ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >تور دۇنياسى> مەزمۇنى
قۇت بلوگنىڭ RSS ئۇچۇرىغا مۇشتەرى بولۇڭ
2011-يىلى03-ئاينىڭ04-كۈنى تور دۇنياسى دىۋان بىكار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,242+

قۇت بلوگىغا كىرىپ ئوڭ تەرەپتىكى ئىستونلارغا قارايدىغان بولسىڭىز ئوماققىنە بىر ئاداشنىڭ قۇت بلوگ مىھمان كۈتۈش ئۆيىدە قۇت بلوگىنىڭ RSS مەنبەسىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈسىز، ئەگەر سىزمۇ ئاشۇنداق راھەت ھالدا ئولتۇرۇپ قۇت بلوگىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىناي دىسىڭىز تۈۋەندىكى RSS ھەققىدىكى چۈشەنچىلەردە بولسۇن .

RSS دېگەن نېمە؟

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، RSS ھەرقايسى بېكەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئارا ئورتاق بەھرلىنىدىغان بىر خىل ئاددى ئۇسۇل، يەنى مەزمۇنلارنى يىغىپ بېرىدىغان بىر خىل كېلىشىم.

RSS نىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، RSS ھازىرقى ئەڭ مودا بولىۋاتقان XML تېخنىكىسى ئارقىلىق، بىر تور بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى ئاددى مەزمۇن شەكلىدە چىقىرىپ تەمىنلەيدۇ، بىزدە بىر دانە RSS ئوقۇغۇچ بولسا، بىز ئۆزىمىز خالىغان تور بېكەتنىڭ RSS ئېغىزىنى بېكىتىپ قويۇپ، ھەر كۈنى ئاشۇ تور بېكەتلەرنى ئېچىپ يۈرمەستىنلا، شۇ تور بېكەتلەردىكى ئەڭ يېڭى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولالايمىز.

مېنىڭ بلوگىمنىڭ RSS ئىقتىدارى بارمۇ؟

نۆۋەتتە تور دۇنياسىدىكى ھەرىكەتچان ھالەتتىكى پروگراممىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزىدە RSS ئىقتىدارى تەمىنلىگەن، بۇ ئىقتىدار يالغۇز بلوگلاردىلا ئەمەس، مۇنبەر پروگراممىسى، ناخشا تور بېكەتلىرى، ئويۇن، ئېلىكترونلۇق كىتاب، يۇمشاق دېتال، پروگرامما بىلىملىرى قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ ھەر قاندىقىدا بار، ناۋادا سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ئۆلچەملىك پروگرامما يېزىش قائىدىسىدە تۈزۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا RSS ئىقتىدارى چوقۇم بار.

تور بەتنىڭ RSS چىقىرىش ئورنىنى قانداق تاپىمەن؟

ھازىر كۆپىنچە تور بېكەتلەرگە كىچىك رەسىملىك قىلىپ RSS ياكى XML دەپ يېزىپ قويۇش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

RSS    XML

ناۋادا مۇشۇ خىلدىكى سىنبەلگىلەر بولسا، بىر چېكىش ئارقىلىق شۇ تور بېكەتنىڭ RSS چىقىرىش ئېغىزىغا يېتىپ بېرىشقا بولىدۇ.

RSS چىقىرىش ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى نېمە؟

RSS ئادەتتە ئۆلچەملىك XML ئۇچۇر قائىدىسىگە بويسىنىدۇ، ئادەتتە RSS چىقىرىش ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى rss, xml ياكى rdf دېگەن نامدا بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، سىزدە بىر دانە RSS ئوقۇش پروگراممىسى بولسا، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تور بېكەتلەرنى قوشۇپ قويۇپلا، ھەر كۈنى ئاشۇ RSS ئوقۇچتىن شۇ تور بېكەتلەردىكى ئەڭ يېڭى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولالايسىز.

قايسى دىتاللاردا RSS نى ئوقۇغۇنى بولىدۇ؟

مەيلى سىز ئۈستەل قوللىنىلىشچان دىتاللىرى بولسۇن ياكى تور قوللىنىلىشچان دىتاللىرى بولسۇن ۋە ياكى تېلېفۇن دىتاللىرى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس RSS ئوقۇش قوللىنىلىشچان دىتالى تەمىنلەنگەن بولۇپ سىز مۇشۇ قۇراللار ئارقىلىقRSS ئادىرىسنى  ئىشلىتىپ توربەرتلەردە يوللانغان ماقالىلاردىن ھەممىدىن بۇرۇن خەۋەردار بولالايسىز.

قۇت بلوگىنىڭ RSS گە نەدىن مۇشتەرى بولىمەن؟

بلوگىمىزدىكى ھەربىر ماقالىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدە  RSS  بەلگىسى بار بولۇپ مۇشۇ بەلگىنى چەككەندە چىققان ئادرىس ئارقىلىق مۇشتەرى بولالايسىز، ۋەياكى يان ئىستوندا كۆرۈنگەن RSS ئوقۇۋاتقان ئوماق كارتونچاقنىڭ سۈرىتىنى چىكىش ئارقىلىقمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە يىتەلەيسىز. تۈۋەندىكى كارتونچاقنى چىكىپ سىناپ بېقىڭ.

rsssub

(مەزكۇر يازما بىلىك تورىدىكى تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ماۋۇ يازمىسىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا تەييارلاندى.)

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟