بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئاندرويىد 3.1 نى سىناشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئىلگىرىكى نەشىردىكى ئاندرويىد سىستېمىلارغا قارىغاندا كۆرۈنمە يۈزجەھەتتە زور ئىلگىرلەش بولۇپلا قالماي قوللىنىش جەھەتتىن تەبلېت كومپيۇتېرلارغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇلغان. باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپ سۆزلىمەي، بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالاھىدىكلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرچىنى قوللاش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتىلى، ئاۋال كۆردىغىنىمىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى قاچىلانمىغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشلەر بولۇپ تور كۆرگۈچ ئۈچۈن سىستېما ئۆزى تەمىنلىگەن تور كۆرگۈچ ئىشلىتىلدى.
بىلىك تورىنىڭ ھالى سەل خاراپ كۆرىنىپ قاپتۇ، بۇنىڭغا ھەرساھە ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلدىغانلىقى ئېنىق.
ماۋۇ يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بىلوگى يېڭى يۈكسىلىش دەۋرىدە CSS كە تازا كۆڭۈل بۆلەلمەي قاپتۇ. لىكىن ئۇيغۇرچىنى پەچەت قوللاپ قويۇپتۇ كاساپەت بلوگى.
ماۋۇ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بىكىتى كومپيۇتېردا كۆرسە قالايمىقانلا كۆرنىدىغان، ماۋۇ ئاندرويىد سىستېمىسىدا كۆرسە باشقىچە چىرايلىق كۆرنىدىكەن، ئۇيغۇرچىنى قوللاش ئەھۋالى 100 نۇمۇر.
تور خۇماردا زادى توربىكەتلەرنىڭ ئالدى جۇمۇ، ئۇيغۇرچىنى قوللاش ئەھۋالى بەت يۈزى نورمال.
ۋوي بۇ نىمە سەتچىلىك، قۇتبلوگىدا ئۇيغۇرچىنى قوللاش ئەمەلگە ئاشماپتىغۇ؟ ماۋۇ قۇتبىلىك ئاخۇن مۇڭلانجاننى خاپا قىلىپ قويغاندىن بېرى ئىشلىرى پەقەت ئىلگىرى باسمايۋاتىدۇ دىسە!
مانا مۇڭلانجاننىڭ ئايغى تەككەن يەردىن گۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ، قاراڭلار ماۋۇ بەتنىڭ چىرايلىق چىققىنىغا…
كۈلكە ئەپەندىنىڭ رەڭ سىزىمىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىگە قول قويماي بولمايدۇ.
ئۇيغۇر بلوگچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ئۇز بلوگ. كۆرۈنمە يۈزىنىڭ چىرايلىقلىقى ۋە ئاندرويىد سۇپىسىدىمۇ چوڭ سۈپەت ئىسىلزادىلىقىنى ساقلاپ تۇرغىنىنى قارىمامدىغان، ھەقىقەتەن ئىسىل بىكەت.
خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان ھالەتتە ئۇيغۇرچە بىرقىسىم بىكەتلەرنى كۆرۈپ چىقىش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، خۇلاسە تۈۋەندىكىدەك:
بىرقىسىم بىكەتلەردە ئۇيغۇرچىنى قوللاش ياخشى بولمىغان، سەۋەبى مۇڭلان ئەپەندى ئوتتۇرغا قويغان بىرقانچە خىل توركۆرگۈچتە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش تېخنىكىسىنى ئىشلەتمىگەن، بۇنداق بىكەتلەرگە سىلىق تەلىم تەربىيە قىلىش، گەپ ئاڭلىمىسا قاتتىق نان تاشلاپ بىرىپ ئاچ قويۇش جازاسى بىرىپ تىزدىن ئۆزگەرتىشكە تەشكىنلەش ھەم شۇنداق بولغاندىلا ئاندرويىد ئىشلەتكۈچىللىرىنىڭ قوللىشىغا ۋە سازاۋەر بولغىنى بولدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش كىرەك. ئۇيغۇرچىنى قوللىغان بىكەتلەرگە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاندرويىد ئۈسكىنىللىرىدىمۇ نورمال كۆرنىشى ئۈچۈن قىلغان ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىش كىرەك.
قۇت بلوگىمىز ئاندرويىدنى تەتقىق قىلىۋاتقان كەسپىي بىلوگ بولغاچقا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز بىكىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللاش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز لازىم ئىدى، تور جەھەتتىكى تېخنىكىمىزنىڭ تازا مۇككەل بولماسلىقى تۈپەيلى ئىشلار چالا بوپ قاپتۇ، ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللاتقان ئۇستاز بىكەتلەرنىڭ كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
ئاندرويىد 3.1 گە قاچىلانغان دىتاللار، ئاۋۇ قۇت كۆرگۈ نورمال قوزغالمىدى، كىيىن تەكشۈرەي….
قۇت بلوگىدكى ماۋۇ ماقالە نورمال كۆرۈندى، لىكىن ئە ھەرىپى كاتەك چىقۋالدى، چوقۇم خەت نۇسخىسىنىڭ ئىشى…
ماۋۇ ئۇيغۇرچە خەتكە دىققەت قىلغان بولسىڭىز ئى ھەرپىنىڭ باغلاشمىغانلىقىنى بايقايسىز… كونا كىسەل.
بىلىكمۇ ھەم ئەسلىگە كەلدى، لىكىن يەنە شۇ ئە ھەرىپى… خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ بىر سىناپ باقاي ھە.
دىمەكچى گوگېل شىركىتىدىكى ئاغىنىللىرىمىز بىزنىڭ يېزىقىمىزدىكى ئە ۋە ئى ھەرپىنىڭ كودىنى بىلمەيدىكەن، بىرەر پارچە خەت يېزىپ دەپ قويدىغان ئىشمىكىن دەپ ئويلىدىم، ئۇنىمۇ قىلىپ باقارمىز ھە!!
بۈگۈنكى تەسىرات مۇشۇ يەردە تامام.
بۇ سىناق تېلفۇندا ئېلىپ بېرىلدىمۇ ياكى تاختاي كومپىيۇتېردىمۇ ؟؟؟ بولسا كۆرۈنمە يۈزىلىرىنىمۇ مۇنداق بىر ئاشكارىلاپ قويماپسىز …
بۇ تاختا كومپيۇتېر. كۆرۈنمە يۈزىنى توردىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز. 3.1 قاچىلانغان ئاندرويىدلىق تاختا كومپيۇتېردىن پەقەت مۇشۇ خىلى بارمىكىن دەيمەن.
ئاندرويىد 3.1 نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى بولسا تەمىنلەپ بىرەمسىز ؟ قاچىلاپ سىناپ باقىلى .يانفۇنۇمنىڭ ھازىرقى سىستىمىسى 2.2 ئىدى .
ئۇنىڭ روم سىنىڭ تارقىتىلغانلىقىدىن خەۋرىم يوق ئىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مەن i9108samsung دىن بىرنى ئالغان .ئاندىروئىد 2.3 لىك پەقەت ئۇيغۇرچە تور بەتنى ئوچۇق كورگىنى بولمايدۇ . ئۇيغۇرچە ھوجەت قاچىلىسا نورمال كۆرۇنمەدۇ . wzip,sis,jad … ھوجەتلەرنى ئاچالمايدۇ . ياردەم قىلساڭلار. qq983963066