ماۋۇسۇم ئاخىرلىشىپ ئىمتاھانلار باشلاندى، ئىلگىرى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئىمتاھان بەرگەن بولسام ئەمدى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئوقۇغۇچىللىرىمغا كومىسىيە بولدۇم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرۈشكە ئۇرنۇشلىرىغا قاراپ ئوقۇش ھاياتىمىدىكى كۆچۈرۈشكە ئورۇنغان چاغلىرىم ئىسىمگە كىلىپ كۈلۈپ سالدىم. ئوقۇغۇچىلارغا «كۆچۈرسەڭلەر مەن بىلمەيدىغان ئۇسۇلدا كۆچۈرۈڭلار، مەن دىگەن كۆچۈرۈشنىڭ پىشۋاسى، سىلەرنىڭ قانداق ئۇسۇلدا كۆچۈرۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن، ئەڭ ياخشى مەن بىلىپ قالماي، بىلىپ قالدىممۇ بولدى، قەغىزىڭلارنى ژىتىپ تاشلايمەن» دەپ قوقاق سېلىپ قويدۇم، ئۇياق-بۇياققا ماڭغاچ بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈستىلىگە يېڭى تۇغۇلغان ئاينىڭ ئۇچلۇق بولغان ئىككى بېشىنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر دانە بەشۋار سىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ بەلگە قارا رەڭلىق موي قەلەم بىلەن ئاق رەڭلىق ئۈستەلگە سىزىپ قويۇلغان ئىدى. بۇ بەلگىنىڭ قانداق مەنالارنى بىردىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى، دەسلەپ ئىرەنشىمەي ئۆتۈپ كەتتىم، كىيىن قارىسام خېلى كۆپ ئۈستەلدە ئاشۇنداق بەلگە تۇرىدۇ، ئويلىشىپ قالدىم، قانداقتۇر بىر كىملەر كىرىپ بۇ ئىشنى يوغىنىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ياكى ئاشۇ سىنىپنىڭ مەسئۇللىرىغا بىھۇدە ئاۋارچىلىق تېپىپ بەرسە قانداق قىلارمەن؟ ئوقۇغۇچىلار كىچىك، لىكىن ۋاقتى كەلگەندە كىچىك دەپ قارالمايدۇدە؟ قانۇن ئۇ بەزىدە قەغەز يۈزدىكى ئېقى قەغەز، قارىسى رەڭ. نەچچە رەت يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتىم، ئۆزۈم كومسىيە كاللامدا مىڭ خىيال ئەگىدى، خىياللىرىم مىنى ئالىي مەكتەپكە باشلاپ كەتكەن ئىدى...
-------
ئالىي مەكتەپ، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ دەرسى، دەرس باشلىنىشتىن بىر قانچە مىنۇت...
-قۇتبىلىك مايەكىلا
-نىمە ئىش مەلىم
-تېلېفونۇڭنىڭ ئاۋۇ تېلېفون كەلگەندە چىقىدىغان قوڭغۇراق مۇزىكىسىنى ئۆزگەرتىۋەت.
-نىمىشقا؟
-بىكاردىن ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالما، ئەمدى ھىچ بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆزگەرتىۋەت.
-ھە ماقۇل؟
دەرستىن چۈشتىم، غودۇڭ-غودۇڭ قىلىپ مۇئەللىمنى بەك قورقۇنچاق، يۈرىگى يوق دەپ ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم، ئۆزمچە تازىمۇ بىر سايىم ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. چۈنكى تېلېفونۇمدىكى باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىسلامچە ئېيتىلغان ناخشا ئىدى.
...
-------
ئالىي مەكتەپ، ئاپئاق قارلار بىلەن قاپلانغان ئۈرۈمچى، مەۋسۇم ئاخىرى...
-تېلېفونۇڭلارنى تاقىۋىتىڭلار.
-تاق-تاقا.
-مەنمۇ تاقىۋىتەي.
-بىز ھەممىمىز تېلېفوننى تاقىۋىتىپ خاتىرجەم قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ ئويناپ كەلدۇق. ئەتىسى، ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرە
-تۆنۈگۈن يىغىنغا قاتناشمىغانلار ئورنۇڭلىدىن تۇرۇڭلار
-بىر ئىككى ئۈچ ...
-نەگە باردىڭلار
-قار تېيىلغىنى
-مۇشۇ تۇرغانلارنىڭ ھەممىڭلارمۇ؟
-شۇنداق
-قالغانلار ئولتۇرۇڭلار، قۇتبىلىك سەن سىرىتقا چىقە
-تۆنۈگۈنكى ئىشتىن خەۋرىڭ بارمۇ؟
-بار؟
-ئەمسە نىمىشقا سىرىتقا چىقىپ كىتىسەن؟
-بىز ئوينىغىنى چىقتۇق شۇ، باشقا ئىشلارغا ئارلاشمىدۇق.
-مىنىڭ قانچىلىك ئەنسىرگىنىمنى بىلەمسەن؟
-ئەگەر ئاشۇ بالىلارنىڭ ھەممىنى باشلاپ تېلېفونىنى تاقاتقۇزۋىتىپ قالايمىقان ئىشقا مېڭىپ قالغان بولساڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار ئىدى بىلەمسەن؟
-مەلىم مەن ئۇنچىۋا ئويلاپ كەتمىدىم، پەقەت شۇ، پىلان تۈزۈپ قويغىنى ئۇزۇن بولغان، شۇ پىلان بويىچە ماڭغان ۋاقتىمىزدا تۆنۈگۈنكى ئىش يۈز بىرىپ قالدى، قانداق قىلىمەن، بالىلارنى باشلاپ كىتىۋەردىم.
-ھەي سىنىڭ مۇشۇ يىرىڭ خەتەرلىك، باشقىلاردىن ئەنسىرمەيمەن، سەندىن ئەنسىرەيمەن، سەن ماڭدۇق دىسەڭ، باشقىلار ساڭا ئەگىشىپ مېڭىپ كىتىپ قالىدۇ، سەن بەك ھىسياتچان، بەزى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايسەن.
-چۈشەندىم، مەن دىققەت قىلاي.
-سەن چۈشەنمىدىڭ.
-دىمەكچى بولغىنىڭىزنى بىلدىم.
-لىكىن سىزگە خەۋەر قىلسام سىز چوقۇم قېتىلمايتىڭىز.
-شۇنداقتىمۇ ماڭا بىر دەپ قويۇشىڭ كىرەك ئىدى.
-ماقۇ كىلەركى قېتىم دەپ ماڭاي.
...
قۇتبىلىك مانا مۇشۇنداق باشباشتاق، ھىسياتچان، كەم ئەقىل باشلامچى ئىدى، شۇڭا مۇئەللىم ئەنسىرگەن ئىكەن.
بۈگۈن مانا مەنمۇ ئاشۇنداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى ئويلىيالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھەم شۇلار ئۈچۈن غەم يەپ خىيال قىلىۋاتىمەن. دەل مۇشۇ غەملەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتىكى مۇئەللىمىمنىڭ مەندىن، ياق بىزدىن قانچىلىك ئەنسىرگىنىنى قىسمەن ھىس قىلدىم، «مۇئەللىمىمنىڭ سەن ئەسلى ئوقۇتقۇچى بوپ باقىدىغان ئادەم ئىدىڭ» دىگەن سۆزىنىڭ تېگگە ئەمدى ھەقىقىي يىتىۋاتىمەن، مۇئەللىم ماڭا ھىس قىلدۇرالمىغان، ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارقىلىق ھىس قىلىغىنى بولدىغان نەرسە ئەسلىدە ئىنساندا ئەقەللىي بولىشى كىرەك بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئىكەنتۇق. مانا مەن بۇ نۇقتىنى بۈگۈن چۈشەندىم، باشقىلاردىن ئەنسىرەش، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارنىڭ كەلگۈسى غېمىنى يىيىش ئەسلى سايىملىق ئەمەس بەلكى ھەقىقىي ئەركەكلىك ئىكەن، كەچۈرۈڭ مۇئەللىم سىزنى خاتا چۈشنىپتىمەن، سىز ھەقىقىي بىر مەسئۇلىيەتچان باغۋەن ۋە مىللەت كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەقىقىي ئەركەك ئىكەنسىز.
رەخمەت مۇئەللىم، سىزنىڭ ۋارىسىڭىز بولۇپ ماڭا قىلغان ھەربىر ھىكمەتلىرىڭىزنى ئوقۇغۇچىللىرىمغا يەتكۈزىمەن. بۇنى بۇرچۇم ھەم شەرپىم ھىسابلايمەن. مۇئەللىم سىزگە مەڭگۈ سالامەتلىك تىلەيمەن، كود يېزىۋاتقان ئاشۇ قوللىرىڭىز ماغدۇرسىز قالمىسۇن، كۆزىڭىز روشەن بولسۇن، سىزگە مەندەك بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە نىسىپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىزگە مەڭگۈلۈك سالامەتلىك تىلەپ: ئوقۇغۇچىڭىز قۇتبىلىك دىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھەش-پەش دىگۇچە 1-مەۋسۇمنى تۇگىتىپسىز ئۇستازىڭىزنىڭ قەدرىنى (كالىنىڭ بىشىغا كەلگەنكۇن موزاينىڭ بىشىغا كەلگەندە) بىلىپسىز ھازىر سىز تەربىيلەۋاتقان بالىلارمۇ بەزىسى بالدۇرراق بەزىسى سىزدەك مەس ئۇلىيەت ئارتىلغاندا بىلىشى بەزىسى مەڭگۇ بىلمەسلىگى مۇمكىن چۇنكى تەپەككۇر، مىجەز، تەقدىر،قىزىقىش ئوخشاش بولماسلىغى سەۋەپ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.
ئوقۇغۇچى دېگەن شۇ، كالتە پەملىكى سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىنى دەماللىققا چۈشىنىپ بولالمايدۇ. لېكىن بۇ مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ھامان بىر كۈنى مۇشۇ بەڭباش قۇتبىلىك چۈشەنگەندەك چۈشىنىپ قالىدۇ.
كۆز ياشلىرىم ئىرغىپ چۈشمەكتە، مەنمۇ ئوقۇتقۇچىلىققا بەكلا ھەۋەس قىلىمەن جۇمۇڭ!
راست، ھەر كىم بېشىغا كەلگەندە ئۇقىدىكەن.
«ئوقۇتقۇچىنىڭ خۇشاللىقى ھەم خاپىلىقى ئوقۇغۇچىلاردىن» دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە.
ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلەڭ..مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار ئىدى، لېكىن توقسۇندىكى ئىككى ئاي پراكتىكا مەزگىلىدە ئۇ نىيىتىمدىن يېنىپ قالدىم…بەلكىم بەزى ئەھۋاللارغا يولىققىنىڭزدا سىزمۇ ئاچچىغىڭىزغا پايلىماي ‹‹بۇنداق ئوقۇتقۇچۇلۇقنى…›› دەپ سالارسىز…( كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم ھازىرقى مائارىم ئەندىزىسى…)
لېكىن ئوقۇتقۇچۇلق شەرەپلىك ھەم كۆڭۈللۈك خىزمەت.. تۇرپاندىكى شۇ بالىلىرمىى ئويلىسام ھازىرمۇ يۈرەكلىرىم شۇررىدە بولۇپ كېتىدۇ …
ئاللا سىزگە گۈزەل قەلىب، زىيادە ئىلىم ئاتا قىلسۇن مەكتەپدىشىم…
كۆپ رەخمەت، دىگىنىڭىز كەلسۇن.
ھەي ئالىي مەكتەپ………………..سېغىنىش…….