ئاندرويىد 4.0 نىڭ ئەسلى كودى ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن گۈرۈچفون گۇرۇپپىسى خېلى تىز تۇتۇش قىپتۇ، ۋە ئىككىنجى ئەۋلاد گۈرۈچفون M2 نى لايىھەلەپ چىقىپتۇ، تۈۋەندە بىز بۇ تېلېفونىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ باقىلى:
ئىكران چوڭلىقى: 4.6 سۇڭلۇق سەزمە ئىكران
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: 2.5GHz
RAM (ئەسلەك): 2.5گىگابايىت
ROM(ھۆججەت ساقلاش بوشلىقى):32 گىگابايىت
ئالدى كامىرا: 5 مىليون پىكسىل
ئارقا كامىرا: 12 مىليون پىكسىل
سىستېما نەشىرى: ئاندرويىد 4.0
باھاسى : 2499 سوم خەلىق پۇلى
شۇنداق دىيىشكە بولۇدىكى بۇ ناھايىتى قالتىس بولغان سەپلىمە ۋە باھا، ئەمدى گەپ M2 دىكى ئۇيغۇرچىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىدە قالدى.
قۇت بلوگ M2 گە دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغۇسى...
كاساپەت،، پۇل بولسا ھە ….
مەسىلە شۇ پۇلدا بولاۋاتىدۇ ھازىر، شۇ پۇل يوق بىرەر ئاندرويىد تېلېفونمۇ يوق، 模拟器 غا قاراپ ئولتۇرغىنى خېلى بوپ قالدى، يىغلىۋتىمەن جۇمۇ ھىلى باكا، ماۋۇ پۇلنىڭ گىپىنى دىيىشمەيلى!
سەپلىمىلىرى خېلى ئېسىل تۇرىدۇ. لېكىن يەنە ئېلىكتىر قارشىلىقلىق ئېكران (电阻屏) ئىشلىتەمدىغاندۇ؟؟؟
چەكمە ئىكران ئەمەستۇ ھەرقانچە بولسىمۇ، ئىسسىقلىق سىزدىغان، كۆپ نوقتا چىكىشنى قوللايدىغان ئىكراننى نىمە ئىكران دەيدۇ، ھېلقى iphone لارغا ئىشلىتىدىغىنىنى، مىنىڭچە شۇمىكىن دەيمەن، مۇشۇ 电容 بىلەن 电阻 نى دائىملا ئالماشتۇرۇپ قويىمەن. خاتالاشمىغان بولسام چوقۇم 电容 .
قۇتبىلىك ھاجىم ! مۇئاشلىق بۇلۇپ يەنە پۇلۇم يوق دەيسەنغۇ..مەن تېخى بۇ ۋاققىچە ئاندرويىد تېلفوندىن بىر نەچچىنى ئېلىپ تەتقىقات قىلۋاتامدىكىن دەپتىمەن سېنى…ھا ھا ھا ..
كىچىلىرى ئۇخلىماي بلوگكەشلىك قىلىپ يۈرۈپسەندە يەنە…
بلوگكەشلىك دىمەيمىز، ماندا ئىلمىي يۇسۇندا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش دەيمىز. شۇ ئاداش پۇلنى ئاتا-ئانامغا بىرىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالدىم، بىرەر ئىككى مىڭ سومغا تېلېفون ئالغاندىن ئانام بىلەن دادامغا بەرگىنىم بەلەن بولدىكەن، جان بولسا جاھان ئاداش، سەل ئېشىنغاندا ئۇنىمۇ ئالىمەن، ھازىر پۇل تەلەپ قىلمايدىغان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.
بازارغا سېلنىش ۋاقتى ھەققىدە ئۇچۇر بارمىكەن. ئىكران سەل چوڭدەك قىلىدۇ كاساپەت
بۇ تېلىفۇننىڭ گېپىنى جىق ئاڭلاپ كەتتىم. M1 نى ئىشلىتىش نىسىپ بولماي M2 چىقىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار تېز يېڭىلىنىدۇ دېسە. ئەينى چاغدا G1 چىققاندان بەك ئالغۇم كەلگەن، ھازىر قارىسام G20 مۇ چىقىپ بولغان ئوخشايدۇ. مېنىڭ تېخىچە تېلىفۇنۇم يوق …
گۈرۈچنىڭ M1 نى ئەمدى قولغا ئېلىپ تۇرۇشۇمغا نېمە گەپ بوپ كەتتى بۇ.
ماۋۇ چىقىدىغىنى قولدىكىنى بىر قاتلايدىكەنغۇ؟ نېمە ئەرزانچىلىق