ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئىسىل ئەپ 微微 ھەقسىز تور تىلفۇنى
2012-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى ئاندرويىد 4دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 2,889+

微微 تور تىلفۇنى بولسا بىر خىل تورغا ئۇلانغان ھالەتتە تىلفۇن ئۇرۇش ھەقسىز بولغان تور تىلفۇنىدىن ئىبارەت، بۇ تور تىلفۇنىنى مەن بىر نەچچە كۈن سىناپ باققان، ئىگە تەرەپنىڭ مەزكۇر دىتالغا بەرگەن چۈشەنچىسىدە ھەر كۈنى كىچە سائەت(بىيجىڭ ۋاقتى) 0دىن 18گىچە 50مىنۇت، سائەت 18دىن سائەت 0گىچە 10 مىنۇت دۆلەت ئىچىگە ھەقسىز تىلفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ دىيىلگەن، ىسىناش ئارقىلىق ھەقىقەتەن راستىلىقىنى بايقىدىم، بۇ ئەپنى ئەنجۈر(ئاندىرويىدنى چاخچاق قىلىپ مۇشۇنداق ئىپادىلەپ قويدۇم) بىلەن ئالما سىستىمىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: توردىن ئەڭ يىڭى نۇسقىسىنى چۈشۈرىسىز ئاندىن يانفۇنغا قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن يەنە يىڭىلاڭ دەپ چىقىدۇ(مەن ئىگە تەرەپنىڭ تور بىتىدىن ئەڭ يىڭى نۇسقىسىنى چۈشۈرگەن بولساممۇ مۇشۇ ئەسكەرتىش چىقىۋالدى)، يىڭىلاپ بولغاندىن كىيىن، سىزدىن ئىگە تەرەپكە بىر تال ئۇچۇر ئەۋەتىپ تىزىملىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ(بۇنى مەن سىناپ باققان، شۇڭا خاتىرجەم بولۇڭ ھىچقانداق ئارتۇقچە ھەق تۇتمايدۇ، سىز تەۋە تىلگىراف شىركىتى پەقەت ئادەتتىكى ئۇچۇر قاتارىدا 1مو تۇتىدۇ )، سىز ھەئە دىگەننى بىسىپ ساقلىسىڭىز تەخمىنەن يىرىم مىنۇت ئەتىراپىدا تىزىملىتىش تاماملىنىپ، بارلىق مەشغۇلاتلار ئاخىرلىشىدۇ، ئاندىن سىز تىلفۇن ئۇرۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ، دىققەت: تىلفۇن ئۇرغاندا يانفۇن نومۇرى بولسا بىۋاستە ئۇرۇڭ، ئۆي نومۇرى بولسا چوقۇم رايون نومۇرىنى قوشوپ ئۇرۇڭ، نومۇرنى بىسىپ بولغاندىن كىيىن ئاستى تەرەپ ئوتتۇردىكى 拨号 دىگەننى باسسىڭىز قىزىل رەڭدىكى 网路电话免费拨打 دىگەن تاللاش بىلەن يىشىل رەڭدىكى本地电话薄发 دەپ ئىككى خىل تاللاش چىقىدۇ، سىز 网路电话免费拨打 دىگەننى تاللىسىڭىز ھەقسىز تىلفۇن ئۇرۇش ئەمەلگە ئاشتى دىگەن گەپ. تىلفۇن ئۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يانفۇنىڭىزنىڭ تورى(مەن cdmaتورى بىلەنwifiدا سىناپ باققان، ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلدا مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى )ئوچوق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كىرەك.
ئاخىرىدا سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تور تىلفۇنىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇراي
ئىگە تەرەپ تور بىتى: مانا بۇيەر 

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 4 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 3 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە

  1. نۇرقۇت : 2012-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى19:24:50  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    توردا ھەقسىز تېلىفۇن ئۇرۇشمۇ بەزىدە نۇرغۇن پۇلنى تىجەيدۇ. بىزمۇ خەلقئارالىق تېلىفۇن قىلساق توردا قىلىمىز. بىز ئىشلىتىدىغان سۈپىتى ياخشى بولغاچ، 90 كۈن ئۈچۈن 10 ياۋرۇپا پۇلى تۆلەيدىغان گەپ.

  2. ئالاشەن : 2012-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى05:13:06  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تەپەككۇر بايلىقىڭ چۈشەنسەڭ ئىبرەت، ئىبرەتسىز جۇلاسىن يۇقىتار ھىكمەت.

  3. روھچىن : 2012-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنى05:56:19  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مۇشۇنداق بىر دىتال ئىزدەپ كىرسەم نەق ئۇچىردىيا
    بلوگنىڭ خەتلىرى نۇرمال ئەمەسقۇ ؟ تۈلكىدە كۆرۋاتقان

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟