بوۋا مەن ئىمتامىغا ماڭدىم، بۇ ئىمتاما مەن ئۈچۈن بەك مۇيۇم، مۇشۇ ئىمتامىدا مىنىڭ تەغدىرىم بەلگىلىنىپ كىتىدۇ، شۇڭا ئىمتامىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن بىر دا قىپ بەساڭ، ئىمتاما ئەتە ئېلىنىدۇ، بۈگۈن كەچتە مەكتەپكە چىركىتىمەن.
نىمە ئىمتاما ئۇ؟
ئالىي مەكتەپكە ئىمتاما بىرىمەن، ئۈتەپ قالسام ئۈرۈمچىلەرگە بارىمەن.
ھازىر ماڭامسە؟
ھە، شۇڭا ئالدىڭغا دا قىپ بەسە دەپ چىققانتىم.
ھە قېنى خوش ئىلايا ئامان، خۇدايىم ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق، بەركەتلىك بولسۇن ، ماڭغان ئىزىڭدىن گۈل ئۈنسۇن، ئارمانلىرىڭغا يىتىپ ئەپەندىم بوپ كەتكىيسە، خۇدا ئامان ئاسايىشقلىقنى بەرسۇن ئامىن ئاللاخۇ ئەكبەر! (ئۈستىدىكى قىسىم يەرلىك شىۋە بويىچە ئېلىندى)
بۇۋام تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرگىنىچە ئۇشبۇ دۇئانى ئوقۇپ ئۇزۇن كەلگەن ئاپئاق ساقاللىرىنى سىلاپ تۇرۇپ مەن ئۈچۈن ئاق يول تىلەۋاتاتتى، مانا مۇشۇ ئۇلۇغ دۇئانىڭ خاسىيىتى بىلەن مىنىڭ تەقدىرىم بوۋامنىڭ ئېيتقىنىڭدەك ئەپەندىم بولۇش يولىغا قاراپ ماڭدى.
ئالىي مەكتەپكە ئىنتاھان بەرگەندە ئارزۇ تولدۇرغاندا بىرىنجى تۈركۈمنىڭ بىرىنچى ئارۇسىغا تىببىي ساھەدىكى مەكتەپنى يازغان ئىدىم، لىكىن ماڭا بىرىنجى تۈركۈمنىڭ ئىككىنجى ئارزۇسىدىن يەنى پىداگوگىكا مەكتىپىدىن چاقىرىق كەلدى، چاقىرىق كەلگەن دەل ئاشۇ پەيىتتە مىنىڭ ئويلىغىنىم بۇۋامنىڭ دۇئاسى بولدى، كۆڭلۈمگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىرخىل كۈچنىڭ مىنىڭ ھايات مۇساپەمنى سىزىۋاتقانلىقى تۇنجى قېتىم ئايان بولدى.
ئانام ئوقۇتقۇچى ئىدى، لىكىن مىنىڭ قەتئىي ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق ئىدى، شۇڭا ئامال بار ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ باققاتىم، ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كومپيۇتېر كەسپىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم، گەرچە باشتا ياراتمىغان بولساممۇ كىيىن، «بۇ كەسىپتە ئوقۇپ ئوقۇتقۇچى بولمىسىمۇ بولىدۇ» دىگەن كاللا بىلەن ئوقۇپ كەتتىم، ئامال بار ئوقۇتقۇچى بولماسلىق ئۈچۈن تىرىشتىم، ھەرۋاقىت ئوقۇتقۇچى بولۇش تەقدىرىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم. لىكىن ئۈنىمى بولمىدى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە قېپ قېلىش ئۈچۈن بەك تىرىشتىم، لىكىن شۇنچە جاپا تارتساممۇ ئازراق ئۈمىد تۇغۇلغاندا ئىشلار بۇزۇلۇپ كەتتى، بىر ئەمەس بىر قانچە قېتىم شۇنداق بوپ كەتتى، مەن ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن قېچىپ قىلغان ھەركەتلىرىمنىڭ مەغلۇپ بولغان ھەربىر پەيتىدە «يائاللا بوۋا، سۇنىڭ دۇئاسىڭنىڭ كۈچى ھەجەپ باركىنا» دەپ قۇياتتىم.
تەتىللەردە كىلىپ بوۋامدىن دۇئا ئېلىپ ماڭغىنىمدا «كادىر بوپ كەتكىيسە، ئاناڭ داداڭنى يەگە قاراتمىغايسە » دەپ دۇئا قىلىپ بىرەتتى، بۇ دۇئالار يىغىلىپ مىنىڭ باشقا ساھەگە مېڭىشىمنى توسۇۋاتقانداكلا قىلىپ تۇراتتى، ھۆكىمەت كادىرى بولمايمەن دەپ شۇنچە تىرىشتىم، مەمۇرلۇق ئىنتاھانى بەرمەي دىسەم ئۆيدىكىلەر بالام ئىنتاھانلار بولسا ھەممىسىگە تىزىملىتىسە، بەرمىسەڭ بولمايدۇ دەپ تۇرۋېلىپ ئىنتاھان بەردىم، لىكىن ئىنتھان ۋاقتىدا ئۇيقۇم كەپ كىتىپ ماقالىنىڭ يېرىمىنى يازماي ئۇخلاپ قالدىم(ئاخشىمى كەچ سائەت ئىككىگىچە كومپيۇتېر ھەققىدىكى ماترىيال كۆرۈپ ياتقان ئىدىم)، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئىنتاھان بىرىشلىرىم بۇۋامنىڭ ئەپەندىم بوپ كەتكىيسە دىگەن دۇئاسىغا ئۇيغۇن كەلمەيتى. شۇڭلاشقا 4-بوپ قېلىپ ئۆتەلمىدىم.
ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھانىغىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلى تىزىملىتىپ قويدۇم، لىكىن مەمۇرلۇق ئىنتھانىغا ئوخشاش تەييارلىقسىزلا ئىنتاھانغا كىردىم، باشقىلار ماترىيال ئېلىپ ئەتتىگەنلەردە كىتاپخانىغا چىقىپ كىتاپ كۆرسە مەن ئاخشامدا ئۆزۈم قىزىققان كىتاپلارنى كۆرۈپ ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرالماي يۈردۈم، ئىنتاھان خىيالىمغا كىرىپ چىقمىغان ئىدى، ئىنتاھاننى بىرىپ بولۇپ ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرۈپ ، ئۈرۈمچىدە بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزەمچە يېڭى تۇرمۇشۇمنى (خىزمىتىمنى) باشلىغان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھانىدىن ئۆتكەنلىك خەۋرى كەلدى، خەۋەرنى ئاڭلاپ كاللامدا «ئۆتسەم نىمە بوپتۇ، بارمايمەن، ئۈرۈمچىدە ئۆزۈم خالىغان خىزمەتنى قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پروگرامما تۈزۈشنى، تور باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن، ئوقۇتقۇچى بولسام كىچىك بالىلارغا كومپيۇتېرنى ئاچ، ياپ دەپ كۈنۈم كەتمەمدۇ؟ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھەممىنى يەپ تۈگتەرمەن» دىگەن خياللار ئەكىس ئىتىۋاتاتتى، ئوقۇتقۇچى بولسام بارلىق ئۈگەنگەنلىرىمنى يەپ كىتىدىغاندەك بۇرۇنقىدەك ئىلگىرلەشلەر، ئۆگۈنۈشلەر، يېڭىلىقلار... دىن ئايرىلىپ قالدىغاندەك قورقۇش ھىسياتىدا ئىدىم، ئۆيدىكىلەرنىڭ پەندى نەسىھەتلىرى قىز دوستۇمنىڭ «ئوغال بالا بولساڭ ئۇيەردا تاشپاقىدەك يېتىۋالماي، ماۋۇ يەرگە كىلىپ يۈز تۇرانە ئىنتاھاندىن ئۆتۈپ ھۆكىمەتنىڭ مائاش كارتىسىنى ئېلىپ، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن پۇتىڭنى بىر قېتىم دەسسەپ قويۇپ نەگە بارساڭ بار، ئەل جامائەت ئالدىدا ئات-ئاناڭنىڭ يۈزىمۇ يۇرۇق بولىدۇ، مەنمۇ ئاتا-ئانامغا ئىقتىدارلىق بولغاچقا ئىنتاھاندىن ئۆتۈپ ئىشلىمەي ئۆزى ئىگلىك تىكلەيدىغان بولدى دىيەلەيمەن، مىنىڭمۇ يۈزۈم يۇرۇق بولىدۇ» دىيىشلىرى مىنى يۇرۇتقا قايتىپ يۈز تۇرانە ئىنتاھانغا قاتنىشىشقا مەجبۇر قىلىدى، كىلىپ ئاتا-ئانامنىڭ چىرايدىكى خۇشاللىقنى كۆرۈپ تەييارلىقسىزلا يۈزتۇرنە ئىنتاھانغا كىرىشكە يۈزۈم چىدىمىدى، نىملا بولسۇن ئاتا-ئانامنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن بولسىمۇ بىر غەيرەت قىلاي، دەرىسنى ياخشى تەييارلاپ پەچەت بىر ئۆتەيكى، بىرىنجى بوپ كىتەي دەپ تىرىشتىم، قىز دوستۇمنىڭ ياردىمىدە(ئۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى) دەرىسنى قانداق ئۆتۈدىغانلىقى، قايسى نوقتىلارغا دىققەت قىلدىغانلقىم ، سورىغان سۇئاللارغا قانداق جاۋاب بىرىشىم لازىملىقى ھەققىدە سوراپ تەييارلىقنى پۇختا قىلدىم، تەييارلىغان دەرسىنى ئۆيدە تامغا قاراپ تالاي قېتىم سۆزلەپ باقتىم، پۈتۈن دەرىس جەريانىنى ئەتتىگەندە تۇرۇپ يادىلىدىم، دوسكا باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىش... دىگەندەك ئىنچىكە نۇقتىلارغىچە ئۈگەندىم.
ئىنتھاننى بەردىم، بۇۋامنىڭ دۇئاسىنىڭ خاسىيىتى ۋە تىرىشچانلىقىم ئاستىدا يۈز تۇرانە ئىنتاھاندىنمۇ ئۆتۈپ كەتتىم، ساغلاملىق تەكشۈرتۈش داۋاملاشماقتا، تونۇش بىلىشلەر بىلەن سالاملار ئىتىشىپ ئۆز ئارا تەبرىكلەشكەچ تەكشۈرتۈشكە قاتناشماقتىمىز، دەل مۇشۇ يەردە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدىغان پاراڭلار بولۇپ قالدى ۋە ئىچىمگە بىر ئوت سالدى.
سەن بۇيەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرۈيسەن؟ سىنى بىر شىركەتلەرنى قۇرۇپ قالارمىكى دەپ ئۈمىد كۈتۈپ يۈرسەك ئوقۇتقۇچى بولۇپ نىمە يۈرۈپسەنغۇ؟ سەن ئۈزۈڭنى تۈگەشتۈرۋالىسەن، ئوقۇتقۇچىلىققا زايا كىتسەم، سەن ياخشىسى ئىگلىك تىكلە، سەنچىلىك ئىقتىدارىم بولسا ماۋۇ نەس باسقان يەردە پالاقشىپ يۈرمەيتىم، راست دەيدۇ ئاداش، نىمە قىلسەن ئىككى تۆتتال مائاشقا ئېسلىۋېلىپ، سەن ئۇنداق پۇلدىن نەچچىنى تاپالايسەن، بىزلەرگە ئامال يوق، سىنىڭكىدەك ھۈنىرىمىز بولسىدى ھەي، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دىگەندەك كەسىپلەردە ھازىر ئوقۇتقۇچى بولمىسا باشقا ئامال يوق، لىكىن كومپيۇتېرچىلارنىڭ دىگەن خىزمەت پۇرسىتى كۆپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن شۇنداق كۆپ نەرسە بىلدىغان تۇرساڭ، نىمە دەپ ئوقۇتقۇچى بولغانسەن دەيمە...
دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇنداق گەپلىرى كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلاتتى، تېخى تورداشلىرىممۇ بار ئىدى، مەن ئوقۇتقۇچى بولدىغان بولدۇم دىسەم، ھەي تالانت ئىگىسىدىن بىرى يۇقالدىدە، ھەي ئىختىساس ئىگىسىدىن بىرى تۈگشىدىغان بولدى، دىيىشلىرى ئىچىمنى بەك ئېچىشتۇراتتى، يېقىن ئاغىنەللىرىمنىڭ يەنە ئىككى يىل بەرداشلىق بىرەلەيسەن، ئىككى يىلدىن كىيىن ئۆيۈم، بالام، كالام دەپ كۈنىڭ كىتىدۇ، ئۆگەنگەنلىرىنىڭنى يەپ بولىسەن، سەن تۈگىشىپ كىتىسەن دىيىشلىرىمۇ بار ئىدى، مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى مەن ئۆزۈمنىڭ ماڭغان يولى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىپ نىشاننى توغرىلىمىسام كۆڭلۈمنى تۇراقلاشتۇرمىسام بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
ھەپتىلىك مەخسۇس تەربىيلىنىشتىن كىيىن ئىشقا چۈشۈپ كىتدىغان گەپ، بوۋامنىڭ ئارزۇلۇق ۋە خاسىيەتلىك دۇئاسى بىلەن ئەپەندى بولىدىغان ، كادىر بولىدىغان بولدۇم، بۇ تەغدىرنى ئەمدى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پالاقشىپ يۈرۈشىمنىڭ ئورنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇندىن ئالتە يىل بۇرۇن بىكتىلىپ بولغان بىر ئىش، بۇنى ئۆزگەرتىشكە ھىچ بولمىغاندا ھازىرچە ئورۇنۇپ بېقىشىمنىڭ ئەھمىيىتى زور ئەمەس.
ئاتا-ئانا رازى خۇدا رازى، ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز بىر كىمنىڭ راۋاج تاپقىنىنى كۆرگەن ئەمەس، شۇنداق بولغان ئىكەن ئارزۇ ئارمانلىرىم ئۈچۈن ئاتا-ئانامنى ئازاپلىماي، ئۇلارنى غەم ئەندىشىگە قويماي، مەن بىر ياخشى ئامالنى تېپىپ چىقىشىم كىرەك، مەن تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىشىم كىرەك، ئەپەندىمچىلىك ئۇنچە يامان دىگۈدەك كەسىپمۇ ئەمەسقۇ؟ ئاناممۇ خانىمغۇ؟ ماڭا ئوخشاش ئۈچ بالىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن ناھايىتى بىر مۇنەۋەر خانىمغۇ؟ مەن نىمىقشا بۇ كەسپىنى قۇبۇل قىلالمىغۇدەكمەن؟ توغرا مەندا نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلار بولغان، توغرا مەن نۇرغۇن دوستلىرىمنىڭ نەزىرىدە ناھايتى تالانتلىق بىر بالا، لىكىن بۇلار ئۆز ئارا زىت ئەمەسقۇ؟ مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماسلىقىم كىرەك، چۈنكى ئارزۇ ئارمانلىرىم مەڭگۈ مىنى ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدۇ، مەڭگۈ ماڭا خۇشاللىق قىلىدۇ. بۇمۇ مىنىڭچە بىر خۇشاللىق ۋەياكى بىر بەخىتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دۇنيادا سەۋەپسىز ئىش بولغان ئەمەس، بۇندىن بۇرۇنقى شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىغا ئىرىشەلمەسلكىم مىنىڭ يېنىپ كىلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشۇمغا سەۋەب بولغانغا ئوخشاش، مىنىڭ ئوقۇتقۇچى بولىشىممۇ مىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر ئورۇنغا چىقىشىمغا سەۋەپ بوپ قالغۇسى، كۆپ ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق...
مانا بۈگۈن مۇشۇ خىياللارنى قىلغاچ بۇندىن ئىلگىرى يىغىپ ساقلاپ قويغان مائارىپىمىز ۋە مائارىپچىللىرىمىز ھەققىدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ چىقتىم. «تارىخىي يۇرت ئاغۇ ۋە ئاغۇلۇقلار»، «ئاغۇ پەرزەنتلىرى»، « ئۆچمەس مەشئەل» ناملىق ئاتۇش ئاغۇدا يېڭى مائارىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىق خاتىرسى قاتارلىق كىتاپلارنى كۆردۈم، يەنە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاغۇ نورۇزى» ناملىق نورۇز پائالىيىتىنىڭ سىن دېسكىسىنى كۆردۈم، بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بىر تەرەپتىن ۋۇجۇدۇمدا يۇرت مۇھەببىتى ئەكىس ئەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مىنى مۇشۇ كۈنگە يەتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىللىرىمنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ بىرخىل مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى قەلبىمنى ئورىۋالدى، ئۇلار مۈكچەيگەن ئىدى، كۆزلىرى ئوقۇغۇچىللىرىنى تونىماس بولغان ئىدى، لىكىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئەۋلاد تەربىيلىگۈسى بار ئىدى، ئاجىزلىشىۋاتقان تىنىگە جەڭ ئېلان قىلغۇسى بار ئىدى، رىيانلىق شۇكى ئۇلار ئەمدى ئوقۇتۇش سەھنىسىگە چىقالمايدىغان بوپ قالغان ئىدى.كىملەر بۇ زىمىننىڭ كەلگۈسىنى يارتىدۇ؟ كىملەر ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىدۇ؟ كىملەر خەلىقى ئۈچۈن يېڭى مائارىپنىڭ 80 يىللىقىنى، 90 يىللىقىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ؟
قۇتبىلىك سەن ھىس قىلدىڭمۇ؟ سەن نۇغۇن ئىشلارنى قىلالايسەن، ھەم قىلىسەن، ئۈمىدسىزلەنمە، سىنىڭ ئۈستىڭگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەرنى دادىل ئۈستىڭگە ئال، قورقما، ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن سەن كۆكلەيسەن، چىن يۈرىكىڭ بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلەنگىن، ئۆز كەسپىڭنى ياخشى قىلىغىن، ھەممە رازى بولغۇدەك ياخشى قىلغىن، ئوقۇغۇچىللىرىڭنى ياخشى تەربىيلىگىن، شۇندقلا ئۆزۈڭنىڭ گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالما، قىلىمەن دىسەڭلا قىلالايسەن، ئىتقادىڭنى ئۇنتۇپ قالمىساڭلار سەن ھامىنى ئۈزۈپ چىقىسەم، ئىسىڭدە بولسۇنكى بۈگۈن سىنىڭ مەغلۇپ بولغان كۈنىڭ ئەمەس بەلكى كەلگۈسىدىكى غەلبە ئۈچۈن ئاساس سالغان بىر كۈنۈڭ.
توغرا سەن ياخشى ئۈگەندىڭ، نۇرغۇنلىغان تېخنىكا ۋە بىلىملەرنى ئۈگەندىڭ، ناھايىتى ئىلغار ئىدىيەلەرنى قۇبۇل قىلدىڭ، مۇشۇ تېخنىكا-بىلىملەر بىلەن مائارىپڭنى گۈللەندۈر، يېڭى ئىدىيەلەر بىلەن يۈرتۇڭدىكى خەلىقلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئويغاتقىن، ئۇلارنى بىلىم مەرىپەتكە يول ئالدۇرغىن، ئۇلارنىڭ مائارىپتىن ۋاز كىچىشىگە ئەمەس مائارىپنى تاللىشىغا سەۋەب بولغىن، ئۇلارنىڭ قەلبىگە يۇرۇق نۇر بولغىن، ئۇنتۇپ قالما ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلار تىكلىگەن روھنى سەن داۋاملاشتۇرسەن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈڭ شاد بولسۇن، قانداق قىيىنچىلىققا يۇلۇقما سەن بەرداشلىق بەرگىن، كۆڭلۈڭنى ئازادە تۇتقىن، بۇۋاڭنىڭ دۇئاسى كەينىدە يەنە قانداق ئىزگۈ تىلەكلەرنىڭ بارلىقىنى ئوبدان ئويلاپ باققىن، سىنى نىمە ئۈچۈن مۇشۇ يولغان باشلىغانلىقىنى ئوبدان ئويلاپ باققىن...
شۇنداق مەيۈسلىنىشكە بولمايدۇ، بىلگەنلىرىمگە مەغرۇرلىنىشقا بولمايدۇ، ئۈگۈنۈشنى توختىتىپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئاتا-ئانامنىڭ ئارمانلىرى ئۈچۈن، گەلگۈسىدىكى بەخىت يېشى تۆكۈلىدىغان ئاشۇ كۈنلەر ئۈچۈن، ئىتقادلىق بىر مائارىپچى بولۇشىم ئۈچۈن، چوڭلاردىن قالغان بۇ مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ مەزمۇت مېڭىشىم ئۈچۈن، بۇۋا يەنە بىر دۇئا قىلىپ بەرسەڭ؟!
بۇۋا يەنە بىر دۇئا قىلىپ بەرسەڭ !
【 ئالدىنقى يازما 】مەن پروگراممىنى قانداق ئۈگەندىم
【 كېيىنكى يازما 】ئاندرويىدنىڭ كارامەتلىرى ۋە بىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى
【 كېيىنكى يازما 】ئاندرويىدنىڭ كارامەتلىرى ۋە بىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى
نۆۋەتتە 7 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 5 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە
مانا، مانا، مانا…
يېقىن كەلگۈسىدە مائارىپىمىزدا زور ئۆزگۈرۈش بولىدىغان ئوخشايدۇ.
شۇنداق ئۆزگۈرۈش ياسايدىغان يەرگىمۇ كەپ قالغان، يىتىشمىگەن يەرگە سىزدەك پىشقان مائارىپچىنى تەكلىپ قىلىمىز ، ئەلۋەتتە يۇقىرى مائاش بىلەن!
bu mu bop tu adax likin elimi bulum siyasi bulum diganlarga hargiz yekin kalma arhip bilan kuning katmsun sangga amat tilayman
qutbilik apandim yah ximu siz? android sestimlik tilfun larning uygurqa rom qikti dap bazi tor batlar da elan kildi . sizdin sorap baksam samsung(i9020)bu tlfunga mas kal gudak uygurqa rom barmu? bulsa blogingiz ga uqur kal durup koysingiz boptikan.
كەچۈرۈڭ، بۇ تېلېفونغا روم ياسالغانلىق خەۋرىنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم، لىكىن ھەۋەسكار دوستلار ئىزچىل تېرىشىۋاتىدۇ. بىرلىكتە ساقلاپ باقايلى!
ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟بۇ توربەت بەك ياخشى بولۇپتۇ بۇنداق توربەتلەرنى داۋاملىك لايىلىشىگىزنى ئۈمۈت كىلىمەن
سىزنىڭ بۇ ھەرگىز مۇ ئوقۇتقۇچ بولماسمەن دىگەن خىيالىڭىز مەندىمۇ ھازىرغىچە بار،قەشقەر دىكى شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق خىزمىتىنى تولا كۆرگەچ (مىنىڭ ئاپاممۇ ئوقۇتقۇچى)ھەرگىزمۇ بۇ كەسىپكە يىقىن يولىغىم يوق،بولسا .كەسپىم كومپيۇتىر بىلەنلا بەند بولۇپ ئۆتكۇملا بار….ئەمما كىلەر يىلى مەنمۇ سىزدەك تاللاشقا دۇچار بولىمەن…:mrgreen: