ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مانا بۈگۈن ئىتىل سەيناسىدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان پروگرامما مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلاۋاتقان پروگرامما پۈتۈپ تورغا يوللاپ قويدۇم.
دىتال ھەققىدە:
دىتالنىڭ ئىسمى: ياخشىراق ئىسىم تاپالمىدىم، ئىسىمنى سىلەر قويۇڭلار (ھازىرچە قۇت پاراڭ دەپ قويدۇم ، ئاجايىپ ئىشقىم باردە مۇشۇ قۇت دىگەن گەپكە
)
دىتالنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى: ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇسابىقىنى قوللاش ئۈچۈن.
دىتالنىڭ ياسىلىش ئىلھامى: ئۈچ چوڭ بىكەتنىڭ نادىر يازمىللىرىنى ھازىرغىچە تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن.
دىتالغا ئىشلىتىلگەن پروگرامما تىلى: C# ۋە PHP .
ئىشلىتىلگەن قۇرال: Microsoft Visual Studio 2010.
دىتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: بەلگىلەنگەن بىكەتنىڭ بەلگىلىك دائىرە ئىچىدىكى يازمىللىرىنى ئاپتوماتىك كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ بىرىش (تېكىست ھۆججەت ھالىتىدە).
دىتالنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارى: ئەگەر دىتالغا Gmail ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرسىڭىز Gmail دىكى دوستلىرىڭىز بىلەن چ چ دا ۋە ياكى Gtalk تا پاراڭلاشقانغا ئوخشاش پاراڭلىشالايسىز. يەنە يازمىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ Gmail گە بىر كونۇپكىدىلا يوللاپ (زاپاسلاپ ۋەياكى ساقلاپ) قۇيالايسىز.
قىستۇرما: ئىنتىلدىن باشقا بىكەتلەرنى چۈشۈرسىڭىز مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھالەتتە ساقلىنىدۇ، بۇنداق يازمىلارنى دىتال ئۈستىگە تاشلىسىڭىز نورمال كۆرەلەيسىز، لىكىن چوقۇم دىتالغا تىزىملىتىپ كىرىشىڭىز كىرەك( ئەنسىرىمەڭ، بىر دانە Gmail ئاكونتى بولسىلا كۇپايە).
دىتال بىخەتەرلىكى: دىتالنى قاچىلىغان ۋە ياكى قوزغاتقان ۋاقىتتا كومپيۇتېرىڭىزدىكى قوغدىغۇچى دىتاللار تەرپىدىن توسۇۋېلىنىشى مومكىن، بۇ نورمال ھادىسە چۈنكى ئۇ دىتاللار يەر شارىدا بۇنداق بىر دىتالنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا كونا ئادەت بويىچە ئۇنى دۈشمەن ساناپ تروجان دىگەن چىرايلىق ئىسىمدىن بىرنى قويۇپ كۆزىدىن يۇقاتماقچى بولىدۇ ، بۇنداق چاغدا سىز دىتالنى ئىشەنچىلىك دىتاللار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ(كەمىنە تېخى تروجان ياسىغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەس، قوغدىغۇچى دىتالنىڭ مىنى چوڭ كۆرگىنىگە ھەشقاللا
).
شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى: دىتال يۈزىدە gmai ئاكونتىنى ئىشلىتىپ سىستېمىغا كىرىش سىزنى ئەنسىرىتىپ قويىشى مومكىن، لىكىن سىز ئەنسىرىمەڭ، گەرچە دىتالدا Gmail ۋە ئۇنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ ، لىكىن بۇ دىتالنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى ساقلاپ ماڭىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ، مەن كاپالەت بىرەلەيمەنكى دىتال ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەن مەخپىي نۇمۇر پەقەت سىزنىڭ تورغا چىققانلىقىڭىزنى ئېنىقلاش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ھىچقانداق ئورۇندا ساقلانمايدۇ، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
سىناق نەشىرى چۈشۈرۈش ئادىرىسى: مانا چۈشۈرۈش ئادېرىسى
سىناق نەشىرىدە بىردانە سىناق Gmail ئاكونتى ۋە پارولى قوشۇپ بىرىلدى، ئەگەر سىزدە Gmail ئاكونتى بولمىسا مۇشۇنى ئىشلىتىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.(دىتالنى قوزغىتىپ ماڭدۇق ئەمسە دىگەن كونۇپكىنى چەكسىڭىزلا كۇپايە).
مەن تۇنجىسى كەنمەندە . چۇشۇرۇپ سىناپ باقاي
چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام ئىشلەتكىلى بولمايدۇغۇ؟应用程序初始化失败دەيدۇ.
شاگىرت دىگەننىزە…
گوگېلدىن چىققان ئاشۇ خەتنى ئىزدەپ باقساڭ مۇشۇ سۇئالنى سوراپ بولغۇچە ھەل قىلىپ بولاتتىڭ ئەمەسمۇ شـــــــــــــــــــــــــــــــــاگىرتىم!
ھورۇنلۇق قىلما، كۆپرەك ئىزدەن، مەن دەپ بەرمەيمەن.(مۇغەمبەرلەرچە ھىجايغان ئىپادە)
كەسىپداشكەنمىز، سىزنى ئۇلىنىش قوشۇپ قويدۇم، مېنىمۇ قوشىۋالغان بولسىڭىز، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرساق
بۇ خىل دېتالنى خەنزۇچە «网页内容采集器» دەيدىغۇ دەيمەن …،بىر كەمچىللىكنى بايقاپ قالدىم …،ئېلخىتىڭىزگە يوللاپ بىرەي …
ھۇھ كەمچىلىك تاپىدىغان ئادەمدىن بىرسى بولسىمۇ بار بولدى. ئاللاغا مىڭ شۇكرى، يوق بولسا قانداق قىلاتتىم. ھى ھى !
كەمچىللىك دەپ كەتكىلىمۇ بولماس …،باشقىلار يامان نىيەتتە پايدىلىنىپ كەتكۈدەك …،ئېلخىتىڭىزگە يوللھپ قويغان كۆردىڭزمىكىن …
قايسىسىغا يوللىغان بولغىيتىڭىز؟ دائىم ئىشلىتىدىغىنىمنى كۆرۈپ تۇرىمەن، خەت كەلمىدى، باشقىلارنى كۆرۈپ باقاي ئەمسە! سىزگە كۆپ رەخمەت!
تاپالمىدىم، قايسى ئادرىسقا يوللىغان بولغىيتىڭىز؟
Gmail غا يوللاپ قويىۋىدىم
بۇپىروەراممىنىڭ UI لاھىيسىنى ياخشىلاپ تارقىتىدىغان گەپكەن، ياكى مەخسۇس بىر بەت ئاجىرتىپ مەخسۇس تۈر قىلىپ قويغان تولىمۇ بولسىڭىز ياخشى بولار ئىكەن
ياخشى پاراڭ، قېنى UI چى بالىلار ياردەم قىلالىسا بىر لايىھە ياساپ باقسۇن، مەنمۇ ئازراق ئەلالاشتۇرۇپ باقاي، سوراپ باقاي، سىزچە دىتالدىكى يۇرۇق نۇقتا يازما چۈشۈرۈشمۇ، Gtalk ئاكونتىدا پاراڭلىشىشمۇ؟