ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >تور دۇنياسى> مەزمۇنى
ئۇيغۇر بىكەتلىرىگە Open ID ئارقىلىق كىرىش
2011-يىلى01-ئاينىڭ25-كۈنى تور دۇنياسى 15دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 2,139+


ھەممىمىزگە مەلۇم دىسكازنىڭ ئېچىش ھوقۇقۇنى تېڭشۇن سېتۋالغاندىن كىيىن تۇنجى قىلغان ئىشى چ چ نۇمۇرى ئارقىلىق دىسكاز سىستېمىسىغا بىۋاستە كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىنى بولدى. بۇنىڭ بىزلەرگە قانچىلىك مەنپەت ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لىكىن بۇخىل چ چ ئارقىلىق مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىشتىن گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىشنى كۆپ ئەۋزەل ۋە بىخەتەر كۆرىمەن.
ئۇنداقتا راستىنلا ئۇيغۇرچە دىسكاز سىستىمىسى ئىشلەتكەن توربەتلەرگە Goole Open ID ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان قىلغىنى بولامدۇ؟

ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن بۇرۇنقى يازمىللىرىمدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك گوگېلنىڭ تەمىنلىگەن ئېچىش ئېغىزى ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى بولىدۇ. بۇنىڭغا تۈۋەندىكى توربەت مىسالى بولالايدۇ.

http://www.oschina.net/

بۇ توربەتكە سىز گوگېل ئابونىت نۇمۇرى ئارقىلىقلا تىزىملاتماي بىۋاستە كىرىپ كىتەلەيسىز، تىما يوللىيالايسىز،ئىنكاس يازالايسز، باش سۈرىتىڭىزنى ئوخشاش قىلالايسز...
خوش تېخنىكا جەھەتتىنغۇ كىرگىلى قىلغىنى بولىدىكەن، لىكىن بۇنىڭ بىزگە نىمە ئەھمىيىتى؟ چ چ ئارقىلىق كىرگەن بىلەن نىمە پەرقى بار؟
بۈگۈنكى بۇ تىمىمۇ مەخسۇس مۇشۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىش توغرىسىدا يېزىلغان، سىز تۈۋەندىكى گوگېل ھەققىدىكى ماختاشلىرىمنى ئاڭلىسىڭىزلا قانچىلىك ئەھمىيتىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلالايسىز.
1-بىخەتەرلىك
گوگېلنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ چ چ دىن ياكى جوڭگۇ تەۋەسىدىكى باشقا تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭكىدىن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى پەقەت گوگېلنىڭ ئېلخەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باقسىڭىزلا كۇپايە.
2-تەرەققىيات ئىستىقبالى
گوگېل قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ساھەدە يېڭىلىق يارتىپ توختىماستىن ئىلگەرلەۋەتىدۇ، لىكىن چ چ نىڭ ئىگىسى بولغان تېڭشۇنچۇ؟
3-تەمىنلىگەن مۇلازىمەتلەرنىڭ ئىلغارلىقى
گوگېلنىڭ ئېلان مۇلازىمىتى، ئېلخەت مۇلازىمىتى، پاراڭ دىتالى، سىن مۇلازىمىتى، رەسىم مۇلازىمىتى، بىلوگ مۇلازىمىتى، ھۆججەت مۇلازىمىتى، كود مۇلازىمىتى، تېلېفۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ يىلدىن يىلغا ئىلغارلىشىپ خەلىققە قولايلىق ئېلىپ كىلۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.
4-پۈتۈن يەرشارى خاراكتىرلىك بولغانلىقى
گوگېلنىڭ پۈتۈن خەلىقئارا نەچچە يۈزلىگەن تىللاردا، نەچچە يۈزلىگەن دۆلەتلەرگە ئەلا مۇلازىمەت تەمىنلەۋەتقانلىقىنى بىز كۆرىۋاتمىز.
5-ئىشلىتىدىغان ئابونىتلىرىنىڭ خەلىقئارادا كۆپ ئىكەنلىكى
جوڭگۇدا چ چ ئىشلىتىۋاتقانلار ھەقىقەتەن كۆپ، چەتئەلدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەردىن تارتىپ ئاددىي پىروگرامما ئاچقۇچىلار، پۇخرالارغىچە گوگېلنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەيدىغانلار ناھايىتى ئاز،مەنچە گوگېلنىڭ ھەقىقى ئىلغار بولغان مۇلازىمىتىنى ھىس قىلغان ھەربىر كىشى چ چ ئىشلەتمەسلىككە جۈرئەت قىلالايدۇ.
6-مۇلازىمەت دائىرسىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى
جوڭگۇدا تېڭشۇن شىركىتى بارلىق ساھەلەرنى مونوپول قىلىشقا ئالدىراۋاتىدۇ، لىكىن توغرا يول بىلەن ئەمەس، خەقنىڭكىنى كىلونلاش يولى بىلەن، بۇخىل ناتوغرا رىقابەت، يېڭىلىق يارتىشقا تايانماي تەرەققى قىلدىغان بۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمەت دائىرسىنڭى قانچىلىك بولىشى قانچىلىك چوڭ بولىشى بىزگە كۆپ پايدا بىرەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئىشەنچى تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ، بۇنىڭغا گوگېلنى سېلىشتۇرساق ياسىغان بارلىققا كەلتۈرگەن نۇرغۇن مۇلازىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ئىزچىل يېڭىلىق يارتىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئىنساننى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز.
7-ھەرقايسى مۇلازىمەتلىرىگە ئېچىش ئېغزى قالدۇرغانلىقى
مانا بۇ بىزدەك تەكلىماكاندا ئەڭ ئالى تېخنىكىلاردىن ۋاقتىنچە قۇرۇق قېلىۋاتقانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ئىسىل سوۋغا، چۈنكى بىز بۇ سوۋغا ئارقىلىق ئىلگىرلەش سۈرئىتىمىزنى تىزلەشتۈرەلەيمىز، ھەممىنى نۆلدىن باشلاشنىڭ ئورنى يوق، نۇرغۇنلىغان ئىسىل تېخنىلار باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى قايتا يارتىش ئارقىلىق بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ يېڭىلىق يارتىش ئارقىلىق ھۇجۇتقا چىققان.
8-ئېلخەت مۇلازىمىتى ۋە پاراڭ دىتالى، تور كۆرگۈسى...ئۇيغۇرچىنى يەكلىمەيدىغانلىقى
بۇمۇ بىزگە بىرىلگەن بىز خالىغاندا ئىشلىتىپ سىناپ باقساق بولىدىغان پاكىز، ئىشەنچىلىك، ئانا تىلنىڭ، يېزىقىمىزنىڭ راھىتىنى كۆرىدىغان ئىسىل مۇلازىمىتى.

گوگېلنى ماختاش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، سىز پەقەت مۇشۇ ماختاشلاردىنلا گوگىل ئابونىت نۇمۇرىنى ئىشلەتكەننىڭ چ چ نۇمۇرىنى ئىشلەتكەندىن كۆپ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز.قالغان ماختاشلارنى تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلايلى.
ئالدىمىزدا ئىككى ئۇستاز بار، بىرى گوگېل شىركىتى يەنە بىرى تېڭشۇن شىركىتى، بۇ ئىككى شىركەتتىن قايسىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ قايسىسىنىڭ دىگىنىنى قىلىش، قايسىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش بىزگە تاشلانغان بىر سۇئال، ئەلۋەتتە ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق داۋلىسى بار، لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇندىن كىيىن ماڭىدىغان ئاساسى يولنى بىكىتىۋېلىشمۇ بىزگە زىيان كەلتۇرمەيدىغان بىر ئىش.
گوگېل مۇلازىمەتلىرىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان قوللىنىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن باشقا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە پىروگراممىلارنى ئېچىشىغىمىزغا ۋە ئۇيغۇرلار ئارسىدا بىردىن بىر ئابونىت نۇمۇرى ئىشلىتىشىمىزگە تۈرۈتكە بولىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، بۇلارنى تورداشلار گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلسىلا ھىس قىلىپ كىتەلەيدۇ.
ئەمدى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گوگېل بىلەن چ چ دىن بىرنى تاللاپ ئۇنى ئەزالار مەركىزى قىلىشنىڭ بىزگە ئەھمىيىتى بار يوقلىقىنى، تېخنىكىلىق قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ (ئېچىش ئېغزىدىن پايدىلىنالىشىمىزنىڭ )قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تورداشلارنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى.
(ئەزالار مەركىزى قىلغاننىڭ قانداق پايدىسى بار دىگەندە سىز بارلىق توربەتلەردە(مۇشۇ ئۇسۇل ئىشلىتىلگەن) بىرلا ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرەلەيسىز، ئىنكاس يازالايسىز، باش رەسمىڭىزنى بىرخىل قىلالايسىز...)

无觅相关文章插件,快速提升流量

【 ئالدىنقى يازما 】
【 كېيىنكى يازما 】

نۆۋەتتە 15 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 10 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 5 دانە

  1. دولقۇن731 : 2011-يىلى02-ئاينىڭ08-كۈنى09:33:13  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن مۇشۇ ئىشنى بىر ۋاقىتلاردا تەتقىق قىلىپ باققان . بولسا ھەمىمىز بۇنىڭدىن پايدىلانساق بۇلاتتى

  2. قۇتبىلىك : 2011-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى08:57:47  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن خېلى كۈچەپ باققان لىكىن تازا ئىلگىرلەش ھاسىل قىلالمىدىم، بىرلىكتە ئىزدىنىپ باقايلى.

  3. كارو : 2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى18:14:16  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    wordpress نىڭ 效果 لىرنى سىزلا ئويناپ قويدىكەنسىزغۇ؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى05:48:55 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ياق ھەي، شۇ تەرجىمە قىلىشقا ئاران جېنىمىز يەتتى، تېخى كۆپ چالا، پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

  4. abdulla350 : 2011-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى03:34:27  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىندىشىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،تىڭشۇن شىركىتى نىڭ (مەخپىيەتلىك ساداقىتىنى) مەلۇم بىرتوردا كورگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىم يوقالغان شۇنداقتىمۇ ئۇنۇملۇك بىرئالاقە قورالىنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكتىنQQ نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان سىز تونۇشتۇرغان بۇئۇسۇلنى بۇگۇن كورۇپ،ناھايتى خوشبولدۇم،ئەمما بۇنىڭغا قانداق تىزىمقىتىشنى بىلمىدىم،شۇڭاسىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم بىرتەلىم بەرسىڭىز!

  5. abdulla350 : 2011-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى08:45:43  -45 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    گوگېلنىڭ ئابونىت نومۇرىغا قانداق ئىرىشىمەن، ياكى قانداق تىزىملىتىمەن؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى09:52:23 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      مۇشۇ توغرىسىدا مەخسۇس بىر تېما تەييارلاپ بىرەي قانداق؟ كىلەركى يازمام Gmail ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بولسۇن.

  6. abdulla350 : 2011-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنى00:26:37  -44 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،جانابى ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن،رەھمەت سىزگە، مەندەك بىلەلمىگەن قېرىنداشلا بىلىۋالىدىغان بولدۇق !!!!!!!!!!!!

  7. abdulla350 : 2011-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى02:33:44  -43 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېما پۇتىۋاتامدۇ؟!غەيرەتقىلىڭ!!!!

  8. abdulla350 : 2012-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى07:13:00  -42 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    رەھمەت كۇتۇپ تۇراي!

  9. abdulla350 : 2012-يىلى01-ئاينىڭ14-كۈنى09:27:57  -41 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇنتۇلۇپ قالماڭ، مۇمكىنبولسا24 سائەتلىك ۋاقىتنى 10غا كوپەيتكىنى بولغاندىمۇ سىزگە ئازكىلىشى مۇمكىن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرارسىز ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.

  10. abdulla350 : 2012-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى07:14:16  -40 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئسسالامۇئەلەيكۇم،توربېتىڭىز ئاخىر ئەچىلدى،ئىچىلىش سۇرىتىمۇ خىلى تىزلەشكەندەك ھىسقىلدىم.

  11. abdulla350 : 2012-يىلى02-ئاينىڭ08-كۈنى16:43:53  -39 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛
    ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟