jQuery بولسا ھەقسىز ھەم ئوچۇق بولغان JavaScript كود ئامبىرى بولۇپ John Resig تەرپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن، GPL ۋە MIT نىڭ تارقىتىش ئىجازەتنامىسىگە ئىرىشكەن.
ئالاھىدىلىكى:
Gzip ھالەتتە پىرىسلانغاندىن كىيىنكى سىغىمى ئاران 14 كىلوبايىت، پىرىسلانمىغان ساپ پروگرامما ھالەتتىكى سىغىمى 26 كىلوبايىت (jQuery 1.62 نەشىرى).
CSS نى قوللاشچانلىقى ياخشى، DOM ئوبىكىتىنى تاللاپ بىكىتەلەيدۇ.
كۆپ خىل تور كۆرگۈلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ Internet Explorer 6+、Opera 9+、Firefox 1.5+、Safari 2+ قاتارلىقلار بىلەن ياخشى چىقىشىدۇ.
jQuery ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان، ئاددىيلىقى، يىنىكلىكى ھەم قوللىنىلىشچانلىقى بىلەن قارشى ئېلىشقا ئىرىشىۋاتقان JavaScript كودى بولۇش سۈپىتى بىلەن تور بىكەتلىرىمىزگە ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشۇپ كەلمەكتە.
jQuery بايرىقى ئاستىدا يەنە jQuery UI ۋە jQuery FX دەپ ئىككى تۈر بولۇپ بۇ ئىككىسىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن قارشى ئېلىشقا ئىرىشتى.
jQuery UI بولسا jQuery ئاساسىغا قۇرۇلغان، كۆرۈنمە يۈز، تىزىملىك، قورالچە، سۈرۈپ تاشلاش، چوڭايتىش-كىچىكلىتىش، دىئالوگ رامكىسى، جەدىۋەل، رەتكە تىزىش قاتارلىق ئىقتىدرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
jQuery FX مۇ jQuery ئاساسىدا قۇرۇلغان بالا تۈرنىڭ بىرى بولۇپ ئاساسلىقى تور بىكەتلەرىدىكى ئالاھىدە ئۈنۈملەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن: ئاستا پەيدا بولۇش ۋە ئۆچۈش، بەت يۈزىدىن يۇشۇرنۇش قاتارلىقلار...
jQuery نىڭ ئورگان بىكەت ئادىرىسى : jQuery
ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز، بلوگىڭىزنى يۇقلاپ تۇردۇق. پات-پات يېڭىلاپ تۇرۇڭ.
شۇنداق بوپ قالدى، ئەمدى ئۇنداق تاشلىنىپ كەتمەس…
گەرچە ماقالە يوللىمىغىنى ئۈچ تۆت ئاي بوپ قالغان بولسىمۇ زىيارەت مىقدارى يەنىللا بىرخىل مېڭىپ تۇرۇپتۇ، قارىغاندا تورداشلار بلوگدىكى يازمىلارنى ياقتۇرسا كىرەك.(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
يۇقارقى پىرىسلانغان 24kb لىق كودنى تور بىكەت ياكى بلوگنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قىستۇرسا كودنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەىلى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان بلوگ ۋە بەت سىستېمىللىرى بۇنى ئىشلەتكەن، سىز ئاۋال قىستۇرماقچى بولغان بەت سىستېمىسىغا قاراپ بېقىڭ، بار بولىشىمۇ مومكىن!