بۇ تېمىنى بۇرۇن بىلىككە يوللىغان، ئوقۇغۇچىللىرىمغا زامانىۋى تېخنىكىلارنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن (ئۇلارنىڭ كىيىن ئاسان تېپىشى ئۈچۈن) بلوگىمغا يۆتكەپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
تۈۋەندىكىسى بىلىك تورىدىكى Eagle ئەپەندىنىڭ بۇ قىسقا فىلىم ھەققىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرى:
قېنى ھىندى ئىكەن، لېكىن ئۆزى دۇنيادىكى ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى 1-ئالى مەكتەپ MIT (ماسساچۇستىس تېخنىلوگىيە ئىنىستوتى، ئامېرىكىدا) دىن ئىكەن. مۇشۇنداق ئىنسانلارنىڭ كاللىسى، تەپەككۈرى كېيىنكى نەچچە مىليۇن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. لېكسىيە ئورنى ئامېرىكىدا، لېكسىيە ئاڭلاۋاتقانلارمۇ ئامېرىكىلىق ئىكەن. ئۇلار قايىللىقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى ۋە ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاك چېلىشتى. ئاخىرىدا بۇ كىشىنىڭ ئامېرىكىدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دىگۈدەك سۇئال سورىدى، «سىز يەنە داۋاملىق MIT دا تۇرىۋېرەمسىز ياكى ھىندىستانغا قايتىپ كېتەمسىز» دەپ. دىمەك ماۋۇ ھىندى كېتىمەن دىسىمۇ، ئاۋۇ ئامېرىكىلىقلار قويۇپ بەرمەيدىغان چىراي.
ئالدىنقى 20 يىلدا كومپيۇتېر، ئۇچۇر ساھەسى ھەقىقەتەن دۇنيانى كۆپ ئۆزگەرتىۋەتتى. دەسلەپتە تور، كېيىن ياھۇ، يەنە كېيىن گۇگىل... لېكىن ماۋۇ ئاداشنىڭ كاللىسى دەھشەتكەن، قول قويدۇم. ئۇ تاكسىدا ئايرۇدۇرۇمغا كېتىۋېتىپ، تاكسى ئىچىدە، ئايرۇپىلان بېلىتىگە قارىغان ئىدى، بېلەت ئۈستىدە «ئايرۇپىلان 15 مىنۇت كېچىكىپ ئۇچىدۇ...» دىگەن ئۇچۇر چىقتى. بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈشكە 10 سېكۇنت ۋاقىت كەتمەپتۇ.
ئامېرىكىدا ھازىرمۇ، ئايرۇدۇرۇمغا تاكسىدا كېتىۋېتىپ، بۇنداق ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، يانفونىڭىزدا ئايرىدۇرۇم ياكى ئايرۇپىلان شىركىتىگە تېلېفۇن بېرىپ، سوراپ بىلىپ بولغىچە، بەزى ئەھۋاللاردا يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىشىمۇ مۇمكىن.
بۇنىڭ تېخنىكىسى كەلگۈسىدە ئەمىللىشىپ قالسا، بىز يەنە اللە خالىسا 20-10 يىلدىن كېيىن ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى كۆرەلىگۈدەكمىز. بۇنىڭ تەپەككۈرى ھازىرقى ھايات كومپيۇتېرچىلارنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ تەپەككۈرىنى بېسىپ چۈشۈپتۇ.
ئسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ئاجايىپ سىرلىق تىما يوللاپسىز، تەپسىلىرەك بىلگىنى بولمامدۇ؟
ئانچە بەك سىرلىقمۇ ئەمەس ئىدى، پروكسىيە ئاپىراتى بىلەن تېلكامىرانى بوينىغا ئېسىۋالغان بىرى توختىماستىن پو ئېتىۋاتىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈنىگۈن مۇناسىۋەتلىك فىلىمنى كۆرمەپتىمەن، بۈگۈن كۆرۈپ ئازتولا چۇشۈنۈش بولدى رەھمەت !
ھەقىقەتەن تالانت ئىگىسىكەن، قول قويدۇم خەت نورمال بولمىسىمۇ ھەر ھالدا چۈشەندىم بۇ تور بېتىڭىز كېرەمدىن باشقا تور بەتلەردە نورمال كۆرۈنمەيدىغۇ ؟
كرومدىن باشقىللىرى ئۈچۈن تەڭشىمىگەن ئىدى، بۈگۈن تەڭشەپ قويدۇم، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
ۋەھشى ئىكەنغۇ ماۋۇلا يامان جۇما بۇلار.