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىپسىز، ئىجادىي يازما بوپتۇ،
پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت، قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
مۇشۇ ئاندرويىدنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن java تىلى بىلسەك بولامدا؟
شۇنداق ئاۋال جاۋا ئۆگنىشىمىز لازىم.
ئۇ vb تىلى دىگەنلەر بۇ يەردە ئەسقارمايدۇ دەڭ ؟
كەمىنە ئىنىڭىز يازما داۋامىغا دىققەت قىلماقتا…
ھە مۇنداق دەڭ، ئەمسە سىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئاخىرىنى تىزراق چىقىرىمەن.
پېقىر ھارماسمۇ يازمىغا ئارقا سەپتىن دىققەت قىلىۋاتقان..
ناھايىتى خىجىلمەن، ۋاقىت چىقىرىشقا تىرىشىۋاتىمەن، بولسا يېزىلىپ بولغان قىسمىغا بولغان كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىللىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، ماقالە تېخىمۇ ئەتراپلىق چىقىشى مومكىن ئىدى.
ما تېمىنىڭ ئاخىرىنى بەك ساقلاپ كەتتىم،قۇتبىلىك ئەپەندى ئالدراشچىلىقلار تۈگىگەندە ئاخىرىنى چىقىرىۋەتسىڭىز بولاتتى.
ھەقىقەتەن بەك ساقلىتىۋەتتىم، خىجىلمەن، دۆلەت بايرىمى ئاخىرلاشقىچە بىر تىرىشىپ باقاي، يېزىلىپ بولغان قىسمىغا بولغان قاراشلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز باشقىلارغا پايدىسى تىگىپ قېلىشى مومكىن.
مەنمۇ ھازىر خۇددى سىزنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىڭىزدەك بولىۋاتىمەن. باشتا ئۈگەنگەندە vb گە ئىسىلىۋىلىپ ، ئۆزەمچە ‹دىتال› ئىشلەپ يۈرۈپتىمەن. ن-سوفىت سىستىما ياردەمچىسى، ن-سوفىت قۇرالى … قاتارلىق بىر تالاي ‹دىتال› لارنى ياساپ، ئۆزەمنىڭ كۆڭلىنى ئۆزەم خوش قىلىپ يۇرگەنىدىم.
لىكىن كىيىنچە vb دىن كۆڭلۈم پوقتەك سويىدى.چۈنكى ئۇنىڭدا ئادەم بەكلا چەكلىنىپ قالىدىكەن. كىيىن cتىلغا قىزىقىپ قالدىم. ئۇنى بىرەر ھەپتىچە كۆرۈپ مىڭەمدىن تۈتۈن چىكەتتى(كىتاپتا باشتىن ئاخىر ماتىماتىكىلىق ھىسابلاشلا بار ئىكەن، كۆرۈنمە يۈزدىن ئەسلا خەۋەر يوق.). كىيىن Android قا قىزىقىپ قىلىپ ،توردىن ئىزدىسەم ئۇنىڭ يادروسىنى يەنىلا شۇ c دا يازىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن cنى رەسمى ئۈگۈنۈشنى قارار قىلدىم. تەلىم بەرسىڭىز بوپتىكەن، قانداق ئۈگۈنسەم پۇختا ئۈگىنەلەيمەن؟ cدىن قانداق قىلىپ ئاشۇنداق بىرنەرسىلەرنى لاھىلەيدۇ؟
بۇ تىمىنىڭ داۋامىنى تۆت كۆزۇم بىلەن كۇتىمەن، كاللامدىكى نۇرغۇن خىيال ۋەسۇئاللىرم ئايدىڭ بولۇپ قالدى…رەھمەت…….سىزمۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدە ئوقۇغانمۇ؟ دەرىس تەرتىپىمىز نىمانداق ئوخشاش دەيمەن….ئاۋال c++ ئاندىنc# ئاندىن vf ئۇگىنىۋاتىمىز بىز…..
ئەمما پۇختا ئىگەللىگىنىم بىرسىمۇ يوق،سەت بولدى….