ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇيغۇرچە ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىد سىستېملىق يانفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنى ئۇيغۇرچە ئاندرويىد 19دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 7,462+

ئالدىنقى كۈنى Android سىستېمىلىق يانفوندا Root ھوقۇقىغا ئېرىشىش دېگەن تېمامدا دېگىنىمدەك بۈگۈن مەن Android سىستېمىلىق يانفونلارغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش ۋە نورمال تونۇتۇشنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن. ئەلۋەتتە مەنمۇ يېڭى ھەممە ئىشلارنى ئۆزۈم بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ ھەل قىلغان ئۇسۇل بويىچە تونۇشتۇرۋاتىمەن، بىلىدىغانلار خاتا بولسا مازاق قىلماي تەكلىپ بەرسەڭلار بىلمەيدىغانلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىۋالساڭلار بولىدۇ.
مەنمۇ بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاپ بىر قىسىم جايلىرى كاتەك چىقىۋالغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇنى ھەل قىلالماي بىلىككە تېما يوللىغانىدىم كېيىن fire827 ئەپەندىمنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدىم. ھەل قىلىش جەريانىمنى تونۇشتۇرۇپ چىقاي.
ئالدى بىلەن سىز ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى يەنى مەخسۇس يانفوندا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىشىڭىز كېرەك.
Alp_Yanfon خەت نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ( قۇتيار تورىدىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ، بولمىدى)

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن (چوقۇم ئۈستىدىكى تېمىدا دېيىلگەندەك Root ھوقۇقىغا ئېرىشپ بولۇپ ئاندىن قىلىسىز بۇ مەشغۇلاتلارنى) سىز 91 يانفون ياردەمچىسى دېتالى ئارقىلىق (ئەلۋەتتە يانفونىڭىزنىڭ SD كارتىسىنى چىقىرىپ كۆچۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمما ئاۋۇ دېتالدا قىلسىڭىز بىر قەدەر ئىشەنچىلىكراق) بۇ خەت نۇسخىسىنى SD كارتىڭىزدىكى My Documents دېگەن قىسقۇچقا كۆچۈرىسىز. يەنى تۆۋەندىكىدەك مە شغۇلات قىلىڭ:
91 يانفون ياردەمچىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى ھۆججەت باشقۇرۇشنى بېسىپ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجەكتىكى ئارخىپىم دېگەن خەتنى باسىمىز:

1 2

ھەمدە شۇ يەرگە ئەكەپ مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بىز چۈشۈرۋالغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىىسنى ئۇ يەرگە ئەكىرىمىز. ئەمدى يانفوننى قولغا ئېلىپ بۇنى ئەسلى يانفون فونتىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇۋېتىمىز. ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
ئالدى بىلەن Root باشقۇرغۇچىغا كىرىپ ئۇ يەردىن sdcard دېگەن قىسقۇچقا كىرىمىز ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەردىن My Documents دېگەن قىسقۇچنى تېپىپ بىز قاچىلىغان خەت نۇسخىسىنى تېپىپ شۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ بىردەم بېسىپ تۇرساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ:

3

4

بۇ يەردىن كۆچۈرۈشنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز يەنى قايتىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Root باشقۇرغۇچى بېتىگە قايتىپ ئۇ يەردىن system دېگەن قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى fonts قىسقۇچىغا كىرىمىز، رەسىمدىكىدەك:

5

ئاندىن كېيىن چاپلاشنى باسىمىز ئەمما بىر ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ چۈنكى سىز تېخى يېزىش ھوقۇقىنى بەرمىدىڭىز، شۇڭا سىز ئەڭ ئۈستىدىكى قايتىدىن يېزىش ۋە ئوقۇشنى يۈكلەش دېگەن يەرنى بېسىۋېتىسىز؛

6

77

دېمەك ئەمدى سىز خالىغانچە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى كۆچۈرۈپ بولۇپ كۆچۈرگەن خەت نۇسخىسىنى بېسىپ تۇرسىڭىز يەنە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.

8

بۇ ئەڭ مۇھىم باسقۇچ، مەنمۇ مۇشۇ يەرنى بىلمەي ئىككى قېتىم سىستېما قاچىلىغان. سىز بۇ يەردىن ھوقۇق تۈرىنى تاللايسىز ۋە تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلارنى تەڭشەيسىز.

دېمەك بۇ يەرىدىن ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىجرا بولۇش ھوقۇقلىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن يانفونىڭىزنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىسىز، ئىش تامام.

9 

قانداق ئەمدى ئۇنداق كاتەك چىقىۋالمىغاندۇ؟ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى نورمال كۆرەلىگەنسىز؟ ھى ھى دېمەك بۇئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى ئەمدى خاتىرجەم ئىشلىرىڭىزنى قىلسىڭىز بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 19 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 12 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 7 دانە

  1. umit2005 : 2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنى10:22:11  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئويغۇرچە خەتلەرنى ئوڭدىن سولغا ئۈزۈلمەي چىقىدىغان قىلىش قاتارلىق مەزمونلارنى قاچان تۇنۇشتۇرىسىز. مەن خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش باسقۇچلىرىنى قىلىپ بۈلغان.

  2. قۇتبىلىك : 2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنى14:58:25  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تېلېفۇنىڭىزدا ئۇيغۇرچە خەتلەر قانداق چىقىدۇ؟ يوللاپ باقامسىز؟

  3. ۋارىس : 2011-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنى15:25:01  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن كۆرسەتمە بويىچە ھەممىنى مۇۋەپپىقيەتلىك قىلغان . لىكىن خەت يېزىپ بوش ئورۇن قويغاندىلا بىر سۆزلۈك ئاجرىلىپ ھەرپ شەكلىدە بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنى قانداق ئوڭشىلغىلى بۇلار؟SeederDictغا قاچىلغان ئۇيغۇرچەمۇ سولدىن ئوڭغاكۆرۈنۈپ قاپتۇ .ئامالسىز لاتىن يېزىقى شەكلىنى ئىشلىتىۋاتىمەن

  4. پاسىبان : 2011-يىلى05-ئاينىڭ17-كۈنى08:07:17  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مېنىڭ تېلىفۇنۇم hTC-G7 بولۇپ، 91 يانفون ياردەمچىسىگە تونۇتالمىدىم. z4rootئارقىلىق يەشكەن ئىدىم، تېلىفۇن قايتا قوزغالغاندىن كېيىن ھېچ بىر ئۆزگىرىشنى بىلەلمىدىم.

  5. sardar : 2011-يىلى05-ئاينىڭ19-كۈنى08:08:00  -45 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇپ بولدۇم ئەمما تور بەت كۆرگەندە ى ھەرپى ئۇلاشماي چىقىۋاتىدۇ. مىنىڭ تىلفۇنىمنىمۇ 91 تىلفۇن ياردەمچىسى تونۇمايۋاتىدۇ. huawei c8500 ئىدى.

  6. nurjan567 : 2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنى17:20:18  -44 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇپ بولدۇم ئەمما تور بەت كۆرگەندە ى ھەرپى ئۇلاشماي چىقىۋاتىدۇ. مىنىڭ تىلفۇنىمنىمۇ 91 تىلفۇن ياردەمچىسى تونۇمايۋاتىدۇ. huawei u8120 ئىدى.

  7. Jurat : 2011-يىلى07-ئاينىڭ04-كۈنى00:02:26  -43 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ھەممىسىنى سىز قىلغاندەك قىلغان ئىدىم ، ئەمما خەنزۇچە خەت لەر كاتەكچە چىقىۋالدى،ئۇقۇش يېزىش ھۇقۇقىنى بەرگىلى بولمىدى. قانداق قىلسام بەرگىلى بۇلدۇ ؟qq:387862015

  8. بىلىملەر تورى : 2011-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنى11:50:38  -42 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    91 دىگەن ئاداش كارتامنى تۇنىماي تۇرىۋالدى، خەت نۇسقىسىنى تېلفۇندا كۆچۈرگىلى بولماسمۇ؟

  9. Uyson : 2011-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى13:18:38  -41 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن خەت نۇسقىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىدىم. لېكىن uc تور كۆگۈچىسىدە خەتلەر باغلانمىدى. مۇ تور كۆگۈچنىڭ مەسىلىسىمۇ قانداق؟
    ئاخىرىدا خەت نۇسقىسى ۋە دەرىسلىك تەمىنلىگەنلىكىڭلەرگە رەخمەت! ئاللا ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن!

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى14:44:07 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      UC نى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن. تەجىربىلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. كەپ تۇرارسىز…

      • Uyson : 2011-يىلى10-ئاينىڭ26-كۈنى01:51:43 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

        كەپ تۇردۇق مانا. بېكەتنى بەزى جايلىرىنىڭ CSS نى تەڭشىسەك بولغىدەك

  10. james : 2012-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنى15:57:29  -40 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ھەممىسىنى سىز قىلغاندەك قىلغان ئىدىم ، ئەممائۇقۇش يېزىش ھۇقۇقىنى بەرگىلى بولمىدى. قانداق قىلسام بەرگىلى بۇلدۇ ؟qq:591322626 :cry:

  11. ش.ئە.ئۇيغۇرى : 2012-يىلى02-ئاينىڭ27-كۈنى12:39:15  -39 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ياخشىمۇسىز، مەن يېقىندا sony ericsson نىڭ تېلېفونىدىن بىرنى ئالغئانىدىم، سىستېمىنىڭ ئۆزى ئۇيغۈرچىنى ياخشى تۇنۇيدىكەن، ئەمما خەت نۇسخىسى ئانچە چىرايلىق ئەمەسكەن، بۇنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟

    • قۇتبىلىك : 2012-يىلى02-ئاينىڭ27-كۈنى13:11:12 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      بولىدۇ، روت ھوقۇقىغا ئىرىشىپ بولغاندىكىن كىيىن خەت نۇسخىسىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ.

  12. sawda007 : 2012-يىلى04-ئاينىڭ17-كۈنى11:04:25  -38 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مىنىڭ تىلاۇنۇمنۇمنىڭ systemغا تىلاۇندىن زىيارەت قىلغىلى بولمايدىكەن مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟؟ئ

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟