نۇرغۇنلىغان دوستلارنى فېيسبوك دىگەننى ئاڭلاپ باققان، ئاۋام تورىنى ئىشلىتىپ باققان، لىكىن ماۋۇ ۋاي ۋۇي ئالاقە تورىنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولغىيتى، بۇ قارلۇق شىركىتى باشقۇرشىدىكى ئىجدىمائىي ئالاقە تورى بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشقان، يەنە دوستلار ياخشى كۆرىدىغان چارۋىچىلىق مەيدانى، دىھقانچىلىق مەيدانى، بىلىق بېقىش دىگەندەك ئويۇنلار تەمىنلەنگەن بولۇپ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇئال-جاۋاب سەھىپىسىمۇ قېتىلغان بولۇپ قىزغىن مۇنازىرىلەرنى شەكىللەندۈرگىنى بولىدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ چوڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ بىكەتنىڭ ئىچكى پاراڭلىشش دىتالى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ بىكەت ئىچىدىكى دوستلار بىلەن ئانا تىلدا راۋان ھالدا ئالاقە ئېلىپ بارغىنى بولىدۇ.
تۈۋەندە ۋاي ۋوي تورىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە رەسىم بىرىلدى.
ۋاي ۋۇي تورى ئادىرىسى : ۋاي ۋۇي دوت كوم www.waywuy.com
مەن بايا تىزىملىتىپ سىناپ باقتىم.بۇ تولىمۇ ياخشى بولۇپتۇ ،بۇرۇنمۇ بىرقانچىسى چىققان، بۇنىڭ بۇرۇنقىلىرىدەك توختاپ قالماي مۇقىم تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.سىز قارلۇق شىركىتىنىڭ دەپسىز ،راسىتمۇيا؟
بۇ بىكەت توختاپ قالىدىغان توربەتلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئالغان قەدەملىرى شۇنچىلىك مەزمۇت، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، قارلۇقنىڭ ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ؟
بۇنىڭغا يەنە ئىسپات كىرەكمۇ؟
مەن ئەمدى بايقاپتىمەن،بىر مەزگىل كۈزۈتۈپ باقايچۇ!
تىزىملىتىپ كىرىپ سىناپ بېقىڭ، بوپ قالىدىغان چىراي…
Men peqet tizimlitalmidim ….
ئەمسە ئاۋال گۈدۈككە تىزىملىتىڭ!