توردۇنياسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆز ئارا ئوغۇرلاش ۋە تەقلىدلەش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ زادى كىمنىڭ ھەقىقى ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس بوپ كەتتى، بىز ئىلگىرى خەقلەرنى دورىغانلارنى دورامچۇق، ئوغۇرلىغانلارنى ئوغرى ئاتاپ كەلدۇق، بۈگۈن تور ئارالاۋىتىپ شۇنداق ئىسىل بىر پروگراممىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاداشلارغا خەت يېزىپ ئاۋۇ پروگرامماڭنى سېتىپ بەر دىسەم تۈزۈتمۇ قىلماي ياق دەيدۇ، شۇنداق بىر ئاچچىغىم كەلدى دە، خەپ گۇي، سەن قىلغاننى بىز قىلالماسمىزمۇ، مەن بىر تىرىشىپ كۆرەي دەپ ماۋۇ تېمىنى يوللاۋاتىمەن، بۇ پروگرامما راست ياخشى بولۇپ، بىزدە يوق پروگرامما، بىز بۇنى ياسىيالايمىز، گەپ بىزنىڭ ھەمكارلىشالىمىزدا…
نەق گەپكە كەلسەم بۇنى ئەمدى ئوغۇرلىشىمىز كىرەك، يەنى تەقلىدلەپ تۇرۇپ پروگراممىسىنى يېزىشىمىز كىرەك، مەن بۇ پروگراممىنى كۈزۈتۈپ باقتىم، ئۇنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق، تورداشلار ياخشى كۆرگەن مەزمۇن بار تور بىكەت يۈزىدە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۇنۇپكىنى چىكىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۇ تور بىكەت ئادىرىسى بىزنىڭ پروگراممىغا يوللىنىدۇ، بىزنىڭ پروگرامما (ئەلۋەتتە JS) بۇ ئادرىسنىڭ بەت يۈزىنى رەسىمگە تارتىدۇ، ئاندىن مەزمۇندىن ئۈزۈندە ئالىدۇ، مەزمۇننىڭ تېمىسىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۆت قىممەتنى ساندانغا يوللايدۇ(پروگراممنىڭ ئابونىت قىسمى ئاخىرلاشتى).
ئەمدى بىزدە بىر توربەت بار بولۇپ بۇ بىكەت ئاۋۇ ساندانغا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىش رولىنى ئۈتەيدۇ، سانداندىن كەلگەن تېمىنى ئاندىن ئۈزۈندىنى يەنە ئۇنىڭ ئاستىغا ئاشۇ بەتنى تارتىۋالغان رەسىمىنى يوللاپ چىقىرىدۇ، بۇ تورنى كۆرگۈچىلەر بىرلا قاراپ تور بەتتە قاندق مەزمۇن بارلىقىنى بىلەلەيدۇ ۋە قىزىقسا كىرىپ كۆرىدۇ، بۇنىڭغا يەنە خەتكۈچ ئىقتىدارى، ئەگىشىش ئىقتىدارى قېتىلسا پەچەت بوپ كىتىدۇ.
تېخنىكا جەھەتتىن مۇنداق: PHP دا ئادرىسقا ئاساسەن ئاشۇ بەتنىڭ رەسىمىنى تارتىپ بىرىدىغان فۇنكىسىيە بارغۇ دەيمەن، ئوكەي، رەسىمنى تۇتتۇق، يەنە ئاشۇ بەتنى تەتقىق قىلىپ تايتېل دەپ بىر يىرىدىن ماقالىنىڭ تېمىسىنى ئالغىنى بولىدۇ، ئوكەي، تېما كەلدى.
ئوخشاش ئۇسۇلدا مەزمۇننىمۇ ئالغىنى بولىدۇ، ئوكەي…
پروگرامما ئاخىرالاشتى، مەن خېلى ئوبدان چۈشەندۈردۈم دەپ ئويلايمەن، قالغان پىكىرلارنى سىلەردىن ئاڭلاپ باقاي.
قانداق ماۋۇ پروگراممىنى تۈزسەك بولامدىكەن، ئەگەر مۇشۇ پروگرامما ئىشلىتىلگەن تور بەتنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز …
قۇت بلوگنى تور بىتىڭىزگە دوستانە ئۇلانما قىلىپ قويۇڭ! ئاندىن دەپ بىرىمەن.(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
ئەمىسە ماڭا دەپ بېرىڭ…
مانا ماۋۇ بىكەت : http://ikeepu.com/ ھەقىقەتەنمۇ پەچەت.
بولىدىكەن راست، مەن قىزىقتىم!
بەگ ئاغىنىەم ئۆزىنىڭ بلوگ گە ئۇشبۇ تىخنىكىنى ئۆزلەشتۇردۇمۇ قايدا؟؟؟ ماڭا شۇنداق بىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ،دىسە…