تور مۇلازىمىتىرى قۇرۇش دىگەن نىمە؟
مۇلازىمىتىر دىگەننى مۇلازىمەت+ماشىنا (ئاساسىي ئاپىرات) دەپ چۈشەندۈرسەم ياخشىراق بولىشى مومكىن، بۇ كىشىلەرنىڭ توربىكەت قۇرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان كومپيۇتېر بولۇپ، توربىكەت قۇرغۇچىغا ئۇنىڭ فىزىكىلىق ئورنىنىڭ نەدە بولىشى مۇھىم بولمايدۇ. توربىكەت قۇرغۇچى پەقەت بۇ كومپيۇتېرغا قويۇلدىغان ھۆججەت قىسقۇچىقا كىردىغان IP، ئابونت، مەخپىي نۇمۇر ۋە كىرىش ئېغىزى قاتارلىقلارنى بىلسىلا كۇپايە.
توربىكەت قۇرغۇچى ئادەتتە توربىكەت پروگراممىسنىڭ ئىجرا مۇھىتىغا ئاساسەن بوشلۇق تاللايدۇ (مۇلازىمىتىر تاللايدۇ)، ئادەتتە بىكەت پروگرامىىسى asp ياكى asp.net تەك مىكروسىوفىتنىڭ توربىكەت قۇرۇش تىللىرىدا يېزىلغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىجرا مۇھىتى ئۈچۈن مىكروسوفىت تەمىنلىگەن IIS ئىشلىتىلىدۇ، مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ ئىلغار، مۇقۇم ۋە بىخەتەر بولىشى ئۈچۈن مەشغۇلات سىستېمىسىغا مىكروسىوفىتنىڭ ئۆزىنىڭ سىستېمسى بولغان
WindowsServer 2003 ياكى WindowsServer 2008 ئىشلىتىلىدۇ. يەنى مەشغۇلات سىستېمىسىسنىڭمۇ مۇلازىمىتىر نۇسخىسى تاللىنىدۇ.
بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان Xp، Win7 دىگەندەك سىستېمىلار شەخىسلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ كەسپىي مۇلازىمىتىر قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر بىكەت پروگراممىسى PHP بوپ قالسا PHP نى ئاشۇ كومپيۇتېردا (مۇلازىمىتىردا) نورمال ئىجرا قىلىپ بىردىغان مۇھىت ھازىرلىنىشى كىرەك، ئەگەر سىستېما مىكروسىوفىتنىڭ مەھسۇلاتى بولسا ئاشۇ خىل سىستېما مۇھىتىدا PHP نى ئىجرا قىلدىغان مۇھىتنى بەرپا قىلغۇچى يۇمشاق دىتال ياكى قىستۇرمىلارنى قاچىلايمىز.
بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ، نىمە نوقتا دىگەندە بازاردا سېتىلىۋاتقان مۇلازىمىتىلار چوڭ جەھەتتىن ئىككى خىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ھازىرلىنىشى تۈۋەندىكىدەك بولىدۇ.
1- Windows Server مەشغۇلات سىستېمىللىرى ۋە Asp, ASP.Net پروگراممىلىرىنىڭ ئىجرا مۇھىتى، Accsess ساندان ياكى MSSQL ساندان.
2- Linux مەشغۇلات سىستېمىللىرى ۋە PHP،JSP پروگراممىلىرنىڭ ئىجرا مۇھىتى، MySQl ساندان.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى قۇرماقچى بولغان بىكىتىڭىز asp دا ياكى asp.net دا يېزىلغان بولسا سىز ئېنىقلا 1- تۈرنى تاللايسىز. مەسىلەن: بۇرۇن مودا بولغان bbs سىستېمىللىرى. ئۇيغۇردەۋ، ئىرپان، بىلكان قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىكەتلىرى...
بۇنداق سىستېمىلارغا ئادەتتىكىچە ساندان ئىشلىتىمەن دىسە Accsess نى سەل چوڭراق بىكەت سىستېمىسى ئۈچۈن بولسا NSSQL ئىشلىتىدۇ(چوقۇم مۇشۇنداق بولىدۇ دىگىنى بولمايدۇ)، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن Windows Server سىستېمىللىرى تاللىنىدۇ، ئەگەر Windows Server ۋە MSSQL نى ئىشلىتىپ مۇلازىمىتىر قۇرماقچى بولساق تەنەرىخى ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كىتىدۇ (ئەلۋەتتە لىنۇكىس ۋە MySQl ئىشلەتكەنگە نىسپەتەن شۇنداق دىيىلىدۇ). نىمىشقا دىگەندە بۇ ئىككى يۇمشاق دىتال مىكروسىوفىتنىڭ ھەقلىق دىتالىدۇر.
ئەگەر بىكىتىڭىزنىڭ پروگراممىسى PHP دا بولسا سىز ئېنىقكى 2-تۈرنى تاللايسىز، يەنى مەشغۇلات سىستېمىسىغا لىنۇس تاللايسىز. مەسىلەن: WordPress تە بلوگ قۇرغانلارنىڭ بوشلۇقى لىنۇكىس مۇلازىمىتىرىغا قويۇلغان بولىدۇ، بۇ Windows Server مۇلازىمىتىرىغا قويۇلسا بولمايدۇ دىگەن گەپ ئەمەس، لىكىن بىخەتەرلىك ۋە مۇقۇملۇق جەھەتتە لىنۇكىس ۋە PHP مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىدۇ، يەنە بۇنىڭغا ئوچۇق كودلۇق ۋە ھەقسىز بولغان MySQL سانداق مۇلازىمىتى ئىشلىتىلدۇ. بۇنداق بولغاندا سىستېمىمۇ ھەقسىز، ساندان دىتالىمۇ ھەقسىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تۈۋەن باھادا ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان مۇلازىمىتىدىن بىرنى قۇرغىنى بولىدۇ.
گەرچە گەپ ئۇزىراپ مۇشۇ يەرگە كەلگەن بولسىمۇ بىز تور مۇلازىمىتىرى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان قۇرالدىن پەقەت بىرسىنىڭلا ئىسمىنى ئاتاپ باقتۇق، ئۇ قۇرالنى ئىشلىتىپ تور مۇلازىمىتىرى قۇرۇش ھازىر ئانچە بەك ئاقىلانىلىك بولماي قالدى، سىز بەلكىم نىمىنى دەۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىپ بولغانسىز، سىز ئويلىغاندەك مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم دەل IIS . ئەسلى بۇنەرسىنى تىلغا ئالماي دىگەن لىكىن ھازىرمۇ قارىسام بەزى كىشىلەرنىڭ مودا بولىۋاتقان بەت پروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن (بولۇپمۇ php لىق پروگراممىلار ئۈچۈن) WindowsSwerver غا IIS ۋە PHP ئىجرا بۆلەكلىرىنى قاچىلاپ ئاۋارە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دىگۈم كەپ قالدى.
ئەمىلىيەتتە تور مۇلازىمىتى قۇرىدىغان دىتاللار خېلى كۆپ بولۇپ داڭلىق، ھەقسىز، ئوچۇق كودلۇق ھەم سەھنە ئاتلايدىغانلىرىدىن Tomcat(ئاساسلىقى جاۋا تور پروگراممىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ)، Apache قاتارلىقلار بار بولۇپ يەنە يېڭىدىن پەيدا بولغان سىغىمى ئىنتايىن كىچىك باشقۇرۇش ھەم ئاسان بولغان Tengine (تاۋباۋ تورىغا مەنسۇپ)ۋە Nginx لەرمۇ ھەم Xampp دەك توپلاشتۇرۇلغان مۇلازىمىتىر قۇرۇش دىتاللىرىمۇ بار.
بۇ دىتالارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىرىنىڭ بىرى قاچىلاش ئاسان، تەڭشەشكە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، تەڭشەش ھۆججەتلىرىگە قىسمەن ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپلا ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان تور مۇلازىمىتىرلىرىنى قۇرغىنى بولىدۇ. يىراقتىن باشقۇرۇپ Telnet ھالەتتە باشقۇرۇش ۋە تەڭشەش بەك قۇلايلىق.
مەسىلەن: مەن ئاددىيلا سېلىشتۇرپ باقسام، بىز ۋىندۋوستا بىر بىكەتنى ئىجرا قىلماقچى بولساق كونترول تاختىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن يەنە بىر يەرلەرگە كىرىپ بىرقاتار ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇپ، ئۇنى يەنە تەڭشەپ دىگەندەك بىرمۇنچە ئاۋارچىلىقلارنى تارتىمىز، لىكىن يۇقاردىكى دىتاللارنى قاچىلىغاندىن كىيىن مۇلازىمەتنى بىرلا قوزغىتىپ قويۇپ بەلگىلەنگەن ھۆججەت قىسقۇچقا بىكەت پروگراممىمىزنى تاشلاپلا قويساق ئىجرا بولىدۇ.
Xampp دا htdocs دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدە قويىمىز، nginx دا html دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە تاشلايمىز...دىگەندەك.
تورداشلار بەلكىم LAMP دىگەن گەپنى كۆپ ئۇچراتقان بولىشى مومكىن، سىز ئادەتتە PHP دا توربەت قۇرماقچى بولسىڭىز ساتارمەنلەر سىزگە بوشلىقىنىڭ LAMP ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ماختىنىشىدۇ، بۇ نىمە گەپ دىگەندە Linix+Apache+MySQL+PHP بولۇپ لىنۇكىس ئاستىدا Apache ۋە MySQL مۇلازىمىتى دىگەنى بىلدۈرىدۇ.
بايا Apache نىڭ تور مۇلازىمىترى قۇردىغان، سەھنە ئاتلاپ خىزمەت قىلدىغان دىتال ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم، ئەمدى بىز يۇقارقى LAMP دىگەنى ئۆزگەرتىپ باقايلى ھە!
LNMP، WAMP بۇلارنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشنەلىدىڭىزمۇ؟
سىزگە يەنىللا ئەڭ ياخشى بىلىندىغىنى بەلكىم LAMP بولىشى مومكىن، چۈنكى ھازىر توردىكى PHP ئۈگۈنۈشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى درسلىكنى
LAMP兄弟 گۇرپىسى تۈزگەن بولۇپ جوڭگۇدا خېلى داڭلىق.
بۇيەردە ئىشلىتۋاتقان لىنۇكىسنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ، بىزنىڭ كۆپ ئاڭلىغانلىرىمىزدىن RedHedLinix، Ubuntu، contOS قاتارلىقلار بار بولۇپ كۆپ ساندىكى كەسپىي مۇلازىمىتىرلار مۇشۇ سىستېمىلارنى ئىشلىتىدۇ.
مۇلازىمىتىر قۇرۇشنى ئۈگەنگەندە WindowServer دا مەشىق قىلۋېلىپ رەسمىي ئىشلىتىدىغاندا لىنۇكىس تاللىساق ياخشى بولىدۇ.
يۇقاردا دىيىلگەن تۆت خىل تور مۇلازىمىتىر قۇرۇش دىتاللىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىىقلىرى بار بولۇپ PHP دىن باشقا تور پروگرامما تىلى مۇھىتىنىمۇ قوللايدىغان قىلىپ (قىستۇرما ياكى تەڭشەش ئارقىلىق) ئونۋېرسال مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان قىلۋالغىنى بولىدۇ.
مەسىلەن: XAMPP نى مىسالغا ئالساق بۇ دىتالنى قاچىلغاندىن كىيىن Apache مۇلازىمىتى قۇرۇلغاندىن سىرت يەنە MySQL ساندان مۇلازىمىتى، phpMyAdmin پروگراممىسى (MySQL نى باشقۇرۇش سەھنىسى)، FileZillaFTP مۇلازىمىتى، Mercury مۇلازىمىتى (نۇرغۇنلىغان ئېلخەتكە ئائىت مۇلازىمەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان)، tomcat مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىراقلا قاچىلىنىدۇ. بۇنى يەنە كىڭەيتىپ prel، ruby، python دىگەندەك تىللاردا يېزىلغان بەتلەر ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلدۇرغىنى بولىدۇ، نىمە دىگەن قالتىس ھە!
ئۇنتۇپ قالغىنى تاس قاپتىمەن، ئەلشاد ئاغىنىمىز بلوگىدا يازغان يەرلىكتە WordPress بىكىتى قۇرۇش دىگەن تېما بۈگۈنكى مۇشۇ تېمىمىزنىڭ جانلىق مىسالى، لىكىن ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن مۇلازىمەت قۇردىغان دىتالنىڭ ئىسمى UyghurWeb PHP (چۈشۈرۈش)ئىكەن، بۇنى ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن، لىكىن ئەلشاد بلوگىدىكى يازمىدىن قارىغاندا XAMPP غا ئوخشىىشپ كىتىدىغانراق دىتال ئىكەن، ئاساسلىق مۇلازىمەت Apache بىلەن Mysql دەك قىلىدۇ.
قالغان تەتقىقاتنى يەنىللا ھەۋەسكارلارغا قالدۇردۇم، راست مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇچۇق كودلۇق مۇلازىمىتىر قۇرغۇچى دىتاللارنى ھەممىسى سەھنە ئاتلايدۇ، بىلمىدىم ماۋۇ UyghurWeb PHP ناملىق مۇلازىمىتىر قۇرۇش دىتالى سەھنە ئاتلامدۇ يوق(باشقا سەھنىلەردىكى نەشىرى بارمۇ يوق؟) خەۋىرى بار دوستلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كىلەركى يازمىللىرىمىزدا يۇقىرىدا ئاتالغان دىتاللار ئارقىلىق تور مۇلازىمىتىرى قۇرۇش تەپىسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ، ۋاقىپ بولغايسىز. تور مۇلازىمىتىرى قۇرۇشقا ئائىت كەمىنە بايقىمىغان يېڭىلىق ياكى سادىر قىلغان خاتالىقلار بولسا مۇشۇ يەردە ئورتاقلاشساق بولىدۇ.
ياخشى تىما بولۇپتۇ، خىلى نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم
يازمىڭىزغا رەھمەت!
========
قۇتبىلىك بىلەن سۆزھبەتلىشىڭ!
========
بۇنى ئورنىتىپ بەك ياخشى قىلىپسىز!
بۇنى بۇرۇن مەن سىناق قىلىپ باققان. بەك ياخشى. مۇشۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىلى بولماسمۇ؟
مەسىلەن: JS قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق خەتزۇچە خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئالماشتۇرۇش دېگەندەك…، بۇرۇن بلوگباس سۇپىسىدا ئاشۇنداقراق تېخنىكىلارنى ئىشلىتىدىغاندەك قىلغان.
بۇنى ئويلىشىپ باقماپتىمەن، كود قىسمىغا قارىسام mkt=zh-cn دىگەن ئورۇن بار ئىكەن، تىل بولىقىنى بەلگىلەيدىغان پارامىتىردەك تۇرىدۇ، قارىغاندا بۇيەردە ئىشلىتىلدىغان يېزىق مىكروسوفىتنىڭ MSN ئۈچۈن تەييارلىغان تىل بولىقىدىن كەلسە كىرەك، مەن UG غا ئۆزگەرتىپ سىناپ باقتىم، ئۈنىمى بولمىدى.