ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇنىۋېرسال> مەزمۇنى
++VC ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
2011-يىلى02-ئاينىڭ02-كۈنى ئۇنىۋېرسال 3دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,562+

++VC بولسا ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان كۆرۈنمە يۈزلۈك پروگرامما لايىھىلەش (ئېچىش) قۇرالى.

1993-يىلى ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى VC++ نىڭ 1.0 نەشرىنى(نۇسخىسى) ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېڭى نەشرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ،  ئۇ كەسپىي پروگراممىرلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تاللايدىغان پروگرامما ئېچىش قورالى بولۇپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇدا بولغان، كەڭ ئومۇملاشقان نەشرى بولسا Visual C++ 6.0.  ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى Visual C++ 2010.


ئۇنىڭ ئىسمىدىنلا شۇنى بېلەلەيمىزكى، ئۇ C++  تىلىنى پروگرامما ئېچىش تىلى قىلغان.  ئۇ visual studio ( بىر يۈرۈش پروگرامما ئېچىش قۇراللىرى توپلىمى ) نىڭ بىر ئەزاسى.

Visual Studio 6.0 بولسا .Net قۇرۇلمىسىنى قوللىمايدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر توپلىمى.ئۇنىڭدىن كېيىنكى 7.0 نەشرىدىن باشلاپ بۇ قۇرۇلمىنى قوللايدۇ.  ئۇ VC دىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك پروگرامما ئېچىش قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
VB, VF, VJ قاتارلىقلار.

ئۇنداقتا VC دىن پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلغىلى، قانداق يۇمشاق دېتاللارنى تۈزگىلى بولىدۇ؟
1. VC بولسا ئاساسلىق Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدىغان، سىستېما دەرىجىلىك يۇمشاق دېتال تۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
2. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرى(驱动程序) تۈزۈلىدۇ. مەسلەن: كۆرسىتىش كارتىسى(显卡)، ئاۋاز كارتىسى(声卡) دېگەندەك.
3. VC دا تۈزۈلگەن پروگراممىلارنىڭ ئىجرا بولۇش ئۈنۈمى يۇقىرى (يەنى سۈرئىتى تىز، مۇقىم). ئەگەر سىستېمىغا نىسبەتەن تەلەپ ئىنتايىن يوقىرى بولغاندا، مۇشۇ VC دىن   پايدىلىنىپ تۈزۈلسە ياخشى بولىدۇ.
4. VC يەنە يەككە پىلاستىنكىلىق ماشىنا (单片机)، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئۈسكىنىلىرى قاتارلىقلارنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزۈشكىمۇ كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
5. VC ئۈنۈمى يۇقىرى، ئەپچىل،  كىچىك بولغان com كونروللىغۇچ (com组件) ۋە DLL لەرنى ئېچىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
6. ئۇنىڭدا ياخشى بولغان ئالاقىلىشىش پروگراممىلىرىنى ئېچىشقا بولىدۇ. مەسلەن: QQ ۋە بىر قىسىم ئالاقىلىشىش قوراللىرى مۇشۇ VC  دىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن.
7. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يەنە، ئۈنۈمى يوقىرى، ئەپچىل بولغان ھۆججەت مەشغۇلاتى پروگراممىلىرىنى ئېچىشقا بولىدۇ.
8. يەنە ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساندان مەشغۇلاتى پروگراممىلىرىنى ئېچىشقا بولىدۇ. مەسلەن: تاللا بازىرى باشقۇرۇش سىستېمىسى، بانكا ھېسابات سىستېمسى قاتارلىقلار.
9. VC بولسا CAD پروگراممىلىرىنى تۈزۈشتىكى بىردىنبىر تاللاش.
10. VC بولسا كۆپ مۇساپە (多线程)، تور ئالاقە ۋە تەقسىملىمە ئىشلىتىشچان پروگراممىلىرىنى (分布式应用) ئېچىشتا، باشقا ئېچىش قوراللىرىدا يوق بولغان ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.
VCدا MFC دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، بۇ توغرىسىدا كېيىنكى يازمامدا تەپسىلى توختىلىمەن.


无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 3 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە

  1. فەرزىن : 2011-يىلى09-ئاينىڭ27-كۈنى05:09:50  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۇ ماقالىنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە مۇمكىن بولسا باشقا پىروگىرامما تىللىرى توغرىسىدىمۇ يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز مەسلەن:#java c دىگەندەك….

  2. تۇرسۇن ساۋۇت : 2011-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى14:07:10  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تازا مەن قىزىقىدىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن بۇ جايدا. دائىملىق خېرىدار بولاي. داۋامىغا تەشنا بىز.

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟