ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >پروگرامما> مەزمۇنى
بەش دانە يېڭى پروگرامما تىلى
2012-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى پروگرامما 1دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,211+

شۇنچە نۇرغۇن پروگرامما تۈزدىغان تىللار ئالدىمىزدا قاتار-قاتار تۇرۇپتۇ، بىرنى ئۆگەنگىچە يەنە بىرى پەيدا بولىۋاتىدۇ، ئىتراپ قىىمىزكى باشقىلارنىڭ يارتىش سۈرئىتى بىزنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىشلتىش سۈرئىتىمىزدىن ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ، يەنە شۇنى ئىتراپ قىلىش كىرەككى بىز ھەقىقەتەن تىرشىۋاتىمىز...

ئۇنداقتا بىز كونا پروگرامما تىللىرىنى ئۈگنۈپ بولالمايۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە يەنە يېڭى تىللار بارلىققا كەلسە ئۇلارغا ھاجىتىمىز چۈشەمدۇ؟ ئۇلارنى تەتقىق قىلىشىمىز، ئۆگىنىشىمىز كىرەكمۇ ياكى س تىلى نوچى تىل مەن س دىن باشلىمىسام بولمايتى دەپ يۈرشىمىز كىرەكمۇ؟
كۆپ يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، بۇلۇت كومپيۇتىرى، كۆچمە ھەم تارقاقلاشما قۇرۇلمىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاددىي بولغان گىرامماتىكا بەزى ھاجەتلىرىمىزدىن چىقالماس بوپ قالدى، بىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بىر تىلغا ئىھتىياجىلىق بولىۋاتىمىز! تۈۋەندىكى 5 دانە پروگرامما تىلى ھازىر كۈندىن كۈنگە يىتىلىۋاتقان ھەم پىشىۋاتقان تىللار بولۇپ يىپيىكى بىر نوقتىدا تۇرۇپ يۇمشاق دىتال ئېچىش سەنئىتىنى بىزلەرگە نامايەن قىلىپ بىرىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يۇمشاق دىتال ئېچىش دۇنياسىنىڭ يېڭى بىر ئىشىكىنى ئېچىش ئىھتىماللىقى بار.
تۈۋەندە بىز بۇ 5 دانە يېڭىچە پروگرامما تىلى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1-نۇمۇرلۇق ئەرباب گوگېل شىركىتىدىن كەلگەن Dart ئەپەندى.
JavaScript تور پروگراممىلىرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە جەھەتتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى، لىكىن تور پروگراممىلىرنىڭ كودى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ئاشكارلاندى، شۇڭا گوگېل يېڭىدىن بىر قۇرۇلمىلاشقان تور پروگرامما تىلى Dart نى ئىجاد قىلىپ JavaScript نىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولدى.
Dart نىڭ JavaScript ئۆلچەملىك گىرامماتىكىسى بىلەن پەرقى شۇكى تىپ ۋە ئېغىز ئارقىلىق ئوبىكىتقا ئېنىقلىما بىرىدۇ، ھەمدە پروگراممىرنىڭ ئەركىن ھالدا تىنىچ ھالەتتىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئىنىقلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ Dart نى JavaScript تەك ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە قىلىشتىن دىرەك بىرىدۇ. ھەم تېخىمۇ ئاسان ساقلاش ئېلىپ بارغىنى ۋە دەخلى قىلىشتىن ساقلانغىنى بولىدۇ. شۇڭا كىيىنكى يازما بولغان Dart نىڭ JavaScript دىن ئىكەنلىكىنىڭ 10 دەلىلى ناملىق يازما سىزنى Dart توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشۈنىشكە ئىگە قىلىدۇ.
2-نۇمۇرلۇق ئەرباب قىزىل شەپكە شىركىتىدىن كەلگەن Ceylon ئەپەندى.
Gavin King ئەپەندى Ceylon نى قىزىل شەپكە شىركىتى ئاچقان دەپ ئېيتقان، ھەم ئۇنى «Java نىڭ قاتىلى» دەپ ئاتىغان. King بولسا تۇنجى Java ھەۋەسكارى، ئۇ Java نىڭ ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك قىسىملىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: ئىلغار بولغان يۇقىرى ئۈنۈملۇك فۇنكىسىيەلەر ئاز، تۇنجى پروگرامما لايىھەلەشكە نىسپەتەن قوللاش دەرجىسى ئاجىز، قۇرۇلمىلىق سانلىق مەلۇمات ئېنىقلىمىسىنىڭ چۈشەندۈرلىشى يىتەرلىك ئەمەس دىگەندەك...
Ceylon بولسا مۇشۇ بىر قاتار مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات. ھازىر Ceylon تەھرىرلىگۈچىسى ئاللا بۇرۇن JVM ئۈستىدە ھەرىپ بەلگىلەرنىى چىقرىشنى ئىجرا قىلغىنى بولدىغان قىلدى. ئەلۋەتتە Ceylon نىڭ مەقسىتى بۇلا ئەمەس، ئۇنىڭ مەقسىدى بولسا Ceylon SDK دىن ئىبارەت يېڭى بىر ئېچىش بولىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ Java SDK نىڭ ئورنىنى ئىگەللىمەكچى.
3-نۇمۇرلۇق ئەرباب گوگېل شىركىتىدىن كەلگەن Go ئەپەندى.
Go بولسا قوللىنىلىشچان پروگرامما ئېچىشتىن سىستېما ئېچىشقىچە ھەممىگە ماس كىلدىغان ھەممىباپ يۇمشاق دىتال لايىھلەش تىلى. مەلۇم بىر مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ C ياكى C++ غا ئوخشىشىپ كىتىدۇ، يەنە بىر قارىسا Java ۋە C# دەك ئەخلەت يىغدىغان مىخانىزىمۇ بار، شۇنداقلا Go يېزىش ئاسان، ئۇ C غا ئوخشايدۇ، لىكىن C دەك كاج تەرسا يەرلىرى يوق.
Go نى ئېچىش تەتقىقات گۇرپىسى كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان پروگرامما تىلى ئىجاد قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، تىل ئاساسى ھەركەتچان ھالەتتىكى قول يازما تىلى بولغان ھەم ئادەتتىكى پروگرامما تىللىدا بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى كىرەك. لىكىن Go نۆۋەتتە ئېچىش باسقۇچىدا، ئۇنىڭ قوللىنىش قائىدىسى ھەرۋاقىت ئۆزگىرىشى مومكىن. شۇڭا گوگېل مۇناسىۋەتلىك قۇرال ۋە تەھرىرلىگۈچى ياساپ چىقتى.
4-نۇمۇرلۇق ئەرباب مىكروسىوفت شىركىتىدىن كەلگەن F# جان.
گەرچە فۇنكىسيەلىك پروگرامما ئېچىش كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى ئارىسىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ناھايىتى مودا بولغان بولسىمۇ، لىكىن ساپ فۇنكىسىيەلىك پروگرامما تىلىنىڭ ھەقىقى پروگرامما ئېچىش تىللىرى بىلەن بىرىكمىكى بەك تەس. مىكروسىوفت ئاچقان F# بولسا فۇنكىسىيەلىك ھەم ھەقىقي قوللىنىلىشچانلىققا ئىگە بولغان ئىلغار پروگرامما تىلى، F# باشقا CLR (ئورتاق تىللار ئىجرا ئامبىرى[公共语言运行库]) تىللىرى بىلەن ئورتاق بولغان فۇنكىسيە ئامبىرىغا ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەمما F# ئۆزىنىڭ تېخىمۇ قىزقارلىق بولغان گىرامماتىكا ئالاھىدىلىكى بار. مەسىلەن: مول بولغان سانلىق مەلۇمات تىپىلىرى ئىلمىي يۇسۇندا ئايرىلغان، يەنە ئۈزلىكسىز بولمىغان I/O (خەنچە: 异步I/O)، يەنە CPU نىڭ يانداشمىلىشىشى(خەنچە: CPU并行化) يەنە GPU نىڭ بىر تەرەپ قىلشىنى قالدۇرۇش(卸载GPU的处理) قاتارلىقلار.
ھازىر مىكروسىوفت Apache ئوچۇق مەنبەلىك ئىجازەتنامىسى ئاستىدا F# تەھرىرلىگۈچىسىنى ئاچتى، ھەم يادرولۇق فۇنكىسيە ئامبىرىنى بەرپا قىلدى.
كۆپچىلىك ھازىر ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنى ھەتتا MAC ۋە Linux ئۈستىدىمۇ ئىجرا قىلغىنى بولىدۇ.
5-نۇمۇرلۇق ئەرباب Opa جان.
Opa يىپيېڭى بولغان تور پروگراممىسى ئۆلچىمىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ نۇرغۇنلىغان پروگرامما تىللىرىنى زاۋاللىقا يۈزلەندۈردۇ. Opa يۇمشاق دىتالىدا ئىشلەتكۇچى دىتالىنىڭ UI سى، مۇلازىمىتىرنىڭ لوگىكىسى، ھەتتا سانداندىكى I/O قاتارلىقلارنى ھەممىسى ئاددىي بولغان پروگرامما تىلى Opa ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ ئىشلەتكۇچى ۋە مۇلازىمىتىرنىڭ قۇرۇلما رامكىسىنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئارقا سەھنىدىكى ئالاھىدە تېخنىكىنىڭ قوللىىشىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. Opa نىڭ ئىجرا مۇھىتى ئۇنىڭ تور مۇلازىمىتىرى ۋە ساندان باشقۇرۇش سىستىمىىسغا باغلانغان بولىدۇ، ئارسىدا خالىغان بىرىنى چىقىرىۋىتىشكە بولمايدۇ. ھازىر Opa نىڭ 64 لىك Linux ۋە Mac OSX سۇپىسىدا ئوچۇق مەنبەلىك، كىيىنچە تېخىمۇ كۆپ ئېغىزلار ئارقىلىق كەڭ دائىرلىك ئىشلىتىشكە ئىگە بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 1 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 0 دانە

  1. پرېستان : 2012-يىلى01-ئاينىڭ11-كۈنى17:17:25  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    # مۇشۇ بەلگە قوشۇلغان گۇيلار بىلەن قەتئىي خوشۇم يوق!

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟