ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە
(قۇتبىلىك)
ئايفون بولسا ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالما MAC سىستېمىسىنى يادرو قىلغان،يېپىق كودلۇق ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن.
موبايىل تېلېفونى بولسا مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان Windows سىستېمىسىنى يادرو قىلغان يېپىق كودلۇق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن .
بۇ ئىككى خىل تېلېفۇن كۆپچىلىككە ئاساسەن تۇنۇش ،بۇھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق .
بۈگۈن باش تىما بولىدىغان "ئاندرويىد تېلېفۇن" گوگېل شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئاندرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان ماركىدا ،ئوخشاش بولمىغان باھادا نۇرغۇنلىغان تىپلىرى بازارغا سېلىندى.
مەسىلەن: HTC ، Motrolla،联想، LG ،Samsung قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنلىرى.
يۇقىرىدىكى ئاندرويىد سىستېمىسى ھەققىدە دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك بۇ سىستېما ئوچۇق كودلۇق سىستېما بولۇپ شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلشىملىرىگە بويسۇنغان ئاساستا ئۆزگەرتسە تەرەققى قىلدۇرسا بولىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر قۇرۇش مودا بوپ كەتكەندەك ھازىر ھەرقايسى تېلېفۇن شېركەتلىرىدە ئاندرويىد تېلېفۇن ئىشلەپچىقىرىش مودا بوپ كەتتى .
ئۇچۇق كودلۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن شىركەتلەر سىستېما ئەسلى كودىنى گوگېلنىڭ تور بىكىتىدىن چۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك قىسىملارنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ،ئۆزىنىڭ تېلېفۇنلىرىغا قاچىلاپ بازارلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى ،(توردا كۆرسىتىلىشىچە مۇنداق قىلغاندا 15پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە بولغان سېلىنمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن).
مەيلى قايسى شىركەتنىڭ قايسى خىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنى بولىدىكەن ئۇ گوگېل شىركىتى تەمىنلىگەن كود ئاساسىدا ئۆزگەرتېلگەن بولغاچقا (يادروسى،مەنبەسى بىر بولغاچقا)بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرچە ئاندرويىد تېلېفۇن دەپ ئاتاپ تۇردۇق.
ئاندرويىد تېلېفۇن قولۇمغا چۈشكەن ھامان تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان تېكىست ھۆججىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك بىر نەرسىلەر كۆرۈندى،ئىككىنچى بولۇپ تېلېفۇننىڭ تور كەسپىنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆرۈش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك ...
توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم،يەنە ئەڭ ئالى ھوقۇق لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدىم ،كۆرگەن بىلگەنلىرىم بويىچە سىناش ئارقىلىق توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر يانفۇن خەت نۇسخىسىنى تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىغا قاپلاپ كۆچۈرۈپ ،ئاندىن قايتا قوزغىتىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆردۈم ،خۇداغا شۈكرى ھەر ھالدا ھەرپلەر بولسىمۇ نورمال كۆرۈندى ،لېكىن ھەرپلەر ئۈزۈك –ئۈزۈك ھالەتتە ئىدى ،خەت يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولۇپ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى سولدىن ئوڭغا قوشۇپ ئوقۇسا ئاندىن بىلگىلى بولاتتى ،قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئەلۋەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك .
توردىن ماتېرىيال كۆرۈش ،ئىزدىنىش ئارقىلىق ئوڭدىن سولغا ئۇلاپ يېزىلىدىغان خەت بىلەن سولدىن ئوڭغا ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەرنىڭ سىستېمىدىكى ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتىم ،ئىنگلىزلار بولامدۇ،خەنزۇلار بولامدۇ ئۇلار پروگرامما تۈزگەندە ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان شەكىلنى ئىشلىتىدىكەن ،بىزدەك ئەرەبچە يېزىق تۈرىدىكى ئۇلانما يېزىق ئىشلىتىدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى بىرتال كىچىك بوشلۇق ئىكەن ،يەنى ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەر يېزىلغاندا ھەربىر ھەرپتىن كىيىن بىر كىچىك بوشلۇق ئاپتوماتىك قۇيۇلۇپ ماڭىدىكەن .
ئەگەر مۇشۇ قويۇلىدىغان بوشلۇققا شەرت بېرىپ ئەرەبچە يېزىقلار ئائىلىسىدىكى ھەرپلەر بېسىلغاندا ئاپتوماتىك قويۇلمايدىغان قىلىپ قويسا بىزنىڭ يېزىقىمىزمۇ ئۇلىنىدىغان بولىدىكەندە ... مۇشۇ خىياللار بىلەن سىستېما ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىردىن بىردىن تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،لېكىن ھەممىسى بىرخىل بولاق شەكلىدە ئىدى،بۇ سىستېمىنىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر پرېسلانغان ھۆججەت شەكلى ئىكەنلىكىنى ۋىنرار قاتارلىق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ يەشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم .
ئىلگىرىلەش بەك ئاستا بولۇۋاتاتتى ،بارلىق ھۆججەتلەرنى دېگۈدەك يېشىپ كۆردۈم ،كۆپىنچىسىنىڭ ئىچىدە پاروللانغان XMLھۆججىتى بار بولۇپ بۇنى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئېچىپ كۆرگىلى بولمايدىكەن ،يەنە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ نىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا كۆرەلەيدىغان بولدۇم ،لېكىن بۇ يېتەرلىك بولمىدى،مەن كۆرگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى قوللېنىلىشچان دىتاللار قىسمى بولۇپ چىقتى ،يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا باشقا ئىچكى قىسىم ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى يېزىق شەكلىنى كونترول قىلىدىغان ھۆججەتنى تېپىپ چىقتىم ،ئىچكى قىسمىدىكى ساپ پروگرامما كودى بولۇپ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئىدى،قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ نېمىدە ئۆزگەرتىش كېرەك ؟
قىزىقىش بولغان ئىكەن داۋاملىق ئىزدىنىش بولىدۇ ،توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇمۇ ھەل بولدى .(خۇداغا شۈكرى)
ھۆججەتنى يېشىش ،ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ...ئۇنى ئۆزگەرتىش ،ئاندىن قايتا بولاقلاش ،بۇنى يەنە بولاقلاش ...ئاندىن بولاقنى قاپلاپ كۆچۈرۈش ،سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ...دىگەندەك نۇرغۇن جەريانلاردىن كىيىن تېلېفۇننى قوزغىتىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى كۆردۈم ،يائاللا ئاخىرى ئۇلىشىپ چىققان ساپ ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .
بولدى ،بىرىنجى قىلدىغان ئىش تاماملاندى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،ئىككىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يەرلىكلەشتۈرۈش .
دىتالدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كۆردۈم ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ،ئاندرويىد تېلېفۇندا ئۇيغۇرچە دىتال ئىشلىتىش ھەقىقەتەن ھۇزۇر بىلىندى.
خوپ بۇمۇ ھەل بولدى ئەمدىچۇ ؟ ئەلۋەتتە پروگرامما تۈزۈش كېرەك .
پروگرامما تۈزۈش خىيالىمغا كەلگەن ئاشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا تاۋباۋ تورىغا چىقتىم ،ئاندرويىد تېلېفۇندا پروگرامما تۈزۈشكە دائىر تورداشلار تەۋىسيە قىلغان كىتابتىن ئالتىنى ئۈچ يۈز سومغا سېتىۋېلىپ ئەكەلدىم ،كىچە-كېچىلەپ كۆرۈش ئارقىلىق ناھايىتى تىزلا بۇ ئالتە كىتابنى چالا پۇچۇق تۈگەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن پروگرامما تۈزۈشنى باشلىدىم ، تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ خېلى بىرنەرسە بىلىپ قالغاندا تېكىست ئوقۇغۇچنىڭ ئەسلى كودى ئۇچراپ قالدى،بۇ كودنى ئىجرا قىلىپ ھاسىللانغان دىتالنى تېلېفۇنغا قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى كۆرسەم، قالايمىقان خەنزۇچە خەتلەرگە ئوخشاش بىر نەرسىلەر كۆرۈندى، ھە قارىغاندا تېكىستنىڭ فورمات شەكلىدە مەسىلە باركەندە دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ يۇنىكودلۇق فورمات شەكلىنى قاتتىم شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئوقۇغۇچ پۈتكەن بولدى .ھازىر پروگرامما تۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن .
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ،يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش ،ساپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى پروگرامما تۈزۈش قاتارلىق جەريانلار ئاساسەن تاماملانغان بولدى.
مەن ئەمدى ئېسىل دىتالدىن بىرنى تۈزۈشۈم كېرەك دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە .
ئاۋال بازارنى كۆرۈش ،ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈش كېرەكتە ،شۇنداق قىلىپ ئىنگلىزلار ،خەنزۇلار تۈزگەن دىتاللانى ،خەنزۇلار خەنزۇچىلاشتۇرغان دىتاللارنى كۆزەتتىم ،قارىسام كېرەكلىك دىتاللارنىڭ ھەممىسى باركەن ،ئۇلارنى يەنە قايتا تۈزۈشنىڭ ئورنى يوق ،پەقەت ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەكلا بولدى دەپ ئويلىدىم، خەقلەر ياسىغان نۇرغۇنلىغان دىتاللار كومپيۇتېردا بار دىتاللانىڭ مۇھىت ئاتلىغان نۇسخىسى ئىكەن .
مەسىلەن : QQ،تېكىست ئوقۇغۇچ،يۇمشاق دىتال چۈشۈرگۈچ ،PDFئوقۇغۇچ،Photoshop,...
تۈزدىغاننى خەقلەر تۈزۈپ بوپتۇ ،مەن نېمە تۈزىمەن ،بىزگە (ئۇيغۇرلارغا) بۇتېلېفۇنغا قاچىلۋالغۇدەك نېمە لازىم ؟ كومپيۇتېردىن يۆتكەيدىغان قانداق دىتاللىرىمىز بار ؟
ئويلاپ –ئويلاپ Windows xp گە يېڭىلا ئۇيغۇرچە پروگرامما تۈزۈش باشلانغان ۋاقىت ئىسىمگە كەلدى، ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسالغان ،ياسالغاندىمۇ بەس-بەستە ياسالغان ئىدى ،كىيىن لۇغەت ياساش مودا بولدى ،ئاندىن ئۆگۈتۈش دىتاللىرى،ئاندىن قالسا مەخسۇس شىركەت،ئاشخانا ئورۇنلار ئۈچۈن باشقۇرۇش سىستېمسى ...دىگەندەك .
شۇنداق تەرەققىيات ئاستا –ئاستا بولىدۇ،كومپيۇتېردىكى يۇمشاق دېتال ساھەسىمىز خېلى يامان ئەمەس كېتىپ بارىدۇ،ھازىر قارايدىغان بولساق3Gدەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنىللىرى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ،مۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرى بولغان ئاندرويىد تېلېفۇنى بىزنىڭ قانداق دىتاللارنى ئېچىپ خەلقىمىزگە سۇنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟
بىز كىرگۈزگۈچ ،لۇغەتتىن(بۇ ئىككى دىتال ياساپ بولۇندى) باشقا يەنە قانداق تېلېفۇن يۇمشاق دىتاللىرىغا موھتاج؟
بۇنى ئەزىز قېرىنداشلارغا قالدۇردۇم.
ئەسكەرتىش: ئاندرويىدتىكى ئۇيغۇرچە ھەققىدىكى بىرقانچە ماقالىنى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بىر قانچە توربەتكە يوللىغان، گوگېلدىن ئۇيغۇر، ئاندرويىد دىگەندەك ھالقىلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئىزدەپ تاپالايسىز.
good
رەخمەت، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!
ئۇيغۇرچە فونت بىلەن تەمىنلەشكە بولامدۇ ؟ ئەگەر بولسا ھەرىپلەر ئۇلىشىپ چىقىدىغان بىرەر ياخشى فونت بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز .
مەن ئۇيغۇرچە فونت ئۈچۈن Uyghur CJI (تۇلۇق ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ) دىگەن فونتنى ئىشلەتكەن، مىنىڭ قارىشىمچە ھەرىپلەرنىڭ باغلىنىشى بىلەن فونتنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، ئاۋۇ خەت نۇسخىسىنى ئىنتىل تورى ياكى xjcfan.com , uyphone.com دىگەن توربەتلەرىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
مىنىڭمۇ تېلفۇنۇم ئاندرويىد سېستىملىق تېلفۇن ئىدى….سىز ياسىغان چۈشۈرگۈچنى قاچىلسام نورمال قاچىلاندى ئەمما خەت باسسام كاتەكچە چىقىلىۋاتىدۇ.روتنىمۇ يېشىپ بولغان خەت نۇسقىسىنى قاچىلاي دىسەم بەزىلەرنىڭ دىيشچە ھەممە خەتلەر كاتەكچە چىقىپ سېستىما فونتى ئالمىشىپ قاپتۇ بۇنى قانداق ئوڭشىغىلى بۇلىدۇ؟ھەم قانداق قىلغاندا بىخەتەر ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە يازغىلى بۇلىدۇ؟قارىسام ۋاقتىڭز بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ،ئېكرام تور بېتىگە ئۇيغۇرچە تونۇتقانلىقڭزنى دەپسىزيۇ تىگىدىكى ئىنكاس يازغان بالىنىڭ بىرسىگىمۇ جاۋاب يازماپسىز…….قارىسام ئايرىم بىر تور بەت قۇرىۋاپسىز مۇبارەك بولسۇن…ۋوردپرەس توغرلىق يازغان تېمڭزدىمۇ پەقەت رەسىمىنى چقرىپ قويۇپسىز.تەپسىلاتى يوق.بۇ خۇددى كىشىگە ئۆز ئەمگىكىنى ماختىغاندەك تەسىر بىرىپ قويدىكەن شۇڭا…ئېكرام تور بېتىگە بىركىرىپ بالىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا جاۋاب يازسىڭز ياكى بۇ يەردە چۈشەندۇرسىڭزمۇ مەيلى ئىدى………..رەھمەت
خەت باسسىڭىز كاتەكچە چىققىنى تېلېفۇنىڭىزدا ئۇيغۇرچە فونتنىڭ يوق ئىكەنلىكى ياكى خاتا قاچلانغانلىقى بولىشى مومكىن. فونتى قاچىلاش ئىشىغا كەلسەك مەن تەپسىلىراق بىر تېما يوللاي شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىڭ.
توغرا ئۇيغۇرچە تۇنۇتقانلىقىمنى ئېيتقان، ھەم ئىھرام توربىتىگە تېما يوللىغان، ۋاقتىنىڭ ئالدىراش بوپ قالغانلىقىمۇ يالغان ئەمەس.
جاۋاب خەت يازالماسلىقىم ئاشۇ ئۇيغۇرچىنى كۆرۈشنى خالايدىغان دوستلار ئۈچۈن ياخشى بىر پروگرامما تۈزۈش.
مۇبارەكلىگىنىڭىزگە رەخمەت دىگىنىڭىز كەلسۇن.
ۋوردپرېس دىتالىنى چىقارغىنىم راست، مەقسىدىم دوستلارنىڭ قىزقىشىنى قوزغاش ۋە ئوخشاش ساھەدىكى دوستلارنى مۇشۇ ئارقىلىق بىر يەرگە جەم قىلىش.
ماختانغىدەك ئىش قىلالىدىم دەپ ئويلىمايمەن، لىكىن ماختىنىشقا لايىق بولغۇدەك ئىش قىلاي دەپ پالاقشىپ يۈرۈيمەن، بۇ ئىشلارنى سىزنىڭ ۋە ئىھرام تورىدكى قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مىنىڭچە بىزگە كىرىكى.ئۇيغۇرچە خەرىتە ياسالغان بولسا پەچەت بۇلاتتى.لۇغەتقۇ بەك لازىم.مۇزىكا قويغۇچ.ئۇيغۇرچە قۇرئان.ئاڭلىسام سىمبىيان سېستىملىق تېلفۇنلارنىڭ بار ئىكەن.ئاندىن ئۇيغۇرچە كالىندار.ئاساسلىق ھېيت ئايەملىرىمزنىڭ ۋاقتى تەمىنلەنگەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلەر.ئەلۋەتتە ھەقلىق قىلىپ martلارغا بازارغا سالسىڭزمۇ بۇلاتتى~~ئىشلىرىڭزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
ئۇيغۇرچە خەرىتە ياسالسا راست ياخشى بولىدۇ، لىكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن يەرشارىدىكى بارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بىر مۇلازىمەت تەمىنلەش كىرەك، مىنىڭ قارىشىمچە بۇنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئۇيغۇر شىركەتلىرى يوق دىيەرلىك. يەنىللا گوگېلغا تاينىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. كالىندارنى ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ، ئۇنى ياساپ چىقىش تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن، بۇ توغرىسىدا خېلى كۆپ تەييار ماترىياللار بار.
ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت، خۇدايىم بۇيرىسا دىگىنىڭىز كەلسۇن.
مېنىڭ ئىشلتۋاتقىنىم 7سۇڭلۇق ئاندوريىد تۈز ئېكرانلىق كومپيۇتېر ئىدى، روت ھوقوقىغا ئېرشىش ئۈچۈن توردىن نەچچە خىل روت ھوقوقىغا ئېرشدىغان دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلسام ، قاچلاش ئوڭۇشلۇق ،روت ھوقوقىغا ئېرشىشمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى دەپ چىقىدۇ، لىكىن فونىت مۇندەرجىسى يەنىلا ئوقوشقلا بولىدىغان ھالەتتە بۇلۇپ ،خەت نۇسخسىنى كۆچۈرگلى بولمايۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ؟
ئەمسە سىز 91 ياردەمچى دىتالىنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ، مەنمۇ ئاشۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرغان.
تىكىست ئوقۇش دىتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ ، ياكى ھەقلىقمۇ ؟
ھەقلىق بولسا ئالدىغانغا ئادەم چىقامدۇ دەيسىز!!!
ئالدى بىلەن بۇ دىتالنى ياساپ چىققىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر… سورىماقچى بولغىنىم بۇ دىتال ھەقلىقمۇ؟ ئەگەر ھەقلىق بولمىسا چۈشۈرۈش ئادرسىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز … بىزمۇ ئورتاق بەھىرلەنسەك …
بولىدۇ، ئالدى كەينىنى تۈزەشتۈرۈپ تارقىتىشقا تەييارلىق قىلاي!
سىزنىڭچە قاچانراق تەييار بولار؟
ئامال بار تىز تەييارلاشقا تېرىشىمەن!
مەنمۇ ئاندرويد يانفۇن ئىشلىتىپ خەت يىزىۋاتىمەن.
مەنمۇ ئاندىرويىد سىستىمىلق يانفۇندىن بىرىنى ئالمىسام.خەپ!