ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئامازون Kindle Fire نىڭ ئەسلى كودىنى تارقاتتى
2011-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى ئاندرويىد 1دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,151+

بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى ئامازون شىركىتى Kindle Fire نامدىكى ئاندرويىدلىق تاختا كومپيۇتېرنى بازارغا چىقارغان ئىدى، مانا بۈگۈن پروگراممىرلار ئۈچۈن ناھايىتى ئىسىل بىر سوۋغا سۈپىتىدە Kindle Fire نىڭ ئەسلى كودىنى تارقىتىپتۇ.

تۈۋەندىكىسى Kindle Fire نىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى:

باھاسى: 199 دوللار
ئېكران: 7 ئىنگلىزچى، 1024*600 پىكسېل، 16 مىليون رەڭ، 169ppi
CPU سى 1 گېگابايت قوش يادرولۇق
سىغىمى: 8 گېگابايت
بۇلۇت ساقلىغۇچ: بارلىق Amazon مەزمۇنلىرى بۇلۇت ساقلىغۇچدا ھەقسىز ساقلىنىدۇ
باتارىيە ۋاقتى: WiFi نى ئاچمىغاندا، ئۆزلۈكسىە ئىشلەتسە 8 سائەت، ۋىدىئو قويسا 7.5 سائەت
WiFI، مىكرو USB 2.0، ئۆلچەملىك تىڭشىغۇچنى قوللايدۇ. ستئېرولۇق ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.
3G: قوللىمايدۇ
كامېرا: يوق
تور: Amazon Silk بۇلۇت-تېزلەشتۈرگۈچ تور كۆرگۈ (Amazon Silk cloud-accelerated browser)
قوللايدىغان ھۆججەت تىپلىرى:
Kindle (AZW), TXT, PDF, unprotected MOBI, PRC natively, Audible (Audible Enhanced (AA, AAX)), DOC, DOCX, JPEG, GIF, PNG, BMP, non-DRM AAC, MP3, MIDI, OGG, WAV, MP4, VP8
چوڭلۇقى: 190 mm x 120 mm x 11.4 mm
ئېغىرلىقى: 413 گرام.

تارقاتقان ئەسلى كود ئىچىدە يەنە ئامازوننىڭ باشقا پەد تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ ئەسلى كودى تارقىتىلغان بولۇپ كىتاپ ئوقۇغۇچلارمۇ بار.

Kindle Fire باھاسىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ۋە سەپلىمىدىكى باشقا ئۈسكىنىلەردىن ئالاھىدە ئەرزانلىقى بىلەن قارشى ئېلىشقا ئىرىشكەن بولۇپ، ئەسلى كودىنىڭ تارقىتىلىشى Kindle Fire نى تېخىمۇ كەڭرى بولغان بازار بىلەن تەمىن ئىتىشى مومكىن.

ئەسلى كودنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئامازون تورى غا كىرىپ ئاددىغىنە تىزىملىتىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن چۈشۈرەلەيسىز، پروگراممىر دوستلارنىڭ چۈشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

چۈشۈرۈش بىتى:  ئامازون 

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 1 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 0 دانە

  1. ئارمانىم : 2012-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى13:11:29  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مىنىڭمۇ بىرسى بار، kindle wifi E Ink Display . بۇبەكمۇ ياخشى نەرسە، ئۇيغۇرچە PDF نورمال، لىكىن تىكىست فورماتىدىكى ھۆججەتلەر توغرا ئۇلانمايدۇ.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟