ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >قۇتبىلىك> مەزمۇنى
مېنىڭ نورۇز بايرىمىم!
2012-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى قۇتبىلىك 6دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 845+

مېنىڭ نورۇز بايرىمىم!
بۈگۈن چىسىلاغا 25، بۇ يىللىق نورۇز بايرىمى ئۆتۈپ تۆت كۈن بولدى، كۈنگە يەكشەنبە.
بۇ يىل نۇرۇزدا ھاۋا تازا ياخشى بولمىدى، يامغۇر يېغىپ ھەممە يەر يۆلچىلىك، قىشتىن بېرى ياققان قارنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمىساق ماۋۇ يامغۇر ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلدى، قانداقلا بولسۇن بۇنىڭدىمۇ ئاللانىڭ بىر ھىكىمىتى بار بولىشى مومكىن، شۇڭا قاخشاشنىڭ ئورنى يوق.
بايرام ياخشى ئۆتمىدى، مەيلى، ھەر ھەپتىدە كىلدىغان بايرام يەنە كەلدى، ئاھ شىكەر شەنبەم، ناۋاتتەك يەكشەنبەم سىلەر مېنىڭ نورۇز بايرىمىم!

جۈمە چىسىلاغا 23، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلدىم ۋە چوڭ ئۆيگە چىقماق بولۇپ تېلېفون قىلدىم،

-ئانا چىقامدۇق؟
-بولدى، چىقساڭلارمۇ سىلەر ياتىدىغان ئۆي يوق، ھەممە يەردىن تامچا ئۆتۈپ كەتتى، ئىسسىقراق ئاشۇ ئۆيۈڭلاردا يېتىڭلار.
-ھە ئەمسە يەكشەنبە چىقاي، شەنبە كۈتۈپخانىغا بارماقچى ئىدىم، كىتاپ ئوقۇيمەن، ئايالىمنى بىللە ئېلىپ بارىمەن.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن بېرى كۈتۈپخانىغا بېرىپ باقماپتىكەنمەن، يېقىندا بىركۈتۈپخانىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالدىم، بىللە كىتاپ ئوقۇپ كىلەي دەۋاتىمەن.
-ھە مەيلىڭلار.
-ماقۇل ئەمسە ئانا ئامان بول.
ئاتا-ئانا دىگەن كارامەت كۆكسى قارنى چوڭ ئىنسان جۇمۇ، ئۆيگە چىقىپ تامچا ئۆتكەن يەرلەرگە توپا توشۇيسەن يېنىپ چىق دىمەي، كەچتە توڭۇپ قالىسەن شەھەردىكى ئاشۇ ئىسسىق ئۆيدە ئۇخلا داۋاتىدۇ.
ئىنساننىڭ ئۇلۇغى سىلەر جۇمۇ ئانا-دادا ...
كەچ ئۇخلاش ۋاقتى،
- بۈگۈن كىنو كۆرەيلى.
-نىمىشقا، نىمە بوپسەن؟
-چەتئەللەردىمۇ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى بارلىق ئىشلارنى قويۇپ مۇشۇنداق كىنو كۆردىغان ئىشلارنى قىلدىكەنغۇ؟
-ھا ھا ھا
-توغرا دەيسەن، كىنو كۆرەيلى.
-قانداق يېڭى كىنولار بار؟
-ھە توختا ھە، قۇتيار تورى يېقىندا سىھىرلىك ئالما دىگەن كىنونىڭ سۈزۈك نۇسقىسىنى تېپىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىپتۇ، شۇنى كۆرەمدۇق؟
- ھە مەيلى، چەتئەلنىڭ يوقمىكەن.
-ھە بار، ئورانگوناتلار ئىمپىرىيەسى دەپ بىر كىنونى تەرجىمە قىپتۇ كۆرەمدۇق؟
-توختا قاراپ باقاي، ھە ھە ، مۇشۇما، ۋوي نىمدانداق سەت مايمۇنلار چىقىدىغان كىنو بۇ، كۆرمەيلى، بالام مايمۇنغا ئوخشاپ قالمىسۇن يەنە.
-ھەي شۇم ئاغزىڭغا ئۇرا(قىززىقچىدە بۇ).
-ئەمسە سىھىرلىك ئالمىنى كۆرەيلى، بالام دادىسىغا ئوخشاش بولىدۇ.
-سەن ساراڭغا ئوخشاشما؟
-ھە نىمە بولدى.
-بولدى، بولدى، كىنوسىمىزنى كۆرىلى. چاققانراق قويمامسەن.
-مانا باشلاپ كەتتۇق ئەمسە.

بۈگۈن شەنبە ئارام ئېلىش كۈنى بولغاچقا سەل كىچىكىپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق، مەن تورغا يېرىم سائەت چىقىپ يېڭىلىقلارنى ۋە ئېلخەتلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، ئايالىمنى يۈرە كۈتۈپخانىغا دىسەم ئۆي تازىلايتىم، كىر يۇيتىم، بۈگۈن شەنبە، ھەپتە خىزمەت قىلىپ بەك چارچاپ كەتتىم ئۇخلايتىم دەيدۇ، ئاچچىغىم غۇژژىدە كەلىدىدە ھە سەرالىق تومپاي(ئەمەلىيەتتە ئۆزۈم سەھرادىن، بۇ شەھەردىن ئىدى)، كىتاپ ئوقۇش ياخشىمۇ ئۇخلاشمۇ؟ قۇرۇق پاراڭنى ئاز قىلىپ ماڭ، سەن ئوقىمىساڭ بالام ئوقۇيدۇ، يۈرە، ئۇ ياق دىيەلمەيتى، چۈنكى مىنىڭ توغرا ئىدى، توغرا بولمىسىمۇ توغرا قىلىۋىتەتتىم، شۇنداق قىلىپ بىز مەدەنىيەت ئىدارىسى قارمىدىكى كۈتۈپخانىغا ماڭدۇق.
قىرائەتخانىغا كىرسەك ھىچ بىر ئىنسان يوق، بىر خادىم كىلىپ كىمنى ئىزدەيسىلەر دەيدۇ، كىتاپ ئوقۇيمىز دىسەك چىرايىمىزغا بىر قارىۋىتىپ ماۋۇ قىرائەتخانا دەپ كۆرسىتىپ قويدى، كىرسەك بىر ئىنسان يوق، ژورناللار قاتار-قاتار تۇرۇپ كىتىپتۇ، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە بىر قارىۋىرىپ ئۆزىمىز ياخشى كۆردىغان ژورناللارنى كۆرۈشكە باشلىدۇق، ئىككى سائەت ئۆتتى، شۇنداق بەلەن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تۈگەتتۇق، ئۇ تۇغۇلمىغان بالىلارنى قانداق تەربىيلەش ھەققىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقىدى، مەن يېڭى توي قىلغانلارغا قىلىنغان سۆز ۋە تەكلىپلەرنى ئوقۇدۇم، كۆڭلىمىز شۇنداق سۈيۈندى.
ئۈچ سائەت ئۆتتى،كىتاپلار بار ئىشىك ئېىچلدى، مەن بىر قاتار كۆرۈپ چىقىپ كونا نەشىرىدىكى قىسسەسۇل ئەنبىيا دىگەن كىتاپنى كۆرۈپ بىسمىللاھى رەھمانى رەھىم دەپ قولۇمغا ئالدىم، نەشىرىگە قارىسام 1988 نىڭ ئىكەن، بەزى ۋاراقلىرى يىرتىلىپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ يېڭىچە قىزىقىش بىلەن كۆرۈشنى باشلىدىم. كۆرۈپ شۇنچە ھوزۇلارندىم ۋە ئويلىدىم-"ئەگەر بالام تۇغۇلۇپ قالسا چوقۇپ كۈندە كەچتە مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇپ بىرىمەن، خۇدا شۇ كۈنگە يەتكۈزسە، شۈكرى ئاللا".
توساتتىن كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچى خادىم كىلىپ تېلېفونۇمنى بىرىپ تۇرىشىمنى، كومپيۇتېرىنىڭ تورغا ئۇلانمىغانلىقىنى، تېلېگىرافتىكى يىگىتنىڭ نەچچە قېتىم كىلىمەن دەپ كەلگمىگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن تېلېفونىنىڭ بارلىقىنى دىدىم ۋە كەينىدىنلا ئەگەر خالىسىڭىز مەن كۆرۈپ بىرەي، تېلېفونمۇ قىلماڭ، مەن شەھەرلىك مانچىنى ئوتتۇرىنىڭ كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، كەسپىم ھەم كومپيۇتېر، قانداق بولامدۇ؟ بۇ ھەدەشمۇ ئوچۇق ئادەم ئىكەن، تارتىنمايلا بولىدۇ ئۇكام، بولسا شۇنداق قىلىپ بىر ئوڭشاپ بەرسىڭىز دەپ خوش بوپ كەتتى.
ئۇلانمىغان تورلىرىنى ئۇلاپ بەردىم، كومپيۇتېرنى رەتلەپ پاكىز قىلىپ بەردىم، شۇنچىلىك خوش بوپ كەتتى، ئاندىن ئايالىم كىرىپ ئوڭشاپ بولغانلىمنى كۆرۈپ قايتامدۇق دىۋىدى، ئۇنى چىقىپ تۇرشىنى ئېيتتىم ۋە بۇ ھەدەشكە ھازىر كىرگەن بۇ قىزچاقنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىنى دىدىم، ھەدەش ھەيران قالدى، چۈنكى باياتىن بېرى ئۇلار (قىرائەتخانا خىزمەتچىللىرى)بىزنى يۈرىۋاتقانلار دەپ دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن يېنىمىزغا تولا كىرۋالماي يۈرۈپتىكەن، بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
قايتار ۋاقتىم بولدى، بۇ ھەدەش ماڭا بۇندىن كىيىن كىتاپ ئالسام ھىچقانداق زاكالەت پۇلى قويماي كىتاپ ئېلىپ كېتىپ ئوقۇسام بولدىغانلىقىنى قانچلىك كىتاپ ئوقۇغۇم بولسا خالىغانچە ئېلىپ كىتىشىمنى ئېيتتى ۋە ئەگەر ئوقۇيدىغان كىتاپلار بۇ يەردە يوق بولسا تېپىپ ئەكىلىپ بىردىغانلىقى بەك بولمىسا زاكاس قىلىپ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بەك خوش بولدۇم ۋە كۆپ رەخمەتلەرنى ئېيتتىپ شۇنچىلىك ئىززەت ئىھرام بىلەن كۈتۈپخانىدىن ئايرىلدىم، بۇ ھەدەشنىڭ قىلغان ھۆرمەت ۋە ئىززەتلىرىدىن بەك خوش بولدۇم، ئۇ ھەدەش مەندىنمۇ بەكررەك خوش بولغان ئىدى.
مانا بۇ مىنىڭ شەنبەم، بۇ مىنىڭ نۇرۇزۇم. ھەقىقەتەن يېڭىچە مەنىگە تولغان، كىرىم كۆپ بولغان بىر كۈن بولدى، پايدا كۆپ، زىيان يوق.

بۈگۈن يەكشەنبە، سەل بۇرۇنراق ئورنىمىزدىن تۇردۇق، ئاندىن چاي ئىچىپ، توكلۇق موتونى مىنىپ يېزىمىزغا يەنى چوڭ ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتۇق.

يېرىم سائەتلىك رومانتىك سەپەردىن كىيىن چوڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق. ئۆيدىكىلەردىن ئەھۋال سوراپ بولۇپ ئۆيلەرنى كۆرۈپ چىقتىم، يەتتە ئېغىز ئۆينىڭ بەشىدىن تامچا ئۆتۈپ كىگىز-گىلەملەر ۋەيرانە بوپ كىتىپتۇ، قوتانلار سۇغا توشۇپتۇ، كۆڭۈل سەل يېرىم بولدى، چۈشلۈك تاماقنى تەپ بولۇپ بىردەم پاراڭغا چۈشتۇق.
- كىيمىنى ئالماشتۇر، ئۆگزىگە توپا ئەچچىقىمىز(ئاكام).
- ھە ماقۇل، بىر دەم ئوتتۇرا، ھېلى ئەچچىقىمىز.
-ماقۇل، ئاغىنەڭ ساڭا كۆرسەتكەن دەي مۇشۇما؟
-ھە دەل مۇشۇ
-يىشەلىدىڭما؟
-كودلىرىنى كۆرۈپ باقتىم،يەشكىلى بولىدىكەن، لىكىن كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.
-يىشىپ بەرمىدىڭما؟
-ياق
-كۆڭلۈم ئۇنىمىدى دە(دادام)
-ھە
-نىمىشقا
-ئوي دادا، قارىسام خېلى جاپا تارتىپ ياسىغان دىتال ئىكەن، مەن بۇزۇپ ساتسام تاپقان پۇلۇپ تايىنلىق، لىكىن ياسىغانلارغا بەك ئۇۋال بولىدىكەن، شۇڭا ئاغىنەمگە يىشىپ بەرمىدىم.
-ھە
-قارا بالام، ھازىر بەزى بايلار، ئاشۇنداق پايدا ئالدىغان يەرلەر بولسا ئېلىۋىرىدۇ، مەسىلەن، يېزا قاتناش شىركىتىدىكى پالانىجان بارغۇ؟
-ھە
-ھۆكىمەتتىن ئالدىغان تولۇقلىما ماي پۇلىغا كۆزى تويماي يېزا مەركىزدىن كەنىتلەرگە قاتنايدىغان ماشىنا سالدى، نىمىشقا؟ ھۆكىمەتىن تولۇقلىما ماي پۇلى ئالىمەن دەپ، بۇ گۇينىڭ ئۆزى تويسا كۆزى تويماي ھەممىگە چات كىرىۋالدى.
-ھە
-بىر ئوبدان شىركىتى بولغاندىن كىيىن، ھۆكىمەت بىرۋاتقاندىن كىيىن ھەممىگە چات كىرۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، مۇشۇ ماشىنىلارنى دەيلى، يېزا مەركىزدىن كەنىتلەرگە قاتناۋاتقان، ئۈچ چاقلىق موتىسكىلىتلارنىڭ ھەممىنى توزىتىۋەتتى، ئويلاپ باق، بۇ موتوسكىلىتچىلار مۇشۇ سوغۇق قىشقتا ئاشۇ موتىسكىلىتلارغا تاينىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتاتتى، نۇرغۇنلىرى شۇنداق ئىدى.
-ئۇغۇ راست
-ۋايىت چۇچىلاڭنى بىلىسەن.
-ھە ئۇنىڭمۇ ھىچ نەرسىسى يوققۇ، ئاشۇ موتودىن بۆلەك.
-شۇنداق، بىر كۈنى پاراڭلىشىپ قالدام، قىشنىڭ ئالدىدا قىز چىقاردىم، قۇدا باجلىق بولدۇم، مانا نەۋرە كۆردۈم، مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىگە كەتكەن پۇلنى مۇشۇ موتو بولغاچقا ماڭدۇرالىدىم ئاكا دەيدۇ. ئاسان
گەپ ئەمەس باللىرىم، بىزگە ھۆكىمەت ئايدا 2000نى بەرگىنى بىلەن مانداق كىشىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ موتوسى ناھايىتى مۇھىم ، مانا ئەمدى ئاۋۇ توخوپوقى ھەممىگە چاپلىشىپ بۇلارنىڭ سودىسىنى يوق قىلدى، ئۇلاغا تەستە.
-ھەي
-مانا سەنغۇ ئاشۇ بىر نەرسىنى ياسىغان كىشىلەرنىڭ جاپاسىنى كۆرۈپ، بىلىپ گەرچە قولاڭدىن شۇ نەرسىدىن ھەقسىز پايدىلىش كەلسىمۇ قىلماپسەن، ياخشى قىپسەن بالام.
- شۇ دادا بىزنىڭ كەسپىي ئەخلاقىمۇ ماس كەلمەيدۇ بۇنداق قىلىش، ئۆزۈممۇ كىچە-كىچىلەپ پروگرامما يازىمەن، ئاشۇ پروگراممامنى ھەقلىق ساتسام، باشقىلار بىر دەمدە ھەقسىز قىلۋەتسە ئىچىم ئېچىشىدۇ، چۈنكى كىچە-كىچىلەپ قىلغان ئەجرىمدە، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش چاپا چەككەندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، ھىچ بولمىسا نەچچە ئادەمگە ،مائاش بىرىپ نۇرغۇن ئىقتىساد نۇرغۇن زىھىن بىلەن ياسىغان نەرسىدە، كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.
-ھەي باللىرىم، كۆپنىڭ رىسقىنى يىمەڭلار، كۆپنىڭ ئېشىغا توپا سەپمەڭلار.
-شۇ دادا ئۇلارنىڭ كۈنلىرىمۇ ئاران، راست قايسى كۈنى مۇنداق بولدى، قار يېغىۋاتقان، شۇنداق سوغۇقتا، بىز ئىككىمىز ئۈچ چاقلىق موتوغا چىقىپ كىتىۋاتاتتۇق، يېرىم يولدا ئىسىل نوركا چاپان كەيگەن بىر ھاجىم سۈپەت ئايال چىقتى،يېنىدىكى كىلىنى ئوخشايدۇ، ئۇزاق ماڭماڭ چۈشۈپ قالدى، چۈشىدىغان ۋاقىتتا كىراچى بالىغا بىر كوي بىرىپ قاراپ تۇرىدۇ، ھېلقى بىچارە بالا، ئاچا مائىشىڭىز قاملاشمىدى، مۇشۇ سوغۇقتا ئىككىڭلارنى ئـــــــــــــــاشۇ يەردىن مۇشۇ يەرگە ئەككەپ قويسام بىر كوي بەرسىڭىز توغرا بولمايدۇ، دىۋىدى، ھېلقى سۇلياۋ ھاجىم، يۈز كوي پۇلنى كۆرسىتىپ ئۇكام مەندە مۇشۇ يۈز كوي بار، پارچە قىلماي داۋاتىمەن، بۇ قېتىم بولمىسا بۇدا قېتىم بۇلار مېڭىڭە ئۇكام، چوڭ ئادەم كەپ قىلغاندىنكىن دەيدۇ. بىچچارە بالا ئاچا ئۇنداق قىلسىڭىز قاملاشمايدۇ، مەنمۇ بىر ئۆينى مۇشۇ موتودا باقىمەن، بىكارغا ماڭسىغۇ مەيلىتى، ماي قاچىلايمىز، ئۇنداق قىلماي ئازراق بىرىڭ دىسە خىيالىدا يوق ھوي ئۇكام يۈز كوينى پارچىلامتىم ئەمسە، پەقەت پارچىلىغۇم يوق دەپ ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ كىتىپ قالدى. ھېلقى بالىغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىدى. موتودىن چۈشۈپ قانچىلىك تۇتسا تۇتا دەپ 10 سوم بەردىم، ئاشقان پۇلنى سانىماي يانچۇققا سرلىپ مېڭىپ كەتتىم.
-قارا بالام، ماۋۇ چۇچىلاڭنىڭ موتوسىغا ئاناڭ ئىككىمىز جىق چىقىپ قالىمىز، توي-تۆكۈن، ئۆلەم-يىتىمنى دەپ شۇنچە يول مېڭىپ ئىككەيلەنگە ئاران 2 كوي ئالىدۇ، مەن دەپكىتىمەن، ئالا چوڭراق ھە ھىچنىمە بولمايدۇ دەپ، شۇنداقتىمۇ ئالغىنى ئۇنىمايدۇ، پۇل لازىم ئەمەسمىدۇ؟ تازا لازىم لىكىن قارا كۆڭلىنىڭ ئىسىللىقىنى...
-شۇ دادا نامرات خەق دىگەن شۇنچە ئاق كۆڭۈل.
-مەنمۇ بىر قېتىم بىر موتوغا چىقىپ چۈشكىنىمدە يېنىمدا ئۈچ سوم پۇل قاپتىكەن، ئۈچ سوم بەرسەم يەنە بىر كوي دەيدۇ، ئۇكام ياندا بارى مۇشۇ ئىكەن، خۇداخالىسا كىيىنكى قېتىم تولۇقلىنىپ كىتەر دىدىم،
راست دىگەندەك ئۆيدىن قايتدىغان چاغدا يەنە شۇ موتوغا چىقىپ قالدىم، يولنىڭ تۆتتىن ئۈچى تۈگىگەندە موتو تىشلىپ كەتتى، موتودىن چۈشۈپ قېلىپ ئون سوم بەرسەم پۈتۈن مۇساپىنىڭ پۇلىنى تۇتىۋاپتۇ، مەنمۇ گەپ قىلماي مېڭىپ كەتتىم، مانا مۇشۇنداق تولۇقلىۋىتىدۇ دەيمەن خۇدايىم.
كۈلۈشمەك بولدى.
-قۇپا ئۇكام ئۆگزىگە توپىنى ئەچچىقىتىپ ئوتتۇرىلى.
مەن توپا ئۇسۇپ تام تۈۋىگە توشۇپ بەردىم، ئاكام تارتىپ ئۆگزىگە تۆكۈپ بەردى، دادام تۈزلىدى، ئۈچ سائەتتەك ئىشلەپ، تىشاڭ تۇتمىغان نازۇك قوللارغا قاپاتىق چىقىپ كەتتى، لىكىن بەدىنىمدىن چىققان تەردىن خۇش ئىدىم. ئىشلارنى تۈگىتىپ كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ كەچلىك يېرىم سائەتلىك رومانتىك ساياھەت باشلاندى.
يولۇڭغا قاراپ كىچە كۈندۈز ئۆتىۋاتىدۇ مىنىڭ ياشلىقىم،
كەلمىسەڭ ئەگەر شۇ ئۇزاق يولدىن.
كۆزۈمدىن ئاقىدۇ تارام ياشلىرىم،
كۆزۈمدىن ئاقىدۇ تارام ياشلىرىم.
تاڭلار ئاتقۇچە كەلمايدۇ ئۇيقۇم،
كۆزۈمنى يۇمساممۇ سىنى ئەسلايمەن.
مۇھەبىتىمگە رازىلىق بەرمەي،
ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ سىنى ئەسلەيمەن.
مۇھەبىتىمگە رازىلىق بەرمەي،
ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ سىنى ئەسلەيمەن.
سىنى ئەسلەيمـــــــــــــــــــــــــــەن،

-ۋوي ئالدىڭغا قاراپ ھەيدە
-ھە مانا
-ئەمدى ھېلقى ناخشىنى
-قايسى
-سىھىرلىك ئالما
-ھە شۇ بۇلبۇلۇڭ بولاي دىگەننى
-ھە ماقۇل باشلىدۇق ئەمسە
گۈل بېغىڭنىڭ ئىچىدە ،
ھەريان قاراپ سارايمەن جېنىم.
ھەن يايرىمنىڭ ئۈنى كەلسە،
ھەيران بولۇپ قارايمەن جېنىم.
ئاسماندىكى ئايىمسەن،
كۆڭلۈمدىكى يايرىمسەن.
مىنى ئوتۇڭدا كۆيدۈرگەن،
سەن مىنىڭ نىگارىمسەن.
بۇلبۇلۇڭ بولاي،
شاخڭگە قوناي.
سۆيگەن يارىڭ، يارىڭ بولسام،
يارىڭ مەن بولاي، يارىڭ مەن بولاي.
گۈل بېغىڭدىن چىقىپ كەلسەڭ،
ھەيران بولۇپ قارايمەن جېنىم.
.......
.....
...
.
مانا شۇنداق قىلىپ بىردەم بۇلبۇل بۇلۇپ بىردەم  تورغاي بولۇپ شەھەردىكى قونالغۇمىزغا ساق-سالامەت يىتىۋالدۇق.
ئەتە يېڭى كۈن باشلىنىدۇ، مەن داۋاملىق بالا تەربىيلەيمەن. ماڭا مۇشۇنداق ئىسىل كۈنلەرنى، ئىسىل ئاتا-ئانىنى، ئىسىل خزمەتنى ۋە شىرىن كۈنلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاغا مىڭ شۈكرى ئېيتىمەن.
ئەتەمنىڭ تېخمۇ گۈزەل، مەنىلىك ھەم بەركەتلىك بولىشى ئۈچۈن ئىگەمدىن مەدەت تىلەيمەن.

( دىققەت: بۇ شەخسى تۇرمۇش مەزمۇنىدىكى يازما، ھەرقانداق باھانە سەۋەپ بىلەن باشقا ئورۇنلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قارشى ئېلىنمايدۇ ۋە چەكلىنىدۇ!)

无觅相关文章插件,快速提升流量

【 ئالدىنقى يازما 】
【 كېيىنكى يازما 】

نۆۋەتتە 6 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 4 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە

  1. رادىئو ھەۋەسكارى : 2012-يىلى03-ئاينىڭ26-كۈنى05:39:23  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تاماققا چىقماي ئولتۇرمىغانسىز يەنە؟ رادىئو ھەۋەسكارى قايتا كەلگەنلىكىڭىز بىز ئۈچۈن شەرەپ ۋە رىغبەت.(time 13:39)
    بەتنىڭ بىشىدىكى ماگەپنى ئوقۇپ قورسىقىمىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلدىم .
    نورۇزۇڭلار مەنىلىك ئۆتۇپتۇ ، بارلىق كۇنلىرىڭلارنىڭ مەنىلىك ئۆتۇشىنى تىلەيمەن .

  2. پرېستان : 2012-يىلى03-ئاينىڭ26-كۈنى06:46:09  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىل مەن.

  3. سەھرالىق : 2012-يىلى03-ئاينىڭ30-كۈنى12:35:33  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تازا سەھرا پۇرايدىغان يازما بوپرۇ ماۋۇ، قۇتبىلىكاخۇن!
    شۇنداق قىلىپ ماۋۇ قوتۇر بلوگنى قاچان ھەممە جاھاننامىلەردە چىرايلىق كۆرۈنىدىغان قىلاي دەيلا؟

    • قۇتبىلىك : 2012-يىلى03-ئاينىڭ31-كۈنى16:34:32 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئادەم بەزىدە بەك ھورۇن بوپ قالىدىكەن، تۇيۇقسىزلا دەڭە، مەنمۇ بىلمەيمەن نىمە بولدۇمكى، مۇشۇ بلوگنىڭ تەلەتىنى ئۆزگەرتىشنى پەقەتلا ئويلىىشپ باقمايۋاتىمەن. ۋاقتى كەلسۇن ھە!

  4. ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى07-ئاينىڭ03-كۈنى13:27:55  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    داۋاملىق ئوقۇيمەن!

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟